قاسىم سىدىق
___ ئىدىيەلەرنىڭ كۈچى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ چۈشەنگىنىدىن نەچچە ھەسسە زور بولىدۇ. دۇنيانى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقىنى ئەمەلىيەتتە ئىدىيە سېستىمىسىدۇر. ئۆزىنى پىكىرىي تەلقىنلەردىن قاچۇرىدىغان ھېسابچى ئادەملەرمۇ ئەمەلىيەتتە سۈرۈشتۈرۈپ كەلگەندە ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ قۇللىرىدۇر. بۇيرۇقۋاز بىيۇروكراتلارمۇ ئەمەلىيەتتە تالاي يىللار بۇرۇن ياشاپ ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە كېچىكىپ ئۇچراپ،ئۆزىنىڭ تەلىۋىلىك خۇمارىنى بېسىۋاتقانلاردۇر.
_______ جون مېيىنارد كېينىس.
زۇلىپقار بارات ئۆزباشنىڭ «نەزەرىيە قۇرۇق نەرسە ئەمەس» سەرلەۋھەلىك ماقالىسىدا كەلتۈرۈلگەن نەقىل.
1
«ئىدىيەلەرنىڭ كۈچى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ چۈشەنگىنىدىن نەچچە ھەسسە زور بولىدۇ. دۇنيانى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقىنى ئەمەلىيەتتە ئىدىيە سېستىمىسىدۇر». جون مېيىنارد كېينىسنىڭ بۇ سۆزى نەزەرىيىۋى تەپەككۇر ۋە ئۇنىڭ ھاسىلاتى بولغان ئىدىيە سىستېمىسىنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى مۇھىم ئورنىنى رۇشەن ۋە ئىخچام ئەكىس ئەتتۈرگەن. ھەرقايسى پەن ساھەلىرىنىڭ نەزەرىيىۋى سىستېمىلىرى ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن مۇتەپەككۇرلەرنىڭ ئىدىيىۋى مىراسلىرى، شۇڭغىچە دىققەت قىلىنماي قالدۇرۇپ قويولغان ھادىسىلەر شۇنداقلا شەيئىلەر ۋە يېڭى بايقالغان شەيئى شۇنداقلا ھادىسىلەردىن يېڭى ئىدىيەلەرنى چەككىلەپ (سىنتىزلاپ) چىقىپ بۇ ئىدىيەلەرنى تەبىئەت دۇنياسى ۋە ئىجتىمائىيەت دۇنياسىنىڭ دەلىلەپ –ئىسپاتلىشىغا تاپشۇرىدۇ. دەلىلەپ-ئىسپاتلانغان بۇ خىل ئىدىيەلەر ئىجتىمائىي ھاياتتا ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ، بىر پۈتۈن جەمىئىيەتنىڭ يېڭى تەرتىپلىرىنى بەلگىلەيدۇ، كونا تەرتىپلەرنى ئىسلاھ قىلىدۇ.تەبىئەت پەنلىرىدە بولسا نەزەرىيىۋى تەپەككۇردىن چەككىلىنپ چىققان ئىدىيەلەر ئىسپاتلانغاندىن كېيىن تەبىئەت قانۇنىيتى سۈپىتىدە مۇئەييەنلەشتۇرۇلۇپ ئومۇملىشىدۇ.
مەن «نەزەرىيە ھەققىدىكى سەپسەتەلەر»دېگەن بۇ تېمىنى قولغا ئىلىش قارارىغا كەلگىنىمدە ئالاقىدار نۇرغۇن ماتېرىياللاردىن سىتاتا ۋە نەقىل ئىلىش لازىملىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىدىم. دەل مۇشۇ پەيىتتە ياش جەمىئىيەتشۇناس (سوتسىيولۇگ) زۇلپقار بارات ئۆزباشنىڭ «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى»ژورنىلىنىڭ 2011-يىلىلىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان«نەزەرىيە قۇرۇق نەرسە ئەمەس»دېگەن بۇ ماقالىسى مىنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىمنى تىجەپ بەردى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن زۇلىپقار بارات ئۆزباشقا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقاتلىرىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۇرىمەن. ياش جەمىئىيەتشۇناس يازغان بۇ ماقالە نەزەرىيە ھەققىدە ئاغىزىغا كەلگەننى سۆزلەپ ئۆزىنىمۇ، تور دۇنياسىنىمۇ ئالداپ كىلىۋاتقان بىر قېسىم كىشىلەرنى ئۆزخاتالىقلىرىنى تونۇۋىلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. ماقالىدا ئاپتۇر نەزەرىيە ھەققىدە ئەتىراپلىق ئىزدەنگەن بولۇپ، مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى بىر قېسىم نوپۇزلۇق قورال كىتابلاردا «نەزەرىيە»گە بىرىلگەن ئىنىقلىمىلار يېتەرلىك دەرىجىدە تونۇشتۇرۇلغان. شۇڭا مەن ئالدى بىلەن زۇلىپقار بارات ئۆزباشنىڭ ماقالىسىدىكى ئېنقلىمىلارنى ۋە بۇ ماقالىدا كۆرسۇتۇلگەن زۆرۇرى مىساللارنى تولۇق نەقىل ئالىمەن:
«ئۇيغۇر تىلىدىكى«نەزەرىيە»سۆزى ئەرەب تىلىدىن كىرگەن ئىسىم بولۇپ، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە بۇ ئۇقۇمغا مۇنداق تەبىر بېرىلىدۇ: «①نەزەرىيە-ئەمەلىيەتتىن خۇلاسىلەپ چىقىلغان، تەبىئەت ۋە جەمىئىيەت بىلىملىرى ھەققىدىكى سىستېملىق يەكۈن؛ ②ئىلىم-پەن،سەنئەت ۋە باشقا ساھەلەرنىڭ ئابستراكىت پىكىر قىلىش يولى بىلەن ئىشلەپ چىقىلغان ئاساسلىرى، مەسىلەن، تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى؛ ③پاكىت، ھادىسە ۋە شۇ قاتارلىقلارنى چۈشىنىش، چۈشەندۈرۈشنىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپلىرىنى ئاساسلاپ بەرگۈچى ئىلمىي قانۇن-قائىدىلەر يىغىندىسى؛ ④بىرەر پەن ساھەسىنى ياكى ئۇنىڭ قىسمىنى تەشكىل قىلغۇچى قائىدىلەر ياكى بىرەر ساھەدە بىلىم، ماھارەت ئاشۇرۇش، ھۈنەر ئۆگىنىش، تەجىرىبە ھاسىل قىلىش يولىدىكى بىلىم، قائىدىلەر يىغىندىسى. مەسىلەن، ماشىنا –مېخانىزملار نەزەرىيىسى، مۇزىكا نەزەرىيىسى؛ ⑤بىرەر نەرسىگە، مەسىلىگە بولغان كۆزقاراش، نۇقتىئىنەزەر ياكى ئۇلارنىڭ سىستېمىسى.»
«ئۆزبېكىستان مىللىي ئىنسكلوپېدىيىسى»دە نەزەرىيە ئۈقۇمىغا مۇنداق تەبىر بېرىلىدۇ: «نەزەرىيە بىلىمىنىڭ بىرەر ساھەسىگە ئائىت ئاساسىي ئىدىيە سىستېمىسى، ھادىسىلەرنىڭ قانۇنىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭدىكى مۇھىم باغلىنىشلار ھەققىدىكى سىستېملىق تەسەۋۋۇر بېرىدىغان بىلىم شەكلى.نەزەرىيە مەۋجۇدىيەتنىڭ مۇئەييەن ساھەسىگە ئائىت بولغان تەجىرىبىلەردىن ئومۇملاشتۇرۇلغان مەلۇماتلار ئاساسىدا كېلىپ چىقىدۇ. ئىلمىي بىلىشتە نەزەرىيەنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى تەجىرىبىلەر بەرگەن دەلىللەرنى ئىزاھلاش، نەرسە ۋە ھادىسىلەرنىڭ ماھىيىتىگە چوڭقۇرلاپ كىرىش، يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان شەيئى ۋە ھادىسىلەرنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن قىياس قىلىشتىن ئىبارەت. ھەرقانداق نەزەرىيە ئىلمىي تونۇشنىڭ نەتىجىسى سۇپىتىدىكى بىلىش شەكىل بولسىمۇ، ئۇنى تۈگەللەنگەن، ئۆزگەرمەس بىلىم دەپ قارىماسلىق كېرەك. نەزەرىيە ھەر ۋاقىت ئەمەلىيەت بىلەن ماھىيەتلىك ئالاقىدە بولىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ھەرىكەت، تەرەققىياتنىڭ ۋاستىسىغا ئايلىنىدۇ. ئىلمىي بىلىش جەريانىدا ئىلمىي نەزەرىيەلەر بىلەن قوراللىنىش كىشىلەرگە ئىلمىي قىياس قىلىش ئىمكانىيىتىنى بېرىدۇ. بۇ ھال ئۆز نۆۋىتىدە يەنە يېڭى قانۇنىيەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالىدۇ.»
«ھازىرقى زامان خەنزۇتىلى لۇغىتى»دە نەزەرىيە ئۈقۈمىغا مۇنداق تەبىر بېرىلگەن: «ئەمەلىيەتتىن خۇلاسلەپ چىقىلغان، تەبىئەت ۋە جەمىئىيەت ھەققىدىكى سىستېمىلىق يەكۈن.»
خەنزۇچە «قىسقىچە ئىجدىمائىي پەن لۇغىتى»دە نەزەرىيە ئۇقۇمىغا مۇنداق تەبىر بېرىلگەن: «نەزەرىيە سىستېمىلىق ئەقلىي تونۇش، مۈئەييەن بىلىم ساھەسىدىكى ئۇقۇم، پىرىنسىپلار سىستېمىسى بولۇپ، تەكرار داۋاملىشىدىغان ئىجتىمائىي ھادىسىلەردىن، ئەمەلىيەتتىن يەكۈنلەنگەن ئاساستا بارلىققا كېلىدۇ ۋە يەنە ئەمەلىيەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىلمىي نەزەرىيە كىشىلەرنىڭ مېڭىسىنى ئوخشاش ئىدىيە بىلەن قوراللاندۇرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ دۇنيانى ئوبيېكتىپ يوسۇندا تونۇشىغا، ئۆزگەرتىشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.»
ئىنگلىزچە «لاڭمەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنگىلىزچە خەنزۇچە سېلىشتۇرما ئىزاھلىق لۇغىتى»دە نەزەرىيەگە مۇنداق تەبىر بېرىلگەن: «نەزەرىيە: ①مەلۇم بىر پاكىت، ھادىسە ھەققىدىكى مەنتىقىلىق، ئىلمىي يوسۇندا چىقىرىلغان، لېكىن توغرىلىقى ئىسپاتلاشتىن ئۆتمىگەن ئىزاھات؛ ②ئەمەلىي ماھارەت ۋە مېتودقا نىسبەتەن ئېيتىلغان، مەلۇم بىر پەننىڭ ياكى سەنئەتنىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپلىرىنى، بىلىملەرنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئىلمىي تونۇش، مەلۇم بىرسۇبېيكىتنى تەھلىل قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان قائىدە-قانۇنيەتلەرنىڭ يىغىندىسى.»
«نەزەرىيە ئۇقۇمىغا ئوخشىمىغان تىلدا پەرقلىق ئۆلچەم، پەرقلىق ئۇسۇل بىلەن بېرىلىۋاتقان يۇقىرىقى تەبىرلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئاممىباب يوسۇندا تەھلىل قىلساق، بۇ ئاتالغۇ ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىگە كېلەلەيمىز:
بىرىنچى، نەزەرىيە ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ ۋە ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. نەزەرىيەنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكى «ئىجتىمائىي پەنلەر قىسقىچە لۇغىتى»دىكى ئىزاھاتتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان؛ ئىككىنچى، نەزەرىيە ئىلمىي قائىدە-قانۇنىيەتلەر يىغىندىسى. نەزەرىيەنىڭ بۇخىل ئالاھىدىلىكى «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» ۋە «لاڭمەن ئىنگىلىز تىلى لۇغىتى»دە بېرىلگەن تەبىرلەردە نەزەرگە ئېلىنغان؛ ئۈچىنچى، نەزەرىيە ئىلمىي،مەنتىقىلىق تونۇش شەكلى. بۇخىل ئالاھىدىلىك يۇقىرىدىكى ھەممە ئىزاھاتلاردا ئاساسەن دېگۈدەك ئەكىس ئېيتىدۇ؛ تۆتىنچى، نەزەرىيە كىشىلەرنى يۈز بىرىش مۇمكىنچىلىك بولغان شەيئى ۋە ھادىسىلەرنى قىياس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. نەزەرىيەنىڭ بۇخىل ئالاھىدىلىكى «ئۆزبېكىستان مىللىي ئىنسكلوپېدىيىسى»دىكى تەبىردە ناھايتى تولۇق شەرھلەنگەن؛ بەشىنچى، نەزەرىيە مەڭگۈ ئۆزگەرمەس نەرسە ئەمەس، بۇخىل ئالاھىدىلىك «ئۆزبېكىستان مىللىي ئىنسكلوپېدىيىسى»، «لاڭمەن ئىنگىلىز تىلى لۇغىتى»دە نەزەرگە ئېلىنغان؛ ئالتىنچى، نەزەرىيە كىشىلەرنىڭ دۇنيانى ئوبيېكتىپ يوسۇندا تونۇشىغا ۋە ئۆزگەرتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بۇ ھال خەنزۇچە «ئىجتىمائىي پەنلەر قىسقىچە لۇغىتى»دە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. يەتتىنچى، ھەممە پەننىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق قائىدە-قانۇنيەتلىرى بولىدۇ. ئاشۇ خىلدىكى قائىدە-قانۇنيەتلەر يىغىندىسى ئاخىرى شۇ پەننىڭ ياكى شۇساھەنىڭ نەزەرىيىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. نەزەرىيەنىڭ بۇخىل ئالاھىدىلىكى «ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە شەرھلەنگەن. سەككىزىنچى، نەزەرىيە سۆزنىڭ ئۈقۈم ھەجىمى ناھايتى كېڭىيىپ كەتكەن سۆز بولۇپ، ئوخشىمىغان كونتېكىستتا، ئوخشىمىغان تىلدا،ئوخشىمىغان پەن ساھەسىدە ئوخشىمىغان مەنىلەرنى بېرىدۇ. بىز بۇخىل ئالاھىدىلىكنى «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» ۋە «لاڭمەن ئىنگلىز تىلى لۇغىتى»دە بېرىلگەن تەبىرلەردىن ھېس قىلالايمىز.
زۇلىپقار بارات ئۆزباشنىڭ تۆۋەندىكى مۇھاكىمىسىنى بەلگىلىك ئىلمىي قىممەتكە ئىگە دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن ئوقۇرمەنلەرگە تونوشتۇرۇشنى لايىق تاپتىم:
«ئوخشىمىغان مەنبەلەردىكى تەبىرلەرنى نېمىشقا سېلىشتۇرىمىز؟ سەۋەب شۇكى، بىرخىل تىل بىرخىل تەپەككۇر شەكلىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئوخشىمىغان تىلدا مەلۇم بىر ھادىسە ياكى ئېنىقلىما ھەققىدىكى ئوخشىمىغان تونۇش بولۇشى مۇمكىن. مەلۇم بىرخىل پىكىرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنپ كەتمەسلىك. يۈزەكى خۇلاسە چىقىرىشتىن ۋە پىكىر ئاغمىچىلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئوخشىمىغان تىللاردىكى نەزەرىيە ئۇقۇمىغا بېرىلگەن مەنبەلەردىن تەبىر ئىزدىدۇق. يۇقىرىقى تەبىرلەرنى سېلىشتۇرساق، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە نەزەرىيە ئۈقۈمىغا بېرىلگەن بىرىنچى تەبىرنىڭ «ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلى لۇغىتى»دە بېرىلگەن تەبىردىن ئېلىنغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز. بۇ ھال كاللىمىزدا «نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بىرەر ئۈقۈمغا تەبىر بىرىشتىمۇ تەپەككۇر قىلمايدۇ؟»دېگەن سوئالنى تۇغدۇرىدۇ. گەرچە مەلۇم ئۈقۈمغا تەبىر بېرىشتە باشقا تىللاردىكى مەنبەلەرگەمۇراجىئەت قىلىش ئىلمىي ئەمگەكتە نورمال ئىش ھېسابلانسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۇرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە «ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلى لۇغىتى»دىكى تەبىرنىڭ ئۆز ئەينى پېتى بېرىلىشى بىزدىكى نەزەرىيىۋى تەپەككۇرغا ئادەتلەنمەسلىك، پىكىر بېقىندىلىقىدىن قۇتۇلالماسلىق خاھىشىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. كەلگۈسىدە نەزەرىيىگە ئوخشاش نۇرغۇن ئابىستىراكىت ئۇقۇم ھەققىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلمىي بىلىش شەكىلىگە ۋە ئەقلىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان خاس ئېنىقلىمىلىرىمىز بولۇشى كېرەك».
زۇلىپقار بارات ئۆزباش تەسۋىرلىگەن تۆۋەندىكى كارتىنا بىزنىڭ نەزەرىيە ھەققىدىكى بىلىشىمىزنىڭ نەقەدەر ئۆكونۇشلۇك ھالغا چۇشۇپ قالغانلىقىنى رۇشەن ئەكىس ئەتتۇرىدۇ:
«شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان بۇ يىگىت ئىلگىرى مېنىڭ «سەرخۇش ئىنگىلىز تىلى»سىنىپىمدا ئوقۇغان بولۇپ، ئۆزى قىزىقچى، يۇمۇرلۇق بالا ئىدى. ئۇمىنىڭ نەزەرىيە ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇر ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىمنى ئۇقۇپ كۈلۈپ كەتتى:
__ تازىمۇ بىر زېرىكىشلىك تېمىغا تۇتۇش قىپسىزغۇ، مۇئەللىم؟ يازاي دېسىڭىز باشقا تېمىلار تېپىلارئىدى.
__ نېمىشقا زېرىكىشلىك تېما دەيسىز بۇنى؟
__ دەپ كەلسەك گەپ جىق مۇئەللىم، -دېدى ئوقۇغۇچۇم ئوچۇق-يورۇق ھالدا، -بۇ يىل ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىمنىڭ بەشىنچى يىلى. بۇ نەزەرىيە دېگەن شۇنداق باش ئاغرىتىدىغان نەرسە ئىكەنكى، يادلىسا-يادلىسا كاللىدا تۇرمايدىكەن، يا ئەمەلىيەتتە بىر پۇڭلۇق پايدىسى يوق. بەش يىلدىن بېرى قۇرۇق نەزەرىيىنى تولا ئوقۇپ ھۆ بولۇپ كەتتۇق. مۇئەللىملەرمۇ يادلىۋالغانلىرىنى دەپ بېرىدۇ ياكى كىتابتىكى، كونسىپىكىتىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇپ بېرىدۇ. ئۇنداق گەپلەرنىڭ بىرسىنى چۈشەنسەم نېمە دەي.
ئوقۇغۇچۇمنىڭ قاراشلىرىغا باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ئۈچ ئوقۇغۇچىنى زىيارەت قىلغىنىمدا، بۇ ئۈچەيلەن كېلىشىۋالغاندەكلا نەزەرىيە دېسە بېشى ئاغىرىيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. مەن ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن نەزەرىيىگە ئۆچ بولۇپ كەتكىنىنى سورىغىنىمدا جاۋاب ھەرخىل چىقتى:
__ مۇئەللىملەرئۆزىمۇ ئىنىق بىلمىگەن نەرسىنى كىتابتىن ئوقۇپ بېرىدۇ، ئاندىن ئىمتىھان ۋاقتىدا بېسىم قىلىدۇ. يادلىماق بەك تەس،-دېدى بىرىنچى ئوقۇغۇچى.
__ نېمە پايدىسى بار نەزەرىيە دېگەننىڭ؟ ماڭ قۇرۇق گەپتەكلا تۇيۇلىدۇ. تولۇق ئوتتۇرىدا، ئالىي مەكتەپتە بۇنداق گەپلەرگە تويۇپ كەتكەن،-دېدى ئىككىنچى ئوقۇغۇچى.
__ ھېلى ئۇ نەزەرىيە، ھېلى بۇ نەزەرىيە دەپ جىق ئۆتتى. بىرسى كاللامدا تۇرسا نېمە دەي؟-دېدى ئۈچىنچى ئوقۇغۇچى.
«ھازىرغىچە قانداق نەزەرىيىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغان؟»دەپ سورىغىنىمدا، ئۇلارنىڭ ھازىرغىچە ئاڭلىغانلىرى كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپرەك قۇلاققا كىرىپ تۇرىدىغان ماركسىزم نەزەرىيىسى، مىللەتلەر نەزەرىيىسى، سىياسىي ئىقتىساد نەزەرىيىسى، دېڭ شىياۋپىڭ نەزەرىيىسى قاتارلىقلاربولۇپ چىقتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر ئوقۇغۇچى فىزىكا كەسىپىدە ئوقۇغان بولۇپ، ئېينىشتېيىننىڭ «نىسبىلىك نەزەرىيىسى»نىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغان ئىكەن».
زۇلىپقار بارات ئۆزباش ئوقۇغۇچىلاردا نەزەرىيە ھەققىدە شۇنچە خاتا، بىر تەرەپلىمە چۈشەنىچلەرنىڭ شۇنداقلا نەزەرىيىدىن بىزارلىق كەيپىياتىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختولۇپ تۆۋەندىكىلەرنى يازىدۇ:
«نېمە ئۈچۈن نەزەرىيە ھەققىدە بۇنداق تەسىرات پەيدا بولىدۇ؟ بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب –ئوقۇتۇش ھالقىسىدا ئىدىيىلەر پاخال قىلىۋېتىلگەن، ئەمەلىيەتتە تەدبىقلانمىغان، خاتا ئۆتۈلگەن ياكى بورداپ قاچىلاش شەكىلدىكى ئوقۇتۇش تۈزۈمىنىڭ تەسىرىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېڭىدا ماھىيەتلىك تونۇشقا ئايلىنالمىغان. ئەمەلىيەتتە، نەزەرىيە دەپ ئېتىراپ قىلىنغان مەلۇم بىر نۇقتىئىنەزەرلەر سىستېمىسىنىڭ ھامان مۇئەييەن بىرئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان تەرىپى بولىدۇ».
2
زۇلىپقار بارات ئۆزباشنىڭ ئۆز ماقالىسىدا نەزەرىيىگە ئائىت خاتا تونۇشنىڭ ۋە بىزارلىق تۇيغۇسىنىڭ ئالىي ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا ئورتاق تونۇش ۋە كەيپىياتقا ئايلىنىپ قالغانلىقى ھەققىدىكى بۇ مەلۇماتلار ھەقىقەتەن كىشىنى چۆچىتىدۇ. لېكىن، مەن تۆۋەندە كۆرسوتۇپ ئۆتمەكچى بولغان مىساللار ئوقۇغۇچىلارغا ئائىت يۇقۇرقى پاكىتلارنىڭ تاساددىبىي يۇز بەرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. بۇ مىساللارنى مەن ئۇيغۇر تور بىكەتلىرىدىكى ئۆزىنى ئالىي مائارىپ تەربىيىسىنى كۆرگەن، مەخسۇس ئىلمىي كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، ئۆزىنى بىلىملىك دەپ ھىسابلايدىغان بىر قېسىم كىشىلەرنىڭ تېما ۋە ئىنكاسلىرى ئىچىدىن ئالدىم. ئىھتىمال بۇلارنىڭ ئىچىدە يىتەرلىك كەسىپى تەربىيە كۆرمىگەن لېكىن ئۆزىنى خاتا ھالدا ئونىۋېرسال بىلىمگە ئىگە دەپ قارىۋالغانلارمۇ بولۇشى مۇمكىن. تەكىتلىنىشكە تېگىشلىك مۇھىم نوقتا شۇكى، بۇكىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ھازىر چەتئەللەردە ماگىستىرلىق، دوكتورلۇق ئىلمىي ئونىۋانى ئۇچۇن ئوقۇۋاتقان ناھايتى ئاز بىر قېسىم كىشىلەرمۇ بار. دەل مانا مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ نەزەرىيىگە بولغان خاتا چۇشەنچىسى ۋە بىزارلىق تۇيغۇسى يۇقۇردا مىسالغا ئىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەرىيىگە بولغان خاتا چۇشەنچە ۋە بىزارلىق تۇيغۇلىرىنىڭ زادى قانداق مەنبەلەردىن پەيدا بولغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئىلىشتا بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە. تۆۋەندە كونكىرىت مىساللارنى كەلتۈرىمەن.
جىك ئىسىملىك بىر تورداش «بىلىك» تورىدا تۆۋەندىكىلەرنى يازغان:
«قاسىم سىدىقنىڭ ئۆيىدە ساقىلىغان تۈكۈرۈپ ئولتۇرغىنىدىن تەتقىقات قىلغىنى ئەرزىيدۇ. لېكىن ئىلىم پەندە تەتقىقات قىلىش ئۇسۇلى بىر، قاسىم سىدىقچە، ئۇيغۇرچە ياكى چەتئەلچە تەتقىقات قىلىش ئۇسۇلى دەپ ئايرىلمايدۇ. تەتقىقاتنى تەتقىقات قىلىش يولى بىلەن قىلسا مەيلى نەتىجە چىقارسۇن ياكى چىقىرالمىسۇن، بوغداي چىقارسۇن سامان چىقارسۇن ئۇ قوللاشقا ئىرىشىدۇ. لېكىن ئۇنى ئۆز يولى ئۆز ئۇسۇلى بىلەن قىلماي پەرەز قىلغاننى تەتقىقات قىلدىم دەپ بىر مۇنچە پەرەزنى قىلىپ قويۇپ ھەممە يەردە جار سالسا بۇنىڭغا ۋاختىدا تۈزىتىش بىرىش كىرەك»، «فىزىكىدا بىر نىمە دىمەكچى بولغان ئادەم ئۆزىنىڭ دىمەكچى بولغانلىرىنى ئاۋال ئىسپاتلايدۇ، پەرەزنىمۇ قالايمىقان قىلمايدۇ، بەلكى ئاساسى بار قىلىدۇ،ئاساسى بار قىلىنغاننى پەرەز دەيدۇ، ئاساسىمۇ يوق، ئويلاپ باققاننى فانتازىيە ياكى خىيال دەيدۇ. ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئۈزى ئىسپاتلايدۇ، ئسىپاتلاپ بولغاندا ئاندىن باشقىلار كۆرىدۇ. ھەرگىزمۇ بىر مۇنچە خىيالنى تاشلاپ قويۇپ خاتالىغىمنى تېپىپ بەر، تاپالمىساق مىنىڭ توغرا دەيدىغان ئىش يوق».
جىك ئەپەندى بىلىك تورىدا يەنە تۆۋەندىكىلەرنى يازىدۇ:
«"مۇكەممەل نەزىرىيە"دىن "ئەمدى تەتقىقات رامكىسى تۇرغۇزۇلغان" ھالەتكە قاراپ تەرەققى قىلدى. "رامكىسىنى قۇرۇپ چىقتى" دىگەن گەپ بىلەن " نەزىرىيەنى ئوتتۇرغا قويدى" دىگەن گەپ ئوتتۇرىسىدا ئاسمان- زىمىن پەرىق بار. بۇرۇن سىزنى شۇنداق دەپ مەدىھلىگەندە سىز نىمىشقا بىرەر قېتىم بولسىمۇ تۈزىتىش بەرمەيسىز؟»
مۇبادا جىك ئەپەندىنىڭ يۇقارقى تەشەببۇسلىرى توغرادېيىلسە بۇ ھالدا پىلانىك ۋە ئېينىشتېيىنلارنىڭ دەسلەپكى خىزمەتلىرىنى، كۋانىت نەزەرىيىسى ۋە ئېينىشتېيىن نىسبىلىك نەزەرىيىسىنىڭ تىخى تەجىرىبىدىن ئۆتكۈزۈلمىگەن ۋاقتىدىكى رىئاللىقىنى تەتقىقات ۋە نەزەرىيە دىيىش خاتا بولغان بولىدۇ. (بۇئەپەندىم بۇ يەردە تىلغا ئىلىنغان «تەتقىقات رامكىسى»نىڭ ماھىيەتتە «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»نىڭ تەتقىقات رامكىسى، يەنى بۇ نەزەرىيىنىڭ تەتقىق قىلىش دائىرىسىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنىمۇ پەرىق ئىتەلمىگەن.) بۇ يەردە بىز ئىنگلىزچە«لاڭمەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنگىلىزچە خەنزۇچە سېلىشتۇرما ئىزاھلىق لۇغىتى»دىكى نەزەرىيىگە بىرىلگەن بۇ تەبىرگە __«نەزەرىيە: ①مەلۇم بىر پاكىت، ھادىسە ھەققىدىكى مەنتىقىلىق، ئىلمىي يوسۇندا چىقىرىلغان، لېكىن توغرىلىقى ئىسپاتلاشتىن ئۆتمىگەن ئىزاھات»؛ «ئۆزبېكىستان مىللىي ئىنسكلوپېدىيىسى»دىكى: «نەزەرىيە بىلىمىنىڭ بىرەرساھەسىگە ئائىت ئاساسىي ئىدىيە سىستېمىسى، ھادىسىلەرنىڭ قانۇنىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭدىكى مۇھىم باغلىنىشلار ھەققىدىكى سىستېملىق تەسەۋۋۇر بېرىدىغان بىلىم شەكلى.نەزەرىيە مەۋجۇدىيەتنىڭ مۇئەييەن ساھەسىگە ئائىت بولغان تەجىرىبىلەردىن ئومۇملاشتۇرۇلغان مەلۇماتلار ئاساسىدا كېلىپ چىقىدۇ. ئىلمىي بىلىشتە نەزەرىيەنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى تەجىرىبىلەر بەرگەن دەلىللەرنى ئىزاھلاش، نەرسە ۋە ھادىسىلەرنىڭ ماھىيىتىگە چوڭقۇرلاپ كىرىش، يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان شەيئى ۋە ھادىسىلەرنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن قىياس قىلىشتىن ئىبارەت...»دېگەن بۇ تەبىرلەرگە خىلاپ بولۇپ قالغان.
ئىسلام ئەپەندى «بىلىك» تورىدىكى تۆۋەندىكى ئىنكاسىدا ئوخشاش خاتالىقنى تەكرارلايدۇ:
«ئەسسالام جېك، قاسىمكامنىڭ ماقالىلىرى ۋە تىئورمىلىرى ھەقىقەتەن سىز دېگەندەك "تاڭسىڭنىڭ نوم ئوقۇغىنىغا ئوخشاش"ئىكەن. نەزەرىيىۋى گەپلەر،پەلسەپىۋى پىكىرلەر كۆپ ئىكەن. ئەمما بىر قىسىملىرىنى ماتىماتىكىلىق فورمۇلا بىلەن ئىپادىلەشكە ۋە ئىسپاتلاشقا ئۇرىنىۋېتىپتۇ ھەمدى شۇنداق قىپتۇ.»
لېكىن ئىسلام ئەپەندىنىڭ ئىنكاسىنىڭ داۋامى ھەقىقەتەن ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بولۇپ، جىك ئەپەندىنىڭ يۇقارقى تولىمۇ بىر تەرەپلىمە ۋە خاتا نوقتىنەزەرلىرى بىلەن رۇشەن سىلىشتۇرما ھاسىل قىلىدۇ.
«ئىسپاتلانمىغان دېمەي ئالدى بىلەن تەرجىمە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ ئېلان قىلىنىپ باقسا،ئاندىن قىزىقىدىغانلار چىقسا تەتقىقات خىزمىتىنى بىرلىشىپ ئىشلىسىمۇ بىر گەپ بولىدۇ.
سىزگە ئوخشاش كەسپى ئادەملەر تەتقىقاتقا قاتنىشىپ باقساڭلار،ئىسپاتلاشقا تىرىشىپ باقساڭلار،ئىسپاتىلىغىلى بولمايدىغان،قانۇنىيەتكە خىلاپ بولسا ماۋۇ ئىش قانۇنىيەتكە خىلاپ دەپ ھۆكۈم چىقارساڭلار بولمايدىغان نەرى بار.ئېيىنىشتىيىننىڭ نەزەرىيىلىرى ئەمەلىيەتتە ھەممىسى ئېينىشتىيىننىڭ ئەمەس،ئېينىشتىيىن نۇرغۇن ئادەمنىڭ تەتىقىقات نەتىجىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆز نەزەرىيىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئېينىشتىيىنمۇ باشتىن باشلاپلا ئىسپاتلىق ماقالىلارنى ئېلان قىلغان ئەمەس. ئالدى بىلەن قىياس ئاندىن ئىسپات.
قىياس قىلىنغاننى تەتقىقات ماقالىسى دەيمىز.ئىسپاتلاپ چىقىلغاننى تىئورما،قانۇن ياكى بىر نىمە دەپ بېكىتىمىز».
نەۋرۇز ئەپەندىنىڭ بىلىك تورىدىكى « بىر قۇچاق نەزەرىيە ئورنىغا بىر دەلىل كەلسىچۇ،تاڭسىڭنىڭ نومىدەك، باشكىقنىڭ (باشلىقنىڭ دىمەكچى بولسا كېرەك) سان سېفر ئىشلەتمەي ئوقۇغان قۇرۇق شۇئارىدەك» دېگەن بۇ ئىنكاسىمۇ جىك ئەپەندىنىڭ «دەلىل-ئىسپات»ھەققىدىكى تەشەببۇسلىرىنىڭ روھى بىلەن سۇغۇرۇلغان. پەرىقلىنىدىغان يىرى ئىسلام ئەپەندىمۇ،نەۋرۇز ئەپەندىمۇ ماتېماتىكىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ زۆرۇرلىگىدىن ئوچۇق-ئاشكارە بىشارەت بەرگەن. ھالبۇكى ماتېماتىكا تەبىئەت پەنلىرى جۈملىدىن فىزىكىدا بەكمۇ زۆرۇر قورال ھىسابلانسىمۇ، لېكىن ھەرقانداق فىزىكا نەزەرىيىسى جۈملىدىن فىزىكىلىق ئىدىيە («نەزەرىيە بىلىمىنىڭ بىرەر ساھەسىگە ئائىت ئاساسىي ئىدىيە سىستېمىسى-ئۆزبىكىستان مىللىي ئىنىسكىلوپىدىيىسى) جەزمەن پەقەت ماتېماتىكا ئارقىلىقلا كەلتۈرۇلۇپ چىقىرىلىشى كېرەك دەيدىغان ئالاھىدە بەلگىلىمە يوق. مەن بۇ نوقتىدا «ماتېماتىكا ھەققىدىكى سەپسەتەلەر»دېگەن تېمىدا ئايرىم توختىلىمەن.
ئۆزلىرى كەسىپى فىزىك، كەسپى تەبىئىي پەنچى بۇ ئەپەندىلەر«نەزەرىيە»نى مەسخىرە قىلىشقانلىرىدا، ئېينىشتېيىن نىسبىلىك نەزەرىيىسى ۋە كىۋانت نەزەرىيىسنىڭ ئەينى ۋاقىتتا تىخى تەجىرىبە ۋە كۈزۈتۇش نەتىجىلىرى تەرىپىدىن ئىسپاتلانمىغان لوگىكىلىق ئەقلىي ھۆكۈم، پەرەز، ئىدىيە ۋە قىياسلار سىستېمىسى بولغانلىقىنى، كېيىن تەجىرىبە ۋە كۈزۈتۇش نەتىجىلىرى تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان نوقتىلىرى «ئىلمىي قانۇنيەت»سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغانلىقىنى، ئىسپاتلانمىغان نۇقتىلىرى تېخىچە «نەزەرىيە»سۈپىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكە ئىلىپمۇ قويمايدۇ. ئۇلار يەنە مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارادا نۇرغۇنلىغان يېڭى «نەزەرىيە»لەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىگىنى «يىپ نەزەرىيىسى»قاتارلىقلارنىڭ بىر مەھەل پەۋقۇلئادە جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغانلىقىنى ئونتۇپ قىلىشىدۇ.
ئۇلار ئالبېرىت ئېينىشتىيىننىڭ «[font="]تەتقىقاتچى بىر خىل ئىدىيە سېستىمىسىنى ئوتتۇرغا قويغان چاغدا، ئادەتتە ئاز ساندىكى ئاتالمىش لوگىكىلىق ئاكسىئومىنىڭ ئاساسىي پەرەزلىرىدىن قۇرۇلىدۇ. بىز مۇشۇنداق ئىدىيە سېستىمىسىنى نەزەرىيە دەپ ئاتايمىز» دېگەن سۆزىنى ئەسكە ئېلىپمۇ قويمايدۇ ياكى ئۇنتۇپ قېلىشىدۇ.
ئۇلار نوقۇل تەجىرىبىچىلىكنىڭ پەقەت ئاخبارات-ئۇچۇر قىممىتىگىلا ئىگە بولدىغانلىقىنى بۇ تەجىرىبىلەرنى چۇشەندۇرۇش جەريانىنىڭ «نەزەرىيە»بولدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ ياكى ئۇنتۇپ قىلىشىدۇ.
ئۇلار ھازىرقى زامان ئىلىم-پىنىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇۋاتقان مىللەت ۋە دۆلەتلەرنىڭ «نەزەرىيە» ۋە «پەلسەپە» گە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن مىللەت ۋە دۆلەتلەر ئىكەنلىگىنى ئويلاپمۇ قويۇشمايدۇ. نەزەرىيىگە قىلىنغان مەسخىرۋازلىق ئالى مائارىپ يۇرتلىرى ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ناھايتى ئاز بىر قېسىم ئوقۇتقۇچىلىرى ئىچىدە بازار تاپقانلىغى ئەلبەتتە بەكمۇ قورقۇنۇچلۇق ئىش!.
يۇقارقى مىساللاردىن«نەزەرىيە»ھەققىدىكى بىر تەرەپلىمە ۋە خاتا چۈشەنچىلەرنىڭ، يىتەرلىك مائارىپ تەربىيىسى كۆرمىگەن ئادەتتىكى پۇقرالار ئىچىدە ئەمەس بەلكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە خىزمەتتىن ئايرىلىپ چەتئەللەردە ماگىستېرلىق، دوكتورلۇق ئىلمىي ئونىۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ناھايتى ئاز ساندىكى بىر قېسىم كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىدە شۇنچە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەنلىگىنى كۆرۇپ يىتەلەيمىز. بۇنداق كىشىلەر مۇئەييەن دەرىجىدە چاقىرىق كۈچىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ نەزەرىيە ھەققىدىكى سەپسەتەلىرى، يالغان –ياۋداقلىرى بەلگىلىك كۈلەم ھاسىل قىلغان. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار يەنە ئۆزلىرىنىڭ بىمەنە سەپسەتەلىرى ئارقىلىق نەزەرىيەنى، ئىلمىي نەزەرىيە ئۈستىدە ئىزدەنگۈچىلەرنى چەكلەشكە ئۇرۇنىشلىرى ۋە مەسخىرە قىلىشلىرى ئۇلارنىڭ ئىلمىي، ئەخلاقى ساپاسىنىڭ نەقەدەر تۆۋەنلىگىنى كۆرسوتۇش بىلەن بىرگە، مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىلىم مۇنبەرلىرىدە، دەرىسخانىلاردا، ئىلمىي مۇنازىرە سورۇنلىرىدا ۋەزخانلىق قىلىشنىڭ ئۇيغۇر جەمىئىيىتىنى خەتەر ۋە پاجىئەلەرگە يىتەكلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
بۇ تېما تەھرىرلىنىپ تولۇقلىنىدۇ. تورداشلارنىڭ «نەزەرىيە»ھەققىدە، ئۇيغۇر تورلىرىدا يۈز بىرىۋاتقان نەزەرىيە ھەققىدىكى سەپسەتەلەر ھەققىدە ئەتىراپلىق، دەلىل –ئىسپاتلارنى كۆرسەتكەن ھالدا مۇھاكىمە قىلىپ كۆرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئورتاق تىرىشچانلىق ئارقىلىق نەزەرىيە ھەققىدە تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا توغرا تونۇشقا ئىرىشكىنى بولىدۇ دەپ قارايمەن.
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
مەنبە:
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2283