ئۇيغۇر قىزى چىرايلىق
(8.مارت خەلقئارائەمگەكچى ئاياللار بايرىمىغا بېغىشلايمەن)
ئىمىنجان تۇرسۇن ئۆزتۈرك
قارا سۇمبۇل ساچلىرى،خۇددى بوستان،قارغايلىق،
ئۇنىڭسىزباغ-بوستانمۇ،تويىلىدۇ بىر سايلىق.
ئۇ بولمىسا ھاياتنىڭ،ھېچ لەززىتى بولۇنماس،
پەرىشتىگە ئوخشايدۇ،ئۇيغۇرقىزى چىرايلىق.
ئەدەپ -ئەخلاق بابىدا،تۈم جاھاننىڭ ئۈلگۈسى،
ئۇ بولسىمۇ ئىلىلىق،ياكى چۆچەك،ئالتايلىق.
كورلا،تۇرپان ھەم ئاقسۇ،ياشار قەشقەر،خوتەندە،
تەبىئەتكە رەڭ قوشقان،ئۇيغۇر قىزى چىرايلىق.
بىرجۈپ ئىشچان قولىدىن،گۈل ئۈندۈرۈپ ماڭىدۇ،
سانجى،قۇمۇل،بورتالا،يەكەن،كۇچا ھەم بايلىق.
تۆھپىكارلار قوشۇنى،ھەممە جايدا يالتىرار،
گۈزەل شەھەر شىخەنزە،مايتاغ،ھەمدەقارمايلىق.
ھەرساھەدە تونۇلغان،قىز-ئاياللار پەخىرلىك،
كۆزتەگمىسۇن ئىلاھىم،ئۇيغۇر قىزى چىرايلىق.
قاچسا يامان ئىللەتتىن،دوراپ ئىلغار مىللەتتىن،
تولۇقلىسا ئۆزىنى،ئۇيغۇرقىزى چىرايلىق.
2012.يىل 5.مارت قەشقەر