ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار،غۇلجا ئوغلانى ،ئەل سۆيگەن ئاتاقلىق چاقچاقچى ساخاۋەتچى ھىبىبۇللا ئابدىرىھىم ئىنكاسىنىڭ تىزلىكى چاقچىقىنىڭ ئىلمىلىقى،ھازىر جاۋاپلىقى بىلەن ھەممىگە تونۇلغان،ئۇ بىر دىھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن،ئۇنىڭ ھازىرغىچە مۇقىم كىرىم مەنبەسى ياكى خىزمىتى يوق،بىراق ئۇ چاقچاق سورۇنىدا تاپقان ۋە باشقا ئورۇنلاردا ئىشلەپ تاپقان پۇلىغا ماشىنا ئالسىمۇ سودا قىلسىمۇ نىمە قىلسا بولاتتىكەن،ئەمما ئۇ ئۇنداق قىلماي 1991-يىلى 90 نەپەر يىتىم-يىسىر بالىىنى يىغىپ بىر مەكتەپ قۇرغان،ھازىر ئۇ ياردەم قىلىۋاتقان بىشنى سىلاۋاتقان بالا 320 نەپەرگە يەتكەن،جەمىيەتنىڭ مىھرىبان ئانىلار جەمىيتىنىڭ ياردىمنى قاتارلىقلارنى قولغا كەلتۈرۈپ ساخاۋەت ئۈچۈن بارلقىنى پىدا قىلماقتىكەن،بۇ كىشىنى سىخىلىق بابىدا ھاتەم دىسەك ھەرگىز زايا كەتمەيدۇ،
خوش،مانا ھىچقانداق خىزمىتى يوق،كىرىم مەنبىيىمۇ يوق ،ئەمما 320 نەپەر بالىنىڭ يىمىكى- ئىچمىكى ،كىيىم-كىچىكى يەنە باشقا تۇرمۇشى ئۈچۈن بلىنى مەھكەم باغلاپ كىچە-كۈندۈز غىمنى يەپ كىلىۋاتقان ،ھەممىنى ئۆزى چىقىرالمىسىمۇ باشقىلارنى ئۆز ھەركىتى بىلەن تەسىرلەندۈرۈپ ،مۇشۇ خەيىر-ساخاۋەت ئۈچۈن ئاۋاز قوشۇشقا ئۈندەۋاتقان ، مۇشۇنداق ياخشى كىشىنى ماختىمىساق،تەشۋىق قىلمىساق يەنە بىزنىڭ قانداق يىرىمىزنى ئۇيغۇر دىگىلى بولسۇن،ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسدە پارتىيە-ھۆكىمەتمۇ ئۇنىڭ ئىشلىرىنى قوللىغان،بىزدە ھىبىغا ئوخشاش شۇنداق ساخاۋەت ئىگىلىرى ساناقلىقلا،پۇل تاپقانلارنىڭ يەنە تاپقىسى كىلىدۇ،ياخشى يىگىىسى-ئىچكۈسى ،ساياھەت قىلغۇسى،ئەيىش-ئىشرەت قىلغۇسى كىلىدۇ،ئۇ يىڭى ئۆي سالماپتۇ،خوتۇنمۇ ئالماپتۇ،بارلقىنى شۇ يىتىم-يىسىرلارغا بىغىشلاپتۇ،ئۇنىڭ كىرىمى بار دىيلسە پەقەت سورۇندا ئۆرۈمە قىلىغان پۇل،بىزدە پۇل تىپپ پۇلنى ناشايان ئىشلارغا ئىشلىتىۋاتقانلار،بىرەر يىتىمنىڭ بىشىنى سىلاپ باقىمىغانلار،بۇزۇقچىلىق،گۇنا-كەبىر ئۆتىۋاتقانلار،بىر نان تاپسا داپ چىلىۋاتقانلار يەنە باشقا ئىش قىلىۋاتقانلار ساماندەك،ئۇنىڭ بۇ يىلقى 45 ياشلىق مەۋلۇت كۈننى ئەل-ئاغىنىلىرى ئۆتكۈزۈپ بىرىىدغان بوپتۇ،ھىبى بۇندىن كىيىن يەنە يىتىم-يىسىرلارنى بىقىش ساننى كۆپەيتىتىش بىلەن بىر يەنە بىر ساناتۇرىيە قۇرۇپ ئىگە-چاقىسىز ياشانغانلارغا غەمخورلۇق قىلىش نىشانى باركەن،توغىرا ئادەمنى ئالىجاناپلىقى ،ئىسسللىقى،ئەخلاق پەزىلىتى ئۇنىڭ قىممەت كىيىم-كىچىكىدە،ئوقۇغان مەكتىۋىنىڭ يۇقىرىىلىقىدا ئىپادىلەنمەيدۇ،ئادەمنىڭ ئۆمىرى چەكلىك،قاچان ئۆلىشىمىزنى بىر ئاللادىن باشقا ھىچكىم بىلمەيدۇ،شۇ ئۆمىرىمىزدە بىرەر نامۇ-نىشان قالدۇرۇپ كىتىش تەس ئەمەس،پەقەت دىلىڭىز ئاق بولسىلا،نىيىتڭىز دۇرۇس بولسا،ئىرادىڭىز چىڭ بولسىلا بىر ئىشنى روياپقا چىقىرالايسىز،سىز باشلىسڭىز مەن قوللىسام ئۇ ياردەم قىلىسا مانا ئاۋام بىر تىممدىن چىقارسا قالغىننى ئاللا ئىگەم رىسىق قىلىپ بەرسە ئىش ياخشىلىنىدۇ،چاقچاقچى ھىبى بەل قويىۋەتمىدى،ئۇنىڭ ترىشچانلىقى بىكارغا كەتمىدى،320 يىتىم-يىسىرنىڭ دۇئاسى،ئاۋامنىڭ دۇئاسى ئۇنى كۆكلەتتى،ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى بولمىسىمۇ چىكىنمىدى،مانا ئۇ پەرۋىش قىلغان باللار ئالى مەكتەپلەردە،ھەرخىل ھۈنەر كەسىپلەردە ،ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەنلەر بار بوپتۇ،ھەممىمىز ئۇنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىغا بەرىكەت ،تىنىگە سالامەتلىك ،ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى تىلىسەك،يەنە ياردەم قولىمىزنى سۇنالساق ياكى ئۇنىڭ قىينچىلقنى ھەل قىلىشىغا ئازراق ھەسسە قوشالساق ئۆزىمزنى بەختىلىك ھىساپلىساق بولىدۇ،
مەنبە؛چىمبۇلاق تورىنىڭ ھىبى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئالغان ئىلھامىم،بوران114 يەكەن