باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 765 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قاسىم سىدىق: ساتىرىك مۇخەممەسلىرىدىن (1)
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 485
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە485دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6074 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-11
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-28 15:48

قاسىم سىدىق: ساتىرىك مۇخەممەسلىرىدىن (1)

قاسىم سىدىق: ساتىرىك مۇخەممەسلىرىدىن (1)


باشلىق

باشقا باشلىقلار بەلەن بۇ باشلىق غەلەت باشلىق،

ئىچىدە زەھەر قاينار، بەكمۇ شۇم تەلەت باشلىق،

باشلىقلىرى كەلگەندە قولى ئوچۇق مەرت باشلىق،

پۇقرا ھالىنى ئىتسا تۆكۇپ كېتەر دەرد باشلىق،

مەككارلقتا شەيتانغا ھەردەم ھەمجەھەت باشلىق.


ئۆزى بىلمەس ئىلىپنى ئىمتىھانغا ئامراق ئۇ،

بولار پەقەت ئاتسىنىت، خەت يىزىشتا خامراق ئۇ،

چەش ئالغاندا ھازىر ئۇ، ئومىلاردا كامراق ئۇ،

شۇنداق تۇرۇپ يادەرىخ، بىزگە"ئۇلگە-بايراق"ئۇ،

ئۆزىگە مۇنار تىكلەپ ھارماس بەد سۈرەت باشلىق.


مەجىلىسلەردە چالۋاقاپ" پاك بولۇش"نى سۆزلەيدۇ،

تۇگمە بەرسەڭ ئالمايدۇ، ئەسلى تۆگە كۆزلەيدۇ،

تۇتۇلمىسا"سەن"لەيدۇ، تۇتىۋالساڭ"سىز"لەيدۇ،

جىمى نۇقسان ئۆزىدە، تىرناقتىن كىر ئىزلەيدۇ،

كىرلا تاپسا باپلايدۇ، بەكمۇ شۇم نىيەت باشلىق.


كىمكى بەرسە ھەق تەنقىد، پالايدۇ شۇنى چۆلگە،

كىم ئالدىداپۇكلەنسە، پۇركەيدۇ شۇنى گۈلگە،

باشنى سوقىدۇ باشقا، پىتنە يايىدۇ ئەلگە،

كۆڭلىگە سېلىپ غۇمنى، باغلايدۇ كەمەر بەلگە،

ئالدىدا قويۇپ توچكا، كىيىن يازار خەت باشلىق.


"ئۆتكەل"لەردە بەك ھوشيار، بولۇپ ئالار مۇلايىم،

سەن تۇگۇل بالاڭغىمۇ سالام قىلىدۇ دائىم،

ئۆتىۋىلىپ كۆرۇكتىن دەيدۇ"نېمە پەرۋايىم،

گەجگەڭگە يۈرەي دەسسەپ. تارتىدۇ شۇنى رايىم!"

ئەجەب ئۇستا قىلتاقچى، تۈلكىگە جەمەت باشلىق.


ئىدارىگە جەم قىلدى نەلەردىن يىغىپ تۇغقان،

ئايالىنى خىزمەتلىك قىلىپ قويدى ئەجەب چاققان،

قىزىنىڭ غېمى پۈتتى، سالدى ئوغلىغا يوتقان،

نەۋرە بولسىدى كاشكى، بولمامتى راسا ئۇتقان،

تۇغقىنىغا ئىشلەتمەس"پرىنسىپ"ۋە"شەرت"باشلىق.


تىشەلمەيدۇ گىلىنى رىشاتكىنىڭ تۆمۈرى،

قازىنىنى قاينىتار ئىدارىنىڭ كۆمۈرى،

كۆپچىلىكنىڭ لىيىدا چاپلىنىدۇ كامىرى،

نەپلا كۆرسە سۈمەرگەچ، پۈتۈپ كەتكەن خامىرى،

ئامبارغا قەدەم قويسا قولىدا سېۋەت باشلىق.


تەكىتلەيدۇ"ئەخلاق"نى، ئوينايدۇ ئۆزى ئاشنا،

ئىدارىدە كىم سەتەڭ، قويىدۇ ئاڭا پاشنا،

دەيدۇ"ئاشنام سەن ئەمدى بەھۇزۇر ياشا، ياشنا،

ئىلغارلىققا سەن تەشنا، لەۋلىرىڭگە مەن تەشنا"،

نېسىۋىسى شۇڭلاشقا قارغىش ھەم لەنەت باشلىق.


بىر سەتەڭگە كۆنمەيدۇ، ھەر يان سالىدۇ قۇشنى،

كۇنلىسە ئايالى گەر، شۇدەم ئوينىتار مۇشتنى،

مۇشتقا كۆنمىسە دەرھال تەڭلەر دورا بىھۇشنى،

ئەپ بېرىپ سەھەر كەچتە ھارام پۇلغا گۆشنى،

روزىغارى قىيامەت، ئالا كۆڭۈل، سەت باشلىق.


باشلىقىغا سۆڭگىتەر، نازىنىنى ئەپ تاپسا،

ئەپ قويمايدۇ قىتىغا، يۇرت- جامائەت گەپ تاپسا،

بولسا مەيلى يۇمشاقباش، بولدى پەقەت نەپ تاپسا،

بالائىكەن ھەر يەردىن مىنىڭ بالام دەپ تاپسا،

تەلەپ قىلسا باشلىقى، قىلغايمىدى رەت باشلىق؟!


بىزمۇ ئادەم ھەي باشلىق، قىلما بۇنچە دەپسەندە،

سۈكۈت قىلساق بىر مەھەل "بېشى يۇمشاق" دەپسەندە،

تېگىپ كۆپنىڭ چىشىغا، بولمىدى كىم شەرمەندە،

بىر چاۋاك بىلەن ئەمدى، مەرتىۋەڭ جەھەننەمدە،

بورانغا چىدالامتى سېسىق- پور سۆگەت باشلىق!.

1993-يىل12-ئاينىڭ16-كۈنى.


خوتۇن




باشقا خوتونلار بەك بەلەن، بۇ خوتۇن يامان خوتۇن،

تۈلكىگە دەرس بىرەر، ھيلىگەر تادان خوتۇن،

ئەپتى ئىنساندۇر ئۇنىڭ، قىلمىشى ھايۋان خوتۇن،

ئاغزىدا ئىنساپ-دىيانەت، قەلبى بى ئىمان خوتۇن،

ھەر كوچا، ھەر رەستىدە، قىلىدۇ جەۋلان خوتۇن.


ئاتىقىم ئەر، ئەسلىدە بۇ خوتۇن ئەردۇر ماڭا،

كۆزلىرىنى بىر ئالايتسا جەبرى مەھشەردۇر ماڭا،

سۇزلىرى خۇنخۇر ئەجەب، ئۇرسا خەنجەردۇر ماڭا،

ئىسمى-جىسمى ئەرشىدە، قالغىنى يەردۇر ماڭا،

بىر ئۇقۇشماسلىقتىن بىنا بوپتۇ بۇ شەيتان خوتۇن.


بېخەۋەر قالما كىتاپخان، ئىسمى"پەرىزات"تۇر ئۇنىڭ،

كىم قاراپ سالسا ئاڭا، ئۆمرى بەرباتتۇر ئۇنىڭ،

قاپقارا بىر جۈپ قىشى قالغاچقا قاناتتۇر ئۇنىڭ،

مەيلى يۈز مەيلى لىۋى ھۆرلۇككە ئىرشاتتۇر ئۇنىڭ،

پوستى گۈلدەك تۇرسىمۇ، قەلبى زىمىستان خوتۇن.


داسقا دەستۇرخان بىلەن بىرگە سالار تامبالنى ئۇ،

كەتسىمۇ يىل ئۆرۈلۇپ، يۇيماي تۇتار دەسمالنى ئۇ،

كىر سوپۇن كىرسىن بىلەن بىرگە قويار پوشكالنى ئۇ،

باشقا سۈردۈم دەپ يىلىم بۇلغىۋەتتى بالنى ئۇ،

مېنىمۇ باستۇردى نەس، ئۆزى نەس باسقان خوتۇن.


ھەر كۈنى ھەر ئاخشىمى ھاردىم دېمەي پەرداز قىلار،

زۇقلىنىپ پەردازىدىن كوچىدا باز-باز قىلار،

شۇ ئۇزۇن چاچنى كېسىپ، ساق بېشىنى تاز قىلار،

ئوسما قويسا قىشلىقى، يۇزنى يۇماي ياز قىلار،

جىسمى سەرگەردان خوتۇن، روھى سەرگەردان خوتۇن.


باللىرىدىن قىزغىنىپ، ئاغزىنى توراپ تۇرۇپ،

ياخشى تائام تاپسا گەر يۇتىدۇ زۇرلاپ تۇرۇپ،

"بولما چاپقاق- پاسكىنا"دەپ كۇندە مىڭ توۋلاپ تۇرۇپ،

قىيمىدىن ئىلغايدۇ گۆش، بۇرنىنى كولاپ تۇرۇپ،

بەدنىيەت، كۆڭلى قارا، تويمىغۇر-ئوپقان خوتۇن.


بولسا مەينەتلىك ئەزىز، بولىمىز مەشھۇر ھامان،

خۇددى تۇگمەن ئۆي ئىچى، تام-تورۇستا تور ھامان،

گاھ پولۇ، گاھىدا ئەخلەت ئالىدۇ كەپكۇر ھامان،

داستا قىشلايدۇ يۇيۇندا، بوخوتۇن بەسخۇر ھامان،

سۇرسە ئەڭلىك يادەرىخ، ئىدى بەك چاققان خوتۇن.


"دات"دېدىم، چەكتىم تاماكاكەينى-كەينىدىن ئۇلاپ،

كىرنى يۇدۇم ئاقىۋەت قولنى مازغاپقا چىلاپ،

ئۆي سۇپۇردۇم، تام ئاقارتتىم، ئاشمۇ ئەتتىم ئوت قالاپ،

تەخسىگە ئالغان ئىدىم يېدى ياغمۇشقا مىلاپ،

ئوخشىماپتۇ دەپ تېخى، قىلدى كۆپ بوھتان خوتۇن.


كەلسە گەر بىر تۇغقىنى ئاز كېلەر پاقلان ئاڭا،

كەلسە گەر بىر تۇغقۇنۇم قاينىماس يۇبدان ئاڭا،

كەلسە گەر بىرتۇغقىنى مامۇق چۈشەك ياپقان ئاڭا،

كەلسە گەر بىر تۇغقۇنۇم مەللە تون يوتقان ئاڭا،

تۇغقونۇمنى ئۇزوتۇپ سالدى ئادراسمان خوتۇن.


قەددى تۇز، ئەپسۇس ئۇنىڭ دىلى ھەردەم ئەگرىدۇر،

شۇنچە داغدام يول تۇرۇپ، يولى ھەردەم ئەگرىدۇر،

كۆزى چۇنتەكتە ھامان، قولى ھەردەم ئەگرىدۇر،

روزىغارغا سوقسا تام ھولى ھەردەم ئەگرىدۇر،

خوشنىلارمۇ"دات"دېدى، ئۆزى بەك ئالمان خوتۇن.


ئاغزىدىن ئوت چاچرىدى، ئالتۇن چىشى پال-پال قىلىپ،

بولدى ئاراز ھەممە قوشنام بوخوتۇن جاڭجال قىلىپ،

باسمىدى بىرسى ئاياق، چىللسام پوشكال سېلىپ،

قويدى غەيۋەتلەر ئۇنى قۇترىغان جەددال قىلىپ،

قىلمىدى راست گەپ ھامان، قىلغانلىرى يالغان خوتۇن.


ئاز دېگەندەك شۇنچە دەرتنى ئۆزى بەك كۈنچى تېخى،

كۆزلىرىمدىن ئاختۇرار سىر، ئۆزىچە سىنچى تېخى،

ھارمىدى ھەر ھەپتىسى، ئىزلىدى رەمچى تېخى،

مېنى ئو ئالدامچى رەمبال قىلدى يالغانچى تېخى،

چاچلىشىپ كەتتى تالاي چوكان بىلەن شۇئان خوتۇن.


"ھاي"دېسەم ئۈستى ياغاچقا، شۇدەم قاناتتى بۇرنىنى،

"ۋاي مېنى ئۆلتۇردى"دەپ باشقا كەيدى ھويلىنى،

ئەيلىدى نوغۇچنى نەيزە، قىلدى قالقان چويلىنى،

مەلە-يۇرت تۇتۇپ ياقا، چايقاپ زىرىكتى بوينىنى،

موتىھەم، ئارسىز ئەجەب، غوۋغا دېسە پالۋان خوتۇن.


ھۆسنىگە شەيدا بولۇپ كۆيگەنلىرىمگە ۋاي دەرىخ،

ئۇنى گويا ھۆر-پەرى بىلگەنلىرىمگە ۋاي دەرىخ،

كۈندە مىڭ تارتىپ ئىزا، ئۆلگەنلىرىمگە ۋاي دەرىخ،

سۇ ئەمەس ئوت قويدى ئۇ تۈگمەنلىرىمگە ۋاي دەرىخ،

ئال خېتىڭنى بولدى بەس، قىلدىڭ مېنى ۋەيران خوتۇن.

1993-يىل
.
[ بۇ يازمىنىق.سىدىق 2012-02-28 22:44قايتا تەھرىرلىدى ]
ئەلدىن -ئەلگە نەپ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8340
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 67
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە67دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 700 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-27
ئاخىرقى: 2012-08-30

يالاقچىلىرىمۇ كۆپ باشلىق،يالاقچىلىرى كەينىدىن تىللايدىغان باشلىق،يالاقچىلارنىڭ «باشلىقى» باشلىق،ئاخىرى ئۆزىمۇ بىلىپ-بىلمەي يالاقچىلىققا ماڭغان باشلىق.تۆۋەندىكىلەرنىڭ چىشىغا تېگىپلا يۈرۈيدىغان باشلىق....
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 485
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە485دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6074 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-11
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-28 22:52

لى يى مېن




(2011-3-14)
 



温家宝在人民大会堂与采访两会的中外记者见面。-点击查看更多图片

بۈگۈن ئەتىگەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخىبىرلارنى كۈتىۋېلىش جەريانىدا زۇڭلى ۋېن جىياباۋ نۆۋەتتىكى ئەڭ زور خەۋىب چىرىكلىك دىدى.
ئامىرىكا سىملىق تېلىۋزىيە ئاخبارات تورىنىڭ مۇخبىرى سۇئال سوراپ:
زوڭلى،سىزنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقىنىڭىزغا سەككىز يىل بولدى، (2003-يىلدىن تا ھازىرغىچە) سىز كېيىنكىلەرگە قانداق «مىراس» قالدۇرماقچى؟سىز كۆپ سورۇنلاردا سىياسى ئىسلاھاتنى تىلغا ئالغان ۋاقىتلاردا،جوڭگۇنىڭ ھازىر دۇچ كېلۋاتقان خىرىس ۋە مەسلىلەرگە قارىتا ئويلىنۋاتقانلىقىڭىزنى تىلغا ئالغان ئىدىڭىز. سىزنىڭچە قانداق ئىسلاھاتنى يۈرگۈزگەندە،جۇڭگو ھۆكۈمىتى تېخىمۇ ئۈنۈملىك ھالدا خەلقنىڭ قىزغىنىلىقى،مەسلىسى ۋە رازى بولماسلىقىنى قانداق ھەل قىلماقچى؟مەسلەن: سىز مەلۇم رەھبەرلىك ئورۇنىغا قارىتا بىۋاستە ئۆستۈرۈشنى قوللامسىز ياكى سايلام پەرىقى ئارقىلىق ئۆستۈرۈشنىمۇ؟
ۋېن جىيا باۋ: بىرىنچى مەسلىنى تىلغا ئېلىش بۇرۇنراق بولۇپ قالدى.مېنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىمگە يەنە ئىككى يىل بار،مەن قىلماقچى بولغان خىزمەتلەر يەنىلا كۆپ.مەن خۇددى بىر جەڭچىگە ئوخشاش،ئۆزۈمنىڭ خىزمەت ئورنۇمدا ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنگىچە كۆرەش قىلىمەن! دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن بارلىقىمنى ئايىمايمەن،ئىش ئورنۇمدا چىڭ تۇرۇپ ۋەزىپەمنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقىمەن.
  بىرىنچىدىن، مېنىڭچە ئىسلاھات تارىخنىڭ مەڭگۈلۈك باش تېمىسىدۇر.
ئىككىنچىدىن،سىياسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى،ئىقتىسادى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ كاپالىتىدۇر.
ئۈچۈنچىدىن،نۆۋەتتە،مېنىڭچە ئەڭ زور خېيىم-خەتەر چېرىكلىكتىن كىلىدۇ،دەپ قارايمەن.ئەمما چېرىكلىك يوقالغان تۇپراقتا يەنىلا ئىسلاھات تۈزۈلمىسى ۋە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشقا توغرا كىلىدۇ.
تۆتىنچى،ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىك سوتسىيالىزىمنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىدۇر،شۇنداقلا سوتسىيالىزىمنى موقۇملاشتۇردىغان ئاساستۇر.
بەشىنچىدىن،ھەر بىر ئادەمگە مائارىپ بىلەن تەربىيلىنىش پۇرسىتى بېرىش،كىشىلەرنىڭ مۇستەقىل بولغان ئوي-پىكىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
مەن ئىزچىل شۇنداق دەپ ئويلايمەنكى،بۇ بىر ئايلانما بولغان ئالغا ئىلگىرلەش جەريانى.ئەمما شۇنىڭغا ئىشىنىش كېرەككى،ئامما بىر كەنتىنى ياخشى باشقۇرالىسا،بىر يېزىنىمۇ ياخشى باشقۇرالايدۇ،ھەم بىر ناھىينىمۇ ياخشى باشقۇرالايدۇ.بۇلارنىڭ ھەممىسىگە جەريان كېرەك.
 
چوغلان تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىن :چوغيار(كونا تۇنۇش) تەرجىمىسى.
http://news.qq.com/a/20110314/001646.htm?qq=0&ADUIN=1514192746&ADSESSION=1300078971&ADTAG=CLIENT.QQ.2881
_.0



[ بۇ يازمىنىق.سىدىق 2012-02-28 23:14قايتا تەھرىرلىدى ]
ئەتلەسچى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4488
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 252
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە252دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1560 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-07
ئاخىرقى: 2012-08-17
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-28 23:02

ھۆرمەتلىك ئۇستاز قاسىم سىدىق ئەپەىدىم. مەن ئىككى ئۈچ كۇن بۇلدى مەخسۇس سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى ئۇقۇۋاتىمەن .ھازىرلا يازغۇچىلار مۇنبىرىدىكى (تايانچىم بار)نامى ئاستىدىكى بىر قىسىم ماقالە ئەسەرلىرىڭىزنى ئۇقۇپ تۇگەتتىم ھەم سىزنىڭ ماقالە ئۇقۇۋاتقان سۈرۈتىڭىزنى كۇرۇشكە مۇيەسسسەر بولدۇم ،سىزنىڭ مشۇ ياشقا كىرىپمۇ كۇمىيوتىر ئالدىدا ئولتۇرۇپ مۇنبەرداشلار ئۈچۈن ئەسەر يۇللسۋاتقانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپ تەشەككۈر.كەڭ سايغا ئەزا بولغانلىقىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن .بارلىق كەڭ سايدىكى مۇنبەرداشلارغا ۋاكالىتەن تىنىڭزنىڭ سالامەت بۇلشىنى ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەيمەن،
ئەتلەسچى
دوستلىشىش
ohho~duqu
kvlgenning hemmisi dost emes
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5343
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 640
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە640دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 6761 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2012-09-08
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-29 10:39

بۇ شېئىرنىڭ تىلى ناھايىتى ئۆتكۈركەن ، تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا مەنمۇ شېئىر ئىجادىيىتىگە قىزىقاتتىم ، كىيىنچە دېھقان ئاتا دەپ بىر شېئىر يېزىپ چىقىپ مۇئەللىمنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەنتىم لېكىن ئۇ شېئىرىم يۈتۈپ كەتكەنتى    شۇنىڭ بىلەن مەن يېزىپ باقمىدىم
man kangsay azasian
،،،،،،،،،،،،؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1949
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1949دانە
ئۆسۈش: 8610 %
مۇنبەر پۇلى: 26272 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-09-10
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-29 11:07

باشلىقىمىزنىڭ جاۋابى ئەجەپ  پاساھەتلىك بوپتۇ ھە،،،،،،،،،،،،،تىپىك جۇڭگوچە جاۋاپ،،،