باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 487 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئاتا-ئانا ھەققىدە
ئەركەتۈرۈك
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2013
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 556
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە556دانە
ئۆسۈش: 6390 %
مۇنبەر پۇلى: 10943 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-17
ئاخىرقى: 2012-02-25
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-23 18:14

ئاتا-ئانا ھەققىدە


ئاتا – ئانا ھەققىدە


ئاتا – ئانا ھەققىدە سۆز ئېيتىلغاندا سىزنىڭ كۆز ئالدىڭىزغا قانداق بىر سىما پەيدا بولىدۇ؟ بىزنىڭ ئاتا – ئانىمىزنىڭ ھەقلىرىنى تونۇشىمىز ۋە ئۇ ھەقلەرنى ئادا قىلىشىمىز، ئاللاھ تائالا زىممىمىزگە يۈكلىگەن بىر ۋەزىپە، بىزگە قىلغان بىر بۇيرۇق، بىزگە قاراتقان بىر ھۆكۈم، قىسقىسى ئۇ بىر پەرز!
قېرىنداشلار، ھەممىمىزگە مەلۇم بىزنىڭ دىنىمىزدا «دادىلار كۈنى» ياكى «ئانىلار كۈنى» دېيىلىدىغان بىر كۈن يوق. چۈنكى دىنىمىزدا ھەر كۈن دادىلار كۈنى، ھەر كۈن ئانىلار كۈنى ھېسابلىنىدۇ. يەنى ئاتا -ئانىلارنىڭ كۆڭلى ئۆز ئەۋلاتلىرى تەرىپىدىن ھەر دائىم كۆرگەن ياخشى مۇئامىلە سەۋەبىدىن ھەر كۈنى خۇش تۇرىدۇ ۋە خۇش تۇرۇشى لازىم! چۈنكى دىنىمىز بىزگە مۇشۇنداق ئەمر قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ ھەقلىرىنى تونۇغاندىن كېيىن، ئىنسانلارنىڭ ھەقلىرىنى، بولۇپمۇ ئۆزىگە ئەڭ يېقىن ئىنسانلار بولغان ئاتا – ئانىسىنىڭ ھەقلىرىنى تونۇۋېلىشى ۋە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئۇ ھەقلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك.



رەببىڭ مۇنداق ھۆكۈم قىلدى: ئاللاھدىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماڭلار ۋە ئاتا – ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ياكى ئىككىلىسى سېنىڭ يېنىڭدا قېرىپ قالسا، ئۇلارغا: «ئۇفف!» دېگەن سۆزنىمۇ قىلما. ئۇلارغا ئازار بەرمە، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىل. (ئۇفف! دېگەن سۆز زېرىككەنلىكنى ئىپادىلەيدۇ)
ئۇلارغا مېھرىبانلىق ۋە كەمتەرلىك بىلەن قول – قانات بولغىن ۋە ئۇلار ئۈچۈن مۇنداق دۇئا قىلغىن: «رەببىم! ئاتا – ئانام ماڭا كىچىكلىكىمدە تەربىيىلەپ قانداق ياخشىلىق قىلغان بولسا، سەن ئۇلارغا شۇنداق ياخشىلىق قىلغىن!»
رەببىڭلار ئىچىڭلاردىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئەگەر ياخشى كىشىلەر بولساڭلار، شۇنى بىلىڭلاركى ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر» (ئىسرا 17/23 – 25).
بەقەرە 2/83- ئايەت، نىسا4/36- ئايەت، ئەنئام 6/151- ئايەت، ئەنكەبۇت 29/8- ئايەت، لوقمان 31/14- ئايەت، ئەھقاف 46/15- ئايەت قاتارلىق ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىمۇ يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئوخشاشتۇر.



بۇ ئايەتلەردە ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۆز ئەۋلاتلىرى ئۈستىدىكى ھەقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ ھەقلەر تۆۋەندىكىچە:
1. ئاتا – ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىش، يەنى ئۇلارنى ئۆزىدىن ۋە خوتۇن – بالىلىرىدىن يۇقىرى كۆرۈپ، ئۇلارغا بۇنىڭغا قارىتا مۇئامىلە قىلىش.
ئىسرا سۈرىسىنىڭ 23 – ئايىتىنىڭ (يۇقىرىدىكى بىرىنچى ئايەتنىڭ) مەتنىنىڭ بېشىدىكى «قەزا» كەلىمىسىنىڭ مەنىسى ۋە «ئاتا – ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار» دېگەن جۈملىنىڭ باشتىكى جۈملىدىن پەرقلىق ھالدا بولۇشلۇق شەكىلدە كېلىشى، بۇ ئىشنىڭ سەل قاراشقا قەتئىي بولمايدىغان بىر ئىلاھى پەرمان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
2. ئاتا – ئانىلارنى كىچىككىنە بىر سۆز ياكى ئاددىي بىر ھەرىكەت بىلەن بولسىمۇ رەنجىتمەسلىك.
3. ئاتا – ئانىلارنى ئازارلىماسلىق، يەنى ئۇلارغا ۋاقىراش ياكى قوپال گەپ – سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتماسلىق.
4. ئاتا – ئانىلارنىڭ ئالدىدا كەمتەر بولۇش.
5. ئاتا – ئانىلارغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىش.
6. ئاتا – ئانىلارغا رەھمەت ۋە تەشەككۈر ئېيتىش، يەنى ئۇلاردىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى سۆز – ھەرىكەتلىرىمىز بىلەن ھەر دائىم ئىپادىلەپ تۇرۇش. (لوقمان سۈرىسىنىڭ 14- ئايىتىنىڭ بىر قىسمى بۇنىڭغا بۇيرۇيدۇ).
7. ئاتا – ئانىلارغا ئىتائەت قىلىش.
ئەسكەرتىش: ئاتا – ئانىغا ئىتائەت قىلىشتا ئۇلار بۇيرۇغان ئىشنىڭ دىنىمىزغا خىلاپ بولماسلىقى شەرت قىلىنىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئىتائەت پەقەتلا توغرا ئىشتا بولىدۇ؛ ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ھېچكىمگە ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ» بۇ ھەدىس ئۈچۈن (مۇسلىم، ئىمارەت؛ ئەبۇ داۋۇد، جىھاد؛ نەسەئىي، بەيئەت؛ ئىبنى ماجە، جىھاد) قا قاراڭ.
مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر ھەدىس: «ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ھېچقانداق ئىنسانغا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ؛ ئاللاھقا ئاسىي بولۇپ تۇرۇپ ھېچقانداق مەخلۇققا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ» (مۇسنەدى ئەھمەد 1/129؛ 1/131).
8. باشقىلارنىڭ ئاتا – ئانىسىنى تىللىماسلىق، سۆكمەسلىك ۋە ھاقارەتلىمەسلىك. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىر كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئاتا – ئانىسىنى تىللىشى ئەڭ چوڭ گۇناھلاردىندۇر» دېگەن ئىدى، يېنىدىكى ساھابىلەر: «يا رەسۇلەللاھ! بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئاتا – ئانىسىنىمۇ تىللامدۇ؟» دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە، بىر كىشى باشقا بىر كىشىنىڭ دادىسىنى تىللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى بۇ كىشىنىڭ دادىسىنى تىللايدۇ، بىر كىشى باشقا بىر كىشىنىڭ ئانىسىنى تىللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى بۇ كىشىنىڭ ئانىسىنى تىللايدۇ» دەپ ئۇلارغا چۈشەنچە بەرگەن. (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
9. ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشتا ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى شەرت قىلىنمايدۇ، پەقەت ئۇلار بۇيرۇغان ئىشنىڭ دىنىمىزدا گۇناھ ھېسابلانماسلىقى لازىم. لوقمان سۈرىسىنىڭ 15- ئايىتىنىڭ مەزمۇنى ۋە 7- ھەقتە زىكىر قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنى بۇنى كۆرسىتىدۇ.
10. ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىش، يەنى ئۇلار مەيلى ھايات بولسۇن مەيلى ھايات بولمىسۇن ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىش.
11. ئۇلارنىڭ قەرزى بولسا تۆلەپ قويۇش. چۈنكى بۇ، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ بىر پارچىسىدۇر.
12. ئۇلارنىڭ دوست – بۇرادەرلىرىگە ياخشىلىق قىلىپ تۇرۇش.
مانا بۇلار، يۇقارقى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن چىقىدىغان مەزمۇنلار. مانا بۇلار، ئاتا – ئانىمىزنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەقلىرى. بۇ ھەقلەرگە رىئايە قىلىش بىزنىڭ زىممىزگە يۈكلەنگەن.


ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئىنساننى ئاتا – ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق، ئانىسى ئۇنى قورسىقىدا ئۈستى – ئۈستىگە ئاجىزلىق بىلەن كۆتۈردى. ئىككى يىلدا ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىدى. ئى ئىنسان! ماڭا ۋە ئاتا – ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن» (لوقمان سۈرىسى 14- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«بالا ئاتىسىنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرالمايدۇ، پەقەت بالىنىڭ ئاتىسى قۇل بولۇپ، بالا ئۇنى سېتىۋېلىپ ئازاد قىلسا، ئاندىن ئاتىسىنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرغان بولىدۇ» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
«ئاتىسى بىلەن ئانىسى ياكى ئۇلاردىن بىرى قېرىغۇچە ياشاپ، ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ جەننەتكە كىرەلمىگەن كىشى خارۇزار بولسۇن! خارۇزار بولسۇن! خارۇزار بولسۇن!» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
ئەسسالام قېرىنداش يولۇڭ تۈز بولسۇن ،
ياخشى ئىش ئىزلىرىڭ ئىبرەت بوپ قالسۇن .
باشلىغىن دوسلارنى ياخشى يوللارغا ،
بۇنىڭدىن دوسلارمۇ ھەق يولنى تاپسۇن.
دوستلىشىش
ئۆزنۇر
دوسىت ئىزدىسەڭ اللە يىتەر!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10449
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 163
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە163دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 1620 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-23
ئاخىرقى: 2012-05-06

رەببىم! ئاتا – ئانام ماڭا كىچىكلىكىمدە تەربىيىلەپ قانداق ياخشىلىق قىلغان بولسا، سەن ئۇلارغا شۇنداق ياخشىلىق قىلغىن. ئامىن .
كۆپ كۈلمە، كۆپ كۈلۈش دىلنى ئۆلتۈرىدۇ .(ئايەت)
دوستلىشىش
سۈمەييەقىز
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10946
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-26
ئاخىرقى: 2012-02-26
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-26 20:59

ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ، ئاللاھ ئەجىر ئاتا قىلغاي !
قىيامەت كۇنى رەببىمىز ئالدىدا  ھەربىر نەپھ ..
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10181
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 436
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە436دانە
ئۆسۈش: 50 %
مۇنبەر پۇلى: 4426 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-03
ئاخىرقى: 2012-03-27
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-27 20:32

ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن ،
{  جەننەت  ئانىلارنىڭ  ئايىقى  ئاستىدا  }
ئاتۇش ۋاسكېتبول گۈزىلى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10961
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 14
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە14دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 180 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-27
ئاخىرقى: 2012-02-28
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-27 20:51

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركە تۈرۈك قىرىندىشىم !
مۇنبەرگە كىرىپ سىزنىڭ يوللىغان ئۇشبۇ ئېسىل تېمىڭىزنى كۆرۈپ ھاياجانلاندىم . بولسا مۇشۇنداق ئەھمىيتى كۆپ تېمىلارنى مۇنبەرگە يوللاپ تۇرغايسىز !

ۋاپا قىل ئاتا-ئاناڭغا، كۆرىسەن بالىدىن ۋاپا،
گەر ۋاپا كېرەك بولمىسا، ئۇلارغا كۆرسەت جاپا