باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 736 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تەجىرىبە ئىشلەشنىڭ ئالدى كەينىدە
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 481
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە481دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6034 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-08
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-26 11:49

تەجىرىبە ئىشلەشنىڭ ئالدى كەينىدە


ئالىمجان ئوبۇلقاسىم

ئۆتكەن يىلى يەنى2010-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ شەكىل نەزەرىيىسىدىكى 29-تېئۇرمىنىڭ توغرا-خاتالىغىنى ئىسپاتلاش مەقسىتىدە تەجىرىبە قۇرۇلمىسى لايېھىلەشكە كىرىشتۇق.دەسلەپتە تەجىرىبە قۇرۇلمىسىنى لايېھىلەشكە قاتناشقانلار پەقەت بىر نەچچە كىشى ئىدى. دەسلەپتە مېنىڭ بۇ تەجىرىبىنى ئىشلەشنى نىيەت قىلىشىم شەكىل نەزەرىيىسىنى قوبۇل قىلغىنىمدىن ئەمەس ئىدى. مەن پەقەت قاسىم سىدىق ئەپەندى 30يىلدەك ئىزدەنگەن بۇ نەزەرىيىنى قاسىم سىدىق ئەپەندى ئۆزى ئىتىراپ قىلغۇدەك بىر تەجرىبە ئىشلەش ئارقىلىق ئىنكار قىلىپ، قاسىم سىدىقنى غۇلجىغا كەتكۈزىۋىتىش ئىدى. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىدىكى شەكىل نەزەرىيسنى تولۇق چۇشەنمەيدىغان ۋە مەن بىلەن ئوخشاش پىكىرلىك دوستلار بىلەن تەجىرىبىنى لايېھىلەشكە كىرىشتۇق.
  دەسلەپتە،يالغۇز ئايلىنىۋاتقان شارچىنى ئەركىن تاشلاش قۇرۇلمىسى توغرىسىدا ئىزدەندۇق.بىراق، بۇنداق كۆرۈنۈشلەر يەنىلا قاسىم سىدىقنى قايىل قىلالمايتى. چۈنكى ھاۋادا ئۆز ئوقىدا ئايلىنىپ چۈشكەن شارچە ئىگىزلىكتىن چۈشۈش داۋامىدا بىرنوللى تەسىرگە ئۇچىرايدۇ.  بىرنوللى تەسىرىدىنمۇ شارچە ئاغىدىغان بولۇپ، شارچىلار بىرنوللى تەسىرىدىكى ئېغىش يۆنىلىشى شەكىل نەزەرىيىسى پەرەز قىلغان يۆنىلىشى بىلەن بىردەك ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز تەجىرىبە لايھەسىنى ئۆزگەرتىپ بىقىشنى ئويلاشتۇق. تۇرپان توقسۇنلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى مەمەتجاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن، يىزا ئىگىلىك ئونۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدىغان جۇرئەت ئەنىۋەر قاتارلىقلار بىرلىكتە ۋاكۇئوملاشقان تۇربا ئىچىدە سىمابنى چوغلاندۇرۇپ، چوغلاندۈرۈلغان سىماب ئاتوملىرىنى ماگىنىت مەيدانىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ماگىنىت مومىنتىنى بىر يۆنىلىشكە توغۇرلاپ، قارشى تەرىپىدىكى ئەينەككە ئىزىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق سىماب ئاتۈملىرىنىڭ سىزىقلىق ھەرىكەت داۋامىدا ئېغىشىنى كۈزەتمەكچى بولدۇق. بىراق، ئىقتىساد ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ تەجىرىبىنى ئىشلىيەلمىدۇق.بۇ يىل 3-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇرئەت ماڭا تىلفۇن قىلىپ، ئايلىنىۋاتقان ماتۇرنى ئىچى كاۋاك شارىنىڭ ئىچىگە ئىلىپ ئەركىن تاشلاش تەكلىپىنى بەردى. شۇچاغدا، كۆڭلۈمدە ئۆزۈمدىن ئۈچ ياش كىچىك بۇ ياشقا قايىل بولۇپ قالدىم ۋە سۆيۈندۈم. شۇ كۈنى قاسىمكامغا تىلفۇن قىلىپ بۇ پىكىرنى دېدىم، قاسىمكام دەماللىققا گەپلىرىمنى چۈشىنەلمىدى بولغاي، بىرنوللى ئىففىكتى توغرىسىدا يەنە گۇمانغا چۈشۈپ قالدى، ئىككى كۈندىن كېيىن تەجىرىبىنىڭ تەييارلىقىغا چۈشتۇق. كۆڭلۈمدە  قاسىمكامنىڭ فىزىكىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئۇسۇلى، شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ يادرۇلۇق ئۈقۈملىرىنىڭ مەن بۇرۇن ئويلىغاندەك ئەھمىيەتسىز نەرسىلەر ئەمەسلىگىنى تەدېرىجى بىلىپ يەتتىم. بولۇپمۇ قاسىمكامنىڭ «باشقا نوقتىلارنى ئويلىشپ باقايلى»دېگەن سۆزلىرى مېنىڭ ھۆرمتىمنى ۋە قايىللىقىمنى پەيدا قىلغان بولسىمۇ، مەن يەنىلا29-تېئۇرمىنىڭ ئىسپاتلىنىپ چىقىشىغا زادىلا ئىشەنمەيتىم. ھەمدە ھازىرقى بار بولغان فىزىكىغا باشقا نوقتىلاردىن قاراش ئارقىلىقمۇ، دۇنيانى توغرا بىلىشكە ئىرىشكىلى بولىدۇ -دەپ قارايتىم. مۇشۇنداق ئوي-پىكىر ئىلكىدە 4-ئاينىڭ 7-كۈنى تۈنجى تەجىرىبىنى ئىشلىدۇق. تۈنجى قېتىملىق تەجىرىبە ئۇلانباي تەرەپتىكى بىر قۇرلۇش ئورنىدا ئىشلەندى. تەجىرىبىنى ئىشلەش داۋامىدا بىز پەقەت شارچىلار تۆۋەندىكى ساندۇققا چۈشكەندىكى ئورنىنىڭ تارتىلغان رەسىمىگىلا ئىرىشتۇق. چۈنكى، ئېغىش بولغان تەقدىردىمۇ ئادەتتىكى كۆز بىلەن كۆرەلمەيدىغانلىقىمىز ئىنىق بولغاچقا تەجىرىبە نەتېجىسىنى رەقەملىك فۇتۇ ئاپاراتىدا تارتىلغان رەسىملەرنى ئانالىز قىلش ئارقىلىق چىقاردۇق .بىرىنچى قېتىملىق تەجىرىبىدە بىز ماتۇرنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشىنى قارمۇ-قارشى قىلىپ تۇرۇپ، ئىككى گۇرۇپپا تەجىرىبە ئىشلىگەن بولۇپ، ئانالىز نەتىجىسىدە شارچە ئورنىنىڭ يۆتكىلىشى ھەقىقەتەن شارچە ئىچىدىكى ماتورنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتۇق. مەن تەجرىبىگە نەتېجىسىگە قارىتا خىلى ۋاقىتقىچە گۇمانىي پوزىتسىيدە تۇردۇم. بىراق، تەجرىبە نەتېجىسى بىر ھەقىقەت ئىدى.4-ئاينىڭ19-كۈنى تەجرىبىنى قايتا ئىشلىدۇق. بۇ قېتىم ماتۇرنىڭ ئايلىنىش ئوقىنى ئوخشىمىغان تۆت يۆنىلىشكە توغۇرلاپ ئىشلىدۇق. بىراق، نەتېجە يەنىلا ئوخشاش بولۇپ چىقتى.  مەن ۋە 29-تېئورىمىنى ئىسپاتلاش تەجرىبىسىگە قاتناشقان بالىلار يەنىلا ئىھتىياتچان پوزىىتسىيىدە بولدۇق. ئارىلىقتا تەجرىبە نەتېجىسىگە قارىتا خىلى كۆپ گۇمانىي پىكىرلەر چىققان بولدى. بىراق، ئۇ گۇمانلارنىڭ ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى دەلىللىدۇق. مەن بۇ جەرياندا ئاقار جىسىم مىخاينىكىسى، ئايرودىنامىكا قانۇنلىرى، مىخاينىك تەۋرىنىشكە ئائىت بىرقىسىم بىلىملەرنى كۆرۈپ تەجرىبە نەتېجىسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى، يەنى تەجرىبە نەتېجىسىنىڭ شەكىل نەزەرىيسى 29-تېئورىمىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى ئىتىراپ قىلدىم. شۇنداق، مەندىكى بۇ ئىتىراپ قىلىش مېنىڭ بىلىم دائىرەمدىن ھالقىپ كىتەلمەيدۇ. شۇ يۈزىسىدىن مەن يازلىق تەتىل مەزگىلىدە بېيجىڭدىكى 2 ئايلىق كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيسى لىكسىيسىگە قاتنىشىپ، شەكىل نەزەرىيسى بىلەن نىسپىيلىك نەزەرىيسىنى سىلىشتۇرۇپ ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەربابلار بىلەن 29-تېئورىمىنىڭ ئىسپاتلاش تەجرىبىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردۇم. ئۇلارنىڭ ئورتاق پىكىرى: تەجرىبە نەتېجىسى خاتا، نىسپىيلىك نەزەرىيسى بويىچە ھەرگىز بۇنداق نەتېجەچىقمايدۇ.-دېگەنلەر بولدى. ئەلۋەتتە، بۇ تەجرىبىنىڭ ھۆددىسىدىن پەقەت شەكىل نەزەرىيسى ئۆزىلا چىقالايدۇ.
    شەكىل نەزەرىيسى خۇددى قاسىمكام دېگەندەك چوڭ بىر پارچە لوق گۆش. بۇ چوقۇم يېيىلىشى كېرەك. بىراق، بۇ گۆشنى قاسىم سىدىق دېگەندەك ئەمەس، بەلكى ھەممە ئادەم ئۆزى سېڭدۈرەلەيدىغان مىقداردا يىيەلەيدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى، قاسىم سىدىقنىڭ نۇرغۇن گەپلىرىدە شائىرانە ھىسيات، لوگىكىلىق تەپەككۇر ۋە ئىلىم-پەن قاتارلىقلار بىرپۈتۈن گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن بولۇپ، بىر ئاڭلىماققا قوبۇل قىلىش تەس. بىراق،شەكىل نەزەرىيسىدە بۇ ئۈچ ساھە ئۆزىنىڭ مۇۋاپىق ئورنىنى تېپىشى كېرەك.
   مېنىڭچە، 29-تېئورىمىنىڭ ئىسپاتلىنىشى قاسىم سىدىق ئەپەندى تەپەككۇرىنىڭ ۋە شەكىل نەزەرىيسىچە بىلىش ئۇسۇلىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن مەن شەكىل نەزەىرىيسىدىن ئىبارەت بۇ ئۇزۇن سەپەرگە تەۋەككۇل قىلدىم ھەم مۇشۇ يولدا توختىماستىن مىڭىشقا بەل باغلىدىم. مىنىڭ پىلانىم تىخىمۇكۆپ تەۋەككۇلچىلەر بىلەن بىرلىكتە شەكىل نەزەرىيىنى دۇنيا ئىلىم-پەن سەھنىسىگە ئىلىپ چىقىش.
          2011-يىلى10-ئاينىڭ8-كۈنى
ئەتلەسچى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4488
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 252
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە252دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1560 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-07
ئاخىرقى: 2012-08-17

رەھمەت سىزگە باسقان قەدىمىڭىز ئۇڭۇشلۇق بولسۇن ، لىكىن مەن چۇشەنمىدىم مۇشۇ شەكىل نەزىريەسىنى.مۇشۇ توغرىسىدا ماقالە بولسا كۇرۇپ باقسام بوپتىكەن .ئادرىسىنى يوللاپ قويغان بولسىڭىز، ئاللا باسقان يۇلىڭىزنى ئۇڭۇشلۇق قىلسۇن،
ئەتلەسچى
دوستلىشىش
مۇناجات
Uyturk
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9392
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 289
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە289دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 2930 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-25
ئاخىرقى: 2012-03-17
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-26 19:28

ئەستاغپۇرۇللا !!!  راس گەپنى قىلسام ئۆزۈمدىن نۇمۇس قىلىۋاتىمەن جۇمۇ ، چۈنكى مەن فىزىكىنى خەنچە ئوقۇغان دەڭلا ..  ئۇيغۇرچىسىنى تازا بىلىپ كەتمىدىم ...    ئەمما يەنىلا  ئاساسىي جەھەتتىن چۈشەندىم ..      ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن ...   اللە يولىڭىزنى ئوچۇق قىلغاي ...
اللە'نىڭ مېنى بىر ئۇيغۇر مۇسۇلماننىڭ ئەۋلادى قىلىپ ياراتقانلىقىغا  يۈزمىڭ شۈكرى ....
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 481
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە481دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6034 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-08
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-26 20:02

رەھمەت سىزگە باسقان قەدىمىڭىز ئۇڭۇشلۇق بولسۇن ، لىكىن مەن چۇشەنمىدىم مۇشۇ شەكىل نەزىريەسىنى.مۇشۇ توغرىسىدا ماقالە بولسا كۇرۇپ باقسام بوپتىكەن .ئادرىسىنى يوللاپ قويغان بولسىڭىز، ئاللا باسقان يۇلىڭىزنى ئۇڭۇشلۇق قىلسۇن،
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــ-
ئالاقىدار ماقالىلارنىڭ ھەممىسى «كائىنات»تورىدا بار ئىدى،لىكىن«كائىنات»ۋاقىتلىق ئىچىلماس بولۇپ قالدى.«كەڭساي»غا يوللايلى دىسەك فۇرمىلا،جەدىۋەل،گىرافىكلار بار ماقالىلەرنى ۋورىت ھالىتىدە يوللىسا كۆرۆنمەيدىكەن.
swf  قىلىپ يوللاش ئۆچۆن«كەڭساي»بۇشلۇق ئاجىرىتىپ ئادىرىسى بىلەن تەمىنلىسەبولاتىكەن،«كەڭساي»باشقۇرغۇچىلىرى قانداق قارايدىكىن،بىلمىدۇق.
كەڭ ساي تورى ياخشى ماكانىم
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 445
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 6
ئومۇمىي يازما: 201
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە201دانە
ئۆسۈش: 3528 %
مۇنبەر پۇلى: 4311 سوم
تۆھپىسى: 10 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-28
ئاخىرقى: 2012-06-01
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-26 20:27

ئاددى بىرنەچچە ئېغىز گەپ بىلەن شەكىل نەزەرىيسى ھەققىدە سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ،لېكىن كۆپىنچىمىزنىڭ بىلىدىغانلىرىمىزمۇ پەقەت بىرنەچچە ئېغىز گەپ قىلىشقىلا يېتىدۇ..
شۇڭا قاسىم سىدىق ئاكىمىزنىڭ قولىغا-قول بولۇپ ياردەملىشىۋاتقان كىشىلىرىمىزگە چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن!!
ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق بولغاي!!!
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 481
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە481دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6034 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-08
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-26 20:28

       
«كائىنات»تورى ئېنىق بولمىغان سەۋەپ بىلەن ۋاقىتلىق ئىچىلماس بولۇپ قالغانلىغى ئۆچۆن،شەكىل نەزەريىسى 29-تىئورىمىسىنىڭ تەجىرىبە دوكىلاتىنى ۋە بۇ تەجىربىگە ئائىت باشقا تېمىلارنى «ئەلدۇسىت»دىن كۆرۆڭ:


ــــــــــــــــ كۆتۆلمىگەن بىر تەجىرىبە نەتىجىسىدىن دوكىلات
http://www.aldost.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2854

http://www.aldost.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2857



تەجىرىبە ئىشلەشنىڭ ئالدى- كەينىدە

http://www.aldost.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2858&extra=




[ بۇ يازمىنىق.سىدىق 2012-02-27 19:17قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 481
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە481دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6034 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-08
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-26 22:39




[ بۇ يازمىنىق.سىدىق 2012-02-27 19:08قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 481
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە481دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6034 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-08
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-27 13:47

     
«كائىنات»تورى ئېنىق بولمىغان سەۋەپ بىلەن ۋاقىتلىق ئىچىلماس بولۇپ قالغانلىغى ئۆچۆن،شەكىل نەزەريىسى 29-تىئورىمىسىنىڭ تەجىرىبە دوكىلاتىنى ۋە بۇ تەجىربىگە ئائىت باشقا تېمىلارنى «ئەلدۇسىت»دىن كۆرۆڭ:


[ بۇ يازمىنىق.سىدىق 2012-02-27 19:09قايتا تەھرىرلىدى ]
ئەتلەسچى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4488
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 252
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە252دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1560 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-07
ئاخىرقى: 2012-08-17
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-27 21:05

رەھمەت سىزگە قاسىم سىدىق ئەپەندى ،باسقان يۇلىڭىز مۇۋەپىيەتلىك بۇلىشىغا تىلەكداشمەن ،بۇ يىل يازدا ئاغىنىلىرىم بىلەن سىزنى يوقلاپ كىلىمىز .سىز بىلەن يۈز تۇرانە كۈرۈشۆش ئازۇيۇم بار ،
ئەتلەسچى