
بۈگۈن سىلەرگە بىر نەچچە يۇمۇر ۋە تېپىشماق ئېلىپ كەلدىم، ئاۋۋال يۇمۇرنى دەي، بىر كۈلۈۋېلىڭلار، ھە
1ـ ئۈچ پوچى لاپ ئېيتىشىپتۇ، ئا: بىزنىڭ يۇرتنىڭ بىنالىرى بەك ئىگىز، ئەگەر بىرەسى چۈشۈپ كەتسە، يەرگە چۈشۈپ بولغىچە ئۇخلاپ قالىدۇ، دەپتۇ، بۇنى ئاڭلىغان ب : ۋاي ئاداش نىمىسىنى دەيسەن بىزنىڭ يۇرتنىڭ بىنالىرى ئۇنىڭدىن بەك ئىگىز، ئەگەر بىرەسى چۈشۈپ كەتسە، يەرگە چۈشۈپ بولغىچە قورسىقى ئېچىپ ئۆلۈپ كىتىدۇ، دەپتۇ. ئا: ئۆتكەن يىلى بىزنىڭ يۇرتتىن بىر دانە يوغان كاۋا چىققانتى، ئۇنى بەش ئادەم كۆتۈرەلمىدى، دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ب : ۋاي ئاداش ئۆتكەن يىلى بىزنىڭ يۇرتتىن بىر دانە يوغان تاۋۇز چىققانتى، ئۇنى ھارۋىغا باسساق چاقى سۇنۇپ كەتتى، دەپتۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ گىپىگە قۇلاق سېلىپ ئولتۇرغان س : ئۆتكەن يىلى بىزنىڭ يۇرتتىن بىر ئالما چىققانتى، ئۇنى ھارۋىغا باسساق، دىيىشىگە ئا ب ئىككىسى تەڭلا؛ چاقى سۇنۇپ كەتتىما دەپتىكەن، س: ۋاي ياق، ئالمىنىڭ ئىچىدىن بىر قۇرت چىقىپ ھارۋىغا قاتقان ئىشەكنى يەۋەتتى، دەپتۇ.
2ـ ئا ب يەنە لاپ ئېيتىشىپ قاپتۇ، ئا: مەن بىر شەھەرگە باغانتىم ئۇ يەر شۇنداق سوغۇقكەنكى، گەپ قىلساڭ گەپ ئاغزىڭدىن توروكلاپ چۈشىدىكەن، دەپتۇ، بۇنى ئاڭلىغان ب: مەن بىر شەھەرگە باغانتىم ئۇ يەر شۇنداق ئىسسىقكەنكى، توخۇ تۇخۇم تۇغسا، تۇغۇپ بولغىچە پىشىپ قالىدىكەن دەپتۇ.
3ـ ئا ب يەنە لاپ ئېيتىشىپ قاپتۇ، ئا: بىر كۈنى ئۆيدە ئولتۇرسام، بىر ئادەم بىنانىڭ ئۈستىدىن سەكرىدى، يەرگە چۈشكىلى ئاز قالغاندا، سەكرىگىنىگە پۇشايمان قىلدىمۇ، يەنە يېنىپ ئۈستىگە چىقىپ كەتتى، دەپتۇ، بۇنى ئاڭلىغان ب ؛ ۋاي ئاداش سىنىڭ كۆزۈڭ تازا كۆرمەمدۇ نىمە؟ ئۇ ئادەم دەل مەن ئىدىم، دەپتۇ.
ئەمدى تېپىشماقنى دەي ھە!
1ـ بىر توپ غاز ئاسماندا ئۇچۇپ كىتىۋاتسا، يەردىكى بىر غاز: ھەي يۈز غاز نەگە ماڭدىڭلار؟ دەپتۇ، غازلار: خاتالاشتىڭ بىز يۈز ئەمەس، بىزگە بىزچىلىك، بىزنىڭ يېرىمىمىزچىلىك، يەنە يېرىمىمىزنىڭ يېرىمىچىلىك غازغا سىنى قوشساق ئاندىن يۈز بولىمىز دەپتۇ،
تەلەپ: غازلار قانچە دانە؟

2ـ 14 خىل ھايۋاننىڭ بالىسىنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بىرەلەمسىز؟ مەسىلەن: قوينىڭ بالىسى قوزا دىگەندەك........
ئەمىسە تېپىشنى باشلامسىلەر؟ لىكىن ئاسان ئەمەس جۇمۇ!