باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2627 قېتىم كۆرۈلدى
«1234»Pages: 3/4     Go
تېما: قورقۇنۇچلۇق قىسقا ھىكايىلەر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10796
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 77
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە77دانە
ئۆسۈش: 160 %
مۇنبەر پۇلى: 771 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-14
ئاخىرقى: 2012-05-02
20-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-10 10:29

6. بىر جۇپ ئەرـ ئايال يېزىدىن شەھەرگە ئىش ئىزلەپ كەپتۇ ، ئۇلار بىر نەچچە كۈن ئىزدەش ئارقىلىق بىر چوڭ ھويلىدىن 2 ئېغىزلىق بىر ئۆينى مۇۋاپىق كۆرۈپ ئىجارىگە ئاپتۇ ، بۇ ئاستىغا خش ياتقۇزۇلغان ، تاملىرىمىنىڭ سوۋاكلىرىمۇ ئاز تولا چۈشۈپ كەتكەن ،  ئىشقىلىپ كونىراق بىر ئۆي ئىكەن ، لىكىن ئىجارىسى مۇۋاپىق ئىكەن ، شۇنداق قىلىپ ئۇلار بۇ ئۆيدە يېتىپ – قوپۇپ بىر ئاينى ئۆتكۈزۈپتۇ ، لىكىن ئۆينىڭ بىر ئايلىق ئىجارىسىنى تاپشۇرىدىغان كۈنى ئۇلار بىلەن زىمىن ئىگىسى ئوتتۇرىسىدا ئازىراق كۆڭۈلسىزلىك يۈز بېرىپتۇ ، ئۇلار دەپتۇ ‹‹ بىزمۇ يېزىدىكى ۋاقتىمىزدا ئۆيدە تىلۋۇزۇر كۆرەتتۇق ، چىراق ياقاتتۇق ، لىكىن بۇ ئۆيدە مۇشۇ ئاجىز يۇرۇيدىغان چىراقتىن باشقا نىمە بولمىسا ، نىمىشقا ئۇنداق جىق پۇل كىلىپ كېتىدۇ ›› دەپتۇ ، ئۆي ئىگىسى بولسا ‹‹ مەن پەقەت توك سائىتىدىن ئۆتكىنىنى ئالدىم ، قالغىنىنى مەن بىلمەيمەن ›› دەپ تۇرىۋاپتۇ ، لىكىن ئامال يوق ، ئۆي ئىگىسىنىڭ دىگىنىنى بىرىشكە مەجبۇر بولۇپتۇ ، ئۇلار شۇنداقتىمۇ توك سائىتىدىن ئۆتكەن ساننى تۇلۇق يىزىۋاپتۇ .ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۇپتۇ ، ئۇلار يەنە تالىشىپ قاپتۇ ، چۈنكى بۇ ئايدىمۇ توك پۇلى ئالدىنقى ئايدىكىدەك كۆپ ئىكەن ، ئۇلار بىرلىكتە توك سائىتىگە قاراپتۇ ،ھەقىقەتەن توك سائىتىدىن ئۆتكەن ساننى ھىسابلىغاندا ئۆي ئىگىسىنىڭ توغرا چقىپتۇ ، ئۇلار ئامال يوق كەلگەن پۇلنى تۆلەپتۇ ، لىكىن ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن ئېرى ئايالىغا دەپتۇ ‹‹ چۇقۇم بىزنىڭ ئۆيدىن بىرسى توك ئوغۇرلايدىكەن ››. ئۇ ئادەم بىر گۇمانلىق يەرنى بايقاپتۇ ، يەنى ئۇلار ئارام ئالىدىغان ئۆيدە بىر ئۇچى چىراق سىمىغا ئۇلاقلىق ،يەنە بىر ئۇچى تامنىڭ قېتىغا كىرىپ كەتكەن بىر سىم بار ئىكەن ، سىم ئۈزۈپ تاشلىنىپتۇ ، دىگەندەك يەنە بىر ئايدا توك پۇلى ھەقىقەتەن ئازلا كەپتۇ . لىكىن بۇ چاغدا يەنە بىر ئەھۋال يۈز بېرىپتۇ ، بۇ ئۆيدە بىر خىل غەيرى پۇراق پەيدا بۇلۇپ قاپتۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پۇراق كۈندىن – كۈنگە كۈچىيىپ كېتىپتۇ ، ئۇ ئادەمنىنڭ ئايالىمۇ كېچىلىرى تولا جۈيلۈپ ئۇخلىيالمايدىغان بۇلۇپ قاپتۇ ، ئۇئايالنىڭ دىيىشىچە ئۇتولاراق بىر خىل چۈشنى كۆرىدىكەن ، يەنى بىر ئايال ئۇنىڭدىن بىر تال ئۈزۈكنى تالىشىپ ئۇنىڭ يۈزلىرىنى تاتلاپ ئۇنى بۇغۇپ قورقۇتىدىكەن ، ئۇ پۇراقمۇ كۈچىيىپ چىدىغۇسىز دەرىجىگە بېرىپتۇ ، ئۇلار بىر كۈنى پۈتۈن ئۆينى تازىلاپ چىقىپتۇ ، كارۋاتنىڭ ئاستىغا كەلگەندە ( بۇ ئۆيدە شۇ بىرلا كارۋات بار ئىكەن ) بىر نورمالسىزلىقنى سىزىپتۇ ، ئۆينىڭ ئىچىگە ياتقۇزۇلغان خىشلار خېلى رەتلىك ، پەقەت مۇشۇ كارۋات ئاستىنىڭ خىشىلا ئىگىز- پەس ئىكەن ، كارۋاتنى يۆتكەپ پۇراقنىڭ مۇشۇ جايدىن چىقىۋاتقانلىغىنى ھىس قىلىپ يېتىپتۇ ،  ئۇلار ئازىراق خىشنى يۆتكىشىگىلا ھېلىقى پۇراق تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىپتۇ ، ئۇلار خىشنىڭ ئاستىدىكى ئازىراق توپىنى ئېلىشغىلا ئاپپاق بىر ( بەلكىم بىرەر خىل ئىلىكتىر سايمىنى بولسا كېرەك ) نەرسە كۆزىگە چېلىقىپتۇ ، ئۇلار شۇ ھامانلا ئۆي ئىگىسىنى چاقىرىپ كېرىپ ئەھۋالنى ساقچىغا مەلۇم قىلىپتۇ . ساقچىلار بۇ ئورۇندىن بىر توڭلاتقۇنى كولاپ چىقىپتۇ ، توڭلاتقۇنىڭ ئىچىدە پارچىلىۋىتىلگەن بىر جەسەت بۇلۇپ ئېغىر دەرىجىدە چىرىپ كەتكەن ئىكەن ، ئۆي ئىگىسى بىلەن ئۇلارنى ساقچىلار ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن جەسەت بىلەن بىللىلا ساقچى ئىدارىسىگە ئېلىپ كەپتۇ ، ساقچىلار چىرىپ ھىچنىمنى ئۇققىلى بولمايدىغان بىر تەڭنە گۆشنىڭ ئىچىدىن مالتىلاپ يۈرۈپ قوش يۈرەكنىڭ رەسىمى بار بىر تال ئۈزۈكنى تېپىۋاپتۇ  ، ئۇلار بۇ ئۈزۈكنى تۇنۇتۇش ئۈچۈن ئۆي ئىگىسىگە كۆرسىتىپتۇ ، بۇ چاغدا ئۆي ئىگىسىنىڭ قېشىدا تۇرغان ئايال توۋلىۋېتىپتۇ ، ‹‹ دەل شۇ ، مىنىڭ كۈندە دىگۈدەك چۈشۈمگە كىرىۋالغان ھىلىقى ئۈزۈك دەل شۇ ، مەن ئۇنىڭ گۈللىرىدىن تۇنىۋالدىم ›› ، بۇۋاقىتتا ئۆي ئىگىسى ئۈزۈكنى قۇلىغا ئېلىپ ئۇزاق قاراپ تۇرغاندىن كىيىن ئەسلىيەلەپتۇ ، ئىككى يىل بۇرۇن مۇشۇ ئۆيدە ئولتۇرغان يېڭى توي قىلغان بىر جۈپلەرنىڭ ئايالى ئۇنىڭغا ‹‹ بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزنىڭ سىموۋۇلى ›› دەپ كۆرسەتكەن ئىكەن ، ئۇلاردىن كىيىنمۇ بۇ ئۆيدە نەچچەيلەن ئالمىشىپ ئولتۇرۇپ بولغان بولسىمۇ لىكىن ئۇلار توڭلاتقۇنىڭ تۇكىنى ئۈزىۋەتمىگەچكە جەسەت چىرىمىگەن ئىكەن ، ئاخرىدا قاتىل تۇتۇلۇپتۇ .  شۇڭا باللا ، توك پۇلى ئېشىپ كەتسە كارۋاتنىڭ ئاستىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭلار ، لىكىن قالايمىقان توك سىمىغا چېقىلماڭلار ...........
دوستلىشىش
ohho~duqu
kvlgenning hemmisi dost emes
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5343
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 632
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە632دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 6641 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2012-05-06
21-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-10 10:35

21-قەۋەت (hiyal0097) نىڭ يازمىسىغا

ھاھاھاھاھا بەك قىزىقارلىقكەن ئەمدى داۋامى يوقما ؟
man kangsay azasian
ئامانشاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1471
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1471دانە
ئۆسۈش: 1760 %
مۇنبەر پۇلى: 16654 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2012-05-11
22-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-10 10:45

توڭلاتقۇنڭنى قىززىقكەن ھە  .... ھا ھا ھا
قورقۇنۇچلۇق كىنولاردىنمۇ ھىكايىلەر بەكرەك قورقۇنۇشلۇق بلىندىكەن
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.
قوزام
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3625
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1479
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1479دانە
ئۆسۈش: 590 %
مۇنبەر پۇلى: 8515 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-06
ئاخىرقى: 2012-05-09
23-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-10 14:25

21-قەۋەت (hiyal0097) نىڭ يازمىسىغا

ھا ھا ھا ئايىغى يانا بادۇ........
ئۆتمەنامەرت كۆرىكىدىن سۇسىنى ئاقتۇرسىمۇ ،
يىمەنامەرت ئاشىنى ئاچلىق سىنى ئۆلتۇرسىمۇ.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6326
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 238
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە238دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 2540 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-01
ئاخىرقى: 2012-05-10
24-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-10 15:12

بولدىكەن  .  تەپسىلى  ئوقۇپ  تۇگەتتىم  .
دوستلىشىش
uyghur0998
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3032
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 372
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە372دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 2070 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2012-05-10
25-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-11 02:14

ھى ھى ھى ھى . ماۋۇ بىڭگۇرچىنىڭ قىززىق كەن.
بۇ قورقۇنۇشلۇق ھىكايە ئەمەسكەن. بىر يۇمۇرئىكەن. ھى ھى ھى ھى ھى
دوستلىشىش
dulbarqin310
توۋا دەيمەن، دۇنيادىكى ئىشلارغا.........
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1209
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1209دانە
ئۆسۈش: 570 %
مۇنبەر پۇلى: 12883 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-05-11
26-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-11 11:32

خېلى ئەقىللىقكەن ئۇ قاتىل ھە. توۋا دەيمەن، شۇ يەرگە توڭلاتقۇ سىلشنى بىلگەندىكىن ئۇمۇ ......  
يەنە داۋاملىق، مۇشۇ تېمىنىلا ساقلاۋاتىمەن، يەنە داۋامى باردۇ ھە؟!
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10796
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 77
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە77دانە
ئۆسۈش: 160 %
مۇنبەر پۇلى: 771 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-14
ئاخىرقى: 2012-05-02
27-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-11 11:52

27-قەۋەت (dulbarqin310) نىڭ يازمىسىغا

ماندا دەپ بەك چىڭ تۇرىۋاساڭلا  ھىكايىلەرنىڭ داۋامىنى يوللىماي بولمايدىغان ئوخشايدۇ  
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10796
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 77
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە77دانە
ئۆسۈش: 160 %
مۇنبەر پۇلى: 771 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-14
ئاخىرقى: 2012-05-02
28-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-11 20:50

ماۋۇ مىنىڭ ئىجادىي ئەسىرىم << جىن كەلگەن كېچە >> ، كۆرۈپ باقاسىلەر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10796
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 77
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە77دانە
ئۆسۈش: 160 %
مۇنبەر پۇلى: 771 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-14
ئاخىرقى: 2012-05-02
29-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-11 21:05

                                                             جىن كەلگەن كېچە
                                                                    ھىكايە


تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان چاغلىرىم ئىدى،ئارزۇلاپ كۇتكەن يازلىق تەتىلمۇ كەلدى . ئاپامنىڭ          
ھەپتىلەردىن كىيىن بارغىن دىگىنگىمۇ  قارىماي تەتىل قۇيۇپ بەرگەن كۇننىڭ ئەتىسىلا يېزىدىكى تۇققانلارنىڭ
ئۆيىگە كەتتىم.
ئۇچاغلاردا بۇ ئاسمىنى كەڭ سەھرادا مەن ئارزۇ قىلغان ئويۇنلارنىڭ ھەممىسى بار ئىدى،كۇندۇزى تولاراق ئۆيگە
يېقىنلا يەردىكى ئۆستەڭگە سۇغا چۇمۇلگىلى باراتتۇق، قۇرسىقىمىز ئاچسا ئۈجمە تېرىپ يەيتۇق . ئۆسەڭنىڭ ئىككى
يېقىدا ئۈجمە ،جىگدە دەرىخى كۆپ ئىدى، ئۆستەڭنىڭ ئازىراق ئاياق تەرپىدە بولسا بىر مەسچىد ۋە ئوزۇن تارىخقا
ئىگە بىر قەدىمى قەبرىستانلىق بار ئىدى. يەرلىك كىشىلەر ئۇنى چوڭ مازا دەپ ئاتايتى.
بۇ مەھەللىدە بىر ئايال ساراڭ بار ئىدى، ئادەتتە ئۇششاق بالىلار   <<توختەم ساراڭ>> دەپ كەينىگە كىرۋالسا
تاش ئېتىپ قوغلاپ قويغان بىلەن بىھۇدە كىشىلەر گە چېقىلمايتى.چوڭلار بولسا ئۇنىڭغا چېقىلماسلىقنى، ئۇنىڭ بىر
ئاجىز بىچارە ئىكەنلىگىنى ئېيتىپ ئۇنى قوغدايتى. كىيىن  چوڭ دادامدىن  بىلىشىمچە بۇ ئايال ئەسلىىدە بىر باي
پومچىكنىڭ يالغۇز قىزى ئىكەنتۇق، كېيىن مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدا بۇ ئادەم تارتىپ چىقىرىلىپ تولا پىپەن قىلىنىپ
كەتكەنمىش. ئۇ ۋاقىتتا بۇ قىز بىر تېخنىك مەكتىۋىدە ئوقۇيدىكەن، ئەينى ۋاقىتتا بۇ يېزىدىكى قېنى قىزىپ كەتكەن  <<قىزىل ئىنقىلابچىلار>> بۇ قىزنىڭ تەتىل قويۇپ بېرىپ قايتىپ كەلگەن ۋاقتىغا توغىرلاپ بۇ باي پومچىكنى پۈتۈن
يېزا بۇيىچە پىپەن قىلماقچى بوپتىكەن، لېكىن پىپەن قىلىنىدىغان كۈننىڭ ئالدىنقى كېچىسى بۇ ئادەم سولاقتىكى
يېرىدە ئېسىلىپ ئۈلىۋالغانمىش. <بەلكىم شۇچاغدا بۇ ئادەمگە قىزىنىڭ ئالدىدا پىپەن قىلىش ئېغىر كەلگەن
بولسا كېرەك.>  لېكىن ئىنقىلاپچىلار بۇنىڭ بىلەن بولدى قىلماي بۇ <<ئەشەددى جاھىل ئۇنسۇر>> نىڭ جەسىدىنى
سۆرەپ ئاچىقىپ بۇ قىزغا ئۆز قۇلى بىلەن كۆمۈشنى بۇيرۇپتىكەن، قىز بىر يۇمشاق توپىنى قۇلى بىلەن تاتلاپ كولاپ
ئاتىسىنى كۈمۈپتىكەن، ئۈستىگە توپا تاشلاپ يۈزىگە كەلگەندە قىز توپا تۆككىلى ئۇنىمىغانكەن، <<ئىنقىلاپچىلار>>
شۇيەردىلا بۇقىزنى ئۇرۇپ ئايلاندۇرۇۋېتىپتىكەن، بۇ قىز شۇ كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ مۇشۇنداق بولۇپ قاپتىكەنمىش.
بۇيېزىدا توي-تۈكۈنلا بولسا بۇ ئايالنى ئۆيىگە چاقىرىپ ئالدىغا ئاش قوياتتى.  ئۇ چاغلاردا رېستۇران بولمىغاندىن
كىيىن توي ئائىلىلەردە بىر نەچچە كۈن داۋاملىشاتتى، بۇ ئايالمۇ  خۇددى نورمال كىشىلەردەكلا  سەۋزە قىرىۋاتقان
ئاياللار بىلەن گەپلىشىپ ئولتۇراتتى، بەزى قىزىقچى ئاياللار بولسا  <<توختەم، بىزگە ناخشا ئېيتىپ بەرمەمسىز>>
دىسە مەن بۇساراڭ قانداق ناخشا ئېيتىدۇ دەپتىكەنمەن، ئۇ ئايال بولسا بىر نەچچە خەلق ئاھاڭىغا خېلى ئوبدانلا
توۋلاپ قۇياتتى.<گەرچە بىر نەچچە مىسرالا بولسىمۇ>.  قېرىلار بولسا چاقچاق قىلىپ <<توختەم، سىزنى ئوغلۇمغا
ئېلىپ بىرەيمىكىن دەيمەن>> دىسە،ئۇ <<قانداق قىلسام بۇلا،>>دەپ بىزنى كۈلدۈرەتتى، ئىشقىلىپ بۇ ئايال
ماڭا بىر خىل سىرلىق بىلىنەتتى.
بىر كۈنى سۇغا چۈمۈلىۋېتىپ ئۈزەمدىن چوڭ بالىلاردىن  <<بۇ ئايال نەدە يېتىپ قوپىدۇ؟>> دەپ سورىۋىدىم،
ئۇلاربۇئايالنىڭ چوڭ مازار  <قەدىمى قەبرىستانلىق> دىكى بىر كونا گۈمبەزنى ئۆي قىلىپ ئولتىرىدىغانلىغىنى
ئېيتپ بەردى . ئۇلاردىن بىرى سىرلىقلاشتۇرۇپ بۇ ئايالنىڭ جىنغا تەگكەنلىكنى، كېچىدە مازارلىقتىكى  شادىلارنى
گۈلخان قىلىپ قالاپ كېچىچە ئېرى بىلەن پىرە ئوينايدىغانلىغىنى ئېيتىۋىدى يەنە بىرى ئۇلاپلا  تېخى دادامنىڭ
دەپ بىرىشىچە بۇ ئايال ئاتىسى قالدۇرۇپ كەتكەن نۇرغۇن مال - دۇنيانى بىر كونا قەبرىگە كۈمۈپ ساقلايدىغانلىغىنى، شۇڭا بۇ ئايالنىڭ مازارلىقتىن ئايرىلمايدىغانلىغىنى ئېيتىپ بەردى.
ئۇ چاغلاردا بۇ مەھەلىدە مەن بىلەن تەڭداش بالىلارنىڭ ھەممىسى مەندىن بىر  خىل ھېيىقاتتى، مىنىڭ بىر نەچچە
نەۋرە ئىنىلىرىممۇ مىنى شەھەردە ئۇنداق يامان، مۇنداق يامان دەپ تازا كۆپتۈرۈپتىكەن.  (دەل ئەكسىچە)
مەنمۇ بۇ خىل ئوبرازىمنى ساقلاشقا بەك دىققەت قىلاتتىم، ئۇ يەر -بۇ يەرلەردىن ئاڭلىۋالغان گەپلەرنى مەن قىلغان
دەپ ئۇلارنى تېخىمۇ قورقۇتاتتىم. كىشىلەر كۈندۈزلىرىمۇ بىر خىل ئەيمىنىپ <<جىن بار>>  دەپ ئايلىنىپ ئۆتىدىغان كونا سېدە، قارىياغاچلارنىڭ ئۈستىگەچىقىپ قۇش چاڭگىللىرىدىن تۇخۇم ئېلىپ چۈشەتتىم.(بۇ بەلكىم
ئۇچاغلاردا مەكتەپلەردە مۇئەللىملىرىمىز  <جىن يوق> دەپ بەرگەن ئاتېئىزىم تەربىيىسىنىڭ تەسىرىدىن بولسا
كېرەك).
بىر كۈنى مىنىڭ كۆڭلۈمگە بىر جىن كىردى، كۈن ئولتۇر غاندا مازارلىققا بېرپ  بۇ ساراڭ ئايالنىڭ زادى نىمە ئىش
قىلىدىغانلىغىنى كۈرۈپ كېلىپ ئۇنى مەھەللىدىكى بالىلارغا ئېيتىپ ئۈزەمنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بىر باتۇر ئەزىمەت
ئىكەنلىگىمنى ئىسپاتلىماقچى بولدۇم.
  بىركۈنى ناماششامدىن كېيىن چوڭ مازار يېنىدىكى بىر تۈپ چوڭ ئۈجمە دەرىخىنىڭ ئاستىدا يۇشۇرنۇپ تۇردۇم.
جامائەت مەسچىدتىن تارقىغاندىن كىيىن ورنۇمدىن تۇرۇپ كىچىك ئىلىكرىمنى يۇرۇتۇپ ساراڭ ئايالنىڭ <<ئۆيى>>گە قاراپ ماڭدىم. بۇنىڭدىن بۇرۇن كۈندۈزلىكتە چوڭ بالىلار بىلەن بىر قېتىم بارغاندا  كۆرگەن   مازارلىقنىڭ ئوتتۇرىسىغاراق جايلاشقان چوڭ گۈمبەزنى نىشانلاپ ماڭدىم.
كۈندۈزى بالىلار بىلەن سۇغا چۈشكىلى كېلىپ ،تولا كۈرۇپ  كۈزۈمگە ئادەتتىكدەكلا بۇ مازارلىق  ئەمدى ئالامەت
سۈرلۈكلىشىپ كىتىپ باراتتى. كەلگىنىمگىمۇ مىڭ پۇشايمان قىلدىم، لىكىن  تازا نامىمنى چىقىرىدىغان بۇ پۇرسەتتىن
ئۇنداق ئىتتىك ۋاز كەچكىممۇ يوق ئىدى.  گۈمبەزگىمۇ يېقىنلا قالدىم،  سۈرلۇك گۈمبەزدىن چىقىۋاتقان ئاجىز چىراق
نۇرىدا ساراڭ ئايالنى پەرق ئىتەلىدىم، شىاممۇ ياكى كىرسىن چىراغمۇ بىلمىدىم بۇ ئايال ماڭا كەيننى قىلغىنىچە بىر ئىشلار بىلەن ئاۋارە ئىدى، بۇ ئارىدا بۇ ئايال ئازىراق قىمىرلىۋىدى، مەن ئۇنىڭ چىراغ نۇرىدا چاپاندەك بىر نەرسىنى ياماۋاتقىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم، .ئىچىمدە <<بۇ ساراڭ ھەجەپ كىيىم يامىيالايدىكنا ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگەمەھەللىدىكى كىشىلەر خېلى ئوبدانلا كىيىملەرنى بېرىدغان تۇرسا، يە بۇ ئايالنى بىر كىم كىيىمى يىرتىق
دەپ زاڭلىق قىلمىسا......>>.
مۇشۇ چاغدا تۇيۇقسىز ئارقامدىن بىر نەرسىنىڭ بۇشلا شاراقلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، پۇت - قولۇمدا جان  قالمىدى،
يەنە كىلىپ قۇلاق تۈۋىمدىلا بىرسىنىڭ بوش پۇشۇلداپ تىنغىنى ئاڭلاندى، قۇلىقىمغا ئىشەنمەي  بىر ئىككىنى كۈچەپ تىنىۋېلىپلا  تىنماي تۇرۇپ باقتىم، لىكىن ئۇ ئاۋاز يەنىلا ئاڭلىنىۋەردى. شۇ چاغدا ھېلىقى بالىلارنىڭ جىن
<<ئېرى>>بار دىگەن گېپى يادىمغا كىچىپ قالدى، ئولتۇرۇپ قېلىشتىن ئۆزۈمنى ئارانلا تۇتۇپ تۇرىۋاتاتتىم،
لىكىن ئامال يوق ، ئۆزۈمنى ئۆزۈم قۇتقازمىسام بولمايتتى، بۇچاغدا بار كۇچۇمنى يىغدىم ۋە ئۇدۇل كەلگەن
تەرەپكە قاراپ بولىشىغا يۈگۈردۈم، قېچىۋاتىمەن، لىكىن بۇ تىنغان ئاۋاز قۇلاق تۈۋىمدىن پەقەتلا كەتمەيۋاتاتتى،
ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بىرەيلەننىڭمۇ  ماڭا ئەگىشىپ يۈگىرەۋاتقان ئاياق تاۋۇشى تەڭلا ئاڭلىنىۋاتاتتى.
يۈرۈگۈم كۆكرەك قەپىزىمدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندەك بىلىنىۋاتاتتى ، قورسىقىمغا تۇرىۋالغان سانجىق شۇنچە قىينىسىمۇ
لىكىن توختاشقا پەقەتلا پېتىنالمىدىم ، قېرىشقاندەك مەھەللە يۇلىغا چىقىۋالغان بولساممۇ لىكىن بىرەرمۇ ئادەم
ئۇچىرىمايتى، تىنىق بىلەن ئاياق ئاۋازى قۇلاق تۈۋىمدىلا.........
ئۆيگىمۇ ئاز قالدىم، ئەمدىكى خىيالىم تاسادىبى چوڭ دەرۋازا تاقاق بولۇپ قالسا قانداق قىىلارمەن، دىگەندىن
ئىبارەت بولدى . دەرۋازىغا يېقىن كېلىپلا ئۆزۈمنى ئاتتىم، خۇداغا مىڭ شۈكرى ،تەلىيىمگە دەرۋازا ئچىدىن تاقالمىغانكەن،ھويلىغا يۈگۈرۈپ كېرىشىم بىلەنلا ھويلا ئوتتۇرسىدىكى كىچىك ئورۇندۇققا پۇتلىشىپ كاللا -موللاق
چۈشتۈم ،بۇ ھالىمنى كۆرۈپ ھويلىدىكى كارۋاتتا ياتقان ئىككى نەۋرە ئىنىلىرىممۇ توۋلىشىپ كەتتى.
<<نىمە بولدۇڭ؟ نىمە بولدى؟>>
  ئۇلارغا جاۋاپ بەرگۈدەكمۇ ماجالىم يوق ئىدى. باتۇر ، ئەزىمەت بولۇش خىيالىمدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى ،
يىغلامسىراپ تۇرغان تەلەتىمدىن بىچارىلىك چىقىپ تۇراتتى ،ئۇ ئىككىسىنىڭ يۆلىشى بىلەن كارۋات ئۈستىگە
ئاران چىقىۋالدىم.
  يېرىم سائەتلەردىن كىيىن ئازىراق ئەسلىمگە كىلىپتىمەن ، ئۇلار مەندىن نىمە بولغانلىغىنى سورىدى ، مەن
مەھەللىدىكى بىرەيلەننىڭ ئىتى قوغلاپ كەتتى دەپ قويدۇم. ئۇلار مىنىڭ يوقاپ كېتىپ  كەچتىكى مۈكۈشمەك
ئۇيىنىنىڭمۇ يوققا چىققانلىغىنى ، شۇڭا ئۇخلىماقچى بولۇپ بالدۇرلا ياتقانلىغىنى ئېيىتتى، شۇنىڭ بىلەن يېتىپ
قالدۇق.
  تال باراڭ ئاستىنىڭ ھاۋاسى شۇنداق سالقىن ئىدى، ئىككى ياندا ياتقان ئىككى ئىنىم بىلەن ئۇنى - بۇنى
دىشىپ تۇرۇپلا كونا مىجەزىم قوزغىلىپ قالدى،<<ھەي ، ئاۋۇ تال قالىق ئۈستىدە بىر نەرسە بىز گە قاراۋاتىدۇ،>>
ئۇلار قىزىقىپ <<قېنى، قېنى؟>>دىيشتى، مەن يوغانلا بىر ساپ ئۈزۈمنى كۆرسىتىپ <<ئاشۇ يەرگە بەك قاراڭلار>>
دىدىم، ئۇلار تىكىلىپ قاراشتى ، ئۆيدىن چىقىۋاتقان ئاجىز چىراغ نۇرىدا ( ئۇ چاغدا  ئىلىكتىرنىڭ چىرىغىنى
ئاجىز توكتا يانىدىغان قىلىپ قويغان) قۇيۇق تال بارىڭى خىلمۇ-خىل شەكىللەرگەئوخشاپ قالاتتى، تۇيۇقسىز
ئۇ ئىككىسى تەڭلا  چىرقىراشقىنىچە ئۈستىمىزگە يېپىپ ياتقان ئەدىيالنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كەتتى، مىنىڭ كۈلگۈم
كىلىپ كەتتى ۋە ئۈزەممۇ شۇ يەرگە تىكىلپ قاراپ قاپتىمەن،  يۈرۈگۈم قارتلا قىلىپ قالدى، ماڭا تىكىلپ تۇرغان شۇنداق بىر بەدبەشىر تەلەتنى كۆرۈپ قالغان ئىدىم ،مەنمۇ ئىتتىكلا ئەدىيال ئىچىگە يۇشۇرنىۋالدىم.
بىر ئازدىن كىيىن مىنى تېخىمۇ سۈر بېسىشقا باشلىدى، بۇ ئىككى ئىنىم خۇددى تىنىغىمۇ يوقتەك  ئۈلۈكتەكلا ياتاتتى،
تۇيۇقسىز كوڭلۈمدە <<بۇ ئىككىسىمۇ ئادەم ئەمەس، ئادەم سىياقىدىكى جىنمۇ يە>> دىگىم كىلىپ قالدى ۋە
قورققىنىمدىن ئەدىيالنى كۆتۈرگىنىمچە ئۆيگە يۈگۈردۈم ، ئۇ ئىككىسىمۇ كەينىمدىن ئەگىشىپلا يۈگۈردى.......
  ئۆيدىكىلەرنى بىردەم ئۆرە-تۆپە قىلىپ بىزمۇ يېتىپ قالدۇق، بايىدىكى ھېرىقچىلىق تۈپەيلى تىزلا ئۇخلاپ
قاپتىمەن.
  تۇيۇقسىز بىرسىنىڭ ئەنسىز چىر قىرغان ئاۋازىدىن چۈچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم، كىچىك ئىنىم ئاپىسىغا چاپلىشىپلا
قالغان ئىدى ،چۈشىنىكسىز بىر نىمىلەرنى دەپ يىغلايتى ، ئاپىسى بولسا ئايتەلكۇرسىنى ئوقۇپ سۈپلەۋاتاتتى،
<<قارا بېسىپتۇ>> دىدى ئۇ ئاچام.
  بىزمۇ يېتىپ ئۇخلاپ قالدۇق . ئەتىسى كىچىك ئىنىم (نەۋرە) ئورنىدىن تۇرالمىدى ،قىزىپ كەتكەن ئىدى، ئالىجوققا بىر نىمىلەرنى دەپ جۈيلۈپ ئۆيدىكىلەرنىمۇ يامان قورقىتىۋەتتى . بىر نەچچە كۈندىن ئاستا -ئاستا
ئوڭشىلىپ كەتتى ، لىكىن ئاشۇ كۈنى كۆرگەن چۈشىنى سورىساق تېرىكىپ ئاچچىغى كەلگىنىچە ئۆيگە كىرىپ
كىتەتتى........
  بىر نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى ، بىزمۇ خېلى چوڭ بولۇپ قالدۇق ، لىكىن ئۇ ئىشلار ئىسىمدىن چىقمىدى.بىر كۈنى
مەن نەۋرە ئىنىمغا <<ئۆمەر ، شۇ كۈنى كۆرگەن چۈشۈڭنى دەپ بېرە >> دىدىم ، ئۇ <<مەن چۈش كۆرمىدىم، ئۇ
كۈنى مەن ئويغاق ئىدىم >> دىدى ، مەن ئىشەنمىدىم .  ئۇ شۇ كېچىسى يېرىم كېچىدە سىيگىسى كىلىپ ئويغىنپ
كەيتكەنلىگىنى ، لىكىن ئىرىنىپ قوپقىسى كەلمەي ياتقانلىغىنى ، شۇ چاغدا ئۆزىدىن بىر نەچچە ئورۇن نېرىسىدا
ياتقان مىنىڭ ئاياق تەرىپىمدە كاڭ قىرىدا بىرسىنىڭ دۈمبىسىنى قىلىپ ئولتۇرغانلىغىنى ، ئۇ تېخى مىنى ئويغۇنۇپ
كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ تۇرسا  تۇيۇقسىز  چىرايى ناھايىتى سەت بىر مەخلۇقنىڭ ئاستا ئۈرۈلۈپ ئۆمىلىگىنىچە
مىنىڭ بېشىم تەرەپكە ئۈتۈپ ماڭا قاراپ ئولتۇر غانلىغىنى كۆرۈپتۇ ،ئازىراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن تۇيۇقسىز
ئۇ مەخلۇق بىلەن ئۆمەر بىر -بىرىگە قارىشىپ قاپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەخلۇق مىنىڭ بېشىم تەرەپتىن ئاستا
ئۆمىلەپ ئۆمەر تەرەپكە مېڭىپتۇ ، بۇ چاغدا ھەددىن زىيادە قورقۇپ كەتكەن بۇ ئىنىم ئۆزىنى ئاپىسىنىڭ قوينىغا
ئېتىپتۇ.......
  -ئۇ مەخلۇقنىڭ كۆزى قانداق ئىكەن؟
  -ئۇنىڭ كۆزى يوق ئىكەن ،يۈزىنى يېپىۋالغان يۇڭ - تۇكلەر ئارىسىدا ئىككى تۈشۈكتە خۇددى جىن چىراقتەك
پىلدىرلاپ تۇرغان ئوتنى كۆردۈم .>>
  بۇ چاغدا يۈرۈگۈم قارتلا قىلىپ قالدى ، بۇ ھېلىقى مىنىڭ ھازىرمۇ ئويلىسام قورۇققۇم كېلىدىغان، دەل تال قالىقنىڭ
ئارىسىدا كۆرگەن چىراي ئەمەسمۇ!!!!!!