باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 438 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بىلىم(شېئىر)
دوستلىشىش
ئوغلانى
ياخشى كۆرگىنىڭنىڭ ھەممىسى سېنىڭ ئەمەس.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10944
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 13
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە13دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 162 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-26
ئاخىرقى: 2012-03-13
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-28 19:18

بىلىم(شېئىر)


ئىزلەپ رەنا كەزدىم جاھاننى ،
كەچتىم دەريا ، ئاشتىم داۋاننى .
كۆردۈم تۈمەن گۈزەل جاناننى ،
كۆرمەس بولدۇم يورۇق چولپاننى .
 
بولدى قەلبىم قاقاس - باياۋان ،
يۈردۈم گويا چۆللەردە ھامان .
كۆرۈنسىمۇ نۇرلار ناگاھان ،
يۇلتۇز كەبى يىراقتا پىنھان .
 
قالدىم چۆلدە يالغۇز ھەم تەنھا ،
تامچە سۇغا قەلبىمدۇر تەشنا .
قاندۇرمىدى چاڭقاق قەلبىمنى ،
دەريا تۇرۇپ ئالدىمدا ئەمما .
 
قايناق شەھەر ، يوقتۇر گۈل – گىيا ،
چىراق كۆپتۇر ، يوقتۇر نۇر – زىيا .
قايدا مەشئەل ، قىلىمەن نىدا  ،
يوقكەن ھەممە ، نادان ئالدىدا .
 
تاپتىم ئاخىر ئىشنىڭ يولىنى ،
تۇتتۇم شۇئان ئۇستاز قولىنى .
قازدىم قۇدۇق چۆلدەك قەلبىمگە ،
سالدىم ئەمدى ھايات ئۇلىنى .
 
بىلدىم ! يوق ئىكەن بىلىمدەك رەنا ،
ھايات بېغىمدا گۈل ئىكەن بەرنا .
قولدىن كەتسىمۇ باشقىسى ئەمما ،
كەتمەي بولۇركەن قەدىناس ھەمرا .

ئاپتۇر : ئوغلانى
                          
2011-يىل8-ئاي5-كۈنى

ئاقسۇ
 
ئەسلى يوللانغان مەنبە : http://www.alhux.com/bbs/read.php?tid=549
يوقالسا گەر ناچار ئىللىتى،
يۈكسىلەر شۇ خەلق مىللىتى.