باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1160 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: يېرىم ئەركەك(ئوغلانى)
دوستلىشىش
ئوغلانى
ياخشى كۆرگىنىڭنىڭ ھەممىسى سېنىڭ ئەمەس.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10944
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 13
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە13دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 162 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-26
ئاخىرقى: 2012-03-13
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-26 19:17

يېرىم ئەركەك(ئوغلانى)

     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كەڭساي مۇنبىرىنىڭ ئىشتىراكچىلىرى كەمىنە ئوغلانىدىن ئوتلۇق سالام.
 بۇ مۇنبەرگە يېڭى ئەزا بولۇش سۈپىتىم بىلەن مۇنبەرگە قۇرۇق كېلىشنى لايىق كۆرمەي، كونا بولسىمۇ مۇنۇ تېمامنى ئالغاچ كەلدىم ،  كۆرۈپ باقارسىلەر ............................
 


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر ، بەلكىم ماقالەمنىڭ تېمىسىنى كۆرۈپ ئەركەكمۇ يېرىم بولامدۇ دەپ ھەيران قالغانسىلەر ؟ ...........
ئەركەك ئەرلىك تۇرقى بىلەن كۆرۈنىشىدە يېرىم بولمايدۇ ، بەلكى يېرىملىق ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ، ئەرلىك غۇرۇرىدا ، ئىمانىدا بولىدۇ ، ئۇنداقتا << يېرىم ئەركەك >> دېگەن زادى قانداق ئەركەك ؟
بىز جەمىيەتكە قاراپ باقايلى ، دۇنيا ھاياتلىقى ئۈچۈن تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتقان ئۆز نەپسىمىز ئۈچۈن ئۆزگىنىڭ نەپسىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان ، ئادىمىيلىك ، ئىنسانپەرۋەرلىك روھىدىن يىراقلىشىشقا باشلىغان مۇنۇ
زېھنىمىز ، ۋىژدان - غۇرۇرىمىزغا ئادىمىيلىك نۇقتىسىدىن مەسلىلەر ئۈستىدە تەپەككۈر قىلىپ بېقىشقا بىر ئاز رۇخسەت بېرەيلى ! .......... كۆردۇقكى بىز بىز بولماي قېلىۋېتىپتىمىز ، ئائىلىنىڭ ، جەمىيەتنىڭ تۈۋرۈكى بولىمىش ئەركەكلىرىمىز ئاجىزلاشقا ( مەنىۋىي جەھەتتىن ) باشلاپتۇ . مېنىڭچە ئەمدى قۇرۇق پەلسەپە سۆزلىمەي ئەمەلىي مىساللارنى سۆزلىگىنىم ياخشىدەك قىلىدۇ ،
كوچىغا چىقىپ قارايدىغان بولساق ئاياللىرىمىز كىيىم كەيگەن يالىڭاچ ، كۆپۈنچە قىز -ئاياللىرىمىز ئاياللىقىمدىكى بار دەسمايەم مۇشۇ شۇ ، كۆرۈپ بېقىڭلار ، باھالاپ بېقىڭلار دەپ ئۆزىنى خۇددى كۆرگەزمە بۇيۇمىدەك باشقىلارغا نامايەن قىلىدۇ ، تاس قالىدۇ مال - باھا ئىدارىسىگە باھا بېكىتكۈزگىلى بارغىلى . ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدە شەرمىي - ھايا دېگەندىن ئەسەرمۇ يوق ، يېڭىچە زامانىۋى جەمىيەتتە ئۇلار شۇنداق ئېچىلدىكى :
ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ مەسلىلەرنى تەپەككۈر قىلىشتىكى مەركىزىي ئاپاراتى بولىمىش مېڭىسى جايلاشقان كاللىسى ئېچىلدى ، ئېچىلدىيۇ بېشىدىكى چاچلىرى پاخپىيىپ كۆرۈنۈشكە باشلىدى ، ئۇلار زىيالىي ئىسلاھاتنىڭ باشلامچىسى دەۋىرنىڭ ئاۋانگارتلىرى دېگەنگە ئوخشاش چىرايلىق ناملار ئاستىدا ، ئۇلارنىڭ قىبلىنامىسى ، يولباشچىسى بولغان دارىۋېننىڭ تەدرىجىي تەرەقىيات پەلسەپىسىنى مەركىىي نۇقتا قىلىپ ئېچىلىش دائىرىسىمۇ كېڭىيىپ باردى . مەندەك بىر قۇرامىغا يېتىپ قالغان توي قىلمىغان ئەركەككە نىسبەتەن ئۇلارغا ئىمان - ھايا ، غۇرۇر - ۋىژدان دېگەنلەرنى قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ باقسا بۇمۇ ياخشى ئىكەن ،
چۈنكى ئۇلاردىكى بار نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرغان مەخپىيەتلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدىكەن . ئەركەكلەرنى قىزلىق لاتاپىتى بىلەن ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ ئاشىق - بىقارا قىلىش ئورنىغا ، يىگىتلەرنى ئۆزىدىن پەقەت ۋە پەقەت ۋاقىتلىق پايدىلىنىشقا قىززىقتۇرىدىغان ئاشۇ مايمۇن سۈپەت گۈزەل خېنىملارنىڭ ئوچۇق بەدەنلىرىنى تولا كۆرۈپ كەتكەچكە ئادەمدە ئۇلارغا قىززىقىش بولمايدىكەن ، قوزغىلىدىغىنى پەقەت ھايۋانلاردىمۇ بولىدىغان شەھۋەتلا بولىدىكەن خالاس . ( اللە ساقلىسۇن ئۇنداق نائەھلى ھاياسىزلاردىن بولۇپ قېلىشتىن ) . ھەيرانمەن بۇ ئۈرۈمچى دېگەن ئاجايىپ بىر يەر ئىكەن ، سوغوق ئەرلەردىن ، ئىسسىق ئاياللاردىن باشلىنىدىكەن . ئەرلەر چاپان بىلەن يۈرىيدىكەنۇ ئاياللار بەدىنىنى يېپىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى سەتلىكىنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن بەدىنىگە چۈمبەل قىلىپ تارىۋالغان تار ، كالتە ، يىرتىق ئىشىك - دەرىزىلىك كىيىملەر بىلەن يۈرىۋېرىدىكەن . بۇنىڭدىنمۇ ئويلاپ باقسام بىز ئەركەكلەر ئاياللاردىن ئاجىزدەك ھېس قىلىپ قالدىم ، سوغوقتىن قورقىدىكەنمىز ئەمەسمۇ ؟ يا بۇ بىزگە كەلگەن يوقىلىش ، خارابلىشىشتىن ئالدىن سىگنالمۇ ؟ ئۆز ۋاقتىدا ئوسمان تۈرك ئىمپىريىسىنى مەغلۇپ قىلىشتا غەرب مۇستەملىكچىلىرى ئاتا تۈرۈك مۇستافا كامالدەك بىر زىيالىينى تەربىيلەش بىلەن بىرگە << ئەگەر سەن بىر قەۋىم ئۈستىدىن غالىب كېلىمەن دەيدىكەنسەن ، ئالدى بىلەن ئىشنى ئاياللىرىدىن باشلا ، ئايالى بۇزۇلغان قەۋىم تەبىي زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ >> دەپ ئۆگەتكەن ئىكەن ، جەمىيەتنىڭ ئانىسى بولغان ئاياللىرى بۇزۇلغان قەۋىم قانداقمۇ ئالغا ئىلگىرلىيەلىسۇن ، بۇنداق مەدەنىيەت ( كۈلتۈر ) دە باشقىلارغا بېقىنىپ ، مەدەنىيەتنى باشقىلاردىن ئېلىپ ئۆز خاسلىقىنى ساقلىمىغان قەۋىمنى كىممۇ كۆزگە ئىلسۇن ، قېنى بىزنىڭ ئۆز ئىپپەت - نۇمۇسى ئۈچۈن جاندىن كېچەلەيدىغان سۆيۈملۈك ھەمشىرىلىرىمىز ؟ قېنى بىزنىڭ مەرىپەت ، مەدەنىيەت ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىيالايدىغان ، قەۋىمنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئىمانلىق ، دىيانەتلىك ، ۋىژدانلىق ، غۇرۇرلۇق ئەۋلادلارنى تەربىيلەپ قاتارغا قوشالايدىغان ئانىلىرىمىز ؟ ئاياللىرىمىز بۇزۇلدى ، قىزلىرىمىز بۇزۇلدى ، دېمەك ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەدەنىيەت تەربىيچىسى بۇزۇلدى ، نەتىجە شۇ بولدىكى ئاشۇ بۇزۇق ئانىلارنىڭ قولىدا بىر توپ نان قېپى ، داشقاللار مەيدانغا كەلدى .
ئەمدى بۇنىڭغا كىم مەسئۇل ؟.......... ، مەنمۇ ؟......... ، سىزمۇ ؟..... ۋەياكى ؟؟؟ ..............
بۇنىڭغا دەل سىزگە ۋە ماڭا ئوخشاش ئەركەكلەر مەسئۇل ! چۈنكى پەيغەمبىرىمىز ساللاللھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم << سىلەر يەنى ( ئەرلەر ) ھەممىڭلار پادىچى ھېسابلىنىسىلەر ، سىلەر ئۆز پاداڭلاردىن ھېساب بېرىسىلەر>> دېگەن . دېمەك بىز بۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز .
مەسلەن : ئاددىي بىر مىسال ئالايلى ، سىز بىر ئەر ئايالىڭىزغا ئىگە بولالىدىڭىزمۇ ؟ قىزلىرىڭىزنى باشقۇرالىدىڭىزمۇ ؟ سىز بىر ئوغۇل ئاچا - سىڭىللىرىڭىزنى يامان يولدىن توسالىدىڭىزمۇ ؟
سىز بىر پۈتۈن ئەركەك بولۇپ ئايالىڭىزنى ياخشى يوللارغا باشلىيالىدىڭىزمۇ ؟ سىز بىر زىيالىي ، خىزمەتتىن كېلىپ ئايالىڭىز گىرىم جازىسىنىڭ ئالدىغا بارىدۇ ، سىز ئاشخانىغا كىرىپ تاماق ئېتىسىز ( تاماق ئېتىشىڭىز ئەيىپ ئەمەس ) بىراق سىز ئۆيدە ئۆزىڭىز ئەتكەن تاماقلارنى بالىلىرىڭىز بىلەن يەيسىز ، ئايالىڭىز بولسا چىرايلىق ياسىنىپ مېزىلىك ئەتتىرلەرنى سۈرتۈپ باشقا ئەرلەرگە ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن ( ھەرخىل ئولتۇرۇشلار مەقسەد ) ماڭىدۇ ، سىز سويمەك ئەركەكلىك ئىمتىيازىڭىزدىن پايدىلىنىپ ئايالىڭىزنى توسالىدىڭزمۇ ؟ ۋە ياكى ئۆيدە سىزنىڭ ئالدىڭىزدا تازىلىقسىز مەينەت ھالەتتە تۇرىدۇ يۇ ، سىرتلارغا ، كوچىلارغا ياسىنىپ گۈزەل قەددى - قامىتى ، ئاياللارغا خاس جەزبىدارلىقى بىلەن چىقىدۇ ، ئايالىڭىزنىڭ گىرىم بىلەن ئارلاشقان ئاشۇ گۈزەل رۇخسارىدىن بولسا باشقىلار ھۇزۇلىنىدۇ ، سىز پەقەت ئايالىڭىزنىڭ ئالدىڭىزدىكى ئاددىي تۇرقىدىنلا بەھىرلىنىسىز . بىرەر قېتىم بولسىمۇ مېنىڭ ھەقدارىم سەن بولغىنىڭدەك ، سېنىڭ ھەقدارىڭ مەن تۇرسام يەنە كىم ئۈچۈن ياسىناتتىڭ ؟ گۈزەللىكىڭ مەن ئۈچۈن بولسا كۇپايە ، دېگەندەك گەپلەرنىمۇ دېيەلمەيسىز ھەقاچان ، بەلكىم سىزمۇ ئايالىڭز كوچىلاردا راۋۇرۇس ياسىنىپ ماڭسا ، باشقا ئەرلەر ئايالىڭىزغا ئاچ قالغان بۆرىدەك شەھۋەتلىك كۆزى بىلەن تىكىلسە ئىچىڭىز ئاچچىق بولماقتا يوق ، ئايالىڭىزنىڭ گۈزەل ھۆسىن - جامالىدىن پەخىرلىنىپ كېتەرسىز . ئايالىڭىزغا مەنىۋى جەھەتتىن ئەمەس بەلكى ماددىي جەھەتلەردىنلا ئىگە بولارسىز ؟ مانا مۇشۇ سىزدىكى مەسئۇلىيەت .
ھە راست ئۇنتۇپتىمەن ، سىز دېگەن زىيالىي زىيالىيلار ئۇنداق قاتمال ، مۇتەئەسسىپ بولسا بولمايدۇ . ئۇ دېگەن بىلىمسىز ، نادان سەھرالىق تومپايلارنىڭ ئىشى .
لېكىن ئويلىمايسىزكى : سىزگە ئوخشاش بىر مىللەتنىڭ ئاۋانگارت زىيالىيسى ئېچىپ بەرگەن يوللاردا مەدەنىيەت جەھەتتە سىزدىن تۆۋەن تۇرىدىغانلارنىڭ سىز گە ئەگىشىدىغانلىقىنى ،
سىز بەلكىم غەرب مەدەنىيىتىنىڭ نىگىزى بولغان دارۋېن پەلسەپىسىنى جىق ئۆگەنگەچكە ، ئادەم مايمۇندىن تۆرەلگەن دېگەن پەلسەپىگە ئىشىنەرسىز ، شۇڭا ئەسلىڭىزنى ئۇنۇتقىڭىز كەلمىگەندۇ ،
سىز بىر ئىشچى ، سىزنىڭمۇ خەقتىن قالغىڭىز كەلمىگەندۇ ، شۇڭا تاپقان - تەرگىنىڭىزنى ئايالىڭىزنى بېزەشكە سەرىپ قىلغانسىز .
سىز بىر ئوقۇتقۇچى ، بىلىپ قويۇڭ مەسئۇلىيىتىڭىز ھەممىدىن ئېغىركى باشقىلاردىن يېنىك ئەمەس ، لېكىن سىزمۇ خەقتىن كەم ئەمەستە ؟ سىزمۇ قالمايسىز ؟
مەيلى سىز ئەر ئوقۇتقۇچى بولۇڭ مەيلى ئايال ئوقۇتقۇچى بولۇڭ سىزنىڭ ئاشۇ سەبىي ئوقۇغۇچىلىرىڭىزنىڭ قەلبى گويا ئۇرۇق سېلىنىشىنى كۈتۈپ تۇرغان مۇنبەت زېمىن ، ئۇلارنىڭ قانداق مېۋە بېرىشى سىزنىڭ قانداق ئۇرۇق ئىشلىتىشىڭىز ، قانداق پەرۋىش قىلىشىڭىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ( بۇ مەزمۇننىڭ تېما بىلەن ئالاقىسى بولمىسىمۇ سۆزلەپ ئۆتۈش مۇۋاپىق دەپ قارايمەن ) .
سىز بىر سودىگەر سودا قىلىپ ئىككى - تۆت تال پۇل تاپتىڭىز ، سىزنىڭ نامىڭىز (老板) شۇڭا سىزمۇ خەقتىن قالسىڭىز بولمايدۇ ، ئىناۋەت قوغلاشمىسىڭز بولمايدۇ .
سىز بىر دېھقان ، سەھنىلەردە ، سەھىپىلەردە سىزنىڭ نامىڭىز ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈكلۈك ، شۇڭا سىزمۇ يانمايسىز ، ئويۇن - تاماشاغا قانمايسىز . سىزنىڭمۇ شەھەرلىكلەردىن ھېچ نەرىڭىز كەم ئەمەس ، زادى دورىمىسىڭىز ، ئەگەشمىسىڭىز بولمايدۇ .
دېمەك ھەممەيلەننىڭ خەقنىڭ ئالدىدا مۇتەئەسسىپ ، قاتمال ، سەھرالىق ، خۇراپات بولغۇسى يوق شۇڭا ئاياللىرىنى ئاچا - سىڭىللىرىنى باشقۇرمايدۇ ، ئەر بولغانلارنىڭ ئايالى سىرتقا چىقىپ قايتىپ كەلسە ئېغىز بۇرۇنى جايىدا بولسىلا بولدى . ئاكا - ئىنى بولغانلار ئاچىلىرىمىز ياكى سىڭىللىرىمىز بۇلۇڭ - پۇچقاقلاردا باشقا ئەركەكلەر بىلەن ئىش - پەش تارتىشىپ يۈرسە بېرىپ تەستەك بىلەن سېلىش ئورنىغا خەقلەرنىڭ ئالدىدا ئۇياتقا قالماسلىق ئۈچۈن ئامال بولسا ئايلىنىپ ، ئامال بولمىسا يەرگە قاراپ كۆرمىگەن بولۇپ ئۆتۈپ كېتىمىز . ئۇلاردىن ھېساب ئېلىپ باقمايمىز ، جەمىيەتنىڭ داشقىلى ، قاتمال ، مۇتەئەسسىپ ، خۇراپات كىشىلەردىن بولۇپ قېلىشتىن قورقۇمىز .
بىزدە ھەقىقى ئەركەكلەردە بولىدىغان قورقۇمسىزلىق ، دىيانەت ئەھلىلىرىدە بولۇدىغان راستچىللىق ، ھەقىقانىيلىق يوق ، بىز ئەركەكلەرنىڭ ھالى شۇ تۇرسا ئاياللارغا نېمە تۇرۇش ؟
بىز ئەركەكلەر ئېچىلالماي قالاقلىقتىن قۇتۇلالماي ، ئۆزىمىزدىكى روھىي ئاجىزلىق بولغان ئۆز قەلبىدىكىنى ئەمەس بەلكى خەقنىڭ ئالدىدىكى ئوبرازنىلا ئويلاش ئېڭىنى بۇزۇپ تاشلىيالماي يا ئەسلىمىزنى تاپالماي يۈرسەك ئاياللار غا قانداقمۇ ئىگە بولاتتۇق ؟
دېمەك مەسئۇلىيەت كىمدە ئىكەن ؟
مېنىڭچە 80% مەسئۇلىيەت ئەرلەردە .
قېرىنداشلار ئەسلىمىزنى تاپايلى ! ئەسلىمىزگە قايتايلى ! يېرىم ئەركەكلىكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىرىشايلى !
ئەي سۆيۈملۈك ئاچا سىڭىللار سىلەرمۇ ئەسلىڭلارنى تېپىڭلار ، بىزنىڭ كەلگۈسىمىز راۋۇرۇس غايىلىك ، ئالغا ئىنتىلىش روھىغا ئىگە يىگىتلەرگە ۋە ئۇنىڭغا ھەمتەڭ بولۇپ ماسلىشىپ بېرەلەيدىغان جۆرىلەرگە موھتاج .
ئەي مېھرىبان ، رەھىمدىل بىردىنبىر ئىلاھىمىز اللە بىزدەك ئازغۇن بەندىلىرىڭنى ئۆزۈڭنىڭ ھىدايەت نۇرلىرى بىلەن توغرا يولغا باشلىغىن ! امن . . . . . . .

ئاپتۇرى : ئادىل ھۇشۇر ئوغلانى
 
 تېمىنىڭ ئىلگىركى ئادرىسى : http://www.alhux.com/bbs/read.php?tid=193
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(arzuyum) ئەھمىيەتلىك ..
  • يوقالسا گەر ناچار ئىللىتى،
    يۈكسىلەر شۇ خەلق مىللىتى.
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10088
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 41
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە41دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 431 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-12-18
    ئاخىرقى: 2012-09-04

    ياشا!!!
    باتۇر بىر قېتىم ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق كۈندە ئۆلىدۇ.
    دەرىجە: چولپان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6689
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 1
    ئومۇمىي يازما: 806
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە806دانە
    ئۆسۈش: 7210 %
    مۇنبەر پۇلى: 13397 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-03-24
    ئاخىرقى: 2012-09-10
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-26 21:00

    ياخشى يېزىلغان تېما ئىكەن. بۇرۇن كۆرمەپتىكەنمەن، بۇنداق تېمىلار تەكرار بولۇپ قالسىمۇ بولىۋىرىدۇ.
    بۇ تېمىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان مەسىلە بۈگۈنكى كۆنۈمىزدە ھەقىقى تۈردە بىر مەسىلە بولۇپ، چۇقۇم كېرەكلىك چارە، تەدبىر ئېلىنىشى كېرەك ئىدى. ھەي... .
    ھەقىقى دوستۇ سادىق گەر زەھەر سۇنسا شېكەر دەپ بىل،
    مەگەر دۈشمەن ساڭا ئەپلەپ شەكەر سۇنسا زەھەر دەپ بىل.
    زىيان يەتكۈزسە دوستۇڭ پايدا دەپ بىل كۆڭلى تۈز بولغاچ،
    شۇنىڭدەك دۈشمىنىڭ گەر پايدا يەتكۈزسە زەھەر دەپ بىل.
    ...
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10796
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 82
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە82دانە
    ئۆسۈش: 220 %
    مۇنبەر پۇلى: 901 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2012-02-14
    ئاخىرقى: 2012-08-26
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-26 21:10

    راسىت ئىيتىسىز ، ئەر كىشى ئەردەك بۇلالىغان ئۆيدە ئايال كىشى ئاندىن ئايال بۇلالايدۇ
    دوستلىشىش
    ئەنسار1
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10887
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 38
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە38دانە
    ئۆسۈش: 50 %
    مۇنبەر پۇلى: 370 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2012-02-21
    ئاخىرقى: 2012-08-04
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-26 22:38

    ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم   ياشا ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن ئامىن !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
    قىيامەت كۇنى رەببىمىز ئالدىدا  ھەربىر نەپھ ..
    دەرىجە: چولپان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10181
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 654
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە654دانە
    ئۆسۈش: 50 %
    مۇنبەر پۇلى: 6852 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2012-01-03
    ئاخىرقى: 2012-07-26
    5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-27 16:07

    نادىرلاشقا ئەرزىگۈدەك ئىسىل يازمىكەن  ، مۇشۇنداق مەزمۇنى چۇڭقۇر ،ئەھمىيەتلىك يازمىڭىزنى كەڭساي مۇنبىرىدە دائىم كۈرۈپ تۇرساق ئۆزىمىزدىكى ئىللەتلەر،  مەينەتلەر ھەققىدە ئويلىنىپ تۇرساق .
    {  جەننەت  ئانىلارنىڭ  ئايىقى  ئاستىدا  }
    دوستلىشىش
    ئوغلانى
    ياخشى كۆرگىنىڭنىڭ ھەممىسى سېنىڭ ئەمەس.
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10944
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 13
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە13دانە
    ئۆسۈش: 90 %
    مۇنبەر پۇلى: 162 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2012-02-26
    ئاخىرقى: 2012-03-13
    6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-27 18:13

    رەھمەت سىلەرگە ، مەن بۇ مۇنبەرگە يېڭى ئەزا، يول كۆرسەتكەيسىلەر ..................
    يوقالسا گەر ناچار ئىللىتى،
    يۈكسىلەر شۇ خەلق مىللىتى.
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1736
    ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1736دانە
    ئۆسۈش: 180 %
    مۇنبەر پۇلى: 18357 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-01-22
    ئاخىرقى: 2012-07-30
    7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-28 17:10

    ۋەئەلەيكۇم - ئەسسالام ، ئۇلۇغ اللاھ  سىزگە كۆپلەپ ئەجىر ئاتا قىلسۇن ، اميىن !
    اللا
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10088
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 41
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە41دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 431 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-12-18
    ئاخىرقى: 2012-09-04
    8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-20 18:07

    بەك ياخشى تىمىكەن بەك ياخشى يېزىپسىز  مۇشۇنداق مەزمۇنلارنى كوپلەپ چىقرىپ تۇرشىڭىزغا تىلەكداشمەن   ئاللا ئەجىرىنى بەرسۇن ئامىن......