باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 724 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: GP-Bتەجرىبىسى زامان-ماكان ئەگرىلىكى  ئېسپاتى
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 481
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە481دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6034 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-08
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-28 14:59

GP-Bتەجرىبىسى زامان-ماكان ئەگرىلىكى  ئېسپاتى

GP-Bتەجرىبىسى زامان-ماكان ئەگرىلىكىنىڭ يېتەرلىك ئېسپاتى ئەمەس

ئالىمجان ئوبۇل


2011-يىلى 5-ماي GP-Bتەجرىبە نەتېجىسى ئېلان قىلىنىپ، بۇ تەجرىبە نەتىجىسى كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئىككى پەرىزىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى دەپ جاكارلاندى.

لېكىن مەن يۇقۇرقى تەجرىبە نەتېجسىنىڭ كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئىككى پەرىزىنى ئىسپاتلىدى دەپ قاراشقا ئالدىراپ كەتمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىمەن.ئاساسلىرىم تۆۋەندىكىچە:

بىز بۇ خىل تەجرىبە جەريانىنىڭ مەۋجۈتلىگىدىن خەۋەر تاپمىغان ئەھۋال ئاستىدا، قاسىم سىدىق ئەپەندى ئاساس سالغان «شەكىل نەزەرىيىسى»نىڭ29-تېئۇرمىسىدىكى «زەررىچە ۋە جىسىملار سىزىقلىق ھەرىكەت جەريانىدا ئۆز ئوقىدائايلىنىش يۆنىلىش تەرەپكە ئاغىدۇ» دېگەن پەرەزنىڭ توغرا-خاتالىغىنى ئىسپاتلاش مەقسىتىدە 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 7–كۈنىدىن9-كۈنىگىچە جەمىئىي450 قېتىم تەكرار تەجرىبە ئىشلىدۇق.تەجرىبىدە ئۆز ئوقىدا تەخمىنەن 87 رادىيان ھەر سېكۇنىتلىق تېزلىكتەئايلىنىدىغان، ماسسىسى 1.2 كىلۇگرامدىن 1.7 كىلۇگرامغىچە بولغان ئېلكتىر ماتۇرىنى ئىچى كاۋاك شارچىنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، 30 مېتىر ئىگىزلىكتىن تاشلىدۇق.نەتىجىدە شارچە، شارچە ئىچىدىكى ماتۇرنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش سەۋەبىدىن ماتۇرنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە قاراپ ئاغدى. ھەرخىل تەسىرلەر ھېساۋىدا%60نى چېقىرىپ تاشلىغاندا، ئېغىشنىڭ ئېنىق قېممىتى 1.26مىللىمېتىر بولىدۇ.

بىز تەھلىل قىلىش ئارقىلىق بۇشارچىنىڭ ئېغىشىنى كەڭ مەنىدىكى نىسبىلىك نەزەرىيىسى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى جەزىملەشتۈردۈق.چۈنكى، كەڭ مەنىدىكى نىسبىلىك نەزەرىيىسى بويىچە بولغاندا ماتۇرنىڭ ئايلىنىش ئوقى مەيلى قايسى يۆنىلىشكە قارىسۇن شارچىدا يەر شارى ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنلىشىگە ئەگىشىپ ئېغىش ۋە يەر مەركىزىگەقاراپ ئىغىشتىن ئىبارەت نەتىجە كۆرۈلۈشى كېرەك. بىراق بىزنىڭ تەجرىبىمىزدە بولسا ،شارچىنىڭ ئايلىنىش ئوقىنى يەرشارى ئوقى بىلەن ئوخشىمىغان يۆنىلىشلەردەتاشلىغاندىمۇ شارچىنىڭ ئىغىشى پەقەت شارچىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ چىقىتى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ناسا ئىشلىگەن تارتىشكۈچى تەكشۈرۈش ئاپاراتى (GP-B) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ۋە تەجرىبە مەزمۇنلىرىدىن GP-Bتەجرىبىسى ئەمەلىيەتتە بىز ئىشلىگەن تەجرىبىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى ئىشلىنىشى دەپ قاراشقابولىدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇق. چۈنكى گىرۇسكۇپلارنىڭ گورزىنتال يۆنىلىشتىكى ئېغىشى(ياكى قاينامسىمان مەيدان تەسىرىدىكى ئېغىشى) ئەمەلىيەتتە شەكىل نەزەرىيىسىدەئالدىن ھۆكۈم قىلىنغان ئۆز ئوقىدا ئايلانغان ۋە سىزىقلىق ھەرىكەت قىلغان زەررىچەۋە جىسىملارنىڭ ئېغىش يۆنىلىشى بىلەن ئوخشاش. يەنىGP-Bنىڭ نەتېجىسىنى شەكىل نەزەرىيسىدىكى 29-تېئورىمامەيدانىدا تۇرۇپ چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ.كۆرىنىپ تۇرۇپتىكى زادى زامان-ماكان ئەگرىمۇ ياكى ھەرىكەتنىڭ خۇسۇسىي خاراكتىرى ئەگرىمۇ؟-مانا بۇ يۇقۇرقى ئىككى تەجرىبە ئوتتۇرىغا چىقارغان جېددىي تېما.


پايدىلىنىلغان مەنبەلەر:

1.ئالىمجان ئوبۇل: تەجرىبە دوكلاتى

http://www.aldost.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2854&page=1&extra=#pid3007

2. ئالىمجان ئوبۇل: ئىككى تەجىرىبە ھەققىدە سىلىشتۇرما تەھلىل

3.قاسىم سىدىق: فىزىكىل شەكىل نەزەرىيسىنىڭ تەتقىقات رامكىسى ۋە تەتقىقات يۆنىلىشى

ئەسكەرتىش:ھەرخىل چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن يۇقارقى ئۈچ پارچە ماقالىنىڭ ئىنگىلىزچە، خەنزۇچە تەرجىمەنۇسخىلىرىنى ھازىرچە تەييارلىيالمىدۇق. لىكىن، مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەشەببۇسلارنىڭ ئېنىق پاكىت ئاساسىغا ئىگە ئىكەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمەن.


2011-يىلى6-ئاينىڭ7-كۈنى
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 481
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە481دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6034 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-08

«كائىنات»تورى ئېنىق بولمىغان سەۋەپ بىلەن ۋاقىتلىق ئىچىلماس بولۇپ قالغانلىغى ئۆچۆن،شەكىل نەزەريىسى 29-تىئورىمىسىنىڭ تەجىرىبە دوكىلاتىنى ۋە بۇ تەجىربىگە ئائىت باشقا تېمىلارنى «ئەلدۇسىت»دىن كۆرۆڭ:


كلاسسىك فىزىكا ۋە ھازىرقى زامان ئاساسىي فىزىكا نەزەرىيلىرى دۇچ كەل كەلگەن خىرىس

ــــــــــــــــ كۆتۆلمىگەن بىر تەجىرىبە نەتىجىسىدىن دوكىلات
http://www.aldost.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2854

شەكىل نەزەرىيسى تەقەززالىغىدىكى يېڭى فىزىكا

http://www.aldost.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2857


مەشھۇر ئۈچ تەجرىبە ۋە 29-تېئورىما تەجرىبىسى ئۈستېدە سىلىشتۇرما تەتقىقات
http://www.aldost.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2855

تەجىرىبە ئىشلەشنىڭ ئالدى- كەينىدە

http://www.aldost.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2858&extra=

«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»نىڭ تەتقىقات رامكىسى ۋە تەتقىقات يۆنىلىشى

http://www.aldost.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2856&extra


-------------------------------

http://www.aldost.com/bbs/forum.php]]
ئېىسىت بىزدىكى دۆتلۈك
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2723
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 389
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە389دانە
ئۆسۈش: 130 %
مۇنبەر پۇلى: 2325 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-07
ئاخىرقى: 2012-09-03
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-03 20:36

Re:GP-Bتەجرىبىسى زامان-ماكان ئەگرىلىكى  ئېسپاتى

بۇنى ياخشى يوللاپسىز كائىناتنىڭ تىزراق ئىچىلىشغا تىلەكدەشمىز ؟.
ئېىسىت بىزدىكى دۆتلۈك
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2723
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 389
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە389دانە
ئۆسۈش: 130 %
مۇنبەر پۇلى: 2325 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-07
ئاخىرقى: 2012-09-03
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-03 20:45

ناھايىىتى ياخشى ئىش بوپتۇ. ؟ بەزەن يەرلىرنى چۇشەنمىسەممۇ ؟ قاسىمكامنىڭ 29- تىئورمىسنى چۇشنىمەن ، مەن ھەم بۇ يەردىكى ئىغىشنى ھەرخىل كۇچ ئۇقۇمى بىلەن چۇشەندۇرۇپ باقماقچى بولغام ئوخشاشلا مەغلۇپ بولدۇم .  ئاخىردا قاسمكامنىڭ توغۇرلۇقىغا دەسلەپكى قەدەمدە قايل بولماي تۇرالمدىم .
29- تىئورمدىكى ئىغىشنى  ھەربىر كىشى چۇشنۇپ بقىشى كىرە ك دەپ ئويلايمەن . چۇنكى ئۇ بىلمىگىدەك تەس ئىش ئەمەس.

[ بۇ يازمىنى281151976 2012-03-03 21:18قايتا تەھرىرلى ]