باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 993 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: لوۋىسا بىلەن توختاخۇن
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 438
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 324
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە324دانە
ئۆسۈش: 5204 %
مۇنبەر پۇلى: 6387 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-27
ئاخىرقى: 2012-05-05
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-19 14:03

لوۋىسا بىلەن توختاخۇن



ئۇيغۇرچە كىيىم كىيگەن لوۋىسا

    مارىيا گوستاۋ تەرىپىدىن يېزىلغان "لوۋىسانىڭ خەتلىرى" ناملىق كىتاب لوۋىسانىڭ 1900 - يىلدىن 1935 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا قەشقەر ۋە كۇچادىن شۋېتسىيىدىكى سىڭلىسىغا يازغان 200 پارچە خېتى ئاساسىدا يېزىلغان كىتاب بولۇپ، كىتابتا لوۋىسانىڭ قەشقەر ۋە كۇچادا ياشىغان 23 يىللىق ھايات سەرگۈزەشتىلىرى، قەشقەر ۋە كۇچالاردا يۈز بەرگەن تارىخى ۋەقەلەر ھەققىدە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرى، ئۇيغۇر يىگىتى توختاخۇن بىلەن بولغان مۇھەببەت ۋە توي ھېكايىلىرى تەسۋىرلەنگەن.
كىتابقا ماتېرىيال بولغان بۇ خەتلەر ھازىر لوۋىسانىڭ سىڭلىسى كىرستىينانىڭ نەۋرىلىرىنىڭ قولىدا ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ خەتلەرنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى شۋېتسىيە دۆلەتلىك ئارخىپخانىسىدا ساقلانماقتا.
لوۋىسا ئىڭۋال شۋېتسىيىنىڭ كارىلسكوگ ناھىيىسىدىن بولۇپ، 1900 - يىلى شۋېتسىيە مىسسىيونېرلىرى تەركىبىدە قەشقەرگە كەلگەن. ئۇ قەشقەرگە كەلگەن ۋاقتىدا 35 ياشتا بولۇپ، تېخى توي قىلمىغان قىز ئىدى. ئۇ 1906 - يىلى شۋېتسىيىگە قايتىپ كېتىپ، 1908 - يىلى قەشقەرگە قايتا كەلگەن. ئۇنىڭ بۇ قېتىم قەشقەرگە قايتىپ كېلىشى ئۇنىڭ ھاياتىدا زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان بولۇپ، ئۇ مىسسىونېرلار ئاچقان دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر يىگىتى توختاخۇننى ياخشى كۆرۈپ قالغان. لوۋىسانىڭ بۇ ھەرىكىتى شىۋېت مىسسيونېرلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان، ئۇلار لۇۋىسانى شۋېتسىيىگە مەجبۇرىي كەتكۈزۈۋەتمەكچى بولغان.
ئەمما لوۋىسا 1912 - يىلى توختاخۇن بىلەن چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈپ، ھازىرقى قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرىگە قېچىپ بارغان ۋە شۇ يەردە توختاخۇن بىلەن توي قىلغان. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلار ئوشتىن قەشقەرگە بىرلىكتە قايتىپ كەلگەن، ئەمما ئۇلار قەشقەردە ئۇزاق تۇرماي، ئۇدۇل كۇچاغا كەتكەن. ئۇلار كۇچادا تاكى 1935 - يىلى سېنتەبىر ئايلىرىغىچە تۇرغان.
لوۋىسا ئۇيغۇر يىگىتى توختاخۇن بىلەن كۇچادا تۇرغان بۇ 23 يىل جەريانىدا كۇچا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ناھىيىلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە پىششىق مەلۇماتلارغا ئىگە بولغان، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشەنگەن، ئۇ يەرلەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئاڭلىغان ۋە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. بولۇپمۇ، ماجۇڭيىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇ يەرلەردە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىق ۋە بۇلاڭ - تالاڭلىرىغا، خوجا نىياز ھاجىنىڭ ئېلىپ بارغان ئىنقىلابلىرىغا شاھىد بولغان. لوۋىسا شۋېتسىيىدىكى سىڭلىسى كىرستىيناغا يازغان خەتلىرىدە بۇلار ھەققىدىمۇ مەلۇماتلار بەرگەن.
لوۋىسانىڭ سىڭلىسىغا يازغان خەتلىرى 1900 - يىلى تېرەكداۋاندا يازغان تۇنجى خېتى بىلەن باشلىنىپ، 1935 - يىلى قەشقەردە يازغان ئاخىرقى خېتى بىلەن ئاخىرلاشقان. لوۋىسا ھەر قېتىم سىڭلىسىغا خەت سالغاندا خەت بىلەن بىرگە بىر قانچە پارچە رەسىم سالغان بولۇپ، رەسىملەردە كۇچاغا مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئەكس ئەتكەنلىكى مەلۇم، بىراق بۇ رەسىملەرنىڭ ھازىر قەيەردە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر قالدۇرۇلمىغان.
لوۋىسا قەشقەردىن سىرت رايونلاردا تۇرغان بىردىن - بىر شىۋېت مىسسيونېرى بولۇپ، ئۇنىڭ باشقا مىسسيونېرلارغا قارىغاندا ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى يېقىن بولغان، ھەتتا ئۇيغۇر تىلىنىمۇ پۇختا ئۈگەنگەن. ئۇ كۇچادا تۇرغان مەزگىللىرىدە دوختۇرخانا ئېچىپ كېسەل داۋالىغاندىن سىرت، تۇغۇت ئانىسى بولۇپ، كېچە - كۈندۈز دېمەي يېزا - قىشلاقلارغىچە بېرىپ ئانىلارنىڭ تۇغۇتىغا ياردەمدە بولغان. شۇڭا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىشى، بىلىشى بىر قەدەر چۇڭقۇر بولغان. بىراق كىتاب لوۋىسانىڭ يازغان خەتلىرى ئاساسىدا باشقىلار تەرىپىدىن يېزىلغانلىقى ئۈچۈن كىتابتىكى ئۇيغۇرلارغا ۋە كۇچاغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار لوۋىسانىڭ كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىدىن كۆپ ئاز بولغان. لوۋىسا شاھىت بولغان تارىخى ۋەقەلەرگە قارىغاندا، ئۇششاق تۇرمۇش تەسۋىرلىرى كۆپ بولغان.
لوۋىسا ۋەزىيەتنىڭ بېسىمى ۋە ئۆزىنىڭ قېرىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن 1935 - يىلى كۈز ئايلىرىدا ئانا ۋەتىنى شۋېتسىيىگە قايتىپ كېتىش قارارىغا كەلگەن. توختاخۇن لوۋىسا بىلەن چېگراغىچە بىرگە كەلگەن. ئەسلىدە توختاخۇن لوۋىسا بىلەن بىرگە شۋېتسىيىگە كېتىش نىيىتىدە بولسىمۇ، ئەمما قولىدا قانۇنلۇق پاسپورت بولمىغانلىقى ئۈچۈن لوۋىسا بىلەن چېگرىدا خوشلىشىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇلار بىر - بىرىگە قىيمىغان ھالدا كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ چېگرا سىزىقىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئاخىرقى قېتىم بىر - بىرى بىلەن ۋىدالاشقان. لوۋىسا مۇشۇ قېتىملىق سەپىرىدە موسكۋاغا يېقىن قالغان بىر يېزىدا 70 ياشقا تولىدىغانغا ئىككى كۈن قالغاندا ۋاپات بولغان. ئەمما توختاخۇننىڭ كېيىنكى ھاياتى ھەققىدە باشقا مىسسيونېرلارنىڭ ماتېرىياللىرىدىمۇ ھېچبىر ئۇچۇر قالدۇرۇلمىغان.
گەرچە، بۇ لوۋىسانىڭ خەتلىرى ئاساسىدا باشقىلار تەرىپىدىن يېزىلغان ئەسەر بولسىمۇ، يەنىلا 20 - ئەسىرىنىڭ باشلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش رىئاللىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قىممەتلىك ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.
.g
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5496
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 87
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە87دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 860 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-04-28

ئېسىل     
سەن كىم ئىدىڭ كىم بولدۇڭ يەنە كىم بولماقچى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1695
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1168
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1168دانە
ئۆسۈش: 650 %
مۇنبەر پۇلى: 12653 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-09
ئاخىرقى: 2012-05-01
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-19 17:38

يېڭى خەۋەر ئىكەن
سەن كىم ئىدىڭ كىم بولدۇڭ يەنە كىم بولماقچى
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4797
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 971
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە971دانە
ئۆسۈش: 950 %
مۇنبەر پۇلى: 6116 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-14
ئاخىرقى: 2012-05-10
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-19 17:49

مۇندامۇ ئەشلار باركەندە
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 743
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 193
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە193دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1973 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-28
ئاخىرقى: 2012-03-30
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-19 18:06

كىتاپتىكى مەزمونلاردىن خەۋەردار بولغان بولساق بەلەن بۇلاتى ..
دوستلىشىش
tuprakbag
ئەتە ئۆلۈپ كىتىمەن!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5443
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 218
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە218دانە
ئۆسۈش: 480 %
مۇنبەر پۇلى: 2650 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-03
ئاخىرقى: 2012-05-10
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-19 21:43

لوۋىسسا دىن تاقىتىمەن دەپ كىلىپ توختاخۇن تەرىپىدىن مۇسۇلمان بولۇپ كىتىپتىكەن دە......يامان توختى.....
ئەتە ئۆلۈپ كىتىمەن!