ئۆيدە ئولتۇرىدىغان  ئايال
                               ئابدۇقادىر جالالىدىن 
ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ھەرگىزمۇ ئۈگنىش ۋە قابىليەت يىتىلدۈرۈشتىن مەھرۇم بولغان ئايال بولماستىن  بەلكى ، مىللەت ۋە ئۈممەت تەقەززاسىغا لايىق ھالدا ھەقىقىي ئانا بۇلۇش ئۈچۈن  بوش ۋاقىتلىرىدا ئۈگىندىغان پەرزەنتلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىھتىياجى ئۈچۈن ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇردىغان ئايال .
ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال   غورۇر ۋە ئىززەتنى ئۆزى ئىرىشمەكچى بولغان ھەر قانداق نەرسىدىن ئەلا بىلىپ، پەرزەنتلىرىنى ئىتتىقادلىق، ئەخلاقلىق ، بىلىملىك تەربىيلەش ۋە ئۇلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق بەختى ئۈچۈن يۇقرى مەنىۋى مەقام بىلەن ئۆزىنى مەنىۋى قوراللاندۇردىغان ئايال .
ئۆيدە ئولتۇردىغان ئايال ئۆزىنى قەدىرلىمىگەن جەمىيئەتتىن ئاغىرنپ يۈرۈشنىڭ ئورنىغا جەمىيئەتنىڭ ھۈجەيرىسى بولغان ئائىلىنى قولىغا ئېلىپ ، كەلگۈسىدىكى گۈزەل جەمىىيئەتنىڭ  ئىنسانىي ئاساسىنى قۇرۋاتقان ئايال .
ئۆيدە ئولتۇردىغان ئايال ئائىلىدە تەييارنى يەپ ئولتۇردىغان ئايال بولماستىن بەلكى بىلگۈچىلىگى بارلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ،ئائىلىنىڭ بەرىكىتى ، ئەرنىڭ ئارقا تىرىكى، كەلگۈسىدىكى ئالىم ياكىي ھاكىم ئەۋلادلىرىنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى .
ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ھەرگىزمۇ تۆھپىسىز ئايال بولماستىن ،مىھرى ئارقىلىق پەرزەنتىلىرىگە مۇھەببەت ئۈگەتكەن ،ئاياللىق كۈچى ئارقىلىق ئەرلىرىگە مەدەت بەرگەن ،دىيانىتى ئارقىلىق ئاۋال ئائىلىگە، شۇ ئارقىلىق جەمىيئەتكە  ئېتتىقاد بېغىشلىغان ئايال .
ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ھەرگىزمۇ ماددىي باياشاتلىقنىڭ كۈشەندىسى بولماستىن ، ئائىلىنى بازار ۋە ئىستىمالنىڭ تەلتۈكۈس قۇلى بوپ قېلىشتىن ساقلايدىغان ،ئائىلىنى ھارام ۋە مەكرۇلاردىن خالىي قىلىدىغان ، ئائىلىنىڭ ھەر تۈرلۈك پائالىيىتىنى ئىبادەتكە ئايلاندۇردىغان  ئايال .
ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ھەرگىزمۇ رومانتىك ياشاشنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئايال بولماستىن ، ئائىلە ئەزالىرىنى داستىخان ئەتىراپىغا يىغىپ ، ئائىلىنى جەلىپكار قىلىدىغان سۆيگۈ سەنئەتكارى ۋە ۋاپا قەھرىمانى .
ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال قانداقتۇ ئاددىي بىر ئائىلىنىڭ  ساھپخانى بولماستىن بەلكى، بۇ دۇنيادىكى ھالاۋەتنىڭ بەرپاچىسى 
مەنبە-------شىنجاڭ ئاياللىرى ژورنىلى