باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1113 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئوتتۇراياۋرو-ئاسىيادىكى مىللەتلەر-2
دوستلىشىش
ئىزدەن114
اللە اكبەر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10908
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 48
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە48دانە
ئۆسۈش: 290 %
مۇنبەر پۇلى: 330 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-23
ئاخىرقى: 2012-02-28
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-25 15:28

ئوتتۇراياۋرو-ئاسىيادىكى مىللەتلەر-2

ئوتتۇراياۋرو-ئاسىيادىكى مىللەتلەر-2

نەبىجانتۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرىدوكتورى)

دۇنيادىكىنوپۇسى ئاز تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرى قارايىملار

قارايىملارقىرىم يېرىم ئارىلىدا ياشىغۇچى تۈركىي خەلقلەردىن بولۇپ، ئۇكرائىنىيىنىڭ رەسمى سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا ئۇلارنىڭقىرىمدىكى سانى 1404 ئادەم. لىتۋادىكى سانى 289. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇلار رۇسىيە شەھەرلىرىدىن موسكۋا ۋە سانكىتپېتېربۇرگ قاتارلىقلارغىمۇ تارقالغانبولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ شەھەرلەردىكىسانى 680 دىن ئاشىدىكەن.
سوۋېتئىتتىپاقىنىڭ 1989-يىلىدىكى نوپۇسستاتىستىكىسىدا قارايىملارنىڭ پۈتۈن سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىكى سانى 2602 دەپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن تاكى ھازىرغىچەئۇلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەر دەم دوستلۇقىدىكىيېڭى سانى ھەققىدە ئۇچۇر يوق.

قارايىملاركىملەر؟

تۈركىيەئالىمى دوكتور نەۋزات ئۆزكەننىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، يەنە ئاز ساندىكى قارايىملار تۈركىيىنىڭ ئىستامبۇل شەھرىدە، فرانسىيىدە ۋە پولشادىمۇ ئىستىقامەت قىلىدىكەن. ئۇنداقتا قارايىملار كىملەر؟ قارايىملار تۈركىي خەلقتۇر. ئۇلار تۈركىي تىللارنىڭ قىپچاق گۇرۇپپىسىغا تەۋە قارايىمتىلىدا سۆزلىشىدۇ.
قارايىملارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى مەسىلىسى تالاش-تارتىش تۈسىنىئالغان مۇرەككەپ مەسىلە بولۇپ، تاكى ھازىرغىچەئېنىق ۋە بىرلىككە كەلگەن يەكۈن يوق ئەمما، ئاساسىي جەھەتتىن ئىككى خىل نۇقتىئىنەزەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگە. بىرىنچىخىل نۇقتىئىنەزەر، "قاراي" دېگەن ئېتنونىمى قەدىمكى تۈركىي تىلدىكى "كېرەي"، "كېرەيىت" دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان دەپ قاراش، كېرەيسۆزى ھەر خىل شەكىلدە يەنە "قاراي"، "قىراي" دېگەندەك شەكىللەردىمۇ كۆرۈلگەن. "قارايىم" ئېتنونىمىدىكى "قار" تىپىك قەدىمىي تۈركىي سۆزى بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ خېلى كۆپ تۈركىي خەلقلەر بۇ سۆزنى ئۆزمىللىي نامى بىلەن بىرلەشتۈرگەنمەسىلەن، قاراچايلار، قاراخازارلار، قاراقالپاقلار ۋە باشقىلار. بۇ خىل كۆز قاراشتىكىلەر قارايىملارنى قەدىمكىدەۋرلەردىكى ھۇن- خەزەر قەبىلىلەر ئىتتىپاقىغاكىرىپ، سامات-ئالانلارغا ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتكەن قارايلارنىڭ ئەۋلادلىرى دەپ قارايدۇ. قارايىملار بىر مىللەتسۈپىتىدە قىرىمدا پەيدا بولغان.
ئىككىنچىخىل نۇقتىئىنەزەر، قارايىملارنى يەھۇدىيلار بىلەن باغلاپ، ئۇلارنى قەدىمكى يەھۇدىيلارنىڭ بىر تارمىقى دەپ قاراش. بۇ خىلكۆز قاراشتىكىلەر، قارايىم سۆزىدىكى "قارا" يەھۇدىي تىلىدىكى "ئوقۇ" مەنىسىدىن كېلىپ چىققان دەيدۇ، بۇنىڭغا ئاساس بولغان نۇقتىئىنەزەر شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، قارايىملار تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلق بولسىمۇ لېكىن، ئۇلارنىڭ دىنى يەھۇدىي دىنىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، بۇ تارماق ئادەتتە قارايىم دىنىدەپمۇ ئاتىلىدۇ.


قارايىملارنىڭدىنىي ۋە مىللىي كىملىكى

قارايىمدىنى 8-ئەسىردە ئىراندا ئانان داۋۇد تەرىپىدىن پەيدا قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى "قاراي" دەپ ئاتالغان. نەۋزات ئۆزكەننىڭ كۆرسىتىشىچە، قارايىملارنىڭ دەستۇرى تەۋرات بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەھۇدىيلارنىڭكىدىنپەرقلىق بولۇپ، ئۇنىڭدا زەبۇربىلەن ئورتاقلىق بار ئىكەن.
قارايىمدىنى 8-13-ئەسىرلەردە گۈللىنىشباسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، بۇ دىنغا بىر قىسىم ئىرانلىقلار، ئەرەبلەر، يەھۇدىيلار، گرېكلەر ئېتىقاد قىلغان.
قارايىمدىنى 8-ئەسىرلەردە تۈركىي خەزەرلەر دۆلىتىگەكىرگەن. قىرىم يېرىم ئارىلى رۇسىيىگە تەۋە بولغاندىن كېيىن بۇ دىنغا يەنە قارايىم تۈركلىرى ۋە بىر قىسىم كازاكلار (كازاكرۇسلىرى) ئېتىقاد قىلغان. مەلۇماتلارغاقارىغاندا قارايىملار رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن دائىم ئۆزلىرىنىڭ يەھۇدىيلاردىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزلىرىگەپەرقلىق مۇئامىلە قىلىشىنى قولغاكەلتۈرمەكچى بولغان.
18-19-
ئەسىرلەردەچار پادىشاھ رۇسىيىسى قارايىملارنىڭ ئۆزدىنى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن قىرىمدا قارايىم دىنى ئىبادەتخانىلىرى كۆپەيگەن. رۇسىيەئۆكتەبىر ئىنقىلابىغىچە بولغان ئارىلىقتا قىرىمدا 20 نەچچە قارايىم دىنى ئىبادەتخانىسى بولغان. بۇ چاغلارداقارايىم دىنى رۇسىيە ھۆكۈمىتىتەرىپىدىن مۇستەقىل دىن دەپ ئېتىراپ قىلىنغان بولۇپ، پاسپورتلاردىكى دىنىي ئېتىقاد دېگەن يەرگە "قارايىمدىنى" دەپ تولدۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنغان.

يوقىلىۋاتقانقارايىم تىلى

قارايىملارنىڭسانىمۇ 1932-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتتا 10مىڭ ئادەم دەپ كۆرسىتىلگەن بولسا، ئۇلار بارا-بارا ئازايغان. 1957-يىلى 5مىڭ 700، 1979-يىلى 3 مىڭ 300 غا چۈشۈپ قالغان. ئەمما، 25 مىڭدىن ئارتۇق قارايىم ھازىرئىسرائىلىيىدە ياشايدىكەن، ئۇلار ھەم ئۆزلىرىنى يەھۇدىيلارنىڭ بىر تارمىقى دەپ قارايدىكەن. بۈگۈنكى كۈندەقىرىمدا ئاران 800 ئەتراپىدا قارايىملار ئېشىپ قالغان.
قارايىملارنىڭتىلى شىمالىي قىرىم تاتارلىرى ۋە شىمالىي كاۋكازىيىدىكى قۇمۇقلار، قاراچايلار ۋە بالقارلارنىڭ تىلى بىلەنيېقىن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەڭ قەدىمىيدەۋرلەرگە خاس تۈركىي سۆزلەر ساقلانغان. قارايىم تىلى ساپ تۈركىي تىل بولۇپ، ئۇنىڭدا چەت تىللارنىڭ تەسىرى ناھايىتىئاز ئىكەن. چەت تىلىدىن كىرگەن سۆزلەر ئاساسلىق ئەرەب تىلى، پارس تىلى ۋە سلاۋىيان تىللىرىدىن كىرگەنسۆزلەردۇر. ئۇنىڭدا قەدىمكى ئالانتىلىنىڭ ئېلېمېنتلىرى ساقلىنىپ قالغان. ئەڭ قىزىق نۇقتا شۇكى، قاراي تىلىدا 1841-يىلى تۇنجى ئىنجىل نەشىر قىلىنغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭكۆزىتىشىچە، قارايىم تىلىدايېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق ۋە ھەربىي ئىشلارغا ئائىت ئەڭ قەدىمىيلىككە ئىگە تۈركىي سۆزلەر ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇئەھۋال باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىللىرىدىكىدىنمۇگەۋدىلىكرەك بولغان. شۇڭا1934 -يىلى، ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن تىل يىغىنىدا تۈرك تىلىدىكى ئەرەب ۋە پارس تىلىسۆزلىرى چىقىرىۋېتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا 330 قارايىم تىلى سۆزى تولۇقلانغان ئىكەن.


مەۋجۇتلۇقئۈچۈن كۈرەش

قارايىمتىلى تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە يوقىلىشقا قاراپ يۈزلەڭەن تىللارنىڭ (بەلكى دىئالېكتلارنىڭ) بىرى بولۇپ، ئۇزۇنمەزگىل باشقا مىللەتلەرنىڭ ۋەباشقا دىنلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشاش ئۇلارنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
قارايىملارنىڭ "قىرىم قارايلار جەمىيىتى "دەپ ئاتالغان تەشكىلاتى خەلقارا جەمىيەتكە ۋە ئۇكرائىنىيە ھەم رۇسىيەھۆكۈمەتلىرىگە قارايىملارنىڭمىللەت سۈپىتىدە يوقىلى كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇلارنى مىللەت سۇپىتىدە ساقلاپ قېلىش ھەققىدە ئىلتىماسلارنىسۇنۇپ كەلمەكتە. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەقسىدىقارايىم خەلقىنى ۋە ئۇنىڭ ماددىي ھەم مەنىۋى مەدەنىيىتىنى، تىلىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ ياچېيكىلىرىقىرىمنىڭ باخچىساراي، ئەۋاپتورىيە، سىمفېرېپول، سېۋاستوپول، يالتا قاتارلىق شەھەرلەردە مەۋجۇت.


دوستلىشىش
مۇناجات
Uyturk
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9392
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 289
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە289دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 2930 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-25
ئاخىرقى: 2012-03-17

كازاكلار (كازاكرۇسلىرى)  ، قازاق دەپ يازساق ئۆزىمىزنىڭ تىلىدا توغرا بولارمىكىن ...    
    مەن ئاڭلاپ باقمىغان تارىخىىي ۋەقەلەركەن ...    خېلى كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم ..
اللە'نىڭ مېنى بىر ئۇيغۇر مۇسۇلماننىڭ ئەۋلادى قىلىپ ياراتقانلىقىغا  يۈزمىڭ شۈكرى ....
دوستلىشىش
ohho~duqu
kvlgenning hemmisi dost emes
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5343
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 640
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە640دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 6761 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2012-09-08
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-27 01:54

قاراخان ئۇيغۇرلىرىغا باغلىماپتۇدە
man kangsay azasian