باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2892 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: باي بولغىڭىز بارمۇ ؟
دوستلىشىش
ئوغلانى
ياخشى كۆرگىنىڭنىڭ ھەممىسى سېنىڭ ئەمەس.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10944
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 13
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە13دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 162 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-26
ئاخىرقى: 2012-03-13
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-28 14:42

باي بولغىڭىز بارمۇ ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئوقۇرمەن مەن بۇ يەردە مال - دۇنيا ھەققىدە سۆزلىمەكچى ئەمەس ، ئەگەر ۋاقتىڭىز بولسا بىر ئوقۇپ بېقىڭ ، ئاللاھ خالىسا سىزگە زىيىنى تەگمەس .
تېمىسىنى << باي بولغىڭىز بارمۇ ؟ >>  دەپ قويىشىمدىكى مەخسەت ماقالەمنى كۆپرەك ئادەم كۆرسە بىر ئادەم بولسىمۇ  بۇ ھەقتە ئويلىنىپ باقسا دەپ ئويلىدىم .
مەن ئىلگىرى يېرىم ئەركەك نامىدا بىر ماقالە يازغان ئىدىم ، كۆرىلىشى يامان ئەمەس بولغان ، ئەمما مىللەتنىڭ ئەيىپ - نۇخسانلىرىنى كۆرسىتىدىغان مۇنداق تېمىلارنىڭ كۆرىلىش نىسبىتى مال - دۇنيا توغرىلىق يېزىلغان تېمىلارغا ھەرگىزمۇ يېتىشەلمەيدىكەن . تېخى بەزى بىر مۇنبەرلەر باشقا مۇنبەرلەرگە يوللىغان تېمىلارنى تەستىقلىمايدىكەن . بەلكىم ئۇلار مەزمۇنى بىلەن ھېسابلاشمايدىغان ئوخشايدۇ  . ئۇلارغا پەقەتلا مۇنبەرنىڭ ئىناۋىتى بولسىلا بولىدىغاندەك ، مىللەت ، خەلق بىلەن كارى يوق . بەزى ئوقۇرمەنلەرمۇ ئۇلارنى سۆككىنىمگە نارازىلىقىنى ئىپادىلەپتۇ . مەن قايتا ئويلىنىپ باقسام ھەرقايسى ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە دىنىي - ئېتقاد ، مىللىي ئۆرۈپ - ئادەتتىن چەتنىگەنلەرنى چەتكە قېقىپ سۆكىدىغانلار جىق ، ئۇلارغا توغرا يولنى ئۇلار قۇبۇل قىلالىغۇدەك دەرىجىدىن باشلاپ چۈشەندۈرۈپ يېتەكلەيدىغانلار يوقنىڭ ھېسابىدا ئىكەن . بىزلەر ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىمىز ، خاتالىقنى تونۇتىمىز دەپ ئۇلارنى بىزدىن قاچىدىغان ، بىزنى يامان كۆرىدىغان قىلىپ قويۇشقا باشلاپتىمىز ۋە ھاكازالار.................
مەن بۇ ھەقتە كۆپ ئويلاندىم ، پىكىر يۈرگۈزۈپ تەپەككۈر قىلىپ باقتىم ( بەك چوڭقۇر قىلىپ كېتەلمىسەممۇ ئۆزەمگە چۇشلۇق قىلدىم ) بىر ھەقىقەتنى ھېس قىلدىم . بىز ئىسلامنى ، شەرمىي - ھايا ، ئەدەپ - ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىمىز يۇ ، نېمە ئۈچۈن بۇ دىننى بىزگە ئېلىپ كەلگەن ئەخلاقىنىڭ گۈزەللىكىدە ھەمتەڭ تېپىلمايدىغان زات <<  رەسۇلىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم >> نى ئۈلگە قىلمايمىز ؟ ئول زات دەۋەتنى باشلىغاندا ساھابىلەرنى ئىلگىرى قىلغانلىرىنىڭ ھەممىنى تاشلاشقا ، ھەممىدىن بىراقلا ۋاز كېچىشكە  بۇيرىمىغان ئىدى ، بىراق بىزچۇ ؟  كۈنىمىز سۆكۈش بىلەن ، ئۈنىمىز تىللاش بىلەن مەشغۇل .
ئاددىي بىر مىسال ئالايلى : بىر ئېلىكتىرون ئالىمى بېرىپلا ئاددىي بىر دېھقانغا ئۆزى ياسىغان بىرەر ئۈسكىنىنىڭ ئەۋزەللىكنى ، دېھقانغا قانداق قولايلىق ئەپكېلىدىغانلىقىنى سۆزلىمەي ، بۇنى چوقۇم ئال دېسە دېھقان ئالارمۇ ؟ ئالغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ قەدرىنى بىلەرمۇ ؟ ئەڭ مۇھىمى دېھقان بۇ نەرسىنى چۈشەنمەيدۇ ، شۇڭا قۇبۇل قىلمايدۇ .
بىز ئالدى بىلەن چۈشەندۈرۈشنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇشىمىز شەرت ، ھەربىر ئادەمگە ئۇنىڭغا لايىق ، چۈشىنەلەيدىغان رەۋىشتە تەشۋىقات ئەپبېرىشىمىز لازىم .
ئەمدى ئاساسىي مەزمۇنغا كەلسەك بىز ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ناچار مىللەت ئەمەس . ئەسلى بىز بىر تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى بولغان ، ئەينى دەۋىرلەردە ئەجدادلىرىمىز شانلىق تارىخلارنى يېزىپ قالدۇرغان ، ئىنسانىي ھاياتلىقىدىكى ئەڭ توغرا  يول بولغان يامانلىقتىن توسۇپ ، ياخشىلىققا بۇيرىيدىغان ئىسلامدىن ئىبارەت ساماۋىي دىنىي  پىروگىرامما قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن بىر مىللەت .
لېكىن يېقىنقى بىر قانچە ئەسىرلەردىن بۇيان ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىسلامنىڭ ھەقىقىتى خەلقىمىز قەلبىدە غۇۋالىشىشقا قاراپ يۈزلەندى . ھەتتا تاس - تاس قالدى بۇ مەشئەلنىڭ نۇرى خەلقىمىزدىن توسۇلۇپ قالغىلى . ئاللاھقا شۈكرى ھەر ھالدا بىر تۈركۈم يېڭى مەشئەلچىلەر باش كۆتۈرۈپ چىقىپ خەلقىمىزنىڭ قاراڭغۇ دىللىرىنى يورۇتۇشقا تىرىشتى . لېكىن مەشئەلمۇ يورۇقلۇققا تەلمۈرۈپ ، يورۇقلۇق ئىزدىگۈچىلەرگە يورۇقلۇق بېرىدىكەن ، باشقىلار يەنىلا ماددىي جەھەتتىن دۆلتىمىزدەك سوتسىيال دىمكىراتىك دۆلەتتە ئازاد تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان بولسىمۇ مەنىۋى جەھەتتىن روھىي مەھكۇملۇقتا ياشاپ كەلدى ھەم كەلمەكتە . بولمىسا ۋەز - تەبلىغلەر كەڭرى ( قانداقلا بولمىسۇن يوق ئەمەس ) ، ھەر جۈمە كۈنى مەسجىد كە باردىغان بولسا ھەممە مەسجىدتە بىرلا تېمىنى چۆرىدەپ خەلىققە تەپسىلىي يەتكۈزۈشكە تىرىشۋاتقان ئىماملىرىمىزنىڭ ئاۋازى ....... 
يەنە تېخى مىللىي تەربىيچىلىرىمىزمۇ بار ، ئۇلارمۇ قاراپ تۇرمايدۇ ، ئىشقىلىپ مېدىراپ تۇرىدۇ ، قىردىن ئاشالمىسىمۇ ئۇلاردا سائەت سىتىرىلكىسىنىڭ روھى بار ، تىرىشىپ تۇرىدۇ .
مانا مەندەك چالا ساۋادلارمۇ قاراپ تۇرمايمىز تېخى ، ھېس قىلغاننى يېزىپ تۇرىمىز ،  يەنە . . . . . يەنە نېمىشقا بىزنىڭ خەلقىمىزدە يۈكسىلىش يوق ؟
مەن مۇشۇ كالتە ئەقلىم بىلەن شۇنداق قارايمەنكى بىز دىن بىلەن تەرەقىياتنى ماسلاشتۇرالماپتۇق . ئەخلاق بولسا دىننىڭ مۇھىم بىر تەركىبى ، بۇ ھەقتە سۆزلىمىسەممۇ بولار .
توۋا ماۋۇ گېپىمنى لېكىن مانا مۇشۇ تور بەت ئېچىۋاتقان پىروگىراممىرلارنىڭ خېلى كۆپى نامازلىرى جايىدا ، ئىسلامنى قۇبۇل قىلغان بالىلار ئىكەنغۇ ؟  تور دېگەن ھازىر ئىنسانىيەت تەرەقىياتىنىڭ مەھسۇلى بولغان تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئاخبارات ۋاستىسىگە ئايلىنىشقا باشلىغان نەرسە تۇرسا ؟...................
ياق . خاتالاشماپتىمەن ، چۈنكى ئۇنداقلار ئازلا بىر قىسىمنى ئىگەللەيدۇ .
دىن بىلەن تەرەقىيات ماسلىشالامدۇ ؟
ئەلۋەتتە ماسلىشىدۇ ، ماسلىشىدۇ لا ئەمەس تېخى ئۇ ئىككىسى بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ . قانداق دەمسىز ؟ بۇنىڭغا مىساللار كۆپ ، سۆزلىگىلى تۇرسام ماقالە بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتكۈدەك ، ئېغىر كۆرمىسىڭىز 56 فىلىم تورىغا كىرىپ ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرى دەپلا باسسىڭىز مۇنداق مەزمۇنلار كۆپ .
باياتىدىن بېرى دىن توغرىسىدا سۆزلىدۇق ، ئەمدى مىللەتكە قاراپ باقايلى ، يا ئاللاھ نېمىنى كۆردۈم ھەي مەن ، بۇ  بۇلار  ئۇيغۇرمۇ يا ؟ ھېچ بىر ئوخشىمايدۇ يا ؟ توۋا ............ تېخى گەپ - سۆزلەرمۇ تەرەققىي قىلىپتۇ  . ئىشقىلىپ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى - ئۈچ تىلنى بىرىكتۈرۈپ ئىشلىتىدىغانلار كۆپ ئىكەن . ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ قالتىسكەن جۇمۇ !
كىيىملىرىمۇ ئوخشىمايدىكەن تېخى ، نېمىشقا ئوخشىمايدۇ ؟   ئۇلار ئۇيغۇردۇ ھە ؟  ئۇلار ئۇيغۇر ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇر .
ئۇلارنىڭ مۇنداق بولۇپكېتىشىدە كۆپلىگەن سەۋەپلەر بار . ئەگەر ناماز ئوقۇسا خۇراپات ، كىيمنى ئۇزۇن كىيسە سەھرالىق ، ھاراق - تاماكىدىن يىراق تۇرسا زاماندىن كېيىن قالغانلار قاتارىغا تىزىمىز ئەمەسمۇ ؟
بولدى  بەس . ئەمدى ئاز تولا پايدىلىق گەپلەرنى قىلاي ، باشقىلارنى قاچۇرماي .
سۇئال : كىشىلەر نېمە ئۈچۈن دىندىن قاچىدۇ ؟ بولۇپمۇ ئاياللار ، نېمە ئۈچۈن كىيىنىش ، يۈرۈش - تۇرۇشتا بۆشىكىدىلا بۇزۇلۇپ كېتىدۇ ؟
جاۋاب : كىشىلەرنىڭ دىندىن قېچىشى ئۇلارنىڭ دىننىڭ ھەقىقى مەنىسى بىلەن چۈشەنمىگەنلىكىدە ، بولۇپمۇ ئاياللاردا چۈشىنىش كەمچىل ، چۈنكى ئەرلەر ھېچ بولمىغاندا جۈمە كۈنى ، ھېيت نامازلىرىغا بېرىپ ۋەز - تەبلىغ ئاڭلايدۇ ، ئاياللارچۇ ؟  توي - تۆكۈنگە ،  بارىدۇ ، نەزىر - چىراققا بارىدۇ ، ھەرخىل سورۇنلارغا بارىدۇ ، ساياھەتلەرگە بارىدۇ ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچ قايسىسىدا دىنىي تەلىماتلار يوق .
ھەم دىنىي تەشۋىقاتلار بولغان ھېچ قانداق بىر مۇھىت بىلەن ئۇچراشمايدۇ . شۇڭا دىن دېگەننى پەقەت ئۆرۈپ - ئادەت دەپ چۈشىنىدۇ . 
مەسجىدلەردە تەبلىغ ئاڭلىغان ئەرلەر يەتكۈزسۇن دەمسىز ؟ ئۇلار ئۆزلىرىمۇ چۈشەنمىسە نېمىنى يەتكۈزىدۇ ؟ بەلكىم مەسجىدتە ئوڭ ئاڭلىغىنىنى سول قىلىپ بارار . بالا بولسا دىنغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى دادىسىدىنمۇ ، ئانىسىدىنمۇ ئاڭلىمايدۇ ، پەقەت تېلۋۇزۇردىن پەلەستىن ، ئىراق ، ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ پاجىئەلىك قىسمىتىنى كۆرىدۇ ، مۇسۇلمانلارنى ئاجىز ، بىچارە دەپ ھېس قىلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن باشقا دىنلارغا قىززىقىپ قېلىشى ياكى دىنسىزلىشىپ كېتىشى مۇمكىن . كېيىنكى كۈنلەردىمۇ ئاياللار داۋاملىق دىينىمىزدىن خەۋەرسىز قالىدۇ .
يۈرۈش - تۇرۇشتىكى بۇزۇلۇشقا كەلسەك : مۇنداق بىر ھېكايە بار ،  بىر ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرىغا قەدىمقى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىپتۇ ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرۈپ - ئادەتلىرى توغرىسىدا توختۇلۇپ ، ئىلگىركى ئۇيغۇرلارنىڭ كىيم - كېچەكلىرىنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ . ئارىدىن بىر ئوقۇغۇچى <<  مۇئەللىم سىزمۇ  ئۇيغۇرغۇ ؟ سىز نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداق گۈزەل بولغان مىللىيچە كىيىملەرنى كىيمەيسىز ؟ >> دەپ سوراپتۇ . ئوقۇتقۇچى نېمە دېيىشنى بىلەلمەپتۇ . دېمەك بەزى ئوقۇتقۇچىلار بالىلارغا كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا يېرىم يالىڭاچ يۈرۈشنى ئۆگىتىدۇ ( ئۆزى شۇنداق يۈرىيدۇ ) . بەزى ئانىلارمۇ بالىلىرىنىڭ ئالدىدىلا توغرا بولمىغان بەزى ئىشلارنى قىلىدۇ . شۇ سەۋەب << چاقنى بۇزغان تانىسى ، قىزنى بۇزغان ئانىسى >> ، <<كىندىكى ئوچۇق قىزنىڭ ، مەيدىسى ئوچۇق ئانىسى بار >>  دېگەندەك ئىشلار تەبىيلا يۈز بېرىدۇ .
مۇنداق يامان ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنىڭ بىردىن بىر ئامالى : خەلىقنى ئىسلاملاشتۇرۇش ، دىننىڭ ھەققىي ماھيىتىنى خەلىققە تونۇتۇش ، ئەجدادلارنىڭ تارىخنى تەشۋىق قىلىش قاتارلىق بىر قاتار خىزمەتلەرنى ئىشلىشىمىز كېرەك .
اللە ئىشلىرىمىزغا ئاسانلىق بەرسۇن ، ھەممىزگە ھىدايەت ، تەۋپىق ئاتا قىلسۇن !
بۇ پەقەت ئۆزۈمنىڭ قارشى ، ئەگەر خاتا بولسا  توغرىسىنى قۇبۇل قىلىشقا مەن ھەر ۋاقىت تەييار ، تەلىم بېرەرسىلەر .

ئاپتۇر  :  ئۆزۈم
 
ئەسلى يوللانغان مەنبە : http://www.alhux.com/bbs/read.php?tid=279
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(arzuyum) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • يوقالسا گەر ناچار ئىللىتى،
    يۈكسىلەر شۇ خەلق مىللىتى.
    دوستلىشىش
    قالقان
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10528
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 49
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە49دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 505 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2012-01-27
    ئاخىرقى: 2012-09-09

    ناھايىتى ياخشى  ماقالىكەن [دىن بىلەن تەرەقىياتنى ماسلاشتۇرۇش]بۇ سوزنى بەك ياختۇردۇم.
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1736
    ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1736دانە
    ئۆسۈش: 180 %
    مۇنبەر پۇلى: 18357 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-01-22
    ئاخىرقى: 2012-07-30
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-28 16:00

    ۋەئەلەيكۇم - ئەسسالام ،  اللاھ تەپەككۈرىڭىزنى بەرىكەتلىك قىلسۇن ، ئىلىمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن ،اميىن !
    اللا
    ئويلانماقتىمەن...
    دەرىجە: چولپان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 3
    ئومۇمىي يازما: 822
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە822دانە
    ئۆسۈش: 1923 %
    مۇنبەر پۇلى: 9606 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-06-29
    ئاخىرقى: 2012-09-10
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-28 18:42

    ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!
    ئەجرىڭىزگە رەھمەت!
    دىن (ئىسلام دىنى)بىلەن تەرەقىيات ئەزەلدىن ئۆز ئارا ماسلىشىدۇ.  بىز  دىننى  تەرەققىياتقا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك بولماستىن، دىننى ھەقىقىي چۈشىنىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك. دىننى چۈشەنگەن ۋە ئىجرا قىلغان  چاغدا تەرەققىياتمۇ تېزلىشىدۇ.
    يەنە بىر ئىش، ئەخلاققا دەۋەت قىلىش بىلەن ئىسلامنى گۈللەندۈرۈش مەقسىتىگە مەڭگۈ يەتكىلى بولمايدۇ. ئەمما، ئىسلامغا دەۋەت قىلىش بىلەن ئەخلاقنى گۈللەندۈرگىلى بولىدۇ.  چۈنكى، ئەخلاق  ئىسلامنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى. ئىسلامنى دەرەخنىڭ يىلتىزىدېسەك، چوڭ پەرزلەرنى ئۇنىڭ غولى ۋە چوڭ شاخلىرى دېسەك ئۇنداقتا ئەخلاقلار ئۇنىڭ ئۇششاق شاخلىرى ۋە يۇپۇرماقلىرىدىن ئىبارەت خالاس. دەرەخنىڭ بۈك باراقسان بولۇشى، (ئەخلاقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) شاخ- يۇپۇرماقلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆكلىشى ئۈچۈن، دەرەخنىڭ يىلتىزىنى ئوزۇقلاندۇرۇشىمىز كېرەك.  يىلتىزى سېسىغان چوڭ بىر دەرەخنىڭ يۇپۇرماقلىرىغا دورا چېچىش بىلەن ئۇنى گۈللەپ ياشناتقىلى بولمايدۇ.
    يەنە بىر مەسىلە باركى، باغدىكى دەرەخلەرنىڭ بۈك باراقسان بولۇشى باغنىڭ باشقۇرغۇچىسىغا (باغۋەنگە) ئىنتايىن مۇناسىۋەتلىك.   باغۋەننىڭ  باشقۇرۇش ئىلمى يۇقىرى بولسا  ھوسۇل كۆپ چىقىدۇ. ئەگەر باغ بىر ساراڭغا ياكى كىچىك بالىقغا تاپشۇرۇلسا، ئۇنداقتا بۇ باغ ۋەيران بولىدۇ.
    مىسالەن، مۇسۇلمانلار جامائىتى ئەنە شۇ باغدۇر، ھەر بىر مۇسۇلمان باغدىكى دەرەختۇر.  ئۇنداقتا بىزنىڭ باغۋەنلىرىمىز كىم؟  باغۋەنلىرىمىز قوللىنىۋاتقان باشقۇرۇش ئىلمى قايسى؟ بۇنى كىم تۈزگەن؟
    ئەگەر بۇ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى باغ بىنا قىلغۇچى ئۆزى تۈزسە ۋە شۇ تۈزۈم ئىجرا قىلىنسا باغ ھەممىدىن بەك ياشنايدۇ. چۈنكى، باغنى بەرپا قىلغۇچى باغنىڭ مۇھىتىنى ۋە تىككەن كۆچەت-دەرەخلەرنىڭ نېمىگە ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ھەممىدىن بەك بىلىدۇ..........
    ئىنسانمۇ شۇنداق........
    تەپەككۇر _ ئېسىل نېئمەتتۇر!
    دوستلىشىش
    ئوغلانى
    ياخشى كۆرگىنىڭنىڭ ھەممىسى سېنىڭ ئەمەس.
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10944
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 13
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە13دانە
    ئۆسۈش: 90 %
    مۇنبەر پۇلى: 162 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2012-02-26
    ئاخىرقى: 2012-03-13
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-28 19:11

    4-قەۋەت (oylinish) نىڭ يازمىسىغا

    بەرگەن پىكىرلىرىڭىز ناھايىتى ئورۇنلۇق، بۇ پىكىرلەر ئىسلامنى قۇبۇل قىلغان ، چۈشەنگەن كىشىلەرگە دېسەك ھەرگىزمۇ ئارتۇق بولمايدۇ. لېكىن ئىسلامنى چۈشەنمىگەنلەرگە بىراقلا ئۆز ئىديىسىنى ( يەنى ئۆز قەلبىدىكى ئىماننى ) تاڭغان بىلەن ، ئۆلۈك ئىشەككە يۈك ئارتقان بىلەن باراۋەر،  شۇڭا ئاددىي ، ھەممە قۇبۇل قىلالىغىدەك ( ئىسلامدىن چەتنىمىگەن ئاساستا ) سۆز ئىبارىلەرنى ئىشلىتىش ياخشى دەپ قارايمەن.
    اللە تەپەككۇر تۇلپارىڭىزنى ھارغۇزمىسۇن ، ئىككىلا ئالەمدە بەخىتلىك قىلسۇن !

    ئاخىرىدا يېرىم ئەركەك ناملىق ماقالەمنى بىر ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن، بۇ ماقالىنى ياخشى چۈشىنىشىڭىزگە پايدىلىق .   قالدى مەسلىلەردە ئىنشەئەللاھ  كېيىنچە مۇنازىرە قىلىۋالارمىز .
    يوقالسا گەر ناچار ئىللىتى،
    يۈكسىلەر شۇ خەلق مىللىتى.
    دوستلىشىش
    مۇسىلىم
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10703
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 350
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە350دانە
    ئۆسۈش: 80 %
    مۇنبەر پۇلى: 3690 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2012-02-07
    ئاخىرقى: 2012-09-09
    5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-28 20:06

    ۋەئەلەيكۇم - ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ ۋە بەركاتۇھۇ.
    ياخشى تېما يوللاپسىز.
    بۇ زادى نېمىدۇ؟
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1385
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1385دانە
    ئۆسۈش: 910 %
    مۇنبەر پۇلى: 15493 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-14
    ئاخىرقى: 2012-09-09
    6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-03 14:34

    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
    ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خالىغاننى  يىيەلەيدىغان ،خالىغان جايلىرىغا بېرىپ ئوينىيالايدىغان،خالىغان كىيملەرنى ھېچ ئىككىلەنمەستىن كىيەلەيدىغان مانا مۇشۇنداق مۇھىت دەل ھازىرقى ئىسلام بىلەن دۇنيا ئارىسىدا تېڭىرقاپ قالغان ياشلىرىمىزنى ئۆزىگە ھەدەپ تارتماقتا.چۈنكى ئۇلارمۇ ئۆزىنى مۇسۇلمان دەيدۇ،كۆڭلىمىزدە بىلىمىز دەيدۇ،ھەممە  ئىشنى مۇھىتقا  شارائىتقا ئارتىپ قويۇپلا يەنە خالىغىنىنى قىلىدۇ.ئۇنىڭ ئىسلامنى چۈشەنگۈسى كەلمەيدۇ،چۈنكى ئىسلامنى چۈشەنگەنسېرىئۆزىنىڭ تېخىمۇ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ئازابلىنىدۇ،شۇڭا ئۇلارنىڭ مۇنداق ئازاپ تاتقۇسى يوق.كېيىن قېرىغاندا قىلىۋالارمەن دەيدۇ.ئۇلارنىڭ كاللىسىغا بىلگەنگە مىڭ تاياق بىلمىگەنگە بىر تاياق دىگەن ئاتالمىش ئىدىيە ئورنىشىپ كەتكەن.بىلىپ تۇرۇپ ئەمەل قىلمىغاندىن ،بىلمەي ئەمەل قىلمىغان ياخشىراق دەپ ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ئالداپ يەنە شۇ رەڭگارەڭ تۇرمۇش قاينىمىغا غەرق بولىدۇ.ئۆزلىرى شۇنداق بولغان ئىكەن ،بالىلىرى ئۇنىڭدىن ئېشىپ چۈشىدۇ،بىراق يەنىلا زامان مۇشۇنداق دەپ ئۆتىۋېرىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىز دەۋاتقان ،سۆكىۋاتقان كىشىلەر جەمىيىتى مەيدانغا كېلىدۇ ھەم كېلىپ بولغىلى خېلى بولدى.
    سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!
    دوستلىشىش
    ئوغلانى
    ياخشى كۆرگىنىڭنىڭ ھەممىسى سېنىڭ ئەمەس.
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10944
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 13
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە13دانە
    ئۆسۈش: 90 %
    مۇنبەر پۇلى: 162 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2012-02-26
    ئاخىرقى: 2012-03-13
    7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-03 15:38

    7-قەۋەت (ئەلى) نىڭ يازمىسىغا

    ياخشى پىكىر بوپتۇ، سىز ئېيتقاندەك خامېلىئۇن روھىغا ئىگە ئۆزگىرىشچان كىشىلەر كۈنسىرى كۆپىيۋاتىدۇ.    
    مەن بۇ يەردە ئىبادەتنى قېرىغاندا بىراقلا قىلىمەن دېگۈچىلەرگە شۇنداق خىتاب قىلىمەنكى: قولىڭىزدا قېرىغاندا ئۆلىدىغانغا دەلىل-ئىسپات ۋە ياكى كىنىشكە بارمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟     قېرىماي تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتسىڭىز قانداق قىلىسىز ؟  
    يوقالسا گەر ناچار ئىللىتى،
    يۈكسىلەر شۇ خەلق مىللىتى.
    ئىللەت تۇزەلمىسە، مىللەت تۇزەلمەيدۇ..
    دەرىجە: چولپان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4482
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 977
    ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە977دانە
    ئۆسۈش: 560 %
    مۇنبەر پۇلى: 6111 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-12-07
    ئاخىرقى: 2012-09-09
    8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-04 14:43

    تىما ئىگىسىگە تەشەككۇر ئاللاھ بىلىمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن...
    بىز نۇمۇس قىلىشىمز كىرەك...
    دوستلىشىش
    الاش6
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10453
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 18
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە18دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 194 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2012-01-23
    ئاخىرقى: 2012-09-09
    9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-05 15:47

    ناماز وقىسە-خۇرەپەت،ۇزۇن شەپەن كيسە-سەرەلىق ،اراق ىشىپ ،كەلتە ىشتەن كيىپ قىتەيشە گەپ قىلسە  تەتەقىي قىلغەن مىللەت بولىدۇ