تۈركىيەدە بىر ئۇيغۇر ئوغلى تىلۋىزۇردا 2
بۈگۈن يەنى 2012- يىل 3-3 - كۈنى (شەنبە) تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تىلۋىزۇر قاناللىرىدىن بىرسى
بولغان show tv دە ھەر شەنبە كۈنى كەچ سائەت 20 دىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يېتىنەك
سىزسىنىز (قابىلىيەت سىز ئۆزىڭىزدە) ئىسىملىك بىرۇگراممىدا مۇجاھىت (قەشقىرى) مىركامىل ئىسىملىك 4
ياشلىق بىر ئۇيغۇر ئوغلى تۈركىيە جۈمھۇرىيىتى دۆۋلەت شىئىرىنىڭ يازغۇچىسى مەمەت ئاكىف ئەرسوينىڭ
(زۇلۇمغا چاۋاك چالالمايمەن) ئىسىملىك شىئىرىنى ئوقۇپ باھالىغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشتى.
مۇجاھىت قەشقىرى بۇ قېتىم ئاچىسى سۈمەييە قەشقىرى بىلەن سەھنىگە چىقتى. پىروگرام مەسئۇلى ۋە
رىياسەتچىسى ئاجۇننىڭ ئاخىردا بىزگە نېمە ئورۇنلاپ بىرىسەن دىگەن سۇئالىغا مەن شىئىر ئوقۇپ
بىرىمەن دېدى ۋە (زۇلۇمغا چاۋاك چالالمايمەن) ئىسىملىك شىئىرنى ئوقۇپ پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ
بىردەك ئالقىشىغا ئېرىشتى.
شىئىر ئاياقلاشقاندىن كېيىن، ئاجۇن ئوقۇش، يېزىشنى بىلەمسەن دەپ سورىدى. مۇجاھىت بىلمەيمەن
دەپ جاۋاپ بەردى. ئاجۇن، بۇ شىئىرنى قانداق ئۆگەندىڭ دەپ سورىدى. مۇجاھىت، ئاللاھ ئەقلىمگە
يازىدۇ، مەن ئوقۇيمەن دەپ جاۋاپ بەردى. باھالىغۇچى ۋە تاماشىبىنلار قاتتىق تەسىرلەندى ۋە سەھنىنى
زىلزىلىگە سالغان گۈلدۈراس ئالقىشلار ياڭراتتى.
ئاجۇن، ساڭا كىم ئۆگۈتىدۇ؟ مۈجاھىت، دادام.... .
مۇجاھىت قەشقىرى ئۇيغۇرچىنىمۇ بىلىدىغان بولۇپ، بۇ مۇسابىقە تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىلغانلىغى
ئۈچۈن ۋە سەھنىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى تۈرك بولغانلىغى ئۈچۈن شىئىرىنى تۈركچە ئېيتقان ئىكەن.
مۈجاھىت 1- 7- كۈنىكى 1- قېتىملىق مۇسابىقىدە باھالاشتىن ئۆتكەن بولۇپ، بۇ قېتىمقىسى بولسا
باھالاشتىن ئۆتكەنلەرنى قايتىدىن سەھنىگە چىقىرىپ تاماشىبىنلارنىڭ ئۈچۈر يوللاش ئۇسۇلى ئارقىلىق
باھالايدىغان بولغاچقا نەتىجىسىئالدىمىزدىكى ھەپتىگە قالدى.
پىروگرامما باھالىغۇچىلار:
بۇ پىروگرامما مەسئۇلى ۋە رىياسەتچىسى ئاجۈن ئىلىجالى.
ئايال، ھۈليا ئاۋشار
ئارىف سەرگەن
تۆۋەندىكى سۈرەتلەر بولسا مۇجاھىت قەشقىرى (مىركامىلجان) .
ۋىدىئوسىنى يوللاشنى بىلىدىغانلار يوللاپ قۇيارسىلەر.
[ بۇ يازمىنىmuzepper 2012-03-07 03:54قايتا تەھرىرلىد ]