4. بىر تاكسى شوپۇرى كېچىدە تىجارىتىنى توختۇتۇپ ئۆيىگە قايىتماقچى بولۇپ كىتىۋېتىپ ئايالىنىڭ ئازىراق پۇل ئەكىلىش توغرىسىدا تېلىفۇن قىلغىنىنى ئەسلەپتۇ ۋە ماشىنىنىڭ رولىنى بۇراپلا بىر بانكىنىڭ ئالدىدىكى ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىنىڭ قېشىدا توختاپتۇ ، بۇكېچىدە ئەتىراپتا باشقا ئادەملەرمۇ قالمىغاچقا ئۇماشىنىنىڭ ئۇتىنى ئۈچۈرمەيلا چۈشۈپ كېتىپتۇ ، ئالاھەزەل 5 مىنۇتلاردىن كىيىن ئىشىنى بېجىرىپ قايتىپ چىقىپتۇ ۋە ماشىنىنى ھەيدەپ مېڭىپتۇ . ئۇ كېتىۋېتىپ بىر نورمالسىزلىقنى ھىس قىلىپتۇ ، ئۇنىڭ كەيندىلا بىر ماشىنا خۇددى ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشكەندەك كەلمەكتىكەن ، ئۇماشىنىڭ سۈرئىتىنى تىزلىتىپتىكەن ، كەيندىكى ماشىنىنىڭ سۈرئىتىمۇ ئوخشاشلا تىزلىشىپتۇ . ئۇماشىنىنڭ كەينىنى كۆرۈش ئەينىكىدىن ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاشلا بىر تاكسى ماشىنا ئىكەنلىگىنى بىلىپتۇ ، ئۇ بەلكىم يولىمىز بىر ئوخشايدۇ ، دەپ ئويلاپ مېڭىۋېرىپتۇ ، لىكىن يەنە بىر ماشىنا ئۇنى يانداپ چىقىپ ئۇنىڭ ماشىنىسىغا يىنىك سوقۇلۇپتۇ ، بۇ چاغدا ئۇ ئشنىڭ رەسمى چاتاقلىغىنى ھىس قىلىپ يېتىپتۇ ۋە ئۇ ماشىنىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن چوڭ يولنى كىسىپ ئۆتكەن بىر كىچىك يېزا يولىغا قاراپ رولنى بۇراپتۇ ، لىكىن ھېلىقى تاكسىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا ئۇنى قوغلاپ كەپتۇ ، ئۇ بۇ يولغا خاتا كىرىپ قالغانلىغىنى ھىس قىلىپتۇ ، شۇنداقتىمۇ ئۇ بۇ تار ھەم ئەسكى يولدا ماشىنىسىنى بۇلۇشىغا ھەيدەپتۇ ، كەينىدىكى ماشىنىمۇ ئۇنىڭغا يىتىشەلمەي قاپتۇ ، بۇ چاغدا چاتاق چىقىپتۇ ، ماشىنىنىڭ سۈرئىتى بەك تىز بولغاچقا يولدىن چەتنەپ چىقىپ بىر ئىگىز توپا دوۋىسىگە ئۈسۈپلا ئوتى ئۈچۈپ تۇختاپ قاپتۇ ، ئۇ ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى تولغاپ قايتا ئوت ئالدۇرماقچى بۇلۇپ تۇرغىنىدا يەنە بىر ماشىنىمۇ يول ياقىسىدىلا تۇختاپتۇ ،ئۇ ماشىنىنىڭ ھەممە ئىشىكلىرىنى ئىچىدىن تاقىۋېلىپتۇ ، لىكىن يەنە بىر شوپۇر ماشىنىدىن چۈشمەيلا ئۇنىڭغا قاراپ توۋلاپتۇ ‹‹ھۇ ، كالۋا ، ماشىنىدىن چۈشۈپ تىز قاچ ، تىز ،تىز بول دەيمەن !›› بۇ چاغدا ئۇ كىچىككەن ئىكەن ، ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە بىرىنىڭ تىنغان ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ ۋە ئۇلاپلا گېلىغا مۇزدەك بىر پىچاق .................... شۇڭا شوپۇر دوستلار ماشىنىدىن چۈشكەندە ئىشىكنى تاقاپ چۈشۈڭلار ۋە ھەر ۋاقىت ماشىنىنىڭ كەينى ئورۇنىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇڭلار ......ھىھ ھىھ ھىھ ھىھ
5. ئالىي مەكتەپنى يېڭىدىن پۈتتۈرگەن بىر يىگىت بىر شەخسى شىركەتتىن ئىش تېپىپتۇ ، شەھەر ئىچىدىكى ئۆيلەرنىڭ ئىجارىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقا ئۇ شەھەرنىڭ چېتىدىكىرەك بىر كونا ئولتۇراق رايۇنىدىن خېلى مۇۋاپىق باھادا بىر ئۆينى ئىجارىگە ئاپتۇ ، بۇ جايدىكى ئۆيلەر ئاساسەن 80 يىللارنىڭ ئىچىدە سېلىنغان بۇلۇپ شەھەر تەرەقىياتىغا ماس كەلمىگەنلىكتىن چېقىلىپ كېتىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى بۇلۇپ قالغان ئىكەن .
يىگىت ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغان بىنادىن 50مىتىرچە يىراقتا بىر بىنا بۇلۇپ ئۇ مۇشۇيەر بۇيىچە ئەڭ كونا بىنا ھىسابلىنىدىكەن ، شۇڭىلاشقىمىكىن ئۇ بىنادا بىر نەچچە ئۆيلۈك كىشىلەرلا ئولتۇرىدىكەن .
يىگىت ھەر كۈنى ئىشقا ماڭغاندا ھەم ئىشتىن چۈشكەندە مۇشۇ بىنا ئالدىدىن ئۆتىدىكەن ، ۋاقىت ئۇزىرىغانچە ئۇ بىر ئىشقا دىققەت قىلىپ قاپتۇ ، بۇ بىنانىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى بىر ئۆينىڭ رېمىغا پەردە تارتىلغان بولۇپ ، پەردىنىڭ كەينىدە بىرسى ئۇنىڭغا قاراپلا تۇرىدىكەن ، يىگىت نىپىز پەردە ئارقىسىدىكى غۇۋا كۈرۈنۈپ تۇرغان ئادەمنىڭ ئۇزۇن چېچىدىن ئۇنىڭ ئايال كىشى ئىكەنلىگىنى تەسەۋۋۇر قىلىپتۇ ، يىگىتمۇ ھەر كۈنى ئىشقا ماڭغىچە ۋە ئىشتىن كەلگۈچە ئۇ ئايالغا قاراپ ماڭىدىكەن ،ئارىدىن 2 ئايچە ئۆتكەندىن كىيىن تۇرۇپلا ئۇئايال كۈرۈنمەپتۇ ،يەنە ئارىدىن 2 كۈن ئۈتكەندە يىگىت ئىشتىن يېنىپ كىلىۋېتىپ ھېلىقى كونا بىنانىڭ ئالدىغا نۇرغۇن ساقچىلارنىڭ يېغىپ كەتكىنىنى كۆرۈپتۇ ، يىگىت قىزىقىپ تۇرۇپ قاپتۇ ، بۇ چاغدا ساقچىلار ئۈستۈنكى قەۋەتتىن ئۈستىگە
ئاق رەخىت يېپىلغان بىر مىيىتنى ئېلىپ چۈشۈپتۇ ، ئۇ بۇ يەردىكى كىشىلەردىن ئۇ ئايالنىڭ ئېسىلىپ ئۈلىۋالغانلىغىنى ئۇقۇپتۇ ، ئۇ بىر ساقچىدىن سوراپتۇ ،
-ئۇ ئايال قاچانراق ئۈلىۋالغان ئىكەن؟
- قانۇن دوختۇرى تەكشۈرۈپ 2 ئايدىن ئېشىپتۇ دەيدۇ ، دەپتۇ . بۇنى ئاڭلىغان يىگىت داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قاپتۇ ، ئەسلى ھېلىقى پەردىنىڭ كەينىدىكى دەل شۇ ئايال بۇلۇپ 2 كۈن ئاۋال بەك چىرىپ كېتىپ بېشى ئۈزۈلۈپ كېتىپ ئېسىلىپ تۇرغان يېرىدىن يەرگە چۈشۈپ كەتكەچكە يىگىتكە كۈرۈنمىگەن ئىكەن .................... داۋامى يەنە بادەك قىلىدۇ ، بۇ سىلەرنىڭ توختىماي ئىنكاس يىزىپ مىنى سۈيلىشىڭلەرگە باغلىق
