باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 476 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ھەدىس ئىلمى ئاتالغۇلىرى
دوستلىشىش
بەھرام0998
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10399
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 8
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە8دانە
ئۆسۈش: 160 %
مۇنبەر پۇلى: 190 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-20
ئاخىرقى: 2012-03-17
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-29 09:55

ھەدىس ئىلمى ئاتالغۇلىرى

مۇقەددىمە

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن.

بارلىق مىننەتدارلىقلار ئاللاھقا خاس .ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۇرىمىز، ئۇنىڭدىن ياردەم سورايمىز، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورايمىز، ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىمىز، ئۇنىڭغا يېلىنىپ نەپسىلىرىمىزنىڭ يامانلىقلىرىدىن ۋە يامان ئەمەللىرىمىزدىن پاناھلىق تىلەيمىز، ئاللاھ يىتەكلىگەن كىشىنى ئازدۇرغۇچى يوق، ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى توغرىغا باشلىغۇچى يوق. ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، ئۇ يىگانە ، ئۇنىڭ شېرىكى يوق، دەپ جاكارلايمەن ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ جاكارلايمەن.  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە جەمەتىگە، ساھابىلىرىگە ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا سەمىمى ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە كۆپتىن كۆپ سالامى بولسۇن!

ئاللاھ مۇھەممەد سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەمنى، دىننى پۈتۈنلەي ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن توغرايىتەكچىلىك ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى شۇنداقلا ئۇزاتقا قۇرئاندىن ئىبارەت كىتاپنى ۋە ئۇنى كىشىلەرگە بايان قىلىپ بىرىشى ئۈچۈن ھەدىستىن ئىبارەت ھىكمەتنى چۈشۈردى. كىشىلەر ئۇنى تەپەككۇر قىلىدىكەن چوقۇم توغرا يول تېپىپ بەخىتكە ئىرىشىدۇ.

دىمەك قۇرئان ۋە ھەدىس بولسا ئىككى ئاساس بولۇپ بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۆزبەندىلىرى ئۇستىدە ھۆججەت تۇرغۇزغاندۇر. ئەنە شۇ ئىككىسى ئۈستىگە بۇيرۇق ۋە چەكلىمە بويىچە ئىتىقاد ۋە ئەمەلىيەت ھۆكۈملىرى قۇرۇلىدۇ.

قۇرئاندىن ھۆججەت ئوتتۇرغا قويغۇچى تىكىستنىڭ ھۆكۈمنى كۆرسىتىشىگە قاراشتىن ئىبارەت پەقەت بىر نۇقتىدا  ئىزدىنىشكە ئىھتىياجى چۈشىدۇ ۋە ئۇ(تىكىسنىڭ) تارىخى ھۆججىتىنى كۈزىتىشكە ئىھتىياجى چۈشمەيدۇ. چۈنكى ئۇ(قۇرئان) ئىبارىسى ۋە مەنىسى بويىچە مۇتەۋاتىر(مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت)شەكلىدە كەسكىن ئىسپاتلار بىلەن يەتكۈزۇلگەندۇر.

ھەدىستىن ھۆججەت ئوتتۇرغا قويغۇچى ئىككى نۇقتىدا ئىزدىنىشكە ئىھتىياجى چۈشىدۇ:

بىرىنچى : پەيغەمبەر سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەمدىن قىلىنغان نەقىل ئىسپاتىغا قاراش . چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەنسۇپ قىلىنغان  (سۆزنىڭ)ھەممىسى سەھى (ساغلام) بولمايدۇ.

ئىككىنچى : تىكىستنىڭ ھۆكۈمنى كۆرسىتىپ بىرىشىگە قاراش.

دىمەك بىرىنچى نۇقتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىزگە نىسبەتلەنگەن نۇتۇق، سۆز ۋە ھەركەتلەردىكى قۇبۇل قىلىشقا بولىدىغان ۋە رەت قىلىشقا تىگىشلىك بولغانلىرىنى ئايرىدىغان قائىدىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇشقا ئىھتىياج چۈشكەن بولۇپ بۇنى ئاللاھنىڭ رەھمەتلىرى ياغسۇنكى ئالىملار رۇياپقا ئەچىقىپ، ''مۇستەلەھ ئەلھەدىس''( ھەدىس ئىلمى قوللانمىلىرى) دەپ نام بەرگەن ئىدى.

ئۈنۋېرىستىتنىڭ ئىككىنچى سىنىپ، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى يىللىقىغا قارارقىلىنغان دەرس پىرۇگىراممىسىگە ئاساسەن، بۇ پەننىڭ مۇھىم تەرەپلىرىنى بىرتۇتاش ئۆزئىچىگە ئالغان ئوتتۇرھال بىر كىتاپنى تۈزۈپ ئۇنىڭ نامىنى ''ھەدىس ئىلمى قوللانمىلىرى'' دەپ ئاتىدۇق.

بۇكىتاپ ئىككى قىسىمدىن تەشكىل تاپىدۇ:

بىرىنچى قىسىم بىرىنچى يىللىققا قارار قىلىنغان ماۋزۇلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.

ئىككىنچى قىسىم ئىككىنچى يىللىققا قارار قىلىنغان ماۋزۇلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.

ئاللاھتىن ئىلمىمىزنى ئۆزى ئۈچۈن خالىس قىلىشنى ۋە رازىلىقىغا ماس قىلىشنى شۇنداقلا بەندىلىرىگە پايدىلىق قىلىشنى تىلەيمەن . ئاللاھ ناھايىتى مەرت ۋە سېخىدۇر.

ئاپتۇر (مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىن).

 

 

 

 

"ھەدىس ئىلمى ئاتالغۇلىرى"كىتابىدىن بىرىنچى قىسىم
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن.
ھەدىس ئىلمى ئاتالغۇلىرى :

تونۇشتۇرۇش ۋە پايدىسى.

1-"ھەدىس ئىلمى ئاتالغۇلىرى" دىگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامىدىن سۆزلەنگەن ھەرقانداق بىرھەدىسنىڭ يەتكۈزگۈچىلىرىنى ۋە يەتكۈزگەن ھەدىسىنىڭ تىكىستىنى قۇبۇل قىلىش ياكى رەت قىلىش نۇقتىسىدىن تەكشۇرۇپ بىكىتىدىغان ۋە بۇلارنىڭ دەرىجىسىنى بەلگىلەيدىغان ئىلىمدۇر.

2- بۇ ئىلىمنىڭ پايدىسى شۇكى ئىسلام ئەمىر-پەرمانلىرىنىڭ مەنبەسىدىن بىرى بولغان ھەدىستىن ئىبارەت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىلھام شەكلىدە كەلگەن ۋەھى نىڭ بىزگە ساغلام يىتىپ كىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ھەدىس يەتكۈزگۈچىلەرۋە يەتكۈزۈلگەن ھەدىسلەرنىڭ قۇبۇل قىلىشقا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىرىنى ئىگەللەشتۇر.

ھەدىس، خەبەر، ئەسەرۋە ھەدىس قۇددۇسى دىگەن ئاتالغۇلارۋە بۇلارنى تونۇشتۇرۇش.

1-ھەدىس: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى دەپ يەتكۈزۈلگەن نۇتۇقلار ياكى پائالىيەتلىرىنىڭ تەسۋىرى ياكى يولغا قويغان ئىشلىرىنىڭ تونۇشتۇرلىشى ۋە ياكى قەددى-قامەت ،مىجەز-خۇلۇقلىرىنىڭ تەسۋىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

2-خەبەر: ھەدىس مەنىسىدە كەلگەندە ئۇنىڭ تونۇشتۇرلىشى ھەدىس بىلەن ئوخشاش. شۇنداقلا  خەبەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە باشقا كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئۆزئىچىگەئالىدۇ دەپمۇ تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ بۇنداق بولغانداخەبەرنىڭ مەزمۇن دائىرىسى ھەدىستىن كەڭ ۋە ئۇمۇمراق بولىدۇ.

3-ئەسەر:ساھابىلار ياكى تابىئىنلارنىڭ سۆزلىرى دەپ نەقىل قىلىنغان نۇتۇقلاردۇر. بەزىدە ھەدىس مەنىسىدىمۇ قوللىنىلىدىغان بولۇپ بۇنداق كەلگەندە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نامىغا باغلىنىپ «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كەلگەن ئەسەردە» دىگەن ئىبارە بۇيىچە ئىشلىتىلىدۇ.

4-ھەدىس قۇددۇسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئولۇغ ئاللاھ نامىدا سۆزلىگەن نۇتۇقلىرى بولۇپ ھەدىس راببانى ۋە ھەدىس ئىلاھى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئولۇغ ئاللاھ تەرەپتىن يەتكۈزگەن مۇنۇسۆزى بۇنىڭ مىسالىدۇر: [ئولۇغ ئاللاھ مۇنداق دېدى " مەن بەندەمنىڭ ماڭا بولغان تونۇشى بويىچە بولىمەن،بەندەم مېنى ياد ئەتكەن چاغدامەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇمېنى ئۆزئىچىدە ياد ئەتسە مەنمۇ ئۇنى ئىچىمدە ياد ئېتىمەن، ئۇمېنى سورۇندا ياد ئەتسە مەنمۇئۇنى ئۇنىڭدىن ياخشى سورۇندا ياد ئېتىمەن].

ھەدىس قۇددۇسنىڭ دەرىجىسى قۇرئان بىلەن پەيغەمبىرىمىزئەلەيھىسسالامنىڭ نۇتۇقلىرى بولغان (ھەدىس)نىڭ ئارىسىدا بولۇپ ئولۇغ قۇرئان مەنا ۋە ئىبارە جەھەتتىن بىۋاستە ئاللاھقا مەنسۇپتۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نۇتۇقلىرى بولغان (ھەدىس) مەنا ۋە ئىبارە جەھەتتە پەيغەمبىرىمىزگە مەنسۇپتۇر. ھەدىس قۇددۇس بولسا ئىبارە جەھەتتە ئەمەس پەقەت مەنا جەھەتتە ئاللاھ غا مەنسۇپتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەدىس قۇددۇسنىڭ ئىبارىسىنى قۇرئاندەك تىلاۋەت قىلىنىپ ئىبادەت قىلىنمايدۇ ۋە نامازدا ئوقۇلمايدۇ، شۇنداقلا قۇرئاندەك ئۇنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۇرۇپ بېقىشقا دوئىل ئىلان قىلىنمىدى ۋە قۇرئاننىڭ نەقىل قىلىنىپ يەتكۈزۈلگىنىدەك مۇتەۋاتىر دەرىجىسىدە كەلمىدى، بەلكى ھەدىس قۇددۇسنىڭ سەھى(ساغلام) دەرىجىىدە بولغانلىرى، زەئىپ(ئاجىز)دەرىجىىدە بولغانلىرى ۋە ماۋزۇئۇن(توقۇلما)بۇلغانلىرىمۇ بار.

ھەدىسنىڭ بىزگىچە يىتىپ كىلىش يوللىرى ئىتىبارى بويىچە بولۇنگەن تۇرلىرى:

ھەدىس مەزكۇرئىتىباربويىچە "مۇتەۋاتىر" ۋە "ئاھاد" دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.

بىرىنچى مۇتەۋاتىر:

مۇتەۋاتىرنى تونۇشتۇرۇش ، مىساللار بىلەن تۈرلىرى ۋە ئۇنىڭ پايدىسى:

1-مۇتەۋاتىر دىگەن ئادەتتە يالغانغا گىرىپتاربولىشى مۇمكىن بولمىغان بىرتوپ كىشىلەر يەتكۈزگەن ۋە ئۇلارئۇنى ئەمىلى بىرھۆججەتكە تايىنىپ نەقىل قىلغان ھەدىستۇر.

2- مۇتەۋاتىر، ئىبارە ۋە مەنا جەھەتتىكى مۇتەۋاتىرۋە پەقەت مەنا جەھەتتىكى مۇتەۋاتىردەپ ئىككى قىسىم بولىدۇ.

ئىبارە ۋە مەنا جەھەتتىكى مۇتەۋاتىر بولسا بارلىق يەتكۈزۈچىلەرئىبارە ۋە مەنادا تامامەن ئوخشاش يەتكۈزگەن ھەدىستۇر. بۇنىڭ مىسالى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «كىمكى مىنىڭ نامىمدا قەستەن يالغان سۆزلەيدىكەن  ئۆزئورنىنى دوزاختىن تەييارلاپ قويسۇن»دىگەن سۆزىدۇر. بۇھەدىسنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاتمىشتىن كۆپراق ساھابە رېۋايەت قىلغان بولۇپ ئۇلارنىڭ ئىچىدە جەننەت بىلەن بىشارەت بىرىلگەن ئون كىشىمۇ بار، ئاندىن بۇ ھەدىسنى مەزكۇرساھابىلەردىن ناھايىتى كۆپ كىشى نەقىل قىلغاندۇر.

پەقەت مەنا جەھەتتىكى مۇتەۋاتىربولسا  مەنىسى ئۇمۇمەن ئوخشايدىغان ۋە ھەربىررېۋايەتچى ئۆزىگەخاس ئىبارە بىلەن يەتكۈگەن ھەدىستۇر.

بۇنىڭ مىسالى، شاپائەت توغرىسىدىكى ۋە ئىككى ئاياققا مەسىھ قىلىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەردۇر.

3-ھەرئىككى قىسىم مۇتەۋاتىرنىڭ پايدىسى:

بىرىنچى ئىلىم ، يەنى نەقىل قىلىنغان كىشى(رەسۇلۇللاھ)غا ساغلام مەنسۇپ ئىكەنلىكىدىكى كەسكىنلىك.

ئىككىنچى ئەمەل :يەنى ھەدىس كۆرسەتمىسى خەۋەر بولسا تەستىقلاش،بۇيرۇق بولسا ئىجراقىلىش.

ئىككىنچى ئاھاد.

ئاھادنى تونۇشتۇرۇش،ئۇنىڭ يىتىپ كىلىش يوللىرىغا ئاساسەن بۆلىنىشى ۋە مىساللىرى،دەرىجىسكە ئاساسەن بۆلىنىشى ۋە ئۇنىڭ مىساللىرى، شۇنداقلا پادىسى .

1-ئاھاد بولسا مۇتەۋاتىردىن باشقا بارلىق ھەدىس تۇرلىرىنى ئۆزئىچىگەئالىدۇ.

2- ئاھاد بىزگەيىتىپ كىلىش يوللىرىغا ئاساسەن ئۈچ قىسىم بولۇپ ئۇلار:

مەشھۇر،ئەزىز ۋە غەرىيب قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ئا . مەشھۇر بولسا ئۈچتىن كۆپ كىشى رېۋايەت قىلغان ۋە مۇتەۋاتىردەرىجىسىگە يەتمىگەن ھەدىستۇر. بۇنىڭ مىسالى : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «مۇسۇلمان دىگەن ئۇنىڭ تىلى ۋە قولىدىن مۇسۇلمانلارئامان بولغان كىشىدۇر» دېگەن سۆزىدۇر.

ب . ئەزىز بولسا پەقەت ئىككىلا كىشى رېۋايەت قىلغان ھەدىستۇر. بۇنىڭ مىسالى : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ « سىلەرنىڭ ھەرقانداق بىرىڭلار،مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزىنىڭ بالىسىدىن، ئاتا-ئانىسىدىن ۋە پۈتۈن ئىنسانلاردىن سۆيۈملۈكراق بولمىغىچە مۆمىن بولالمايدۇ» دېگەن سۆزىدۇر.

ت . غەرىيب بولسا پەقەت بىركىشى رېۋايەت قىلغان ھەدىستۇر. بۇنىڭ مىسالى : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئەمەللەر پەقەتلانىيەتلەرگەباغلىقتۇر ۋە ھەرقانداق ئىنساننىڭ نىيەت قىلغان نەرسىسى بولىدۇ»دېگەن سۆزىدۇر. 

بۇھەدىسنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن پەقەت خەتتاب ئوغلى ئۇمەررەزىيەللاھۇئەنھۇ لا رېۋايەت قىلغان، ئۇمەردىن پەقەت ۋاققاس ئوغلى ئەلقەمە لا رېۋايەت قىلغان ،ئەلقەمەدىن پەقەتلا ئىبراھىم ئەتتەيمى ئوغلى مۇھەممەد رېۋايەت قىلغان، مۇھەممەد تىن پەقەت سەئىد ئەلئەنسارى ئوغلى يەھيا رۋايەت قىلغان بولۇپ بۇلارنىڭ ئۇمەرئىبنى خەتتاپتىن باشقاھەممىسى تابىئىنلاردۇر. كىيىن يەھيا دىن نۇرغۇن كىشىلەر نەقىل قىلغان بولۇپ،( مۇشۇسەۋەپتىن ئىمام نەۋەۋى بۇھەدىسكە غەرىيب ۋە مەشھۇر دەپ دەرىجە بەرگەن. چۈنكى رېۋايەت يولىنىڭ باش تەرىپى غەرىيب ئۆلچىمىدە يەھيادىن كىيىنكى تەرىپى مەشھۇرئۆلچىمىدە بولغان ئىدى.)

3-ئاھاد دەرىجە جەھەتتىن بەش قىسىمغا بۆلىنىدۇ. ئۇلار:

ئۆزى مۇستەقىل سەھىھ(ساغلام)، باشقىسىغا قوشۇلۇپ سەھىھ، ئۆزى مۇستەقىل ھەسەن( ياخشى)، باشقىسىغا قوشۇلۇپ ھەسەن ۋە  زەئىپ (ئاجىز) قاتارلىقلاردۇر.

ئا . "ئۆزى مۇستەقىل سەھىھ"  دىگەندە مۇكەممەل ئگىلىۋېلىش كۈچىگە ئىگە ئادىل بىر رېۋايەتچى ئۈزۈلمىگەن بىرتارىخى ھۆججەت بىلەن پۈچەكلىكتىن ۋە تەسىركۆرسىتىدىغان ئىللەتتىن خالى ھالدا رېۋايەت قىلغان ھەدىس كۆزدە تۇتىلىدۇ. بۇنىڭ مىسالى : بۇخارى ۋە مۇسلىم رېۋايەت قىلغان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ«كىمگە ئاللاھ ياخشىلىقنى كۆزلىسە ئۇنى دىندا چۈشەنچىلىك قىلىدۇ» دېگەن سۆزىدۇر.

ھەدىسنىڭ سەھىلىگىنى بىلىش تۆۋەندىكى ئۈچ ئىش ئارقىلىق بولىدۇ.

بىرىنچى : ساغلام ھەدىس ئېنىقلاشتا سۆزى ئىتىبارلىق ئاپتۇر بولۇپ ئۇنىڭ ساغلامنى تاللاش بىرىنسىپىدا تۇرۇپ تۈزگەن كىتابىدا كەلگەن ھەدىس بولسا مەسىلەن ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىمغا ئوخشاش.

ئىككىنچى:  ساغلامنى تاللاش خىزمىتىدە سۆزى ئىتىبارلىق ۋە بۇئىشتا يەڭگىللىك قىلغانلىقى كۆرۇلمىگەن بىرئىمام ئۇ ھەدىسنىڭ ساغلاملىقىغا تىكىست قالدۇرغان بولسا.

ئۈچۈنجى : ھەدىسنىڭ رېۋايىتى ۋە ئېنىقلاپ چىقىش ئۇسۇلىغا قاراپ ساغلاملىق شەرتلىرى تولۇق بولسا ساغلام دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

ب." باشقىسىغا قوشۇلۇپ سەھىھ" دىگىنىمىز بولسا، كىلىش يوللىرى كوپ بولغان چاغدىكى  ئۆزى مۇستەقىل ھەسەن ھەدىستىن ئىبارەتتۇر. بۇنىڭ مىسالى : ئەمىرئىبنى ئاس نىڭ ئوغلى ئابدىللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما  نىڭ ھەدىسى بولۇپ ئۇنىڭدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا قوشۇن تەييارلاشقا بۇيرۇق بەرگەن لېكىن تۆگە يىتىشمەي رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن« سەدىقە(يەنى دۆلەت خەزىنىسىگە تەۋە)تۆگىلەرنىڭ بوتىلاقلىرىنى بىرىپ، ئورنىغا بىزگە (جەڭگە يارىغىدەك)تۆگە سېتۋېلىپ كەلگىن». شۇنىڭ بىلەن ئابدۇللاھ بىر تۆگىنى ئىككى ياكى ئۈچ بوتىلاق بىرىپ ئالغان ئىدى.بۇھەدىسنى ئىمام ئەھمەد مۇھەممەد بىننى ئىسھاقنىڭ يەتكۈزۇش يولى بويىچە رېۋايەت قىلغان بولسا ئىمام بەيھەقى ئەمىر بىننى شۇئەيىب نىڭ يەتكۈزۇش يولى بويىچە نەقىل قىلغان. بۇئىككى يەتكۈزۇش يولىنىڭ ھەربىرى ئۆزئالدىغا ھەسەن دەرىجىسىدە بولۇپ ئىككىسىنىڭ يىغىندىسىدا،ھەدىس باشقىسىغا قوشۇلۇپ سەھىھ  بولۇش دەرىجىسىگە يەتتى.

"باشقىسىغا قوشۇلۇپ سەھى" دەپ ئاتىلىشى پەقەت ھەربىريەتكۈزۇش يولىغا ئايرىم قارىغاندا ھەدىس ھەسەن دەرىجىدە ئەمما بۇلارنى بىرلەشتۇرۇپ قارىغاندا كۈچلۇنۇپ سەھى دەرىجىسىگە يەتكەن بولىدۇ.

ت. "ئۆزى مۇستەقىل ھەسەن" ساقلىۋېلىش كۈچى بوشراق، ئادىل بىر رېۋايەتچى ئۈزۈلمىگەن بىرتارىخى ھۆججەت بىلەن پۈچەكلىكتىن ۋە تەسىركۆرسىتىدىغان ئىللەتتىن خالى ھالدا رېۋايەت قىلغان ھەدىس كۆزدە تۇتىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن "ئۆزى مۇستەقىل سەھىھ" نىڭ، رېۋايەتچى مۇكەممەل تۇتۋېلىش كۈچىگە ئىگە بولۇشنى شەرت قىلىشتىن باشقا پەرقى يوق، شۇڭا "ئۆزى مۇستەقىل ھەسەن ،  "ئۆزى مۇستەقىل سەھىھ" تىن تۆۋەنراق دەرىجىدە. بۇخىل ھەدىسنىڭ مىسالى : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «نامازنىڭ ئاچقۇچى تاھارەتلەردۇر، ئۇنىڭدا(ئادەتتىكى ھەركەتنى) ھارام قىلغۇچى (بىرىنچى) تەكبىردۇر ۋە ئۇنى ھالال قىلغۇچى سالام بىرىشتۇر» دىگەن سۆزىدۇر.

ئىنبى سالاھ (ئۆزىنىڭ ئىبنى سالاھ مۇقەددىمىسى دىگەن كىتابىدا) دېيىشچە ،ھەسەن ھەدىسنى تونۇشنىڭ يەنە بىر يولى ئۇھەدىسنى ئىمام ئەبۇ داۋۇت يالغۇز رېۋايەت قىلغان بولۇشتۇر.

س "باشقىسىغا قوشۇلۇپ ھەسەن"دىگەن: كىلىش يوللىرى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ بىر-بىرىنى تولۇقلاپ يالغانچى ۋە يالغانچىلىق بىلەن ئەيىپلەنگەن بىرەركىشى بولماسلىقتىن ئىبارەت سۇپەتكە ئىگە قىلغان زەئىپ (ئاجىز)ھە دىستۇر. بۇنىڭ مىسالى : خەتتاپ ئوغلى ئۇمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ ئېيىتقان مۇنۇ ھەدىستۇر:«پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى قولىنى دۇئاغا سوزسا ئۇئىككى قولى بىلەن يۈزىنى سىلىماستىن قوللىرىنى چۈشۈرمەيتتى». بۇ ھەدىسنى ئىمام تىرمىزى ئېنىقلاپ چىقارغان بولۇپ (ئىبنى ھەجەر) "بۇلۇغۇلمەرام" كىتابىدا بۇھەدىس بايانىدا مۇنداق دىگەن ، بۇھەدىسكە "ئەبۇداۋۇت " كىتابىدا ۋە باشقىسىدا ئىسپاتلار بار بولۇپ خۇلاسىسى بۇھەدىسنىڭ ھەسەن ھەدىس ئىكەنلىكىنى تەقەززا قىلىدۇ.

"باشقىسىغا قوشۇلۇپ ھەسەن" دەپ ئاتىلىشى، ھەدىسنىڭ ھەربىريوللىرىغا ئايرىم قارىغاندا ھەدىس "ھەسەن" لىك دەرىجىسىگە يەتمىگەن ئەمما ھەممە يوللىرىنى بىرلەشتۇرۇپ قارىغانداكۈچلىنىپ، بۇ دەرىجىگە يەتكەندۇر.

ج. زەئىپ ھەدىس بولسا، "سەھى" بىلەن "ھەسەن"نىڭ شەرتلىرىدىن خالى بولغان ھەدىستۇر. بۇنىڭ مىسالى : «كىشىلەردىن يامان تەرىپىنى ئويلاپ ساقلىنىڭلار» دىگەن ھەدىستۇر.

زەئىپ ھەدىسنى تونۇشنىڭ يوللىرىدىن بىرى : يالغۇز ئۇقەيلى، ياكى يالغۇز ئىبنى ئەدى، ياكى يالغۇز خەتىبۇل بەغدادى رېۋايەت قىلغان بولسا ۋە ياكى ئىبنى ئەساكىر ئۆزىنىڭ "تارىخ" كىتابىدا ۋە دەيلەمى "مۇسنەد ئەل پىردەۋس" كىتابىداكەلتۇرگەن بولسا شۇنداقلا "سۇنەن" كىتابىنىڭ تۇزگۈچىسى ئىمام تىرمىزى ئەمەس بەلكى تىرمىزى ئەلھەكىم (دەپ ئاتالغان ھەدىسشۇناس سۇپى ) "نەۋادىرۇل ئۇسۇل كىتاۋىدا كەلتۇرگەن بولسا ۋە ياكى ھاكىم ۋە ئبنى جارۇد ئۆزلىرىنىڭ "تارىخ" كىتاپلىرىدا يازغان بولسا زەئىپ ھەدىس بولىدۇ.

4- "زەئىپ" تىن باشقا "ئاھاد" خەبەرلىرىنىڭ پايدىسى .

بىرىنچى : نەقىل قىلىنغان كىشى (رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام)غا مەنسۇپ بولۇشنىڭ ساغلاملىقى كۈچلۈك بولۇشتىن ئىبارەت  (ئەززەن) تونۇش، بولۇپ بۇ يۇقۇردىكى دەرىجىلەربويىچە ھەرخىل بولىدۇ، تونۇشلۇق ئىشارىلەر ۋە ئاساسلاردىن پاكىتلىرى تېپىلسا(تونۇشلا ئەمەس) ئىلم بىرىشىمۇ مۇمكىن . 

ئىككىنچى: ئەگەر خەۋەربولسا كۆرسەتمىسىنى تەستىقلاش ۋە ئەمەل قىلىش، ئەگەرتەلەپ(بۇيرۇق) بولسا ئىجراقىلىشتۇر.

ئەمما زەئىپ (ئاجىز) ھەدىس بولسا، (ئەززەن دىن ئىبارەت) تونۇشنىمۇ ئىپادلىيەممەيدۇ، ئەمەل قىلىشقا بايدىسىمۇ يوق ۋە دەلىلمۇ ھىساپلانمايدۇ، شۇنداقلا قىززىقتۇرۇش ياكى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن (ھىكمەتلىك سۆزئورنىدا) قوللۇنۇشتىن باشقا زەئىپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلماي تۇرۇپ تىلغا ئېلىشقىمۇ بولمايدۇ. بىر تۈركۈم ئالىملار تۆۋەندىكى ئۈچ شەرت بىلەن ئۇنى تىلغا ئېلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىگىنى كۆرسەتتى:

1-زەئىپ (ئاجىز) لىق دەرىجىسى بەك يۇقۇرى بولماسلىق.

2-تەرغىپ قىلىنۋاتقان ۋە ئاگاھلاندۇرۇلۋاتقان ئەمەلىنڭ ئاساسى ئەسلىدە پۇختا ھۆججەتلىك بولۇش.

3-بۇنى (يەنى زەئىپ ھەدىسنى ) رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئېيىتقان دەپ ئىتىقاد قىلماسلىق.

مۇشۇلارغا ئاساسەن ئۇنى تەرغىبات ئۈچۈن تىلغا ئېلىشنىڭ پايدىسى كۆڭۇللەرنى قىزىقتۇرۇلغان ياخشى ئىشقا جەلىپ قىلىش بولۇپ بۇنىڭدىن ساۋاپ ئۇمىت قىلىنىدۇ، ئەگەر كۈتۇلگىنى ھاسىل بولسا ياخشى، بولمىغاندىمۇ ئەمەل قىلغۇچىنىڭ ئىبادەتتە كۆرسەتكەن تىرىشجانلىقىغا زىيان سالمايدۇ، شۇنىڭدەك ئەسلىدىكى(توغرابولغان ئىش، بىدئەت ياكى خاتا بوپ قېلىپ)ساۋاپمۇ قولدىن كەتمەيدۇ. ئاگاھلاندۇرۇشتا قوللىنىلغاندىكى بايدىسى، ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىشقا نىسبەتەن كۆڭۈلنىڭ نەپرىتىنى قوزغاش ۋە يۈزبىرىدىغان ئازاپتىن قورقۇتۇش بولۇپ ئەگەرتىلغا ئېلىنغان ئازاپ يۈز بەرمىگەن تەقدىردىمۇ يىراقلاشقاننىڭ ھېچقانداق زىنى كەلمەيدۇ.

ئۆزى مۇستەقىل سەھىھ(ساغلام)دىگەن تونۇشتۇرۇشنىڭ شەرھىسى.

يۇقۇرىدا ئۆزى مۇستەقىل سەھىھ : دىگەندە، مۇكەممەل ئگىلىۋېلىش كۈچىگە ئىگە ئادىل بىر رېۋايەتچى ئۈزۈلمىگەن بىرتارىخى ھۆججەت بىلەن پۈچەكلىكتىن ۋە تەسىركۆرسىتىدىغان ئىللەتتىن خالى ھالدا رېۋايەت قىلغان ھەدىس كۆزدە تۇتىلىدۇ. دەپ بايان قىلىنغان بولۇپ بۇسۇپەتلەرنى مۇنداق چۈشىنىش لازىم.

1-''ئادالەت يەنى ئادىل بولۇش'' : دىگەندە دىندا ۋە ئىنسانى خۇلۇقتا ئىزچىل بولغان بولۇش.

دىندىكى ئىزچىللىق: پەرىزلەرنى تولۇق ئادا قىلىدىغان ۋە پاسىقلىق سۈپىتىگە ئىگە قىلىپ قويىدىغان ھەرقانداق ھارامدىن يىراق بولغان بولۇش.  ئىنسانى  خۇلۇقتىكى ئىزچىللىق: كىشىلەرياخشى دەپ ماختايدىغان بارلىق گۈزەل ئەدەپ- ئەخلاقنى ئۆزىگە ئوزلەشتۇرگەن ۋە كىشىلەر يامان دەپ ئەيىپلەيدىغان بارلىق يامان ئەخلاقلاردىن يىراق بولغان بولۇشتۇر.

رېۋايەتچىنىڭ ئادالەت سۈپىتىگە ئىگە بولىشىنى ئىمام بۇخارى، ئىمام مالىك ۋە ئىمان ئەھمەد كە ئوخشاش (بۇئىلىمدا)چۈنقۇر چۆككەنلەردىن بولۇشى ۋە مۇشۇ ساھەدە سۆزىنىڭ ئېتىبارلىق ئىكەنلىكىگە (ئاشۇنداق ئىماملاردىن بىرى) تىكىست قالدۇرغان بولۇشى ئارقىلىق تونىلىدۇ.

2- ''مۇكەممەل ئگىلىۋېلىش كۈچىگە ئىگە بولۇش'': دىگەندە ئاڭلىغان ياكى كۆرگىنىنى كەم-زىيادەسىز ئۆزپېتى يەتكۈزەيلىغان بولۇشتىن ئىبارەت بولۇپ ئىنتايىن ئاز خاتالىقلار بۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ،چۈنكى ئۇنىڭدىن ئىنسان خالى بولاممايدۇ.

رېۋايەتچىنىڭ مۇكەممەل ئىگىلىۋېلىش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىگىنى كۆپۇنچە ئەھۋالدا ئۇنىڭغا ئىشەنچىلىك يادلىغۇچىلار قوشۇلغان ۋە ئۇنىڭغا بۇ ساھەدىكى مۆتىۋەرلەر تىكىست قالدۇرغان بولۇشى بىلەن تونىلىدۇ.

3- ''ئۈزۈلمىگەن بىرتارىخى ھۆججەت'': دىگەندە ھەربىر رېۋايەتچى ئۆزى نەقىل قىلغان كىشىدىن بىۋاستە قۇبۇل قىلغان ياكى شۇنداق دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدىغان بولۇشتۇر.

بىۋاستە: دىگەن كۆرۇپ تۇرۇپ  ئاڭلاپ قۇبۇل قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ ئۇنىڭدا رېۋايەتچى'' ھەددەسەنى'' (يەنى پالانى ماڭا مۇنداق ھەدىس سۆزلەپ بەردى)، '' سەمىتۇ'' (پالانىدىن مۇنداق ئاڭلىدىم)، '' رەئەيتۇ'' (پالانىنىڭ مۇنداق قىلغانلىغىنى كۆردۇم) دىگەندەك ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن بولىدۇ.

شۇنداق ھۆكۈم قىلىشقا بولىدىغان بولۇش : دىگەن زامانداش كىشىدىن  كۆرۇپ ئاڭلىغانلىقىغا ئىھتىماللىق ئىپادلىنىدىغان ئىبارىلەر بىلەن نەقىل قىلغانلىق كۆزدە تۇتۇلۇپ ئۇنىڭدا رېۋايەتچى '' قالە پۇلان'' (پالانىنىڭ دىيىشچە)، '' ئەن پۇلان'' (پالانىدىن نەقىل قىلىنىشچە)، '' پەئەلە  پۇلان'' (پالانە مۇنداق قىلغان ئىدى) دىگەندەك ئىبارىلەرنى قوللانغان بولىدۇ.

زاماندىشى بىلەن بىۋاستە ئۈچراشقانلىقنى ئىسپاتلاش شەرت قىلىنامدۇ ياكى ئۈچرۇشۇش ئىمكانى بولۇش يىتەرلىكمۇ ؟ دىگەن مەسىلىدە ئىمام بۇخارى ئالدىنقىسىنى شەرت قىلدى، ئىمام مۇسلىم كېيىنكىسىنى شەرت قىلدى.

ئىمام نەۋەۋى، ئىمام مۇسلىم توغرىسىدا نەقىل قىلىپ ئېيتىشچە بۇساھەدە ئىزدەنگۈچىلەرئىمام مۇسلىمنىڭ يۇقۇرقى قارىشىنى  ئىنكارقىلىپ مۇنداق دىگەن:بۇخىل مەزھەپ بار دەيدىغان ھۆكۈمنى ئىھتىمالدىن يىراق قىلىدىغان دەرىجىدە ھەدىس ئېنىقلاش يوللىرى كوپ بولغانلىقتىن بىزگەرچە ئىمام مۇسلىمنى ئۆزكىتابى ''سەھىھ مۇسلىم'' دا ئۆزى دۇرۇس دىگەن بۇ ئۇسۇلنى قوللاندى دەپ ھۆكۈم بەرمەيدىغان بولساقمۇ ئاللاھ ئەڭ بىلگۈچىدۇر.

بۇپىكىرنىڭ ئورنى ''مۇدەللىس''تىن باشقا ھەقتە دۇر، ئەمما ''مۇدەللىس'' بولسا كۆرگەنلىكىنى ياكى ئاڭلىغانلىقىنى ئوچۈق ئېيىتمىغان ئەھۋالدا ئۇنىڭ ھەدىسىنى ئۈزۈلمەي كەلدى دەپ ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ.

تارىخى ھۆججەتنىڭ ئۈزۈلمىگەن ھالدا كەلمىگەنلىكىنى تۆۋەندىكى ئىككى ئىش ئارقىلىق بىلىمىز:

بىرىنجى:رېۋايەت قىلغۇچى بالاغەت يېشىغا يىتىشتىن بۇرۇن رېۋايەت قىلىنغۇچى ئۆلۈپ كەتكەنلىگىنى بىلىش.

ئىككىنچى :رېۋايەت قىلغۇچى ياكى ھەدىس پىشىۋالىرىدىن بىرسى رېۋايەتچى رېۋايەت قىلىنغۇچى بىلەن ئۈچراشمىغان، ياكى ئۆزى بىۋاستە ئاڭلىمىغان ۋە ياكى ئۆزى رېۋايەت قىلغان نەرسىنى نەق كۆرمىگەن دەپ تىكىست قالدۇرغان بولۇش.

4- ''پۈچەكلىك'' دىگەندە ئىشەنچىلىك بىر رېۋايەتچى(ئۆزرېۋايىتىدە)، ئادالەت دەرىجىسىدە ياكى ئىگىلىۋېلىش قابىلىيىتى ۋە سان جەھەتتە ۋە ياكى رېۋايەت قىلىنغۇچىنىڭ خىزمىتىدە بولۇش دىگەندەك ئىشلاردىن بىرەسىدە ئۆزىدىن كۈچلۈكراق بىركىشىگە ئوخشىماي قېلىشتىن ئىبارەتتۇر.

بۇنىڭ مىسالى : زەيت ئوغلى ئابدۇللاھنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارىتىنىڭ سۈپىتى توغرىسىدىكى ھەدىسى بولۇپ ئۇنىڭدا مۇنداق كەلگەن:« پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ قولىنى يۇغان سۇدىن باشقا سۇ بىلەن بېشىغا مەسىھ قىلاتتى». ئىمام مۇسلىم بۇھەدىسنى ئىبنى ۋەھبى يولى بويىچە مۇشۇ ئىبارە بىلەن نەقىل قىلغان بولسا، ئىمام بەيھەقى ھەم ئوخشاش يول بويىىچە :«پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئىككى قۇلىقىغا ئۆزىنىڭ بېشىغا ئالغاندىن باشقا سۇ ئالدى». دىگەن ئىبارىدە رېۋايەت قىلدى. دىمەك ئىمام بەيھەقىنىڭ رېۋايىتى ''پۈچەك'' دۇر. چۈنكى ئۇنىڭ ئىبنى ۋەھبىدىن نەقىل قىلغان رېۋايەتچىسى ئىشەنچىلىك بولسىمۇ لىكىن ئۇنىڭ رېۋايەت ئىبارىسى (ئوخشاش يولدىن نەقىل قىلغان)ئۆزىدىن كۈچلۈكراق بولغان كىشىگە ئوخشىماي قالدى. دەرۋەقە  بىرتوپ كىشىلەرئىمام مۇسلىمنىڭ ئىبنى ۋەھبىدىن قىلغان رېۋايەت ئىبارىسى بويىچە رېۋايەت قىلىشتى، بۇلارغا ئاساسەن بەيھەقىنىڭ رېۋايىتى گەرچە رىۋايەتچىلىرى ئىشەنچىلىك بولسىمۇ سەھىھ بولالمىدى . چۈنكى ئۇ ''پۈچەكلىك''تىن خالى بولالمىدى.

5-''تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىللەت'' : دىگەندە ھەدىسنى تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۇنى قۇبۇل قىلشقا تەسىر يەتكۈزىدىغان تۆۋەندىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرىنىڭ ئاشكارا بولىشى بولۇپ ئۇلار:

ئۇ ھەدىسنىڭ ''مۇنقەتى''(ئۈزۈك)بولۇشى، ياكى مەۋقۇفف(ساھابىنىڭ پىكرى)بولىشى، ياكى رېۋايەتچىنىڭ پاسىق بولىشى، ياكى مۇھاپىزەت كۈچى ناچاربولىشى، ۋە ياكى بىدئەتچى بولۇپ ھەدىس ئۆزبىدئىتىنى كۈچلەندۇرىدىغان بولۇشى قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئىللەتلەردىن بىرەسى كۆرۇلسە دىمەك ئۇ ھەدىسنى بۇچاغدا سەھىھ  دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى (يۇقۇردىكى تەسىريەتكۈزگۈچى ئىللەتلەردىن سالامەت قالاممىغانلىقى ئۈچۈن.

بۇنىڭ مىسالى: ئۇمەرئوغلى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنۇ ھەدىسى بولۇپ ئۇنىڭدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن «ھەيزدار ۋە جىنابەتتىكى كىشى قۇرئاندىن بىرنەرسە ئۇقۇپ قالمىسۇن!». بۇھەدىسنى ئىمام مۇسلىم رېۋايەت قىلغان بولۇپ ئۇ مۇنداق دىگەن: بۇھەدىسنى ئىياش ئوغلى ئىسمائىلنىڭ ئۇقبە ئوغلى مۇسا دىن ..ئاخىرىغىچە رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدىن باشقا نۇقتىدىن ئىگەللىيەلمىدۇق.

دىمەك تارىخى ھۆججەت ساغلامدەك بولسىمۇ لىكىن ئىسمائىلنىڭ ھىجازلىقلاردىن نەقىل قىلىشى زەئىپتۇر، بۇ مۇشۇ نۇقتىدىن بولۇپ بۇنىڭغا ئاساسەن بۇھەدىس تەسىركۆرسەتكۈچى ئىللەتتىن سالامەت بولالمىغانلىقى ئۈچۈن سەھىھ ئەمەستۇر.

ئەگەر ئىللەت تەسىر كۆرسىتىدىغان بولمىساھەدىسنى ''سەھىھ ''ياكى ''ھەسەن'' لىكتىن چەكلىمەيدۇ.

مەسىلەن: ئەبۇئەييۇب ئەلئەنسارى رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ ھەدىسىغا ئوخشاش بولۇپ ئۇنڭدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:«كىمكى رامىزان روزىسىنى تۇتۇپ ئاندىن ئۇنىڭغا شەۋۋالدىن ئالتە(كۈن )نى ئەگەشتۇرۇپ(روزا)تۇتسا بىريىل روزا تۇتقاندەك بولىدۇ». بۇھەدىسنى ئىمام مۇسلىم سەئىد ئوغلى سەئد تىن رېۋايەت قىلغان بولۇپ سەئىد ئوغلى سەئدنى ئىمام ئەھمەد زەئىپ دىگەنلىكى ئۈچۈن بۇھەدىس ئىللەتلەنگەن ئەمما بۇ ئىللەت تەسىركۆرسەتكۈچى ئەمەس. چۈنكى ئۇنى باشقائىماملارئۇنىڭ ئىزدىنىشلىرى بولغانلىقتىن ئىشەنچىلىككە چىقارغان شۇنداقلا ئىمام مۇسلىم ئۆزىنىڭ "سەھىھ" كىتابىدا كەلتۇرگەنلىكى بۇھەدىسنىڭ ئۇنىڭ نەزىرىدە سەھىھ ئىكەنلىكىنى ۋە يۇقۇردىكى ئىللەتنىڭ تەسىركۆرسەتكۈچى ئەمەسلىگىنى كۆرسىتىدۇ.

بىرھەدىستا ھەسەن ۋە سەھى سۈپىتىنىڭ يىغىلىشى .

يۇقۇرىدا(باشقىسىغا قوشۇلۇپ سەھى بولغان) سەھى ھەدىس بىلەن (ئۆزى مۇستەقىل) ھەسەن ھەدىس سۇپەدداشلىققا ئىگە بولسىمۇ يەنىلا ئىككى تۈرلۈك بولىدىغانلىغىنى زىكرى قىلغان، لېكىن بەزىدە بىزگە بىرھەدىسنىڭ سەھى ۋە ھەسەن دەپ سۈپەتلەنگەنلىكى ئۈچرايدۇ، بۇئىككىسى ئىككى تۈرلۈك سۈپەت تۇرسا بىرھەدىستا تەڭ مەۋجۇت بولىشىنى قانداق مۇۋاپىقلاشتۇرىمىز؟

جاۋاپ شۇكى ئەگەر (بۇنداق قوش سۈپەتلىك )ھەدىسنىڭ (نەقىل قىلىنىپ كەلگەن )يولى ئىككى بولسا دىمەك بۇئىككى يولنىڭ بىرسى سەھى يەنە بىرسى ھەسەن بولۇپ ھەربىريولنىڭ ئىتىبارى بىلەن ئىككى سۈپەتنى ئۆزىدە توپلىغان بولىدۇ.

ئەگەر(بۇنداق قوش سۈپەتلىك)ھەدىسنىڭ (نەقىل قىلىنىپ كەلگەن )يولى بىر بولسا دىمەك ئۇ، بۇ ھەدىس سەھىلىك دەرىجىسىگە يەتتىمۇ ياكى ھەسەنلىك دەرىجىسىدىمۇدىگەن ئىككىلىنىش بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

 (ھەدىستىكى)تارىخى ھۆججىەت ئۈزۈكلىگى .

تارىخى ھۆججەت ئۈزۈكلىگىنى تونۇشتۇرۇش، ئۇنىڭ قىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ ھۆكمى.

1-تارىخى ھۆججەت ئۈزۈكلىگى :

بۇ تارىخى ھۆججىتى(پەيغەمبىرىمىزگىچە )ئۈزۈلمەي يىتىپ بارالمىغان ھەدىس بولۇپ، يۇقۇرىدا سەھى ۋە ھەسەن ھەدىسنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى ئۈزۈلمىگەن تارىخى ھۆججەتكە ئىگە بولۇش ئىكەنلىگى ئۆتكەن ئىدى.

2-تارىخى ھۆججەت ئۈزۈكلىگى تۆت قىسىم بولۇپ ئۇلار:

مۇرسەلۇن ، مۇئەللەقۇن، مۇئەززالۇن ۋە مۇنقەتىئۇن قاتارلىقلاردۇر.

مۇرسەلۇن : دىگەن بىرەرساھابى ياكى بىرەرتابىئىننىڭ ئۆزى بىۋاستە ئاڭلىمىسىمۇ(رەسۇلۇللاھ مۇنداق دىگەن ئىكەن دەپ ئۆزى ئاڭلىغان كىشىنى ئاتىماستىن بىۋاستە)پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا كۆتۇرۇپ نەقىل قىلىغان ھەدىستۇر.

مۇئەللەقۇن: دىگەن تارىخى ھۆججىتىنىڭ باش تەرىپى قىسقارتىلغان ھەدىستۇر.

بەزىدە تارىخى ھۆججىتى پۈتۈنلەي قىسقارتىلغان ھەدىسمۇ كۆزدە تۇتىلىدۇ، مەسىلەن ئىمام بۇخارىنىڭ: <پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەرقانداق چاغلىرىدا ئاللاھنى زىكرى قىلىپ تۇراتتى > دىگەن سۆزىگە ئوخشاش.

ئەمما '' ئەلئۆمدە'' كىتابىنىڭ ئاپتۇرىغا ئوخشاش ئاپتۇرلارنىڭ (بىرھەدىسنى) مەسىلەن، ئۆزئەسلىگە نىسبەت بىرىپ تۇرۇپ تارىخى ھۆججىتىنى قىسقارتىپ قىلغان نەقىللىرىگە ''مۇئەللەق '' دەپ ھۆكۈم قىلىنمايدۇ، چۈنكى نەقىل قىلغۇچى تارىخى ھۆججەت بولىدىغان كىشى ئەمەس بەلكى(ئەسلىگە مەنسۇپ) بىرتارماقتۇر، تارماق ئەسلىنىڭ ھۆكمىدە دۇر.

مۇئەززالۇن: دىگەن تارىخى ھۆججىتىدىكى رېۋايەتچىلەردىن كەينى-كەينىدىن ئىككى ۋە ئۇنىڭدىن كۇپ رېۋايەتچى قىسقارتىلغان ھەدىستۇر.

مۇنقەتىئۇن: دىگەن رېۋايەتچىلىرى ئىچىدىن كەينى كەينىدىن بولمىسىمۇ بىر ياكى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆوپ رېۋايەتچى قىسقارتىلغان ھەدىستۇر.

بەزىدە ھەرقانداق رېۋايەتچىسى تولۇق تۇتىشالمىغان ھەدىس كۆزدە تۇتىلىدىغان بولۇپ بۇچاغدا تۆرت قىسىمنىڭ ھەممىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ مىسالى ئىمام بۇخارى رېۋايەت قىلىپ ئېيتقان مۇنۇ ھەدىستۇر:

بىزگە ھۇمەيدى زۇبەيرئوغلى ئابدۇللاھتىن ھەدىس سۆزلەپ بەردى ئابدۇللاھنىڭ دېيىشچە ئۇنىڭغا سۇف فيان ھەدىس سۆلەپ مۇنداق دىگەن، بىزگە سەئىيدىل ئەنسارى ئوغلى يەھيا ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دىگەن ،  ماڭا ئىبراھىم ئەتتەيمى نىڭ ئوغلى مۇھەممەد ئۆزىنىڭ ۋەققاس ئەللەيسى ئوغلى ئەلقەمەنىڭ مۇنداق دەۋاتقانلىغىنى ئاڭلىغانلىغىدىن خەۋەر بەردى، ئۇمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنبەردە مۇنداق دەۋاتقانلىغىنى ئاڭلىدىم ،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم «ئەمەللەر پەقەتلا نىيەتلەرگە باغلىقتۇر، ...».

ئەگەر بۇھەدىستىن ئۇمەر ئىبنى خەتتاپ قىسقارتىلسا ئۇچاغدا بۇھەدىس مۇرسەل بولىدۇ.

ئەگەر ھۇمەيدى قىسقارتىلسا مۇئەللەق بۇلىدۇ.

ئەگەرسۇفيان بىلەن سەئىيد ئوغلى يەھيا قىسقارتىلسا مۇئەززال بولىدۇ.

ئەگەرئۇنىڭدىن سۇفيان بىلەن تەيمى ياكى سۇفيان يالغۇز قىسقارتىلسا مۇنقەتى بولىدۇ.

3-تارىخى ھۆججەت ئۈزۈكلىكىنىڭ ھۆكمى:

قىسقارتىلىنغۇچىنىڭ ئەھۋالى ئېنىق بولمىغاچقا تۆۋەندىكىلەردىن باشقا تارىخى ھۆججەت ئۈزۈكلكى تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى قۇبۇل قىلىنمايدۇ.

1-ساھابىدىن بولغان مۇرسەل.

2-كۆپۈنچە ئالىملارنىڭ قارىشچە تابىئىنلارنىڭ چوڭلىرىنىڭ مۇرسەللىرىمۇ ئەگەر ئۇنى كۈچلەندۇرىدىغان باشقا بىرمۇرسەل ياكى بىرەر ساھابىنىڭ ئەمىلى ئىشى ياكى قىياسى بولسا قۇبۇل قىلىنىدۇ.

3-مۇئەللەقمۇ ئەگەر جەزىم شەكلىدە كىلىپ ''سەھىھۇلبۇخارى'' غا ئوخشاش سەھىلىك مەسىلىسى چىڭ تۇتۇلغان كىتاپتا كەلسە قۇبۇل قىلىنىدۇ.

4-قايسى بىرتۈر بولسۇن ئۇنىڭ قۇبۇل قىلىش شەرتلىرى تولۇق ۋە تارىخى ھۆججىتى ئۈزۈلمەي كەلگەن يەنە بىريولى بولسا قۇبۇل قىلىنىدۇ.

التدليس

تەدلىسنى تونۇش، ئۇنىڭ قىسىملىرى، بۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانغۇچى بىرقىسىم كىشىلەر ۋە ئۇنىڭ ھۆكمى.

1-تەدلىس دىگەن (لۇغەت جەھەتتە ئالدامچىلىق مەنىسىدە بولۇپ)ھەدىس ئىلمىدا بىرھەدىسنىڭ تارىخى ھۆججىتى ئەمەلى ئەھۋالدىن ئۈستۈن تۇيغۇ بىرىدىغان شەكىلدە كېلىشىنى كۆرسىتىدۇ.

2-تەدلىس ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ، بۇلار:

تەدلىس ئەلئىسناد (تارىخى ھۆججەتتىكى كۆپتۈرۈش).

تەدلىس ئەلشۇيۇخ (ھەدىس پىشىۋالىرىدىكى كۆپتۈرۈش).

تەدلىس ئەلئىسناد بولسا رېۋايەتچى ئۆزى ئۈچراشقان بىركىشىنىڭ ئۆزى ئاڭلىمىغان سۆزىنى ياكى كۆرمىگەن ھەركىتىنى، ئاڭلىغان ياكى كۆرگەندەك بىر تۇيغۇ بىرىدىغان ، پالانى مۇنداق دېدى ياكى پالانى مۇنداق قىلدى دىگەندەك ئىبارە بىلەن يەتكۈزىشىنى كۆرسىتىدۇ.

تەدلىس ئەلشۇيۇخ بولسا رېۋايەتچى ئۆزئۈستازىدىن ئۆزىنىڭ كىچىك ئىكەنلىكىنى، ياكى ئۈستازلىرىنىڭ كۆپلىگىنى نامايان قىلىش مەخسىدىدە ۋەياكى باشقا مەخسەتلەردە ئۇ ئۈستاز مەشھۇر بولمىغان سۈپەتلەربىلەن سۇپەتلەپ ياكى ئالاھىدە قىلىپ تىلغا ئېلىپ گۇيا باشقا بىركىشىدەك تۇيغۇ پەيدا قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.

3-تەدلىس بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاركۆپ بولۇپ بۇلارنىڭ ئىچىدە زەئىپ(يەنى ئاجىزسۈپىتىگە ئىگە)لەرمۇ ۋە ئىشەنچىلىكلەرمۇ بار، مەسىلەن : ھەسەن بەسرى ، ھۇمەيد ئەتتەۋىل، سۇلايمان بىننى مەھران ئەلئەئمەش، مۇھەممەد بىننى ئىسھاق ۋە  ۋەلىد بىننى مۇسلىم، قاتارلىقلار بولۇپ، ھاپىز ئىبنى ھەجەر بۇلارنى بەش دەرىجگە ئايرىغان.

بىرىنچى يەھيا بىننى سەئىد  غا ئوخشاش بۇ سۇپەت بىلەن ناھايىتى ئازلا سۇپەتلەنگەنلەر.

ئىككىنچى بۇ سۇپەت بىلەن سۇپەتلىنىش ئىھتىمالى بولغان پىشىۋالار ۋە پىشىۋا بولغانلىقى ئۈچۈن  سەھىھ ھەدىس كىتاپلىرىدا ئۇنىڭ رېۋايەتلىرى چىقىرىلغان شۇنداقلا رېۋايەت قىلغان نەرسىلىرىدىكى تەدلىس (كوپتۈرۈش)ئاز بولغان  كىشىلەر. مەسىلەن : سۇفيان ئەسسەۋرى غا ئوخشاش. ۋە ياكى پەقەت ئىشەنچىلىكلەردىن نەقىل قىلغاندىلا تەدلىس (كۆپتۈرۈش)قىلىدىغان كشىلەردۇر . مەسىلەن :سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە گە ئوخشاش.

ئۈچىنجى ئىشەنچىلىكلەرگە باغلانمىغان ھالدا تەدلىس (كۆپتۈرۈش)نى كۆپ قىلغان كىشىلەر. ئەبىززۇبەير ئەلمەككى غا ئوخشاش.

تۇتىنچى ئېنقسىز ۋە زەئىپ  كىشىلەردىن نەقىل قىغاندا تەدلىسنى كوپ قىلغان كىشىلەر. بەقىييە بىننى ۋەلىد غا ئوخشاش.

بەشىنچى تەدلىستىن باشقا ئۇنىڭغا يەنە بىرئىش سەۋەپلىك زەئىپلىك قوشۇلغان كىشىلەر. ئابدۇللاھ بىننى لۇھەيئە گە ئوخشاش.

4-تەدلىس نىڭ ھۆكمى.

ئىشەنچىلىك بولمىغان شۇنداقلا ئۆزى رېۋايەت قىلغان كىشىدىن بىۋاست ئالغانلىقىنى نامايان قىلىپ ،پالانىنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، ياكى پالانىنىڭ مۇنداق قىلغانلىقىنى كۆردۇم ۋە ياكى پالانى ماڭا مۇنداق ھەدىس سۆزلەپ بەردى دەيدىغان تەدلىس(كوپتۈرۈش) قىلغۇچىلارنىڭ ھەدىسى قۇبۇل قىلىنمايدۇ. لېكىن سەھى بۇخارى ۋە سەھى مۇسلىمدىن ئىبارەت سەھى كىتاپتا  تەدلىس (كۆپتۈرۈش)شەكلىدە كىلىپ تەدلىس قىلغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىلىكلىرىدىن نەقىل قىلىنغان ھەدىس قۇبۇل قىلىنىدۇ، چۈنكى ئۈممەت ئۇئىككى كىتاپتىكىنى تەپسىلاتسىز (ئۇمۇمەن)قۇبۇل قىلغان.

ئەلمۇزتەرىب.

مۇزتەرىب (تۇراقسىزلىق)نى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ھۆكمى.

1-مۇزتەرىب دىگەن (لۇغەتتە تۇراقسىزلىق مەنىسىدە بولۇپ ھەدىس ئىلمىدا)تارىخى ھۆججىتىدىكى رېۋايەتچىلەردە ياكى شۇ ھەدىسنىڭ تىكىستىدە ئوخشىماسلىقلار كۆرۇلۇپ ئۇنى بىر-بىرىگە ماسلاشتۇرۇپ بىريەرگە ئەكىلىش ياكى قايسىسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىگىنى بىكىتىش مۇمكىن بولمىغان ھەدىستۇر.

بۇنىڭ مىسالى: ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇئەنھۇرېۋايەت قىلغان مۇنۇھەدىس بولۇپ ئۇنىڭدا ئەبۇبەكرى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامغا چاچ-ساقاللىرىدا ئاقلارنى كۆرۋاتىمەنغۇ! دىگەندە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن «مىنى ھۇد ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى قېرىتۋەتتى». بۇھەدىستا ئونغا يېقىن نۇقتىدا ئوخشىماسلىقلاركۆرۇلگەن بولۇپ، مۇرسەل شەكلىدىمۇ،مەۋسۇل شەكلىدىمۇرېۋايەت قىلىنغان، شۇنداقلا تارىخى ھۆججىتىدىكى كىشىلەردە ئەبۇبەكرىدىنمۇ، ئائىشە دىنمۇ ۋە سەئد دنىمۇ رېۋايەت قىلىنغان،(ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن!). يەنە بۇندىن باشقا ئوخشىماسلىقلارمۇ بولۇپ بۇلارنى مۇناسىپ ھالدا بىرنۇقتىغا توپلاش ياكى قايسىسىنىڭ كۈچلۈكلىگىنى بىكىتىش مۇمكىن بولمىغان.

ئەگەرمۇناسىپ ھالدا بىرنۇقتىغا توپلاش مۇمكىن بولسا چوقۇم شۇنداق قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، ۋە مۇزتەرىب (تۇراقسىزلىق) يوقىلىدۇ.

بۇنىڭ  مىسالى: پەيغەمبەرسەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋىدالىشىش ھەججىدە قىلغان ئىھرامى توغرىسىدىكى رېۋايەتلەردە ئوخشىماسلىقلار بولۇپ ئۇنىڭ بەزىسىدە ئۇزات ھەجگىلا ئىھرام باغلىغان دەپ كەلسە بەزىسىدە تەمەتتۇئ( يەنى ھەج تەمەتتۇئ) قىلغان دەپ كەلگەن، يەنە بەزىسىدە بولسا ئۆمرە بىلەن ھەج ئارىسنى قىران قىلغان (يەنى ھەج قىران قىغان)دەپ كەلگەن. بۇتوغرىدا شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىييە مۇنداق دىگەن : بۇرىۋايەتلەر ئارىسىدا قارمۇ-قارشىلىق يوق، چۇنكى رەسۇلۇللاھ تەمەتتۇئنى قىران تەمەتتۇئى قىلغان (يەنى تەمەتتۇئ ۋە قىران ھەججىنى بىراقلا قىلغان )ۋە يالغۇزھەج ئەمەللىرىنىلا  ئادا قىلغان. (يەنى) ئۆمرە بىلەن ھەجنى يانداشتۇرۇپ قىلغاچقا ھەججى قىران قىلغان بولسا ئىككى تاۋاپ ۋە ئىككى سەئيىنىڭ بىرىنىلا قىلغانلىق ئىتىبارى بىلەن ھەججى مۇپرەد (يالغۇزھەج)قىلغان بولدى، شۇنداقلا ئىككى سەپەرنىڭ بىرىنى قىسقارتىپ راھەتلىنىشى ئىتىبارى بىلەن ھەججى تەمەتتۇئ قىلغان بولدى.

ئەگەر بىرىنى كۈچلەندۇرۇش مۇمكىن بولسا ھەم مۇزتەرىب(تۇراقسىزلىق)يوق بولىدۇ.

بۇنىڭ مىسالى: بۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھا توغرىسىدىكى ھەدىس بولۇپ بۇنىڭدا ئۇ ئازات قىلىنغان چاغدا رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا ئۆز ئىرى بىلەن قېلىش ياكى ئايرىلىش ئىختىيارلىقى بەرگەن ئىدى. بۇئايالنىڭ ئىرى قۇل كىشىمىدى ياكى ئازات كىشىمىدى ؟

ئەسۋەد ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن قىلغان رېۋايەتتە ئۇكىشىنى ھۆرئادەم ئىدى دەپ كەلگەن،شۇنداقلا زۇبەيرئوغلى ئۇرۋە، ۋە مۇھەممەد بىننى ئابابەكرىنىڭ ئوغلى قاسىم دىن قىلىنغان رېۋايەتتە ئۇئادەم قۇل ئىدى دەپ كەلگەن، بۇئىككىسىنىڭ رېۋايىتى ئەسۋەدنىڭ رېۋايىتىدىن كۈچلۈك ھىساپلاندى چۈنكى ئۇئايال ئۇرۋەنىڭ ئانا تەرەپ ھاممىسى قاسىمنىڭ دادا تەرەپ ھاممىسى بولۇپ ئۇئىككىسىگە ئۇرۇق- تۇققان كىلەتتى، ئەسۋەد بولسا يات ئىدى،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ رېۋايىتىدە ئۈزۈكلۈك بارئىدى.

2-مۇزتەرىب(تۇراقسىزلىق)نىڭ ھۆكمى.

مۇزتەرىپ(بولغان ھەدىس)زەئىپ بولۇپ ھۆججەت قىلىشقا بولمايدۇ،چۈنكى ئۇنڭدىكى ئىزتىراب (تۇراقسىزلىق) ھەدىس رېۋايەتچىسىنىڭ مۇكەممەل ئىگىلىۋېلىش كۈچىگە ئىگە بولمىغىنىنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن ئىزتىراب (تۇراقسىزلىق) ھەدىسنىڭ ئاساسىغا يىتىپ بارمىغىدەك بولسا زىنى يوق.

بۇنىڭ مىسالى: ئۇبەيد ئوغلى پۇزالە رەزىيەللاھۇئەنھۇھەققىدىكى ھەدىسنىڭ رېۋايىتىدىكى ئوخشىماسلىقلار بولۇپ ئۇنىڭداكىلىشچە خەيبەركۈنى پۇزالە ئون ئىككى دىنارغا ئالتۇن بىلەن يىپقاتىزىلغان مارجىنى بار بىربۇلاپكا سېتىۋالغان،ئۇنىڭ دىيىشچە مەن بۇ بۇلاپكىنى چۇۋىغان چېغىمدا ئۇنىڭدىن ئون ئىككى دىنارلىقتىن كوپ نەرسە چىقتى مەن بۇنى رەسۇلۇللاھ غا يەتكۈزدۈم ئۇزات مۇنداق دېدى: «چۇۋۇماي سېتىشقا بولمايدۇ». بەزى رېۋايەتلەردە ئۇ سېتىۋالغان دەپ كەلسە بەزىسىدە ئۇنىڭدىن سېتىۋالغانلىقى توغرىسىدا باشقا بىرى سورىغان دەپ كەلگەن، يەنە بەزى رېۋايەتلەردە ئۇبۇلاپكا ئالتۇن ۋە تىزىق مارجان دەپ كەلسە بەزىسىدە ئالتۇن ۋە گۆھەر دەپ كەلگەن، يەنە بەزى رېۋايەتتە تىزىق مارجان بىلەن ئېسىلغان ئالتۇن دەپ كەلگەن، شۇنداقلا بەزى رېۋايەتلەردە ئون ئىككى دىنار دەپ كەلسە يەنە بەزى رېۋايەتتە ئون توققۇزدىنار دەپ كەلگەن يەنە بەزىسىدە يەتتە دەپ كەلگەن .

بۇھەدىس توغرىسىداھاپىز ئىبنى ھەجەرمۇنداق دىگەن :مەزكۇر(ئوخشىماسلىق)لاربۇھەدىسنىڭ ئاجىزلىقىنى كەلتۇرۇپ چىقارمايدۇ،بەلكى (بۇلاپكىنىڭ ھەرخىل قىممەتتىكى بويۇملىرىنى چۇۋۇپ) ئايرىماي تۇرۇپ سېتىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىدىن ئىبارەت دەلىل ئېلىش كۆزلەنگەن ئاساس تەسىرگە ئۈچرىماي ساقلانغانلىغىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق، (بۇلاپكىنىڭ )ئىشلەنگەن ماتىريالى، باھا مىقدارى قاتارلىقلارنىڭ بۇھەدىس(تىكى ئاساس)بىلەن ئالاقىسى يوق، بۇنداق ئەھۋالدا ئىزتىراب (تۇراقسىزلىق) نى كەلتۇرۇپ چىقارمايدۇ.

شۇنىڭدەك  رېۋايەتچىنىڭ مەۋجۇتلىغىدا بىرلىككە كىلىنگەن بولسا ئۇنىڭ ئىسمى، تەخەللۇسى ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەردە يۈزبەرگەن ئوخشىماسلىقلار ئىزتىراب(تۇراقسىزلىق)كەلتۇرۇپ چىقارمايدۇ، بۇنداق ئەھۋاللار سەھى ھەدىسلاردىمۇ كوپ ئۈچرايدۇ.

ئەلئىدراج فىلمەتنى:

ھەدىس تىكىستىدىكى قىستۇرما:

ھەدىس تىكىستىدىكى قىستۇرمىنى تونۇشتۇرۇش . ئۇنىڭ ئورنى ۋە مىساللىرى . قىستۇرما ئىكەنلىكىگە قاچان ھۆكۆم قىلىنىدۇ(قاتارلىقلار).

1-"ھەدىس تىكىستىدىكى قىستۇرما " نى تونۇشتۇرۇش:

"ھەدىس تىكىستىدىكى قىستۇرما" بولسا ھەدىس رېۋايەتچىلىرىنىڭ بىرى، شۇھەدىستىكى بىرەرسۆزنى ئىزاھلاپ، ياكى ھەدىس مەزمۇنىدىن ھۆكۆم خۇلاسلەپ ۋە ياكى ھەدىستىكى بىرەرھىكمەتنى بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىكەنلىگىنى كۆرسەتمەستىن ھەدىسقا قوشقان (قىسقا)سۆزدۇر.

2-ئۇنىڭ ئورنى ۋە مىساللىرى:

ھەدىس تىكىستىدىكى قىستۇرما، ھەدىسنىڭ باش تەرىپىدە، ياكى ئوتتۇرىسىدا ۋە ياكى ئاخىرىدا كىلىدىغان بولۇپ ئۇنىڭ مىساللىرى تۆۋەندىكىچە:

باش تەرىپىدە كىلىشنىڭ مىسالى، ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نىڭ : «تەرەتنى چۆكتۈرۈپ (مۇكەممەل) ئېلىڭلار، ئالا قويغان يەرلەرگە دوزاخ ئوتىدىن ۋاي !» دىگەن ھەدىسىنىڭ باش قىسمىدىكى"تەرەتنى چۆكتۈرۈپ (مۇكەممەل)ئېلىڭلار" دىگەن سۆز، ئەبۇھۇرەيرىنىڭ ئۆزىنىڭ سۆزى بولۇپ بۇنى ئەبۇھۇرەيرىنىڭ بۇخارىدىكى يەنەبىررېۋايىتى بايان قىلىپ بىرىدۇ، ئۇنىڭدا ئەبۇھۇرەيرە مۇنداق دىگەن: تەرەتنى چۆكتۈرۈپ (مۇكەممەل)ئېلىڭلار،چۈنكى ھەقىقەتەن ئەبۇلقاسىم سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەم «ئالاقويغان يەرلەرگە دوزاخ ئوتىدىن ۋاي!» دىگەن.

ئوتتۇرسىدا كىلىشنىڭ مىسالى : ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھا نىڭ پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋەھى(قانداق) باشلانغانلىق توغرىسىدىكى (ئەھۋالنى تەسۋىرلىگەن)ھەدىسى بولۇپ بۇنىڭدا مۇنداق كەلگەن:« ئۇ(يەنى رەسۇلۇللاھ) ئايرىلىپ چىقىپ  ھىراغارىدا خىلۋەتتە بولاتتى-  بۇبولسا ئىبادەت قىلىش بولۇپ- بىرنەچچە كىچىلىك ئىدى ،» بۇ ھەدىستىكى " بۇ بولسا ئىبادەت قىلىش بولۇپ" دىگەن ئىبارە (ھەدىس رېۋايەتچىسى ) زۇھرىنىڭ ئىدراج( قىستۇرما) قىلغان سۆزلىرىدىن بولۇپ بۇنى ئۇنىڭ بۇخارىدا كەلگەن يەنەبىررېۋايىتىدىكى ئىبارىسى ئېنىقلاپ بىرىدۇ، ئۇنىڭ ئىبارىسى مۇنداق : «ئۇ(رەسۇلۇللاھ) ئايرىلىپ چىقىپ ھىراغارىغا كىرىپ كىتەتتى- ئۇ(زۇھرى)نىڭ دېيىشچە "ئايرىلىپ چىقىپ كەتتى" دىگەن سۆز ئىبادەت قىلىش دىگەنلىك بولۇپ- بىرنەچچە كىچىلىك ئىدى».

ئاخىرىدا كىلىشنىڭ مىسالى: ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇ نىڭ مۇنۇ ھەدىسى بۇلۇپ (ئۇنىڭدا) رەسۇلۇللاھ سەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن«شەكسىزكى مىنىڭ ئۇممىتىم قىيامەت كۇنى كىچىك تاھارەتلىرىنىڭ ئىزناسلىرى سەۋەپلىك، كەكلىك تۇخۇمىدەك ئېقى بولغانلار دەپ چاقىرىلىدۇ، شوڭا ھەرقاندىغىڭلار ئۆزىنىڭ ئېقىنى ئۇزارتىشقا ئىمكان تاپسىلا ئۇزارتسۇن!».

بۇھەدىستىكى "شوڭا ھەرقاندىغىڭلار ئۆزىنىڭ ئېقىنى ئۇزارتىشقا ئىمكان تاپسىلا ئۇزارتسۇن!" دىگەن سۆز ئەبۇھۇرەيرەنىڭ ئىدراج(قىستۇرما)قىلغان سۆزى بولۇپ، بۇھەدىسنى ئەبۇھۇرەيرىدىن پەقەت نۇئەيم ئىبنى مۇجمەررېۋايەت قىلغان، (ئىمام ئەھمەد نىڭ ) مۇسنەد كىتابىدا ئۇ(نۇئەيم)نىڭ " شوڭا ھەرقاندىغىڭلار ئۆزىنىڭ ئېقىنى ئۇزارتىشقا ئىمكان تاپسىلا ئۇزارتسۇن! " دىگەن سۆز پەيغەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىمۇ ياكى ئەبۇھۇرەيرىنىڭ سۆزىمۇ بىلمەيمەن، دىگەنلىكى زىكىر قىلىنغان. ھەدىس يادىلىغۇچى (پىشىۋالار)دىن خېلى كۆپچىلىگى ئۇ سۆزنىڭ مۇدرىج(قىستۇرما) ئىكەنلىگىنى بايان قىلغان. ئىسلام پىشىۋاسى ئىبنى تەيمىييە مۇ بۇسۆز پەيغەمبەرسەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللە منىڭ سۆزى بولىشى مۇمكىن ئەمەس دىگەن.

3- قىستۇرما ئىكەنلىكىگە قاچان ھۆكۆم قىلىنىدۇ؟

رېۋايەتچىنىڭ سۆزلىرىدىن ياكى (ھەدىس ئىلمى)پىشىۋالىرىنىڭ سۆزلىرىدىن ۋە ياكى مۇدرىج(قىستۇرما)سۆز بولۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ (ئېغىزىدىن چىققان) بولىشى مۇمكىن بولماسلىق نۇقتىسىدىن بىرەر دەلىل بولماستىن (ھەدىس تىكىستىنىڭ بىرەر قىسمىغا) مۇدرىج ( قىستۇرما) دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ.

ئەززىيادەتۇ پىلھەدىسى:

ھەدىستىكى قوشۇمچە:

ئۇنى تونۇشتۇرۇش، ئۇنىڭ قىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ مىساللىرى بىلەن ھۆكۇملىرى.

1-ھەدىستىكى قوشۇمچە بولسا ھەدىس رېۋايەتچىلىرىنىڭ بىرى ھەدىستىن بولمىغان بىرنەرسىنى ئۇنىڭغا قوشۇشتىن ئىبارەت.

2-ھەدىستىكى قوشۇمچە ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ.

بىرىنچىسى : قىستۇرما شەكلىدىكىدىن ئىبارەت ، بۇ بولسا رېۋايەتچىلەرنىڭ بىرى، ھەدىسنىڭ بىرقىسمى ئەمەسلىك ئاساسىدا ئۆزيېنىدىن قوشقان نەرسە بولۇپ، يۇقۇردا قاچان بۇنداق شەكىلدە ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى.

ئىككىنچىسى : رېۋايەتچىلەرنىڭ بەزىسى ھەدىسنىڭ بىرقىسمى ئىكەنلىك ئاساسىدا ئۆزيېنىدىن قوشقان نەرسىدۇر.

3-ئەگەرقۇشۇلغان نەرسە (ھەدىس ئىلمى ساھەسىدە)ئىشەنچىسىز كىشى تەرىپىدىن بولسا قۇبۇل قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئىشەنچىسىز كىشىنىڭ ئۆزى يالغۇزھالدا رېۋايەت قىلغان ھەدىسى قۇبۇل قىلىنمىغان يەردە قوشقان نەرسىسى ئەلۋەتتە قۇبۇل قىلىنمايدۇ. ئەگەر ئىشەنچىلىك كىشى تەرىپىدىن بولۇپ ، قوشقان نەرسىسى ئۇنىڭدىنمۇ ئىشەنچىلىكراق ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپراق ھەدىس رېۋايەت قىلغان بىرسىنىڭ رېۋايىتىگە قارشى كىلىپ قالسا يەنىلا قۇبۇل قىلىنمايدۇ. چۈنكى ئۇ بۇچاغدا ''شاززۇن'' يەنى پۈچەك بولغان بولىدۇ.

بۇنىڭ مىسالى : ئىمام مالىك مۇۋاتتەئى كىتابىدا ئابدۇللاھ بىننى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما دىن رېۋايەت قىلغان مۇنۇھەدىس بولۇپ ئۇنىڭدا مۇنداق كەلگەن :« قاچانكى (رەسۇلۇللاھ) نامازنى باشلىسا ئىككى قولىنى ئىككى مۆرىسىنىڭ بارابىرىدە كۆتىرەتتى، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۇرىدىغاندا بولسا ئۇنىڭدىن تۆۋەنرەك كۆتىرەتتى».

ئەبۇداۋۇد(بۇ ھەدىس توغرىسىدا سۆزلەپ)بىلىشىمچە، '' ئۇنىڭدىن تۆۋەنرەك كۆتىرەتتى'' دىگەن ئىبارىنى ئىمام مالىكتىن باشقا ھېچكىم كەلتۇرمىگەن.

ئابدۇللاھ بىننى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما دىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم گە مەرپۇئەن ( يەنى مەنسۇپ شەكلىدە)قىلىنغان سەھىھ ھەدىس كەلگەن بولۇپ،ئۇنىڭدا (پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام) نامازباشلىغاندا،رۇكۇ قىلغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا ئۆزىنىڭ ئىككى قولىنى كۆتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىككى مۆرىسىگىچە قىلىدىغانلىقى  پەرقلەندۇرمەستىن بايان قىلىنغان.

ئەگەر (ئىشەنچىلىك كىشى تەرىپىدىن بولۇپ ، قوشقان نەرسىسى )باشقىلارنىڭكىگە قارشى كەلمىسە قۇبۇل قىلىنىدۇ، چۈنكى بۇچاغدا بۇ قوشۈمچە بىلىم بولىدۇ.

بۇنىڭ مىسالى : ئۇمەررەزىيەللاھۇنىڭ ھەدىسى بولۇپ ، ئۇ زات رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نىڭ مۇنداق دىگەنلىگىنى ئاڭلىغان:«سىلەردىن بىرىڭلار كىچىك تاھارەتنى ئىدادىغا يەتكۈزۇپ ئېلىپ ياكى چۆكتۇرۇپ(مۇكەممەل)ئېلىپ ئاندىن، ھەقىقەتەن ئاللاھتىن باشقائىلاھ يوق ۋە ھەقىقەتەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى، دەپ جاكالايمەن، دەيدىغانلا بولسا ئۇنىڭغا سەككىز جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىپ ئۇنىڭ قايسىسىدىن خالىسا كىرىدۇ».

بۇھەدىسنى ئىمام مۇسلىم ئىككى لېنىيە بويىچە رېۋايەت قىلغان بولۇپ، بىرىدە ''ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق'' دىگەن ئىبارىدىن كېيىن '' ئۇنىڭ شېرىكى يوق، يېگانىدۇر'' دىگەن سۆز قېتىلغان.

ئىختىسارۇل ھەدىسى.

ھەدىسنى قىسقارتىش.

ھەدىس قىستارتىشنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ھۆكمى.

1-ھەدىسنى قىسقارتىش دىگەندە( مەلۇم بىرھەدىسنىڭ)رېۋايەتچىلىرىنى قالدۇرۇش ياكى ھەدىسىنىڭ بىرقىسمىنىلا نەقىل قىلىپ يەتكۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ.

2-(تۆۋەندىكى)بەش شەرت ھازىرلانمىىسا بىرەر ھەدىسنى قىسقارتىش دۇرۇس بولمايدۇ.

بىرىنچى : ئىستىسنا، نىشان، ھالەت، شەرت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھەدىسنىڭ مەنىسىگە تەسىريەتكۈزىدىغان ئىبارىلەرنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق.

مىساللار:

ئىستىسنا نىڭ مىسالى : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئوپ-ئوخشاش بولمىسا ئالتۇننى ئالتۇنغا ساتماڭلا» دىگەن سۆزىدىن «ئوپ-ئوخشاش بولمىسا»دىگەن ئىبارىنى قىسقارتىشقا بولمايدۇ.

نىشان نىڭ مىسالى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «مىۋىنى يىتىلگەنلىكى ئېنىق بولغىچە ساتماڭلا»دىگەن سۆزىدىكى «يىتىلگەنلىكى ئېنىق بولغىچە»دىگەن ئىبارىنى قىسارتىشقا بولمايدۇ.

ھالەتنىڭ مىسالى : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «(سوتچى)غەزەپلىك ھالەتتە ئىككى كىشى ئارىسىدىكى ھۆكۈمنى بىرتەرەپ قىلمىسۇن!»دىگەن سۆزىدىكى «غەزەپلىك ھالەتتە»دىگەن سۆزنى قىسقارتىشقا بولمايدۇ.

شەرتنىڭ مىسالى : ئۇممۇسۇلەيمنىڭ '' ئايال كىشىگە ئىھتىلام بوپقالغان چېغىدا يۈيۈنۇش كىرەك بولامدۇ؟'' دىگەن سۇئالىغا جاۋابەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېيىتقان «شۇنداق، ئەگەر ھۆللۈك كۆرگەن بولسا» دىگەن جۈملىدىن، «ئەگەرھۆللۈك كۆرگەن بولسا»دىگەن ئىبارىنى قىسقارتىشقا بولمايدۇ.

يەنە بىرمىسال: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ «سىلەرنىڭ بىرىڭلار، ئى ئاللاھ! ئەگەرخالىساڭ مېنى كەچۈرگىن دېمىسۇن » دىگەن سۆزىدىكى «ئەگەرخالىساڭ »دىگەن ئىبارىنى قىسقارتىشقا بولمايدۇ.

شۇنداقلا ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ساغلام ھەجگە جەننەتتىن باشقا مۇكاپات يوق»دىگەن سۆزىدىن «ساغلام »دىگەن سۇپەتنى قىسقارتىشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇئىبارىلەرنى قىسقارتقاندا ھەدىس مەزمۇنى تەسىرگە ئۈچرايدۇ.

ئىككىنچى: ھەدىسنىڭ سۆزلىنىش مەقسىدى بولغان ئىبارىلەرنى قىسقارتىشقا بولمايدۇ.

مەسىلەن :ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ مۇنۇ ھەدىسىدە بىرئادەم پەيغەمبەرسەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەمدىن سۇئال سوراپ مۇنداق دىگەن؛ بىزدېڭىزسەپىرى قىلىمىز ۋە ئۆزىمىزبىلەن ئازلا سۇ ئېلىۋالالايلىمىز، ئەگەرئۇ سۇدا تاھارەت ئالساق تەشنالىقتا قالىمىز، بۇئەھۋالدا دېڭىزنىڭ سۈيىدە تاھارەت ئالساق بولامدۇ؟ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جاۋابەن مۇنداق دىگەن «ئۇنىڭ (يەنى دېڭىزنىڭ)سۈيى پاكلىغۇچى ۋە ئۆلىگى(يەنى ئۇنىڭداياشىغۇچى ھايۋانلار ئۆزى ئۆلۈپ قالسىمۇ) ھالالدۇر».

بۇھەدىستىكى «ئۇنىڭ سۈيى پاكلىغۇچى» دىگەن ئىبارىنى قىسقارتىشقا بولمايدۇ. چۈنكى ھەدىس دەل ئاشۇنى بايان قىلىش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ بۇ(ئىبارە)ھەدىسنىڭ تۇپ مەقسىدىدۇر.

ئۈچىنچى : (قىسقارتىلماقچى بولغان ھەدىس)، بىرەرئاغزاكى ياكى ئەمىلى ئىبادەتنىڭ سۇپىتىنى بايان قىلىپ كەلگەن بولماسلىقى لازىم.

مەسىلەن: ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەتكۈزگەن مۇنۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن؛« سىلەرنىڭ بىرىڭلارنامازدا(تەشەھھۇد غا)ئولتۇرغاندا مۇنداق دېسۇن! بارلىق ھۆرمەت سالاملىرى ئاللاھ غا خاستۇر،دۇئالار ۋە پاكلىقلار ئاللاھ غا مەنسۇپ، ئى پەيغەمبەرساڭا سالام ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەركىتى بولسۇن!، بىز ۋە ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىگىمۇسالام بولسۇن!. ''ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق'' دەپ جاكالايمەن ۋە ''مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى'' دەپ جاكالايمەن».

قىسقارتىلغانلىقىغا ئالاھىدە ئەسكەرتىش بەرمىگەن ئەھۋالدا، بۇھەدىستىن ھېچ نەرسىنى قىسقارتىش دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى قىسقارتىش(بۇئىبادەتتىكى) ئاللاھنىڭ قانۇنى بەلگىلەپ بەرگەن سۈپەتكە تەسىريەتكۈزىدۇ.

تۆتىنچى: سەزمەستىن مەناغا تەسىربىرىدىغان نەرسىنى قىسقارتىپ قالماسلىق ئۈچۈن(قىسقارتقۇچى كىشى) سۆزلەرنىڭ ئۇقۇم دائىرىلىرىنى ۋە قىسقارتىلغاندا مەناغا قانچىلىك تەسىربىرىدۇ ۋە قانچىلىك

تەسىربەر مەيدۇ قاتارلىقلارنى تولۇق بىلىدىغان كىشى بولۇشى كىرەك.

بەشىنچى: (قىسقارتىپ) نەقىل قىلغۇچى كىشى- قىسقارتسا مۇھاپىزەت كۈچى ياخشى ئەمەس دەيدىغان، ياكى تولۇق بايان قىلسا ھەدىستا قىستۇرما قىلدى دەيدىغان گۇمان نۇقتىسىدىكى- ئەيىپلەشكە

نىشان بولمايدىغان كىشى بولىشى كىرەك. چۈنكى بۇھالدا ئۇنىڭ قىسقارتىشى، ھەدىسنى قۇبۇل قىلىشتا تەرەددۇت كەلتۇرۇپ چىقىرىپ، ھەدىس بۇسەۋەپلىك زەئىپ بوپقالىدۇ.

بۇ(5-)شەرت بولسا كىتاپلاشتۇرۇلغان مەشھۇر(ھەدىس)كىتاپلاردىن باشقا (كىتاپلاردىن نەقىل قىلغان ئورۇن)دا قويۇلىدۇ. چۈنكى يۇقۇرقى(مەشھۇر) كىتاپلاردىن نەقىل قىلغاندا ئەسلىگە سېلىشتۇرۇپ كۆرۇش مۇمكىن بولغاچقا تەرەددۇتنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.

مانا بۇ شەرتلەرمۇكەممەل ھازىرلانسا- مەيلى ئۇ، ھەربىر پارچىسىنى ئۆزئورنىدا ھۆججەت قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ھەدىس ۋە پىقھى ئالىملىرىنىڭ قىلغىنىدەك  پارچىلاش بولغان بولسىمۇ- ھەدىسنى قىسقارتىش دۇرۇس بولىدۇ.

ئەڭ ياخشىسى ھەدىسنى قىسقارتقاندا، ''ھەدىسنىڭ ئاخىرغىچە'' دىگەندەك سۆزلەر بىلەن قىسقارتقانلىقىغا ئىشارە قىلىپ ئۆتۇش لازىم.

رېۋايەتۇلھەدىسى بىلمەئنا

ھەدىس مەنىسىنى نەقىل قىلىش.

ھەدىس مەنىسىنى نەقىل قىلىشنى تونۇش، ۋە ئۇنىڭ ھۆكمى.

1-ھەدىسنى مەنىسى بۇيىچە نەقىل قىلىش دىگەن ، ئۇنى نەقىل قىلىنغان كىشىنىڭ ئىبارىلىرىدىن باشقىچە ئىبارە بىلەن يەتكۇزۇشتىن ئىبارەت.

2-بۇنداق قىلىش پەقەت مۇنۇ ئۈچ شەرت ئاستىدىلا دۇرۇس بولىدۇ.

بىرىنچى : بۇنداق يەتكۈزگۈچى ھەدىس مەنىسىنى لۇغەت نۇقتىسىدىن ۋە رېۋايەت قىلىنغۇچىنىڭ مەقسىدى نۇقتىسىدىن پىششىق بىلىدىغان كىشى بولىشى لازىم.

ئىككىنچى : يەتكۈزگۈچى ھەدىس مەنىسىنى تولۇق تۇتۋالغان بولۇش بىلەن بىرگە ھەدىس  ئىبارىسىنى ئىسىگە ئالالمىغانغا ئوخشاش، مەنا بويىچە يەتكۇزۇش زۇرۇرىيىتى تۇغۇلغان بولىشى كىرەك. ئەگەرھەدىس تىكىستىنى يادا بىلىدىغان(ياكى ئۆزپېتى ئوقۇش شارائىتىدا)بولسا پەقەت تەرجىمە قىلىپ چۈشەندۇرۇش زۇرۇرىيىتىدىن باشقا ئەھۋالدا ھەدىس ئىبارىسىنى ئۆزگەرتىشكە قەتئى دۇرۇس بولمايدۇ.

ئۈچىنچى : ھەدىسنىڭ تىكىستى زىكرى- تەسبىھكە ئوخشاش ئىبادەت قىلىنىدىغان ئىبارىدە بولماسلىغى لازىم.

شۇنداقلا مەنا بويىچە ھەدىس يەتكۈزگەن ھەرقانداق چاغدا ئۇنى سېزۋالغىلى بولغۇدەك قىلىپ ئۇنىڭ ئاخىرىدا ''شۇنداقراق دىگەن '' دەيدىغان ئىبارىنى كەلتۇرۇش لازىم . بۇنىڭ مىسالى :  مەسجىدگە سىيىپ قويغان سەھرالىق ئەرەپ ۋەقەلىگىنى بايان قىلىپ ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رېۋايەت قىلغان مۇنۇھەدىسىگە ئوخشاش. ئۇنىڭدا ئەنەس مۇنداق دىگەن : ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى :«شەكسىزكى بۇمەسجىدلەر بۇنداق سۇدۇك ۋە پاسكىنىلىقلارھەرگىزلايىق بولىدىغان ئورۇن ئەمەس، بۇ پەقەت ئولۇغ بۇيۇك ئاللاھنى ئەسلەش ، ناماز ئوقۇش ، قورئان تىلاۋەت قىلىش قاتارلىقلارغىلا خاستۇر» ياكى رەسۇلۇللاھ شۇنداقراق دىگەن ئىدى .

ھەكەم ئوغلى مۇئاۋىيەنىڭ ھەدىسىمۇ بۇنىڭ يەنەبىر مىسالى بولۇپ ئۇنىڭدا مۇئاۋىيە نامازدا تۇرۇپ سۆزلىسە بولمايدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە سۆزلەپ قالغانلىغىنى ۋە  نامازنى ئوقۇپ بولغاندا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇنىڭغا دىگەن سۆزىنى مۇنداق  بايان قىلغان :«شەكسىزكى بۇ ناماز دا كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىدىن ھېچ نەرسە لايىق بولمايدۇ ، ئۇ پەقەت تەسبىھ ، تەكبىر، ۋە قۇرئان ئوقۇش قاتارلىقلاردىنلا ئىبارەتتۇر.» ياكى رەسۇلۇللاھ شۇنداقراق دىگەن ئىدى.

ئەلمەۋزۇئۇ

توقۇلما(ھەدىس) .

ئۇنى تونۇشتۇرۇش، ئۇنىڭ ھۆكمى ، ئۇنى ئېنىقلاش ۋاستىسى ، بىربولۇك توقۇلما ھەدىسلار ۋە بۇھەقتە تۇزۇلگەن بىرقىسىم كىتاپلار شۇنداقلا بىر بولۇك يالغان ھەدىس توقۇغۇچىلار.

1-توقۇلما ھەدىس دىگەن يالغاندىن پەيغەمبىرىمىزسەللەللاھۇئەلەيھى ۋە سەللەمگە مەنسۇپ قىلىنغان نۇتۇقتىن ئىبارەتتۇر.

2-ئۇنىڭ ھۆكمى بولسا، ئۇ، قەتئى رەت قىلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ھەزەر قىلدۇرۇش، توقۇلما ئىكەنلىگىنى پاش قىلىش قاتارلىقلاربىلەن بىللە بولماستىن قەتئى تىلغا ئېلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن :«مەندىن بىرسۆزنى ئۇزىنىڭ يالغان ئېيتۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ تۇرۇپ ھەدىس دەپ نەقىل قىلغان كىشى بولسا شەكسىز يالغانچىلارنىڭ بىرىدۇر» ئىمام مۇسلىم رېۋايەت قىلغان.

3-توقۇلما(ھەدىس)نى ئېنىقلاش ۋاستىلىرى بولۇپ ئۇلاردىن :

بىرىنچى : توقۇغۇچىنىڭ ئۇنى توقۇغانلىق ئىقرارى.

ئىككىنچى:  قارمۇ-قارشى نەرسىنى تەڭ مەزمۇن قىلغان بولۇش، مۇمكىن بولمايدىغان نەرسىنى ئىسباتلاش ياكى مەۋجۇتلىغى زۇرۇر نەرسىنى ئىنكارقىلىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش بىمەنىلىكلەر نىڭ بولىشى بىلەن ھەدىسنىڭ  ئەقىلغا زىت بولىشىدۇر.

ئۇچىنچى: (ئىسلام)دىنىدا زەرۇرىيەت بۇيىچە ئىسپاتلىنىدىغان ئېنىق نەرسىگە قارشى بولىشى. مەسىلەن: ئىسلام ئاساسلىرىدىن بىرەرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانغا ۋە جازانىنى ھالال قىلغانغا ئوخشاش، ياكى قىيامەت ۋاقتىنى بىكىتىش، ۋە ياكى پەيغەمبىرىمىزسەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كېيىن يەنە پەيغەمبەر كىلىشنىڭ مۇمكىنلىكىگە ئوخشاش مەزمۇنلارنىڭ بولىشىدۇر.

4-توقۇلما ھەدىسلەر نۇرغۇن بولۇپ ئۇلاردىن :

بىرىنچى: پەيغەمبىرىمىزسەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر.

ئىككىنچى: رەجەپ ئېيىنىڭ پەزىلەتلىرى ۋە ئۇنىڭدا ناماز ئوقۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر.

ئۈچىنچى:مۇسا ئەلەيھىسسالام ھەمرابولغان خىزىرنىڭ ھاياتلىغى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىمىزسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكى ۋە رەسۇلۇللاھنى دەپنە قىلىش ۋاقتىدا ھازىربولغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر.

تۆتىنچى: بۇنداق (ئاتالمىش)ھەدىسلار ھەرخىل ماۋزۇلاردا بولۇپ بۇلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى ئەسلەپ ئۆتىمىز:

1-''ئەرەپنى ئۈچ ئىش سەۋەبىدىن ياخشى كۆرۇڭلار، مەن(رەسۇلۇللاھ) ئەرەپ بولغان سەۋەپتىن، قۇرئان ئەرەپچە بولغان سەۋەپتىن ۋە جەننەت ئەھلىنىڭ تىلى ئەرەپچە بولغان سەۋەپتىن.''

2-'' ئۇممىتىمنىڭ ئىختىلاپى رەھمەتتۇر''

3- '' دۇنيارىڭ ئۈچۈن مەڭگۇياشايدىغاندەك ئىشلە، ئاخىرەتلىگىڭ ئۈچۈن ئەتە ئۆلىدىغاندەك ئەمەل قىل''

4- '' دۇنيانى سۆيۈش ھەممە خاتالىقنىڭ بېشى''

5- '' ۋەتەننى سۆيۈش ئىماننىڭ جۈملىسىدىن''

6- '' ئىسىملارنىڭ ياخشىسى ھەمدە ئەيتش ۋە بەندە مەنىسىدە بولغىنىدۇر''

7- '' شەرت بىلەن سودا قىلىشتىن چەكلىگەن ''

8- '' قۇربانلىق كۈنىڭلار روزا تۇتىدىغان كۈنىڭلار'' .

سۈننەتنى قوغداپ ئۈممەتنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ، بۇنداق توقۇلما ھەدىسلەرنى بايان قىلىپ ھەدىس ئالىملىرى نۇرغۇن كىتاپلارنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ بۇلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىمىز:

1-ھىجرىيە 597-يىلى ۋاپات بولغان ئىمام ئابدىرراھمان ئىبنى جەۋزى نىڭ '' مەۋزۇئاتۇلكۇبرا'' (توقۇلما ھەدىسلەر چوڭ توپلىمى) كىتابى بولۇپ بۇ كىتاپمۇ توقۇلما ھەدىسلەرنى تولۇق ئۆزئىچىگە ئېلىپ بولالمىغان ۋە بىرقىسىم توقۇلما بولمىغان ھەدىسلەرمۇ ئۇنىڭغا كىرىپ قالغان.

2-ھىجرىيە 1250-يىلى ۋاپات بولغان ئىمام شەۋكانى نىڭ '' ئەلپەۋائىدۇل مەجمۇئە، پىلئەھادىسىل مەۋزۇئە''(توقۇلماھەدىسلەرھەققىدە پايدىلىنىش توپلىمى) دىگەن كىتابىدۇر. بۇكىتاپتىمۇ توقۇلما بولمىغان ھەدىسلەرنىڭ  كىرىپ قىلىش دىققەتسىزلىكى يۇزبەرگەن.

3-  ھىجرىيە963-يىلى ۋاپات بولغان ئىبنى ئىراق نىڭ '' تەنزىھۇششەرىئەتىل مەرپۇئە، ئەنىل ئەھادىسۇششەنىئەتىل مەۋزۇئە''(بۇيۇك شەرىئەتنى ، توقۇلماھەدىسلەر يىرگىنىشلىرىدىن پاكلاش) دىگەن كىتابى بولۇپ، بۇكىتاپ بۇتوغرىدا تۈزۈلگەن كىتاپلارنىڭ  تولۇقراغىدۇر.

5-ھەدىس توقىغانلار:

ئۇلاركۆپ بولۇپ  ئۇلارنىڭ چوڭ ۋە مەشھۇرلىرى :

ئىسھاق ئىبنى نەجىھىل مالتى، مەئمۇن ئىبنى ئەھمەد ئەلھەرەۋى، مۇھەممەد ئىبنى سائىپ ئەلكەلبى، مۇغىرەتەبنى سەئىد ئەلكۇپى، مۇقاتىل ئىبنى سۇلايمان ۋە ۋاقىدى ئىبنى ئەبى يەھيا قاتارلىقلاردۇر.

ھەدىس توقۇغۇچىلار ھەرخىل تەبىقىلىك بولۇپ ئۇلاردىن :

بىرىنچى تەبىقە : زىندىقلار (ئىسلام تونىغا ئورۇنۋالغان سۈيقەستچىلەرتەبىقىسى )بولۇپ بۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدىسىنى بۇزۇش ۋە ئىسلامنى قالايمىغان قىلىپ ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئۆزگەرتىشنى مەخسەت قىلغاندۇر. بۇنداقلارنىڭ مىساللىرىدىن بىرى: ئەبۇجەئپەرىل مەنسۇر دارغا ئېسىپ ئۆلتۇرگەن مۇھەممەد ئىبنى سەئىد دۇر. بۇ(مەخلۇق) ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇ دىن مەرپۇئەن شەكلىدە قىلىپ مۇنۇ ھەدىسنى توقۇپ چىققان: '' مەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى ، مەندىن كېيىن ئاللاھ خالىغاندىن باشقا پەيغەمبەريوق'' .

بۇنداقلارنىڭ يەنە بىر مىسالى : ئابدۇلكەرىم ئىبنى ئەبى ئەۋجا بولۇپ ئۇنى بەسىرشەھرىدىكى ئابباس خەلىپىلىكى ۋالىلىرىدىن بىرى ئۆلتۇرگەن. ئۇنى ئۆلۇم مەيدانىغا ئەكىلىنگەن چاغدا مۇنداق دىگەن : مەن سىلەرنىڭ ئىچىڭلىدە ھەقىقەتەن تۆرت مىڭ ھەدىس توقۇپ چىقتىم، ئۇلاردا ھالالنى ھارام ، ھارامنى ھالال قىلدىم.

زىندىقلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم نامىدا ئون تۆرت مىڭ ھەدىس توقۇپ چىققان دەپمۇ كەلگەن.

ئىككىنجى تەبىقە : خەلىپىلەر ۋە ۋالىلارغا خوشامەت قىلغۇچىلار تەبىقىسى بولۇپ بۇلارنىڭ مىسالى : غىياس ئىبنى ئىبراھىم دۇر. ئۇ خەلىپە مەھدىنىڭ ئالدىغا قولىدا بىركەپتەرنى ئوينىغان ھالدا كىرىپ كەلدى ، ئۇنىڭغا مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرىگە ھەدىس سۆزلەپ بەر دېيىلدى دە ئۇ بىر ھەدىس تارىخى شەجەرىسى تىزىپ چىققاندىن كېيىن بۇ ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى  توقۇدى: '' تۆگە ، نەيزە، ئات ۋە قۈشلاردىن باشقىلاردا مۇسابىقە قىلىش يوق'' . خەلىپە مەھدى  مەن بۇنى مۇشۇ نىڭغا ئاساسەن تۈتىمەن دېدى دە كەپتەرنى قويۋىتىپ ئۇنى بوغۇزلاشقا بۇيرىدى.

ئۈچىنچى : تەبىقە : يۈز-ئابرۇي ۋە مال دۇنيا تەمەسىدە ياكى قورقۇتۇش ، قىزىقتۇرۇش مەخسىدىدە ئاجايىپ ، غارايىپلەرنى سۆزلەپ خەلىق ئاممىسى ئالدىدا ياخشىچاق بولۇشقا ئۇرۇنىدىغانلار تەبىقىسى بولۇپ بۇلارنىڭ مىساللىرى: مەسجىدلەردە ياكى بازار ۋە كۈچا-كويلاردىكى ئىجتىمائى سورۇنلاردا جەڭ نامە ۋە ھەرخىل تەسىرلىك، ئاجايىپ ھىكايىلەرنى سۆزلەپ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغان ۋايىزلەردۇر .

ئىمام ئەھمەدئىبنى ھەنبەل بىلەن يەھيا ئىبنى مۇئىن توغرىسىدا مۇنداق بىر تارىخى ۋەقەلىك بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئىككىسى بىرقېتىم ''مەسجىد ئەرراساپە'' دەپ ئاتالغان بىر مەسجىد دە ناماز ئوقۇيدۇ، نامازدىن كېيىن بىر ۋايىز ئورنىدىن تۇرۇپلا ھىكايە سۆزلەپ ۋەزگە تۇتۇش قىلىپ سۆز بىشىدىلا، ھەدىس ئېيتىپ بەردى بىزگە ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ۋە يەھيائىبنى مۇئىن دىگەندىن كېيىن پەيغەمبىرىمىزگە نىسبەت بىرىلگەن بىر ھەدىس تارىخى شەجەرىسىنى تىزىپ ئۇنىڭدا رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: '' كىمىكى ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق،  دېسە ئاللاھ ھەربىر سۆزدىن تۈمشۇغى ئالتۇندىن ، پەيلىرى ئۈنچە-مارجاندىن بىرقۇش يارىتىدۇ.... ۋاھاكازا دەپ ئۇزۇن ۋەز ھىكايىلىرىنى ئېيتىپ ، كىشىلەردىن ئالىدىغىنىنى ئېلىپ بىكار بولغاندا يەھيا ئىبنى مۇئىن ئۇنىڭغا قۇل ئىشارىسى قىلدى، ئۇمۇ بىرنەرسە بەرمەكچى بولسا كىرەك دەپ ئالدىغا كەلدى، ئۇنىڭغا يەھيا بۇھەدىسنى ساڭا كىم سۆزلەپ بەردى؟ دەپ سورىدى. ئۇ دەرھال ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ۋە يەھيا ئىبنى مۇئىن ، دېدى. يەھيا، مەن يەھيا ئىبنى مۇئىن بولىمەن ، مانا بۇ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسى بايانىدا بۇنى پەقەتلا ئاڭلاپ باقماپتىكەنمىزغۇ؟! دېدى. بۇ ۋايىز دەرھاللا مەن، يەھيا ئىبنى مۇئىن ئەخمەق، دەپ ئاڭلاپ كىلۋاتاتتىم، بۇ پەقەت مۇشۇ سائەتتە ئەمەلگە ئاشتى..! خۇددى ئىككىڭلىدىن باشقا ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ۋە يەھيا ئىبنى مۇئىن يوقتەك ...!  ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ۋە يەھيا ئىبنى مۇئىن دىن ئون ئىككىسى خاتىرلەنگەن .. دېدى. بۇ چاغدا ئەھمەد يۈزىگە يېڭىنى يېپىپ تۇرۇپ  بولدى ئۇنى قوي! قوپۇپ كەتكەي ! دېدى. ئۇبولسا بۇ ئىككىسىنى مەسخىرە قىلغاندەك قىلىپ قوپۇپ كەتتى.

تۆتىنچى تەبىقە : دىندا قىزىققانلىق قىلىدىغانلارتەبىقىسى بولۇپ بۇلارمۇ ئىسلامنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار نەرسىلەر شۇنداقلا دۇنيا غا بىرىلمەسلىك قاتارلىقلارنى تەرغىپ قىلىپ ھەدىسلەرنى توقۇيدۇ. ئۇلارنىڭ مەخسىدى كىشىلەرنى دۇنيا غا بىرىلىشتىن قۇتقۇزۇپ دىنغا يۇزلەندۇرۇش ئۈچۈن بولغان. بۇلارنىڭ مىسالى : مەرۋە نىڭ قازىسى ئەبى ئىسمەت نۇھ ئىبنى ئەبى مەريەم دۇر. ئۇ قۇرئاننىڭ ھەربىر سۈرىلىرىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا ھەدىس توقىغان . ۋە مۇشۇ مەخسەتتە ھەدىس توقىغانلىقىنى ئىپادلەپ : مەن كىشىلەرنىڭ قۇرئاندىن يۈز ئۆرۇپ ئەبۇ ھەنىپە نىڭ پىقھىسى ۋە ئىبنى ئىسھاقنىڭ غازات نامىلىرىغا بىرىلىپ كىتىۋاتقىننى كۆردۇم ، دىگەن.

بەشىنچى تەبىقە: مەزھەپ ، ئېقىم ، بىرەر شەھەر، بىرەر شەخىس ، بىرەر قەبىلە ياكى مىللەت قاتارلىقلار غا مۇتەئەسسىپلىك بىلەن چوقۇنغۇچىلار تەبىقىسىدۇر. بۇلار ئۆزلىرى مۇتەئەسسىپلىك بىلەن چوقۇنۋاتقان نەرسىلەرنىڭ پەزىلىتىنى كۆككە كۆتۇرۇپ ھەدىسلەرنى توقۇيدۇ. بۇلارنىڭ مىسالى : ئۆزىنىڭ ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەزىلەتلىرى توغرىسىدا يەتمىش ھەدىس توقىغانلىقىنى ئىقرار قىلغان مەيسەرە ئىبنى ئابدۇ راببۇھ غا ئوخشاشلاردۇر.

ئەلجەرھۇ ۋەتتەئدىلۇ:

تەنقىد ۋە ئادالەتكە نىسبەتلەش.

تەنقىد :

تونۇشتۇرۇش، تۇرلىرى، دەرىجىلىرى، قوبۇل قىلىش شەرتلىرى.

1-تەنقىد دىگەن رېۋايەتچىنىڭ تەرجىمەھالىدا ئۇنىڭ رېۋايىتىنى رەت قىلىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان سۇپەتلەردىن بىرەسىنىڭ ئەسكەرتىلىشى ياكى قوبۇل قىلىش شەرتلىرى بولغان سۇپەتلەردىن بىرەسىنىڭ ئىنكارقىلىنىشىدۇر. مەسىلەن : يالغانچى، پاسىق، زەئىپ(ئاجىز)، ئىشەنچىلىك ئەمەس، ئىتىبارى يوق، رېۋايەت قىلغان ھەدىسىنى يېزىشقا بولمايدۇ، قاتارلىق سۆزلەردىن بىرەسى ئۇنىڭ ھەققىدە دېيىلگەن بولىشىدۇر.

2-تەنقىد: مۇتلەق(شەرتسىز) تەنقىد ۋە قەيت قىلىنغان(شەرتلىك) تەنقىد دەپ ئىككى قىسىمغا بولىنىدۇ:

مۇتلەق تەنقىد دىگەندە رېۋايەتچىنىڭ بىرەر نەرسىگە باغلانمىغان ھالدا تەنقىد قىلىنىشى بولۇپ ھەرقانداق ئەھۋالدا ئەيىپلىك بولىدۇ.

قەيت قىلىنغان تەنقىد بولسا رېۋايەتچى بىرەرنەرسىگە نىسبەتەن ئەيىپلەنگەن بولۇپ ئۇ نەرسە بىرەر پىشىۋا ياكى بىرەر گورۇھ دىگەندەك نەرسىلەربولىشى مۇمكىن، بۇنداق ئەھۋالدا رېۋايەتچى ئاشۇمۇئەييەن نەرسىگە نىسبەتەن ئەيىپلىك بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقىسىدا ئەيىپلىك بولمايدۇ.

بۇنىڭ مىسالى: ئىبنى ھەجەرنىڭ ''ئەتتەقرىب'' كىتاۋىدا-ئىمام مۇسلىم رېۋايەت قىلغان زەيد ئىبنى ھەببان توغرىسىدىكى سۆزى بولۇپ ئۇنىڭدا ئۇنى '' راستچىل ،(لېكىن) سەۋرىنىڭ ھەدىسىدە خاتالىشىپ قالىدۇ''دىگەن ئىدى؛ دىمەك زەيد ئىبنى ھەببان سەۋرىدىن رېۋايەت قىلغان ھەدىسىدە زەئىپ (ئاجىز) بولسىمۇ باشقا ھەدىسلىرىدا ئۇنداق بولمايدۇ.

يەنە بىرمىسال: '' ئەلخۇلاسە'' كىتابىنىڭ ئاپتۇرىنىڭ ئىسمائىل ئىبنى ئىياش توغرىسىدىكى سۆزى بولۇپ ئۇنىڭدائىسمائىل ئىبنى ئىياشنى  ئىمام ئەھمەد، ئبنى مۇئىن ۋە ئىمام بوخارىلار شام ئەھلى توغرىسىدا ئىشەنچىلىك ئىكەنلىگىنى ھىجازئەھلى توغرىسىدا زەئىپ(ئاجىز)ئىكەنلىگىنى بىكىتكەن دەيدۇ؛ دىمەك ئىسمائىل ئىبنى ئىياش ھىجاز(ئەرەپ يېرىم ئارىلى)دىكى ھەدىس ھاپىزلىرىدىن نەقىل قىلغان ھەدىسىدە زەئىپ ئەمما شام(ھازىرقى سۇرىيە ، ئىئۇردانىيە ۋە پەلەستىن قاتارلىقلار)دىكى ھەدىس ھاپىزلىرىدىن نەقىل قىلغان ھەدىسىدە زەئىپ ئەمەستۇر.

شۇنىڭغا ئوخشاش، مەسىلەن سۇپەتلەر توغرىسىدىكى ھەدىسلەردە زەئىپ دېيىلگەن چاغدا ئۇنىڭدىن باشقارېۋايەتلەردە زەئىپ بولغان بولمايدۇ.

لېكىن تەنقىد نى قەيت قىلىشتىن مەخسەت رېۋايەتچىنى ئاشۇ قەيت قىلىنغان نەرسىدە ئىشەنچىلىك دەيدىغان داۋاغا رەددىيە بىرىش بولسا باشقىسىدىمۇ زەئىپ ئىكەنلىگىنى ئىنكار قىلغان بولمايدۇ.

3- تەنقىد نىڭ دەرىجىلىرى:

ئەڭ يۇقۇرى بولغىنى : بۇنىڭدا '' ئادەملەرنىڭ ئەڭ يالغانچىسى'' ياكى  '' يالغانچىلىق مەنبىئى '' دىگەندەك ئەڭ يۇقۇرى چەككە يەتكەنلىكنى كۆرسىتىدىغان ئىبارىلەر قوللىنىلغان بولىدۇ.

ئوتتۇرھال بولغىنى: بۇنىڭدا '' كاززاپ( بەك يالغانچى)'' ياكى '' ۋەززائۇن(ھەدىسنى كۆپ توقۇغۇچى)'' ۋەياكى '' دەججال (بەك ئازغۇن)'' دىگەندەك ئەرەپچىدىكى مۇبالىغە سۆزلەر قوللىنىلغان بولىدۇ.

ئەڭ يەڭگىل بولغىنى : بۇنىڭدا '' يەڭگىلتەك'' ياكى '' مۇھاپىزىتى ياخشى ئەمەس''  ۋە ياكى '' ئۇنىڭ توغرىسىدا تەنقىد سۆزلەربار'' دىگەندەك ئىبارىلەر قوللىنىلغان بولىدۇ.

بۇندىن باشقا بۇلارنىڭ ئارىسىدامەلۇم دەرجىلەرمۇ بار.

4-تەنقىد نى قۇبۇل قىلىشنىڭ تۆۋەندىكى بەش شەرتى بار.

بىرىنچى : (تەنقدلىگۈچى) ئادالەت سۈپىتىگە ئىگە كىشى بولىشى كىرەك . پاسىقنىڭ (تەنقىدى) قۇبۇل قىلىنمايدۇ.

ئىككىنچى: سەگەك كىشى بولىشى كىرەك . بىخەستە ئادەمنىڭ (تەنقىدى) قۇبۇل قىلىنمايدۇ.

ئۈچۈنچى : تەنقىدلەش سەۋەپلىرىنى بىلىدىغان كىشى بولۇش كىرەك . ئىلمى تەنقىد يوللىرىنى بىلمەيدىغان كىشىنىڭ تەنقىدى قۇبۇل قىلىنمايدۇ.

بەشىنچى : (تەنقىد لەنگۈچىلەر) بۇساھەدىكى كۆپچىلىك تەرىپىدىن ئادالىتى ئىسپاتلانغان ۋە پىشىۋا ئىكەنلىگى مەشھۇر بولغان كىشى بولماسلىغى لازىم. مەسىلەن : ناپىئ ، شۆئبە، مالىك ، بۇخارى قاتارلىقلارغا ئوخشاش ، بولارغا ۋە بولارنىڭ ئوخشاشلىرىدا تەنقىد قۇبۇل قىلىنمايدۇ.

ئەتتەئدىلۇ:

ئادالەتكە نىسبەتلەش:

ئادالەتكە نىسبەتلەشنى تونۇشتۇرۇش، تۇرلىرى، دەرىجىلىرى ۋە قۇبۇل قىلىش شەرتلىرى:

1-ئادالەتكە نىسبەتلەش: دىگەن ھەدىس رېۋايەتچىسىنىڭ تەرجىمىھالىدا ئۇنىڭ رېۋايىتى قۇبۇل قىلىشقا لايىق ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىدىغان بىرەر سۈپەتنى ئىسپاتلاش ياكى رەت قىلىش شەرتلىرىدىن بىرەنى ئىنكار قىلىشتۇر. مەسىلەن : '' ئۇ ئىشەنچىلىك''  ياكى  '' ئۇنىڭدا مەسىلە يوق '' ۋە ياكى '' ئۇنىڭ ھەدىسى رەت قىلىنمايدۇ'' دىگەنلەر گە ئوخشاش.

2-ئادالەتكە نىسبەتلەشمۇ شەرتسىز ۋە  شەرتلىك  دەپ ئىككى قىسىمغا بولىنىدۇ.

شەرتسىز ئادالەتكە نىسبەتلەشتە رېۋايەتچى بىرەرنەسىگە باغلانمىغان ھالدا تونۇشتۇرۇلغان بولىدۇ دە ھەرقانداق ئەھۋالدا ئىشەنچىلىك بولىدۇ.

شەرتلىك ئادالەتكە نىسبەتلەشتە بولسا رېۋايەتچى بىرەر پىشىۋا ياكى بىرەر گورۇھ  دىگەندەك نەرسىلەرگە باغلىنىپ تونۇشتۇرۇلغان بولىدۇ دە  باشقىسىغا ئەمەس پەقەت ئاشۇ مۇئەييەن نەرسىگە نىسبەتەن ئىشەنچىلىك بولىدۇ. مەسىلەن : '' ئۇ زۇھرىنىڭ ھەدىسىدا ئىشەنچىلىك'' ، ياكى  '' ھىجازلىقلاردىن نەقىل قىلىنغان ھەدىستا ئىشەنچىلىك'' دىيىلگەن بولىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ، ئۆزى ئىشەنچىگە نسبەت بىرىلگەن ئاشۇلاردىن باشقىلار توغرىسىدىكى ھەدىسىدا ئىشەنچىلىك بولمايدۇ. لېكىن بۇخىل نىسبەت بىرىشتىن مەخسەت، رېۋايەتچىنى ئىشەنچىلىك دىگەن ئاشۇ نەرسىلەردە ئۇنى ئاجىز دەيدىغان دەۋاغا رەددىيە بىرىش بولغان بولسا، ئۇنىڭدىن باشقا ھەدىسلىرىدىمۇ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىگىنى يوققا چىقارمايدۇ.

3-ئادالەتكە نىسبەتلەش دەرىجىلىرى:

ئەڭ يۇقۇرى دەرىجە: بۇنىڭدا،  '' كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىگى'' ، ياكى '' پۇختىلىق چىكى ئۇنىڭغا مەنسۇپ'' دىگەندەك يۇقۇرى چەككە يەتكەنلىكنى بىلدۇرىدىغان سۈپەتلەركەلگەن بولىدۇ.

ئوتتۇرھال دەرىجە: بۇنىڭدا '' ئىشەنچىلىك، ئىشەنچىلىك '' دەپ بىر سۈپەت تەكىتلەنگەن بولىدۇ ياكى '' پۇختا، ئىشەنچىلىك'' دىگەندەك  ئىككى سۈپەت كەلگەن بولىدۇ.

تۆۋەن دەرىجە: بۇنىڭدا تەنقىد نىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسگە يېقىنلىغى سىزىلىدىغان سۈپەتلەر كەلگەن بولىدۇ. مەسىلەن : '' سالىھ (ياخشى)'' ، ياكى '' مۇقارىب( يېقىنلاشقۇچى)'' ۋە ياكى '' ھەدىسى نەقىل قىلىنىدىغان كىشى '' دىگەنلەرگە ئوخشاش.

يەنە بۇلارنىڭ ئوتتۇرسىغا توغرا كىلىدىغان مەلۇم دەرىجىلەرمۇ بار.

4-ئادالەتكە نىسبەتلەشنى قۇبۇل قىلىشنىڭ تۆرت شەرتى:

بىرىنچى : (ئادالەتكە نىسبەتلىگۈچى ئۆزىمۇ) ئادىل بولىشى لازىم . پاسىقنىڭ( گۇۋاھلىقى) قۇبۇل قىلىنمايدۇ.

ئىككىنچى : (ئادالەتكە نىسبەتلىگۈچى) سەزگۈر كىشى بولىشى كىرەك. تاشقى كۆرۈنۈشكە مەغرۇرلىنىدىغان بىخۇت كىشىدىن قۇبۇل قىلىنمايدۇ.

ئۈچىنچى: ئادالەتكە نىسبەتلەش سەۋەپلىرىنى بىلىدىغان كىشى بولىشى لازىم. قۇبۇل قىلىش ۋە رەت قىلىش سۈپەتلىرىنى بىلمەيدىغان كىشىدىن (بۇھەقتىكى سۆزى) قۇبۇل قىلىنمايدۇ.

تۆتىنچى : (ئادالەتكە نىسپەتلەنگۈچى) رېۋايىتى قۇبۇل قىلىنماسلىقنى تەقەززا قىلىدىغان  يالغانچىلىق ، ياكى  ئاشكارا پاسىقلىق قاتارلىقلارغا ئوخشاش بىرەر ئەيىپ بىلەن مەشھۇر بولمىغان كىشى بولىشى لازىم.

تەئارۇزىل جەرھى ۋە تتەئدىلى

تەنقىد ۋە ئادالەتكە نىسبەتلەشنىڭ قارمۇ-قارشى كىلىشى.

قامۇ-قارشى كىلىشنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ھالەتلىرى.

1-تەنقىد بىلەن ئادالەتكە نىسبەتلەشنىڭ قارمۇ-قارشى كىلىشى بولسا رېۋايەتچى ھەققىدە ئۇنىڭ رېۋايىتىنى رەت قىلىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان سۇپەتلەر بىلەن قۇبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان سۇپەتلەر تەڭ ئوتتۇرغا قويۇلغان بولىشىدۇر. مەسىلەن : بەزى ئالىملار ئۇنى ئىشەنچىلىك دېسە ، بەزى ئالىملار ئۇنى زەئىپ (ئاجىز) دىگەنگە ئوخشاش.

2-قارمۇ-قارشىلىق ھالەتلىرى تۆت تۈرلۈك بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچى ھالەت : (تەنقىد ۋە ئادالەتكە نىسبەتلەشنىڭ)ھەر ئىككىلىسى ئېنىقسىز بولۇش، يەنى تەنقىدلەشنىڭ سەۋەبىمۇ ۋە ئادالەتكە نىسبەتلەشنىڭ سەۋەبىمۇ ئوچۇق بولمىغان بولۇشتۇر. ئەگەر ئېنىقسىز تەنقىدنى قۇبۇل قىلمايمىز دىسەك، ئادالەتكە نىسبەتلەش قۇبۇل قىلىنىدۇ.چۈنكى بۇھالدا ئەمىلى قارمۇ-قارشىلىق يوقتۇر. ئەگەر تەنقىد ئاساسى كۈچلۈك بولۇپ ئۇنى قۇبۇل قىلىمىز دىسەك قارمۇ-قارشىلىق مەيدانغا كىلىدۇ، بۇھالدا تەنقىدلىگۈچىنىڭ ئادالەت ئەھۋالى ياكى ئۇنىڭ رېۋايەتچىنى تونۇش دەرىجىسى ۋە ياكى تەنقىدلەش ۋە ئادالەتكە نىشبەتلەش سەۋەبلىرى ۋە ياكى بۇ سەۋەپلەرنىڭ قايسىسىدا كۆپ ئىكەنلىكى قاتارلىقلارغا قاراپ قايسى تەرەپ كۈچلۈك بولسا شۇ قۇبۇل قىلىنىدۇ.

ئىككىنچى ھالەت: (تەنقىد ۋەئادالەتكە نىسبەتلەشنىڭ)ھەرئىككىلىسى ئېنىق بولۇش، يەنى تەنقىدلەش سەۋەبىمۇ ۋە ئادالەتكە نىسبەتلەش سەۋەبىمۇ ئوچۇق كۆرسىتىلگەن بولۇشتۇر. بۇھالدا تەنقىد قۇبۇل قىلىنىدۇ. چۈنكى (تەنقىدلىگۈچى)دە قوشۇمچە بىلىم بولغان بولىدۇ، لېكىن ئادالەتكە نىسبەتلىگۈچى تەنقىدلىنىش سەۋەبىنىڭ ھەقىقەتەن يوقالغانلىغىنى بىلىمەن دىسە، مانا بۇچاغدا ئادالەتكە نىسبەتلەش قۇبۇل قىلىنىدۇ. چۈنكى (بۇھالدا) بۇنداق دېگۈچىدە قوشۇمچە بىلىم بولغان بولىدۇ.

ئۈچىنچى ھالەت: ئادالەتكە نىسبەتلەش ئېنىقسىز بولۇش ۋە تەنقىد ئېنىق بولۇشتۇر، بۇھالدا تەنقىد قۇبۇل قىلىنىدۇ. چۈنكى تەنقىدلىگۈچىدە قوشۇمچە بىلىم بولغان بولىدۇ.

تۆتىنچى ھالەت: تەنقىد ئېنىقسىز ۋە ئادالەتكە نىسبەتلەش ئېنىق بولۇشتۇر. بۇھالدا كۈچلۈك بولغانلىغى ئۈچۈن ئادالەتكە نىسبەتلەش قۇبۇل قىلىنىدۇ.

بۇيەردە  ئۈنۋىرستىتنىڭ ئىككىنچى سىنىپ بىرىنچى يىللىقى ئۈچۈن مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىننىڭ قولىدا تۈزۈلگەن ''ھەدىس ئىلمى قوللانمىلىرى'' كىتابىنىڭ بىرىنچى قىسمى تۈگىدى. ئاللاھقا مىننەتدارلىقلار بولسۇنكى ئۇنىڭ نىمەتلىرى بىلەن ياخشىلىقلار ۋايىغا يىتىدۇ ۋە ۋاقىتلار بەختكە چۈمىدۇ. پەيغەمبىرىمىزگە ، ئائىلە –جەمەتىگە ، ساھابىلىرىگە شۇنداقلا قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ ئىزىدىن سەمىمى ماڭغانلارغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى بولسۇن
دوستلىشىش
رامىزان
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8606
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 87
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە87دانە
ئۆسۈش: 730 %
مۇنبەر پۇلى: 1230 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-15
ئاخىرقى: 2012-05-01

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن !  
kalduk ibadat uqun,kaytimiz yisap uqun.mihmanbiz budunyada,ulimiz tirilix uqun.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 952
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە952دانە
ئۆسۈش: 2220 %
مۇنبەر پۇلى: 11167 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-01
ئاخىرقى: 2012-05-10
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-03 15:29

ساقلىۋىلىپ ئوقۇي.