نۆۋەتتە،چەتئەللەردىكى بەزى تەجىرىبىلەر پۇت تىرەپ تۇرالىسا ھازىرقى زامان فىزىكىسغا غايەت زۇر ئۆزگەرتىش،ھەتتا ئىنقىلاپ ئىلىپ كىلىدۇ دەپ قارىلىۋاتىدۇ.نىتىرونۇ تىزلىگىنىڭ يورۇقلۇق تىزلىگىدىن ئىشىپ كەتكەنلىگى ھەققىدىكى تەجىرىبە قايتا ئىشلىنىۋاتقان بولۇپ،نەتىجىسدە راستىنلا مۇشۇنداق ئىشىپ كىتىش ھادىسىسى كۆرۇلسە فىزىكىدا ئىنقىلاپ بولىدۇ دىگەن قاراش پۆتكۆل دۇنيادىكى فىزىكلارغا ئۇرتاق كۆزقاراش.
29-تىئورىما تەجىربىسنى بىر يىلغا يىقىن ۋاقىتتىن بۇيان ھازىرقى زامان فىزىكا نەزەريىلىرى مەيدانىدا تۇرۇپ چۆشەندۇرۇش ئۇسۇلىنى تاپالمىدۇق.بۇ تەجىربە نەتىجىسىنىڭ ھازىرقى زامان فىزىكىسى،ئالەمشۇناسلىغىغا ئىلىپ كىلىدىغان تەسىرى نىترۇنۇ تەجىربىسىنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقۇرى بولىشى،قۇزغايدىغان ئىنقىلاۋى «جاھاندا مىسلىسىز»بولىشى مۆمكىن.چۆنكى بۇ بىر ئاددى تەجىرىبە بولسىمۇ ئۇنىڭ نەتىجىسى نىيۇتۇن مىخانىكىسى،نىسبىلىك نەزەريىسى،كىۋانىت مىخانىكىسى قاتارلىقلارغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.
كەسىپ ئەھلىگە مەلۆمكى،فىزىكا تەجىربىلىرىنىڭ توغرا -خاتالىغىنى بىكىتىش ئۇچۇن بۇ تەجىربىنى تونجى قىتىم ئىشلىگەنلەردىن باشقا ئورۇن ۋە شەخىسلەرمۇ قايتائىشلەپ دەلىللىشى كىرەك.بەزى ئۇرۇنلار بۇ تەجىربىنى قايتا ئىشلەش قارارىغا كەلگەن بولسىمۇھەر خىل سەۋەپلەر تۆپەيلىدىن تېخى رەسمى ئىشقا كىرىشىپ كەتكىنى ياكى ئەمىلى نەتىجىگە ئىرىشكىنى يوق.ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى مەلۆم ئالى مەكتەپ تەجىربە ئىشلەپ«ئېغىش»ھادىسىسىگە ئىرىشكەن بولسىمۇ «ئېغىش»نىڭ سەۋەبىنى چۆشەندۆرۆشتە ئىختىلاپ مەۋجۆت.
قايتا-قايتا ئۇيلۇنۇپ 29-تىئۇرىما تەجىرىبە نەتىجىسىنى تەشۋىق قىلىش(«داۋراڭ» سىلىش)سالمىغىنى كۆچەيتىش،ئالى.ئوتتۇرا مەكتەپلەردە قايتا تەجىربەئىشلەش قىزغىنلىغى قوزغاش،مەملىكەت-ئىچى -سىرتىدىكى ئىلىم-پەن ئۇرۇنلىرى ۋەشەخىسلەرنىڭ بۇ تەجىرىبە نەتىجىسىگە كۆڭۆل بۆلىشى ۋە قايتا ئىشلەپ دەلىللىشىنى قولغا كەلتۆرۆش ئۆچۆن ھەر بىر كىشىنىڭ قولىدىن كىلىشىچە كۆچ چىقىرىشى لازىم ئىكەن دەپ قارىدىم.
مەملىكەت ئىچى-سىرتىدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ،ئىشلەۋاتقانلارنىڭ بۇ ئۇچۇرغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى ،ھەرقانداق بىركىشىنىڭ 29-تىئورىما تەجىرىبە نەتىجىسنى خەلقئارغا تونۇتۇش ئۆچۆن قۇلىدىن كىلىشىچە كۆچ چىقىرىشىنى ئىلتىجا قىلىمەن!.
بۇ تەجىرىبە نەتىجىسىنى ھازىرقى زامان فىزىكا ئىدىيىلىرى نۇقتىسىدا تۇرۇپ چۆشەندۆرەلەيدىغانلا ۋە مۇشۇنداق ئۇچۇر بىلەن بولسىمۇ تەمىنلەيدىغانلار بولسا ئەلۋەتتە قىزغىن قارشى ئىلىنىدۇ.
مىنىڭ يۇقۇرقى قۇرلارنى يىزىشىمغا 29-تىئۇرماتەجىربىسىنىڭ ھەر قانداق ۋاقىتتا پۇت تىرەپ تۇرالايدىغانلىغىغا ۋە بۇ تەجىرىبە نەتىجىسىنى ھازىرقى زامان فىزىكا ئىدىيىلىرى نۇقتىسدا تۇرۇپ چۆشەندۆرگىلى بولمايدىغانلىغىغا بولغان ئىشەنچەم سەۋەپ بولدى.مىنىڭچە 29-تىئورىما تەجىربە نەتىجىسىنى خەلىقئاراغا تونۇشتۇرۇش كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق كۆچ چىقىشى بىلەنلا ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدۇ!.
ئالى ئىھتىرام بىلەن:قاسىم سىدىق
2012.3.5