ئابدۇل ئەزىز مەخسۇم
(شارائىت ئىتىبارى بىلەن ئەسلى كىتاپتىن قىسقارتىپ ئېلىندى)
كىشىلەر قەلبىنى ھاياجانغا سالغۇچى ئۆتكۈر شىئىر-غەزەللىرى، ئىگىلمەس-سۇنماس پىداكىرانە روھى ئارقىلىق بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ تىللىرىدا داستان بولۇپ كېلىۋاتقان ئىنقىلابى ۋەتەنپەرۋەر شائىرىمىز ئابدۇل ئەزىز مەخسۇم، 1894- يىلى ئۇيغۇر يېڭىلىق ھەركىتىنىڭ بايراقدارى، جامائەت ئەربابى، يېتىشكەن ئالىم، شۇنداقلا يېڭى زامان ئۇيغۇر مائارىپىغا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان ئابدۇل قادىر ئابدۇل ۋارىس (تەخەللۇسى غازى) دەموللامنىڭ ئائىلىسىدە ئاتۇشتا دۇنياغا كەلدى. ئۇ ئابدۇل قادىر دەموللامنىڭ ئائىلە تەربىيەسى بىلەن باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قەشقەر شەھرىدە پۈتتۈردى. بۇ جەرياندا دەموللام ۋە باشقا بىر قىسىم ئۇستازلاردىن ئەرەپ، پارىس تىللىرىنى ئۆگەندى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئابدۇل قادىر دەموللام ئوغلى ئابدۇل ئەزىز مەخسۇمنى چەتئەلدېكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا تەربىيلەش مەقسىدىدە ھىندىستانغا ئەۋەتتى.
20 - ئەسىرنىڭ 20- يىللىرى ئابدۇل ئەزىز مەخسۇم ھىندىستاندا ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى باشلىدى. ئۇنىڭ ئۇقۇغۇچىلىق مەزگىلى ھىندىستان خەلقىنىڭ ئەنگىلىيە باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك كۈرەش جەريانلىرىغا توغرا كەلدى. ئابدۇل ئەزىز مەخسۇم ھۆرلۈك، ئەركىنلىكىنى ئۆزلىرىنىڭ ئاليى نىشان قىلغان بۇ خىل پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشتى ۋە ئېزىلگەن ھىندىستان خىلقىنىڭ زۇلۇمغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەش سەپلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئۇرۇن ئالدى. 1924- يىلى 8- ئايدا ساتقىن مۇناپىقلارنىڭ قول سېلىشى بىلەن ئابدۇل قادىر دەموللام ئۆزىنىڭ قەشقەر شەھەر كونا ئوردىدىكى كۈتۈپخانىسىدا شەپقەتسىزلەرچە قەتلى قىلىندى.
شۇ يىلى كۈز مەزگىلىدە بۇ شۇم خەۋەردىن، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ خىل پاجىئەدىن خەۋەر تاپقان ئابدۇل ئەزىز مەخسۇم دادىسىنىڭ قاتىلىنى، توغرىسى ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى، ئىسلاھات ھەركىتىنىڭ قاتىلىنى تېپىپ، خەلقتىن ئىبارەت بۈيۈك سودىيەنىڭ ئادالىتىگە تاپشۇرۇشنى مەقسەد قىلىپ ھىندىستاندىن ئانا ۋەتىنىگە قايتىپ كەلدى. ئەپسۇسكى ئۇ ئاچقان دەۋا مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك توسقۇنلۇقى بىلەن ئۈنۈمسىز تۈگەللەندى. .......
شۇڭىمىكىن بىز ئۇنىڭ شىئىرلىرىدىن تەكلىماكان ئەھلىنىڭ جىددى تەشۋىشلىرى ۋە ئۈمۈت-ئىشەنچىلىرىدىن يۇغۇرۇلغان بىر غېرىپ كۆينىڭ يۈرەكنى لەرزىگە سالىدىغان ياڭراق مۇزىكىسىنى ئاڭلىغاندەك بولىمىز.
ياڭزىڭشىن (1914-1924) دەۋرىدىن باشلاپ، جىنشورىن (1924-1933)، شىڭشىسەي (1933-1944)، گومىنداڭ (1944-1949)،يېڭى جۇنگۇ قۇرۇلغاندىن كېيىن (1949-) ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ چەتئەلدىن قايتىپ كىرگەندىن كېيىنكى 58 يىللىق ھاياتىنىڭ 43 يىلدىن كۆپرەكىنى تۇرمىدا ئۆتكۈزگەن شائىرنىڭ تازا جاسارەتكە تولغان چاغلىرى قاراڭغۇ كامىرلاردا، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىدا ئۆتتى.
1980- يىلى كۈز ئايلىرىدا شائىرنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقى ۋە كېسەللىكى سەۋەبى بىلەن تۇرمىدىن بوشىتىلدى. 1982- يىلى 8- ئايدا ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى ۋەتەنىگە بېغىشلىغان، كۆيىنى كۆيلەپ، كۈلكىسىنى كۈلۈپ، يىغىسىنى يىغلاپ ئۆتكەن بۇ جاسارەتلىك ئىنسان ئۈرۈمچىدە، پويۇز ۋەقەسىدە ئۈزى ئۈچۈن ھاياتىدا كىچىككىنە خۇۋلۇق كۆرسەتمىگەن بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى.
ھىكمەتلىك سۆز
ھەقىقى دوستۇ سادىق گەر زەھەر سۇنسا شېكەر دەپ بىل،
مەگەر دۈشمەن ساڭا ئەپلەپ شەكەر سۇنسا زەھەر دەپ بىل.
زىيان يەتكۈزسە دوستۇڭ پايدا دەپ بىل كۆڭلى تۈز بولغاچ،
شۇنىڭدەك دۈشمىنىڭ گەر پايدا يەتكۈزسە زەھەر دەپ بىل.
سەبەب كىم ھەر بىرىنىڭ سەن ئۈچۈن سىرلىق نىشانى بار،
نە ئىشلار بولسەلەر ئويلاپ نىشانىغا ئەسىر دەپ بىل.
*****************
ھەسرەتلىك مۇناجات
مەن ئىشەنگەن مىللىتىمدىن كۆرمۈدۈم ھىچ بىر ۋەفا،
باشىما كەلتۈردىلەر تۈرلى ئەلەم، ھەر خىل جەفا.
سەن ئۈزەڭ ئاسرا مېنى تەڭرىم ئۇلۇغ پەرۋەيدىگار،
تۈرلى ئاپەتۇ بالالاردىن بىھەققىل مۇستەفا.
**********************
ۋەتەن ۋە مىللەتنى سۆيمەك ئەھلى ئىسلام شانىدۇر،
بۇ ھەقىقەت، بۇ ئادالەت تەڭرىنىڭ پەرمانىدۇر.
مەنبەسى: ئابدۇل ئەزىز مەخسۇمنىڭ (ھەسرەت) ناملىق شىئىرلار
توپلىمىدىن ئېلىندى. 2002- يىلى 8- ئاي 1- نەشرى.