ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار. m>uG{4<-
مەن بىر ھۆكۈمەت ئورگىنىدا خىزمەت قىلىدىغان ئادەتتىكى بىر خىزمەتچى. ئۇزۇندىن بويان مۇئاشىمنىڭ ئاز قىسمىنى چىقىرىپ نامرات بالىلارغا ياردەم قىلىپ كەلگەن.لىكىن يالغۇز ئاتنىڭ چىڭى چىقماس دىگەندەك قىلغانلىرىم تازا يىتەرلىك بولمايۋاتىدۇ.،بولۇپمۇ دادا بولغان كۈنۈمدىن باشلاپ ئاساسى جەھەتتىن بۇ ئىشلاردىن قالدىم.لىكىن شۇ ئوقۇشقا تەشنا بالىلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى خوشاللىقىنى ئويلىسام داۋاملىق ياردەم قىلغۇم كىلىدۇ. w:zo
\
جاھاننىڭ تەرەقىياتىغا ئەگىشىپ،ئىستىمال سەۋىيىمىز بارغانسېرى ئىشىۋاتىدۇ،بەزى ۋاقىتتا بىر ۋاق تاماقنىمۇ نەچچە يۈز يۈئەنگە يەۋاتىمىز.لىكىن شۇ كۆركەم ئاشخانىلادا ئوخشىغان تاماقلارنى يەۋاتقاندا نەچچىلىك نامرات ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تۆلىيەلمەي قىيلىنىپ يۈرگەنلىكىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ قەھرىتان سوغۇقتا كەيگۈدەك ئاياق يوق،يىرتىق ئاياق بىلەن مەكتەپكە بېرىۋاتقانلىقىنى بىلەمسىز؟شۇ سەبىي بالىلار بىزنىڭ كەلگۈسىمىز. ?+}Su'pv}
مەن ئويلايمەن،بىزنىڭ ئازراق ياردىمىمىز بىلەن شۇ سەبىيلەر كۈلسۇن،ئوقۇشقا بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرايلى!كەلگۈسىدە شۇ سەبىيلەرنى ۋەتەنگە خەلىققە،مىللەتكە ياراملىق ئادەم قىلىپ چىقىش ھەر بىرىمىزنىڭ بۇرچى.ئۇ بالىلار ئوخشاشلا بىزنىڭ بالىمىز. Fo3*PcUv
بۇنى يىزىشتىكى مەخسىتىم ھەر بىر ئادەمدىن نەچچى يۈز ياكى مىڭلاپ ياردەم قىل دىگىنىم يوق.ئەڭ بولمىغىنىدا بىر يۈئەن. %M
x|"ff
تاما-تاما كۆل بولار.ھەر بىر قېتىم مەكتەپكە ئىئانە قىلىنغاندا رىسىمگە تارتىلىپ ياردەم قىلغان مېھرىبانلارغا ئەۋەتىلىدۇ.ياردەم قىلىشنى ئويلايدىغان كىشىلەر تۆۋەندىكى چ چ توپىغا قوشۇلۇڭلار:84722280 aR2N,
ئەسكەرتىش:ياردەم پەقەت دۆۋلەت ئىچىدىكى كىشىلەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ.دۆۋلەت سىرتىدىن ھەر قانداق ئىئانە قوبۇل قىلىنمايدۇ. &YIL As^8A
باشقا تور بەتلەرىگە ياكى دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.رەخمەت! nf
pO
mAlG}<
ھۆرمەت بىلەن: ئابدۇكېرىم تۇرسۇن X1w1
1Z7o