fx(^}e x
LR
2H>B} 1980-يىلى 11-ئاۋغۇسىت،ج ك پ مەركىزىي كومتىتى ئاۋامنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھۆججەت تارقاتتى،ئۇنىڭدا رەئىسى ماۋزىدۇڭ سۈرىتى،ئۈزۈندە ۋە شېرلىرى جامائەت سورۇنلىرىدا ناھايىتى كوپ ئىسىلغان ،بۇ سىياسىي جەھتتە تەمكىنلىكنىڭ ئىپادىسى ئەمەس ،خەلىقاردا ياخشى تەسىر بەرمەيدۇ،بۇنىڭدىن كىيىن تەدرىجىي ئازايتىشى كىرەك،دېگەن مەزمۇنلار بار ئىدى .
SQx%CcW9d ھۆججەتلەر تارقىتىلغان كۇنى چۈشتىن ئىلگىرى ،ئىشچىلار خەلىق سارىيى ئالدىغا كىلىپ ماۋزېدۇڭنىڭ سۈرىتىنى ئېلىۋىتىشى ئۈچۈن بۇيرۇق كۈتۇپ تۇرۇشتى.بۇ ئىشى ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ئىنكاسىنى قۇزغىدى،شۇنىڭدىن كېيىن مەملىكەت بۇيىچە ماۋزىدۇڭنىڭ سۇرىتىنى ئىشخانا،سىنىپلارنىڭ تاملىرىدىن ئىلىۋېتىلدى،يول بۇيىلىرىدىكى ››ماۋزېدۇڭ سۆزلىرىدىن ئۈزۈندە ››تاختىلىرىدىكى ئۈزۈندىلەر ئۆچۇرۋىتىلدى،مەدىنىيەت زور ئىنقىلابىي مەزگىلىدە تىكلەنگەن ماۋزىدۇڭ ھەيكىلىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆرىۋىتىلدى .بۇ چاغدا كىشىلەر ئەمدى‹‹ماۋزدىڭنىڭ مىيىتى،ماۋزدىڭنىڭ خاتىرە سارىيىنىڭ تەقدىرى قانداق بۇلىدۇ؟››دەپ غۇلغۇلا قىلىشقا باشلىدى.
Y-\/Y*;cd غەرىبنىڭ بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ‹‹ماۋزدىڭ دەۋرى ئاخرلاشتى››‹‹چۇڭ قۇرۇقلىقتا ماۋزېدۇڭنى تەنقىد قىلىشى زۆرۈر بۇلوپ قالدى››دىگەندەك ماقالىلارنى قەپەزدىن چىقاردى.
F0h`>{1% شۇ مەزگىلدە ئىتالىيىلىك مەشھۇر مۇخبىر فاللاج جۇڭگۇدا زىيارەتتە بولدى،21-ئاۋغۇسىت فاللاج جۇڭنەنخەيدە دىڭ شىياۋپىڭ بىلەن كۆرۇشكەندە تۇيۇقسىزلا‹‹دېڭ شىياۋپىڭ ئەپەندى،ماۋزىدۇڭنىڭ سۈرىتىنى تىيەنئەنمىن راۋىقىدىن ئېلىۋىتىلەمدۇ؟››دەپ سورىدى،دىڭ شىياۋپىڭ سەزگۇرلوك بىلەن :‹‹مەڭگۇ ساقلاپ قىلىنىدۇ ،ماۋزدىڭنىڭ سۈرىتىنىڭ بەزى جامائەت سورۇنلىرىدىن ئېلىۋىتىلىشى ماۋزىدۇڭغا بۇلغان ھۆرمەتنىڭ سۇسلىشىپ قالغانلىقىنى ئەكىسى ئەتتۇرمەيدۇ،رەئىسى ماۋزىدۇڭ ئىلگىرى بەزى خاتالىقلارنى سادىر قىلغان،ئۇ يەنىلا ج ك پ ،جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتىنىڭ ئاساسلىق قۇرغۇچىسى››دەپ جاۋاپ بەردى .
,>% 2`Z)
(3 xCW
فاللاج زىيارەت داۋامىدا تىيەنئەنمىن مەيدانى،ماۋزېدۇڭ خاتىرە سارىيىنى ئېككى قىتىم تىلغا ئالدى،دېڭ شىياۋپىڭ كۈلوپ تۇرۇپ ‹‹تۆت كىشىلىك گۇرۇھ››بىتچىت قىلىندى.ماۋزىدۇڭ خاتىرە سارىيى سېلىندى.ماۋزىدۇڭ 50-يىللاردا بەزى كىشىلەر ۋاپات بۇلسا ،كۆيدۈرۇپ كۈلىنى ساقلاپ قۇيسا بۇلىدۇ ،قەبرە قاتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يۇق ،دېگەندى.ماۋزېدۇڭ مانا شۇ تەشەببۇسقا بىرىجى بۇلوپ قول قۇيغان ،بىزمۇ قول قۇيغاندۇق ››دېدى.
G q%q x4 فاللاج دەرھال:‹‹ئۇنداقتا ماۋزېدۇڭ خاتىرە سارىيىنى چېقىۋىتەمسىلەر؟››دەپ سورىدى.دېڭ شىياۋپىڭ قولىنى پۇلاڭلىتىپ تۇرۇپ ؛‹‹ماۋزېدۇڭ خاتىرە سارىيىنى چېقىۋىتىشىنى تەشەببۇس قىلمايمەن ،ئەگەر چىقىۋەتسەك كىشىلەر غولغۇلا قىلىدۇ بۈگۈنكى دۇنيا بىزنىڭ مەزكور خاتىرە ساراينى چېقىۋېتىدىغانلىقىمزنى پەرەز قىلىۋاتىدۇ ،بىزدە بۇنداق خيال يوق ››دەپ جاۋاب بەردى .
}= OI (Wy مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى 2012-8-فىۋرال سانى .تەرجىمە قىلغۇچى :جۇشقۇن