باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1665 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 2/2     Go
تېما: ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە ھەربى زەربە بېرىش ئاگاھ
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 945
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە945دانە
ئۆسۈش: 3310 %
مۇنبەر پۇلى: 11842 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-05-11
10-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-06 15:12

يامان ئەمەس مۇلاھىزە ئىنكاسلار چۈشۈۋاتىدۇ . قېنى قالغان مۇنبەرداشلارمۇ ھازىرقى بۇ قىزىق نوقتا ھەققىدە 1-2 كەلىمە سۆزلەپ باقساڭلا ...
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 945
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە945دانە
ئۆسۈش: 3310 %
مۇنبەر پۇلى: 11842 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-05-11
11-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-06 23:13

[رۇسىيە ئىستراتېگىيە-مەدەنىيەت فوندى جەمئىيىتى تور بېكىتىنىڭ 5-مارت ماقالىسى]  يېقىندا، ئىسرائىلىيەنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى: ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئىرانغا قوراللىق مۇداخىلە يۈرگۈزىدۇ،دەپ داۋراڭ سالدى. بۇ، بىرنەچچە چوڭ دۆلەت تېھرانغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش پىلانىنى قوللىمايۋاتقان بولسىمۇ،ۋاشىنگتون بىلەن تېل ئاۋىۋنىڭ يەنىلا ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قوللىنىشنى قارار قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
   ئىراننىڭ يادرو ئېنېرگىيەسىنى تىنچ تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلماقچى بولۇشىدىكى باھانىسى بولۇپ،بۇنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى شۇكى: ئىران فىرانسىيە،‎گېرمانىيە ۋە جۇڭگودىن ئىبارەت ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىقتىسادىي-سىياسىي چەمبىرىكىگە تەدرىجىي سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ،ئامېرىكىنىڭ كونا ياۋروپادىكى تەسىرى تېز ئاجىزلىشىشقا باشلىدى. مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى ئىراننىڭ يادرو پىلانى بولماستىن،بەلكى ئۇنىڭ مول نېفىت-تەبىئىي گاز بايلىقىدىن ئىبارەت. تىنچ يىللاردا، يۇقىرىقى بايلىقلار جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا زور تۈۋرۈك بولغان.
   فىرانسىيە رۇسىيەگە ھەربىي پاراخوت سېتىپ بەرمەكچى بولۇۋاتقان؛ بېرلىن موسكۋانى ياۋروپانىڭ بىرلىككە كەلگەن قوراللىق كۈچىگە قوشۇۋېلىش ئۈستىدە تەكلىپ بېرىۋاتقان؛ياۋروپا ئىتتىپاقى ياۋروپاچە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى قۇرماقچى بولۇۋاتقاندا، ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى زومىگەرلىك ئورنى ئاجىزلىشىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۆزىنىڭ دۇنيا ساقچىسىلىق ئورنىنى ساقلاپ قالماقچى بولۇۋاتقان ئامېرىكىغا ئۇرۇشتىن ئىبارەت بىرلا  كوزىرى قالدى.قايسى جايدا كىم بىلەن ئۇرۇشۇش ئانچە مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا سوقۇنۇپ كىرىپ، «ئىنسانپەرۋەرلىك»(پۈتۈنلەي ئىنسانپەرۋەرلىك،دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ)نى باھانە قىلىپ، شۇ جايدىكى ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت.
   شۇڭا،ئامېرىكا كەلگۈسىدە ئىراق بىلەن ئافغانىستاندا دەككىسىنى يەپ چېكىنگەندىن  كېيىن، ۋەزىيەتنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،ئىرانغا ھۇجۇم قىلىپ،بۇ دۆلەتنى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلماقچى ياكى ئۆزىنىڭ كۈنسايىن ئاجىزلىشىۋاتقان ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىراننىڭ نېفىت-تەبىئىي گاز بايلىقىنى تىزگىنلەش ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالماقچى.
     ئامېرىكا نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ئىدىئولوگىيە جەھەتتە كۆڭۈل قويۇپ تۈزگەن«ئىشەنچلىك» تۈپ نەزەرىيەسى،يەنى«ئىلگىرىكى سوۋېت ئىتتىپاقى،يەنى ھازىرقى رۇسىيە ياۋروپاغا ھەربىي تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ»دېگەن سەپسەتىسىنى بازارغا سېلىپ،ياۋروپا سۆھبىتىگە قاتنىشىۋاتىدۇ.ئامېرىكىنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، يېتىم ۋە يار-يۆلەكسىز قالغان ياۋروپا ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئۇ قېتىدىكى قالتىس كۈچلۈك ئامېرىكىغا تايانغاندىلا،باشقىلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىمايدىكەن.
    ئامېرىكا يەنە ئوخشاش نەيرەڭ ئىشلىتىپ،دۇنيادىكى باشقا مۇھىم سىياسىي رايونلاردىمۇ يىلتىز تارتىۋاتىدۇ.ئۇ بۇ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن:سابىق يۇگوسلاۋىيەدە سېرىبلار ئىرقىي تازىلاش ئېلىپ بېرىۋاتقاندەك قىلىدۇ؛تالىبان «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»نى پىلانلىغان بولۇشى مۇمكىن، ئىرانلىقلار يادرو بومبىسىغا ئىگە بولغان بولۇشى مۇمكىن، دېگەندەك ئەپقاشتى گەپلەرنى توقۇپ چىققان.
    ئەگەر ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ياخشىلىنىپ،ئامېرىكا ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشالمايدىغان بولسا،ۋاشىنگتوننىڭ ئوغىسى قايناپ كېتىدۇ.ئەينى ۋاقىتتا ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ فېدېراتىپ گېرمانىيەگە تەبىئي گاز سېتىپ بېرىشكە قايتۇرغان ئىنكاسى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالىدۇر. بۇنىڭدىن بىز تۆۋەندىكىدەك ئەقەللىي يەكۈن چىقىرالايمىز: ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تىنچ ۋە مۇقىم تەرەققىي قىلىشىدىكى ئەشەددىي رەقىپ دەل ئامېرىكا بولۇپ، ئۇ قوراللىق توقۇنۇش قوزغاشنى خەلقئارا ۋەزىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالغان. ئەگەر بۇ توقۇنۇشلار يۈزبەرمىگەن بولسا،ئامېرىكىنىڭ تەسىرى ئامېرىكا چوڭ قورۇقلۇقى بىلەنلا چەكلىنىپ،ھەربىي فىلوتى قۇرۇق جاھازغا ئايلىنىپ قالغان، دۇنيانى قاپلىغان ھەربىي بازىلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ،يادرو بومبىلىرى بىر چەتكە قايرىلىپ قالغان بولاتتى.
    ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلماقچى بولۇشىدا يەنە دوللارنىڭ خەلقئارا پۇللۇق ئورنى مەسىلىسىدىن ئىبارەت يەنە بىر سەۋەبمۇ بار. ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا،ئامېرىكا زور ئىقتىسادىي كاساتچىلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالغاندا،ئامېرىكا روزۋېلتنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تالانتىغا ئەمەس، بەلكى ياۋروپادا پارتلىغان ئۇرۇشقا تايىنىپ، نەچچە مىليون ياۋروپالىقنىڭ قۇربان بېرىشى بەدىلىگە شۇ قېتىملىق كىرىزىستىن قۇتۇلغان.
      ئەگەر ھازىر چوڭ ئۇرۇش يۈزبەرمىسە،ئىقتىسادىي جەھەتتە ئامېرىكىغا نىسبەتەن،بىرى قەرز قايتۇرۇشنى توختاتقانلىقىنى ئاشكارا جاكارلاش ياكى قورقىنچلىق پۇل پاخاللىقىغا دۇچ كېلىشتىن ئىبارەت ئىككىلا تاللاش يولى بار. بۇ دوللار ئۈچۈن ئەجەللىك زەربە ھېسابلىنىدۇ.لوگىكىلىق جەھەتتە،ئىسرائىلىيەگىمۇ يۇقىرىقىدەك ئىككىلا تاللاش يولى بار. ئەگەر ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ«دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت» بولمىسا،تېل ئاۋىۋ پەلەستىنلىكلەرنىڭ شەرتى بويىچە،ئۇلار بىلەن يارىشىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ ئىسرائىلىيەنى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش-تۇرالماسلىق كىرىزىسىگە دۇچار قىلىدۇ.
    ئامېرىكا ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى زومىگەرلىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن دۇنيادا  ئۇرۇش قوزغاۋاتقانلىقى ئېنىق. شۇڭا، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا ئۇرۇش قوزغىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. دۇنيانى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن باشقا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ قانداق ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقى ئەڭ چوڭ مەسىلە ھېسابلىنىدۇ.
   ئامېرىكا ھەرقانداق ھەربىي توقۇنۇشقا ئارىلىشىشتىن ئىلگىرى،ئاۋۋال ئارىغا بۆلگۈنچىلىق سالىدۇ.شۇڭا بىز ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ۋاشىنگتوننىڭ ھەدەپ ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىبەتلەرنى تۈگىتىش چارىسى تېپىشىمىز كېرەك.    

http://www.nur.cn/html/news/58047.shtml
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...