باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1436 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: گۈزەل ئەخلاق(ھ)
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1604
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1604دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 31 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-11 19:23

گۈزەل ئەخلاق(ھ)

                                                                         ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم                                          

گۈزەل ئەخلاق دېگەن نېمە ؟



گۈزەل ئەخلاق سۆزى ــ كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ چۈشەنگىنىدەك، باشقىلارنىڭ چىرايىغا تەبەسسۇم بىلەن قاراش، ئۇلارغا ئازار بەرمەستىن يۇمشاق، سىلىق مۇئامىلىدە بولۇش دېگەنلىكلا ئەمەس. گەرچە بۇ ئىشلارمۇ گۈزەل ئەخلاق قاتارىدىن سانالسىمۇ، لېكىن ئەخلاقنىڭ مەنىسى بۇنىڭدىن چوڭدۇر، ئەلۋەتتە. گۈزەل ئەخلاق ــ ھەر ئىشتا توغرا بولۇش، ئادالەتلىك بولۇش، راستچىل بولۇش ، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، ئامانەتنى ساقلاش، سۆيگۈ - ۋاپالىق بولۇش، ئىمان - ئېتىقادلىق بولۇش، مەيلى دۇنيالىق بولسۇن، مەيلى ئاخىرەتلىك بولسۇن ئۆز ۋەزىپىسىنى بىلىش ۋە ئۆز ۋاقتىدا ئورۇنلاش، خاتالىقىنى دادىل ئېتىراپ قىلىش، جاسارەتلىك بولۇش، سېخى، مەرد، پاكىزە، مەدەنىيەتلىك بولۇش، كۆكسى- قارنى كەڭ بولۇش، ھەر ئىشتا ھەقىقەتنى كۆزلەش، ئۆزىگە ئىشىنىش، باشقىلارنىڭ ياردىمىنى كۈتمەستىن ئۆزىگە يۆلىنىش، ۋىجدانلىق، غۇرۇرلۇق بولۇش، نومۇسىنى ساقلاشنى بىلىش، ۋەتەنگە، خەلققە ۋە باشقىلارغا مەنپەئەتلىك بولۇش، ئېتىقادىنى، ۋەتىنىنى قوغداش يولىدا مال-مۈلكىنى، زۆرۈر تېپىلغاندا جېنىنى ئاتاشنى بىلىش ۋە باشقىلار.



گۈزەل ئەخلاق ئاللاھ تائالانىڭ نەزەرىدە ئەڭ ئېسىل ئىبادەتلەردىن سانىلىدۇ. چۈنكى گۈزەل ئەخلاق ئىماننىڭ گۇۋاھچىسى ۋە ئۇنىڭ ئەڭ كۆرىنەرلىك مېۋىسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مەنىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن: «ئىمانى ئەڭ كامىل مۆمىن ئەڭ ئەخلاقلىق بولغان كىشىدۇر» (بۇخارىي رىۋايىتى).



يەنە : «قىيامەت كۈنىدە مۆمىن كىشىنىڭ ياخشىلىق مىزانىدا گۈزەل ئەخلاقتىن ئېغىر كېلىدىغان نەرسە يوقتۇر» دەپ كۆرسەتكەن (تىرمىزى رىۋايىتى).



گۈزەل ئەخلاق ئىماننىڭ جۈرىسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلگەنلىكىنىڭ ئاساسلىق غايىسىنى ئىخچاملاپ: «مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقلارنى تولۇقلاش ئۈچۈنلا ئەۋەتىلدىم» دېگەن (بۇخارىي رىۋايىتى)



ھىندىيلارنىڭ ئاتاغلىق داھىسى گەندى مۇنداق دېگەن ئىكەن: «دىن بىلەن گۈزەل ئەخلاق ئىككىسى بىر نەرسىدۇر. بۇ ئىككىسى بىر - بىرىدىن قەتئىي ئايرىلالمايدۇ. دىن ئەخلاق ئۈچۈن جانغا ئوخشاش بولسا، ئەخلاق دىن ئۈچۈن ھاۋاغا ئوخشاشتۇر». چۈنكى، ھەقىقىي مەنىدىكى ئەخلاق دىننىڭ ئۆزىدۇر. گۈزەل ئەخلاق ئۆزىنىڭ كەڭ مەنىسى بىلەن قانداقلا بىر جەمئىيەتتە ئومۇملىشىدىغان بولسا دىننىڭ كامالىغا يەتكىنى شۇ. ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ئىسلام دىنى ئەنە ئاشۇنداق ۋايىغا يەتكەن. زامانىمىزدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي بۇرچى ئەسلىدىكى گۈزەل ئەخلاقلارغا قايتىش ئۈچۈن تىرىشىشتىن ئىبارەت. بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ھەق دىننىڭ ئەسلىسىگە قايتىش دېمەكتۇر.



نېمە ئۈچۈن گۈزەل ئەخلاقنى ئەڭ ئەۋزەل ئىبادەت دەيمىز؟ چۈنكى، كۆپىنچە ئەمەل-ئىبادەتلەر ئۇنى ئورۇنلىغۇچىنىڭ ئۆزى ئۈچۈنلا پايدىلىق بولسا، گۈزەل ئەخلاق كۆپىنچە باشقىلار ئۈچۈن مەنپەئەتلىكتۇر. بىراۋنىڭ گۈزەل ئەخلاقىدىن ئومۇم خەلق مەنپەئەتلىنىدۇ. ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام گۈزەل ئەخلاقنىڭ بىردىنبىر ئۆلگىسى ئېدى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئەخلاقىنى مەدھىيىلەپ: «سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن» دەيدۇ. (ياسىن سۈرىسى 2 - ئايەت)



بىزنىڭ دىيانىتىمىز، ئەخلاقىمىز ۋە باشقا ئىشلىرىمىز پەقەت ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭ يولىغا ھەقىقىي رەۋىشتە ئەگەشكەندىلا تولۇقلانغان بولىدۇ.



ئەخلاقنىڭ بۇزۇلىشى زاۋاللىقنىڭ ئىشارىتى بولغىنىدەك، ئەخلاقنىڭ تۈزۈلىشى قەد كۆتىرىشنىڭ بېشارىتىدۇر. بۇنىڭ تىپىك مىسالى شۇكى، پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى كەلگەن چاغلاردا، ئىرانلىقلار بىلەن رىملىقلار دۇنيادا ھۆكۈم سۈرەتتى. يەر يۈزى ئۇلارنىڭ سايىسىدىن قورقۇپ تۇراتتى. شۇ ۋاقىتتا بۇ ئىككى ئېمپىراتورلۇقنىڭ بىلىم - ھۈنەرلىك، مۇكەممەل ئىنتىزاملىق، چېنىققان ئەسكەرلىرى مەككە تاغلىرىدىن چىققان، ئەسكەر كۈچى تايىنلىق، ئۇرۇش تەجرىبىسىمۇ يېتىلمىگەن ئەرەبلەرگە تەڭ كېلەلمىدى. چۈنكى رىملىقلار بىلەن ئىرانلىقلاردا ئەخلاق بۇزۇلغان، ئەرەبلەردە بولسا، ۋەھيىنىڭ تەربىيىسى بىلەن ئەخلاق تۈزەلگەن ئېدى.



بىر ئەرەب شائىرى مۇنداق دېگەن ئىكەن:



ئەخلاق بىلەن ھەر مىللەت راۋاج تېپىپ داۋا م ئېتەر،

ئايرىلغانـلار ئــــەخلاقتـىن زاۋاللـىققا ھامان كېتەر.



شۇنداق ئىكەن، بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىپ، ئەسلىدىكى ئىسلامىي ۋە ئەنئەنىۋىي مۇقەددەس ئەخلاقىمىزغا قايتمىغىچە بىزگە قەد كۆتىرىش يوق. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «بىر مىللەت ئۆزىنى ئۆزگەرتمىگىچە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ» دەيدۇ (رەئد سۈرىسى11 - ئايەت).



ئەخلاقنى نېمە بىلەن ئىسلاھ قىلىش كېرەك؟ تەبىئىيكى، دىنىي روھ بىلەن ئىسلاھ قىلىش كېرەك! ئەخلاقنىڭ بىردىنبىر مەنبىئى ۋە مىزانى دىندۇر. ئەخلاقنىڭ گۈزەللىكى بىلەن چىرىكلىكى دىن بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ئەخلاقنى گۈزەللىككە ۋە ياخشىلىققا ئۆزگەرتىشنىڭ بىردىنبىر چارىسى دىننىڭ ئەسلىگە قايتىشتىن ئىبارەتتۇر.



زامانىمىزدىكى ھېچبىر دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان كىشىلەرمۇ ئىنسانلارنى گۈزەل ئەخلاقلار دائىرىسىدە يېتىشتۈرۈپ چىقىشتا دىننىڭ ئورنىنى باسالايدىغان ئىككىنچى بىر مەنبەنىڭ يوقلىقىنى ئېتىراپ قىلماقتا. كۆپلىگەن ئاتېستتىك ئېتىقادتىكى پەيلاسوپلار، ئىجتىمائىي پەن مۇتەخەسسىسلىرى ۋە باشقا ساھەلەردىكى ئالىملار ئىنسانلارنى، خۇسۇسەن ئۆسمۈرلەرنى قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان، قانۇننىڭ ئىجرا قىلنىشى ئۈچۈن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن نازارەت قىلىدىغان ئەمەس، بەلكى ئۆز- ئۆزىنى ئىچكى دۇنياسىدىن نازارەت قىلىدىغان قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشنىڭ بىردىنبىر چارىسى دىنىي تەربىيە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، كۆپلىگەن ئىلمىي ئەسەرلەرنى يازغان. چۈنكى دىنىي تەربىيىنىڭ تەقەززاسى ھەركىمنىڭ ئۆز نازارەتچىسىنى ئىچكى دۇنياسىدا ئۆزى يارىتىشىنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇڭا ھەقىقىي مۇسۇلمان بولغان ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ غەزىبىگە ئۇچراپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلغانلىقتىن، ئاشكارا-يوشۇرۇن گۇناھلارنى ئىشلەشتىن ھەزەر قىلىدۇ. چۈنكى مۇنداق كىشى «ئاللاھ تائالا مېنىڭ ئاشكارا-يوشۇرۇن بارلىق ئىشلىرىمنى كۆرۈپ تۇرىدۇ»، دەپ چىن ئېتىقاد قىلغانلىقى ئۈچۈن قانۇن ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا بولىدۇ، ئۇ ئۆزىنى ئىچىدىكى نازارەتچىسى (ۋىجدانى) نازارەت قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەمما بېرەر دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار ياكى شەكلىي جەھەتتىن ئېتىقاد قىلسىمۇ ئىمانى يېتىلمىگەنلەر قانۇندىن يوشۇرالايدىغانلىكى قىلمىشلار ۋە جىنايەتلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىشتىن ھېچ ئىككىلەنمەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنى قانۇن كۆرمىسىلا بولدى ئەمەسمۇ؟ نۇرغۇنلىرى قانۇننىڭ كۆزىنى بوياپ تۈرلۈك قىلمىشلىرىنى ۋە جىنايەتلىرىنى ئاشكارا قىلىۋېرىدۇ. شۇڭا قانۇننىڭ كۆزى كور دېيىلگەن. ھازىرقى مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بىلەن، بېرەر دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ياكى بېرەر دىنغا مەنسۇپ بولغان بولسىمۇ ئاللىبۇرۇن ئۇنى ھاياتلىقتىن ئايرىۋەتكەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى جىنايى قىلمىشلارنىڭ ۋە تۈرلۈك ئەخلاقسىزلىقلارنىڭ سادىر بولۇش نىسبىتىدە ئاجايىپ چوڭ پەرق بار. جىنايى قىلمىشلار مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىدە يوقنىڭ ئورنىدا، ئەمما جىنايى قىلمىشنىڭ باشقا دۆلەتلەردە كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىش نىسبىتى ھەقىقەتەن چوڭ بولماقتا



تېما تەستىقلىغۇچى:ئوغلان
[ oglanتەرىپىدىن2010-08-11 21:20قايتا تەھرىرلەندى ]