باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 572 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئاق ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنى مۇنداق پەرىقلەندۈرىمىز
دوستلىشىش
erpan.0998
ئىبراھىمجان ئىرپانى   qq;1806537111
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7630
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 172
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە172دانە
ئۆسۈش: 2380 %
مۇنبەر پۇلى: 3431 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-28
ئاخىرقى: 2012-05-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-05 17:36

ئاق ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنى مۇنداق پەرىقلەندۈرىمىز

ئاق ئالتۇننىڭ قىممىتى سېرىق ئالتۇندىن يۇقىرى بولىدۇ. ئاق ئالتۇن كۈلرەڭگە مايىل بولغاچقا كۈمۈش بىلەن پەرقلەندۈرۈش تەس. ئىستېمالچىلار زىننەت بۇيۇملىرى سېتىۋالغاندا ئاق ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنى پەرقلەندۈرۈشنى بىلىۋېلىشى كېرەك.
1. زىننەت بۇيۇمىدىكى بەلگىگە قاراش. زىننەت بۇيۇمى ئۈستىدە tP ياكى Platnum ۋە ياكى Plat دېگەندەك خەتلەر بولسا ئاق ئالتۇن، ئەگەر S ياكى Silver دېگەن خەتلەر بولسا كۈمۈش ھېسابلىنىدۇ.
2. ئېغىرلىقى. ئاق ئالتۇننىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى 21.4، كۈمۈشنىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى بولسا 10.49. ئوخشاش ھەجىمدىكى ئىككى ماتېرىيالنىڭ ئېغىرلىقىنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق، ئاق ئالتۇننىڭ ئېغىرلىقى كۈمۈشنىڭكىدىن بىر ھەسسە ئېغىر بولىدۇ.
3. سىرتىدىن پەرقلەندۈرۈش. ئاق ئالتۇن كۈلرەڭگە مايىل، قاتتىق بولىدۇ. كۈمۈش بولسا ئاق رەڭدە بولۇپ، سىلىق پارقىراق بولىدۇ ھەم ئاق ئالتۇندىن يۇمشاق بولىدۇ.
4. كۆيدۈرۈپ سېلىشتۇرۇش. يۇقىرى گىرادۇسلۇق ئوتتا كۆيدۈرۈپ سوۋۇتۇلغاندىن كېيىن، ئاق ئالتۇننىڭ رەڭگى ئۆزگەرمەيدۇ. كۈمۈش بولسا پارقىراق قىزىل ياكى قارا قىزىل رەڭدە بولۇپ قالىدۇ
ئالتۇنغا دائىر تىخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز << بىر مىسقال بىلۇگى >> غا كىرىپ تۇرۇڭ !!!               
مەنبە ؛ بىر مىسقال بىلوگى بىلوگ ئادىرىسى ؛
http://yegana.blogbus.com/   
  
www.1miskal.tk      


<< بىرمىسقال بىلوگى >> يىڭىدىن قۇرۇلدى .
www.1miskal.com
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1745
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1745دانە
ئۆسۈش: 8090 %
مۇنبەر پۇلى: 23682 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-05-10

ئاق ئالتۇننى ھەرگىز ئالماڭلار،،،،،،،ئالماقنىڭ ساتمىقى بار،بۇ ئاق ئالتۇن دىگەن ساتىدىغان چاغدا بەكرەك زىيان قىلىدۇ ئادەمگە،،،،،،،،،،شۇنداقمۇ ئېرپان زەگار،،،،،،،،،،،،
دوستلىشىش
نارات
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10153
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 346
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە346دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 3525 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-22
ئاخىرقى: 2012-05-09
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-05 23:32

Re:غۇلجا مۇڭغۇلكۈرە ئاسمان مەنزىرلىرى

بۇ بىر ياخشى بىلىمكەن رەخمەت قىرىندىشىم،
باتۇر بىر قېتىم ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق كۈندە ئۆلىدۇ.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6689
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 757
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە757دانە
ئۆسۈش: 6940 %
مۇنبەر پۇلى: 12647 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-24
ئاخىرقى: 2012-05-10
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-06 05:12

مەنچە بۇ تېما بەكلا ئاددى بولۇپ قېپتۇ.
    1- يېزىلغان خەتكە قاراپ بىلىۋېلىش مەسىلىسى: خەتنى شۇ ئۈزۈك، ھالقا ياكى زىننەت بۇيۇمىنى ياسىغان ئۇستا ئۆزى يازىدۇ. يەنى ئەگەر ئۇ زەگا ئەمەس ئالدامچى بولسا پلاتۇن دىگەن خەتنى كۆمۈشكە يېزىپ ئاق ئالتۇن دەپ سېتىۋىرىدۇ.
    2- ئوتقا سېلىپ بىلىۋېلىش: ئەگەر ئاق ئالتۇن ساپ يەنى 99% بولسا ئوتتىن ئۆزگەرمەي چىقىدۇ ئەگەر 80- 90% بولسا يەنىلا ئۆزگىرىدۇ. پىرسەنتى قانچە تۆۋەن بولسا شۈنچە تىز ۋە تېخىمۇ ئېنىق ئۆزگىرىدۇ.
    3- كۈمۈش ئەگەر 99% بولسا ھەرقانچە ئوتقا سالسىڭىزمۇ پەقەتلا ئۆزگەرمەيدۇ. ئۆزگىرىدىغىنى پىرسەنلىك ۋە پىرسەنتى تۆۋەن كۈمۈشتۇر.
    بىزنىڭ زەگارلىرىمىز ئاساسەن ئاتا مىراس كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن بولۇپ، 1985- يىللاردىن كېيىن دادىسى زەگا بولمىسىمۇ بىر زەگا ئۇستىسى تەرىپىدىن تەربىيلىنىپ يېتىشتۈرۈلگەن زەگا ئۇستىلار يېتىشىپ چىقتى. بىزنىڭ زەگالىغىمىز ئاساسەن قول ھۈنەرۋەنچىلىكنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بۈگۈنكى دۇنيا ئىلىم پەن تەرەققىياتىدىن يوقسۇل. مۇشۇ سەۋەپتىن خېلە ئۇستا زەگا ئۇستىلىرىمىزمۇ ئاق ئالتۇن بىلەن كۆمۈشنى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ ياكى ناھايىتى تەستە پەرقلەندۈرىدۇ.
    مەنچە، ئاق ئالتۇن، ئالماس، ياقۇت... قاتارلىق قىممەت بۇيۇملارنى سېتىۋالىدىغان ۋاقىتتا ناھايىتى بەك دىققەت قىلىش، ئامال بار كىلىش مەنبەسى ئېنىق بولغان ئۇيغۇر زەگالاردىن ياكى دۆۋلەت ئىگىلىگىدىكى دۇكانلاردىن سېتىۋېلىش كېرەك.
ھەقىقى دوستۇ سادىق گەر زەھەر سۇنسا شېكەر دەپ بىل،
مەگەر دۈشمەن ساڭا ئەپلەپ شەكەر سۇنسا زەھەر دەپ بىل.
زىيان يەتكۈزسە دوستۇڭ پايدا دەپ بىل كۆڭلى تۈز بولغاچ،
شۇنىڭدەك دۈشمىنىڭ گەر پايدا يەتكۈزسە زەھەر دەپ بىل.
...
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10010
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 182
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە182دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1820 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-11
ئاخىرقى: 2012-03-28
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-06 23:42

بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك بىلىمكەن ، رەھمەت .
ئاق ئالتۇنمۇ باشقا كۈن چۈشسە جانغا ئەسقاتدۇ دەۋاتمامتى .