قار يىغىۋاتىدۇ
يەردە قار يۇق بىراق .
كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ
يۈزۇمنى ئاسمانغا تۇتتۇم ئۇزاق
خيالىم غۇلجىغا كەتكىلى نەۋاخ
ئىھ.غۇلجىنىڭ قىشى
بۇ يەرلەرگە قەتئىي ئۇخشىماس
قار ياغقان كۈنى
دادام،ئىنىم بىلەن قار تازلايىتتى
ئىنىمغا قاراپ قار ئاتاتتىم
ئىنىم ئاتسا خاپا بۇلاتتىم
قار شۇنچە ئاق،شۇنچە چىرايلىق،
پوملاپ پوملاپ يەۋالاتتىم
دادام ياسىغان قار ئادەمگە
سىرلىرىمنى ئېيىتىۋالاتتىم...
ئىھ،غۇلجىنىڭ قىشى
ئەجەپ گۈزەلسەن!
توي كۆينىكى كىيىگەن كېلىنچەكتەك،
شۇ قەدەر جەزبىدار،تارتىملىقسەن.
ئۆزەڭگە مەھلىيا قىلىپ .
شئىرلارنى يازدۇرغان سەن!
قار يىغىۋاتىدۇ.
كۆزۇمگە ياش كېلىۋاتىدۇ....
--سەنەۋەر ئابدىراھماننىڭ بۇ شېئىرى ئارقىلىق ئالمىزار مۇنبىرى ئاكتىپ ئەزاسى ۋاسكىتبۇل گۇزىلى قاتارلىق يىڭى قىرىنداشلارنىڭ كەڭسايغا ئەزا بۇلغانلىقىنى قارشى ئالىمەن،،،
