باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 904 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: سەنمۇ ئادەممۇ ؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10796
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 77
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە77دانە
ئۆسۈش: 160 %
مۇنبەر پۇلى: 771 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-14
ئاخىرقى: 2012-05-02
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-18 15:18

سەنمۇ ئادەممۇ ؟

      سەنمۇ ئادەممۇ  ؟  
 ناھىيىمىزدىكى مەلۇم يېزىدا بىزنىڭ كەسپىمىزگە مۇناسىۋەتلىك بىر تۈر قۇرۇلۇشى بار ئىكەن ، بۇنى شۇ يېزىلىق ھۈكۈمەتتە ئىشلەيدىغان بىر دوستۇم ئالاقىلىشىپ بىزگە تېلىفۇن قىلىپتۇ ، << بولسا بۈگۈنلا كەلسىڭىز ، خېلى كۆپ ئىشكەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقتى سەل قىسكەن >> دىدى . يېزىغا بېرىپلا كىشىلەردىن سوراپ يېزىلىق ھۈكۈمەتنىمۇتاپتىم ،مىنىڭ كەلگەنلىگىمدىن خەۋەر تاپقان دوستۇممۇ چوڭ دەرۋازا ئالدىدا مىنى ساقلاپ تۇرۇپتىكەن ، ئۇدۇل شۇئىشقا مەسئۇل ئادەمنىڭ قېشىغىلا باشلاپ كىردى ، << كىلىڭ ئۇكام ، سىزنىلا ساقلاپ تۇرغانتىم >> دىدى ۋەدوستۇمغا قاراپ << سىز ئىشىڭىزنى قىلىۋىرىڭ >> دەپ ئىشىكنى يېپىۋەتتى ، ئۇنىڭ بۇ ئىشنى ئايرىم دىيىشكۇسى باردەك قىلاتتى . ئۇ ئالدىمغا بىر ئىستاكان چاينى قۇيۇپ << ئىشنى تىز پۈتتۈرمىسەك بولمايدۇ ، يۇقىردىن تەكشۈرۈشكە كىلىدۇ ، ئىشتا كىلىشسەك ئەتىلا باشلايسىز ، ھە ، ئىيتىڭە قېنى ، ھەر پىڭپاڭسىنى ( كۇۋادىرات مىتىر )نەچچە پۇلدىن قىلىسىز ؟ >> دىدى ، مەن ھېلىقى دوستۇمدىن ئىشنىڭ خېلى كۆپلىكىنى ئاڭلىغاچقا ئەڭ تۆۋەن باھانى ئىيىتتم << ھەر پىڭپاڭسىنى ( كۇۋادىرات مىتىر ) 200 كويدىن بولساقىلساق بولىدۇ ، ئۇنىڭدىن ئاز بۇلۇپ قالسا ...>> ، << بۇلىدىكەن ، تۆنۆگۈن بىرسى كەپتىكەن 300 كويدىن بولسا قىلىمەن دەپ ، بىز قىممەت كۈرۈپ ماڭدۇرىۋەتكەن ، لىكىن ئىشنىڭ سۈپىتىگە تۇلۇق كاپالەتلىك قىلىسىلەر، بولمىسا پۇلنى تۇلۇق ئالالمايسىلەر >> ، << بولىدۇ >> دىيىشىمگىلا ئۇ ئالدىن يېزىپ باستۇرۇپ تەييار قىلىپ قويغان توختامنى ماڭا سۇندى << كۈرۈپ بېقىپ قۇشۇلسىڭىز ئىمزايىڭىزنى قۇيۇۋېتىڭ >> ، توختامغا قارىدىم ،پەقەت ئىشنىڭ ھەققى بىلەن مىنىڭ ئىسمىمنى يازىدىغان ئورۇنلا بوش ئىكەن ، مەن ھېلىقى ئىشنىڭ ھەققى دىگەن ئورۇننى كۆرسىتىپ << بۇ ئورۇننى نەچچە دەپ توشقۇزىمەن ؟ >> دەپ سورىدىم ، ئۇ ماڭا قاراپ كۈلىۋېراق << ئەل قاتارى 300 دىن قىلىپ يازسىڭىز بۇلا ، قالغىنىنى ئۈزىمىز بىلىشىۋالساق >> دىدى ، مەن ئۇنىڭ دىگىنىنى چۈشىنىپ << بولدى ، توشقۇزىۋىتەي >> دەپ تۇراتتىم ، بىرسى ئىشىكنى چەكمەيلا شۇنداق ئالدىراش كىرىپ كەلدى ، ئىككىسى خېلى تۇنۇش ئوخشايدۇ ، يېزا كادىرىمۇ سەل خوشياقمىغاندەك ئۇنىڭغاقاراپ << كىلىپ قالدىڭىزغۇ ، قېنى ئولتۇرۇڭ >> دىدى ، ئۇ مىنىڭ قېشىمغا كىلىپ ئولتۇردى ، ئۈچىلىمىز گەپقىلىشماي ئولتۇرۇپ كەتتۇق ، ھېلىقى ئادەم پات - پات ماڭا قاراپ قۇياتتى ، بىر ئازدىن كىيىن ھېلىقى كادىر<< گېپىڭىز بولسا ئېيتىۋىرىڭ ، بۇ بالا ئۆز ئادەم >> دىدى ، ئۇ ئاستا ئۆرنىدىن تۇرۇپ ھېلىقى كادىرغا يېقىن كىلىپ << تۆنۆگۈن چۈشتىن كىيىن بىزنىڭ خوشنىنىڭ ئۈيىگە سىرىتتىن بىرسى كەلدى ، قارا ساقاللىق ئادەمكەن ،ئاخشام باغقا چىقسام خوشنامنىڭ بېغىدىن غار - غار قىلغان ئاۋاز چىقىۋاتىدۇ ، قارىغاندا تاھارەت ئالغاندەك قىلىدۇ ، خوشنام ناماز ئۇقىمايتى ، بۇ ئادەم سەل گۇمانلىق تۇرىدۇ >> دىدى ، يېزا كادىرى ئىككىمىز ئوتتۇرسىدىكى ھېلىقى ئىشنى تىزىرەك پۈتتۈرۋىتىشكە ئالدىرىدى بولغاي ، ئورنىدىن تۇرۇپ ھېلىقى ئادەمنىڭ غولىغا پوپىلاپ << بولىدۇ ، بولىدۇ ، مەن ھېلىلا ئورۇنلاشتۇراي ، يېزىدىكى كادىر بالىدىن بىرىگە بىرقانچە مىنبىڭ بالىنى قۇشۇپ ئەۋەتەي >> دىدى ، ئۇ ئادەم ئىشىك تەرەپكە ماڭدى ، ھېلىقى كادىر يولداش تېخى جايىغا كىلىپ ئولتۇرۇپ بولغىچە ھېلىقى ئادەم كەينىگە ئۈرۈلۈپلا ئۇنىڭ جوزىسىنىڭ ئالدىغا ھۈرپىيىپ كەلدى،<< مۇشۇنىڭ بىلەن نەچچە قېتىم بولدى ، ئەھۋال ئىنكاس قىلسام ماقۇللا دەيسىز ، بارمايسىز ، بۈگۈنمۇ شۇنداق ئەھۋال بۇلۇپ قالسا مەن ناھىيىگىلا چىقىمەن >> دىدى قوپاللىق بىلەن ، مەن ھېلىقى ئادەمگە قاراپلا قاپتىمەن ،كىيىم - كېچىكىمۇ خېلى رەتلىك ، چىرايىمۇ بىر تۈزۈكلا ، روھى ھالىتىدىنمۇ ساراڭغا پەقەتلا ئوخشىمايتى ، ھېلىقى كادىر بىرەر سائەتكىچە قەتئى ئادەم ئەۋەتىدىغانلىغىنى قايتا -قايتا ئېيتىپ ئۇ ئادەمنى ئاران ئىشخانىسىدىن چىقىرىۋەتتى ، ئىشىكنى يېپىپ ئىچىدىن ئىلىۋېتىپ جايىغا كىلىپ ئولتۇردى ، ماڭا چۈشەندۈرۈپ << داۋاملىق كىلىۋالىدۇ ، ھېلى ئۇ يەردىن ، ھېلى بۇ يەردىن ئەھۋال ئىنكاس قىلىمەن دەپ ، تەكشۈردۇق ، ئۇنداق ئەھۋال يوق بۇلۇپ چىقتى ، كىيىن بىر نەچچە قېتىمدا بىز بارمىساق ئۇدۇل ناھىيەگىلا كىرىپتۇ ، ناھىيىدىكى باشلىقلارمۇخىزمەتنى ياخشى ئىشلىمەيدىكەنسىلەر  دەپ پاراڭ سېلىپ كەتتى ، شۇنىڭ بىلەن يىل ئاخىرىدا بىزنى باھالاشتائىشلىگەن خىزمىتىمىزنى ناچار قاتارىغا چىقىرىۋەتتى ، >> دىدى ، مەن ئۇنىڭغا << قارىغاندا بۇنداق كىشىلەرگە مۇكاپاتنى جىق بېرىدىغان ئوخشايسىلەر >> دىدىم ، ئۇ << نەدىكى مۇكاپاتكەن ئۇكام ، پۈتۈنلەي خالىس ،ھەقسىز قىلىدۇ ، يېزىمىزدىمۇ قىيىنچىلىق خېلى بار ، بىزدە ئۇشۇقچە پۇل يوق >> دىدى ، ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپكەتتى ، ئۇ ماڭا توختامنى تۇتقۇزۇپ << ئۇكام ، ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئىش پۈتتى ، دىيىشكىنىمىزدەك بولسۇن ، ئاخىرىدىكى بوش ئۇرۇنغا بىزنىڭ يېزىنىڭ باش شۈجىسى ئىمزا قۇيىۋەتسىلا بۇلىدۇ ، بولسا ئىشنى دىيىشكەن مۆھلەتتىن بۇرۇن پۈتتۈرۈۋېتىڭە ، بۇنداق ئىش يەنە بار ، سىز بىلەنلا ھەمكارلىشايلى >> دەپ ماڭا قاراپ مەنىلىك كۈلۈپ قويدى ، << باش شۈجىنى نەدىن تاپىمەن ؟ >> ، << بۈگۈن يېزىدىكىلەرگە ھاشاربار ئىدى ، شۈجى شۇ جايغا چىقىپ كەتكەن ، سىزنى باشلاپ كىرگەن بالا مۇتسىكىلىتىدە ئاپارسۇن >> ، مەن ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ دوستۇمنى تېپىپ ئۇنىڭ بىلەن باش شۈجىنى ئىزدەپ ماڭدۇق .......... بۇگۈن يېزا بۇيىچە ئۇمۇمىيۈزلۈك ھەر بىر ئائىلىدىن بىر ئادەم چىقىپ ئېرىق چاپىدىغان كۈنكەن ، شۈجى ھەدەپ سۆزلەپ ئاياق تەرەپكە مېڭىپتىكەن ( قارىغاندا ئاچچىغى يامان ئادەمدەك قىلاتتى ) بىزمۇ ئۇنىڭغا گەپ قىلىشنى ئەپسىز كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئەگشىپ ماڭدۇق ، ئاياققىمۇ باردۇق ، ئۇ بىر قېرى ئايالنى كۆرۈپ قايناپلا كەتتى ، << مۇشۇنداق بىر ئوچۇمدىن توپىنى ئېتىپ قاچان تۈگىتىمىز بۇ ئىشنى ؟  >> ئۇنىڭ ئاۋازى بەكلا قوپال ئىدى ، ھېلىقى ئايالمۇ << كەچكىچە تۈگەپ قالا >> دىدى پەس ئاۋازدا ، ئۇ ئايال بېلىنى رۇسلىۋالغىلى تۇرىۋىدى ، قاراپ تۇرۇپلا قاپتىمەن ، 70 تىن ئاشقان ، ياشىنىپ قالغان ئايالكەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قېرىلىقتىنمۇيە بۇرۇندىن شۇنداقمۇ سەل دۈمچەككەن ، ھېلىقى باش شۈجى << مۇشۇنداق ھاشاغا كىلىدىغان ئىشنى ئويلاپ بولسىمۇ ياشلىقتا بىرەنى تۇغۇۋالىدىغان ئىشتى ئەسلى >>، شۈجىنىڭ يە چاخچاق قىلغىنىنى ، يە تەنە قىلغىنىنى ئۇققىلى بولمايتى ، << خۇدايىم بەرمىسە قوساققا سولىۋالغىلى بولمايدىكەن >> دىدى ھېلىقى چوڭ ئانىمىز ،بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھاشىرىنى چېپىپ بولۇپ قەرەت ئويناۋاتقان بىر نەچچە بالىنىڭ بىرسى << بۇ ئايالنىڭ ئېرىنىڭمۇ سەل مىجەزى بوشىراق ئادەمتى >> دەپ سەت كۈلۈشتى ، ئۇلارغا ئالىيىپ قارىۋېتىپ يېنىمدىكى دوستۇمغا << بۇ ياشىنىپ قالغان ئايالنىڭ ھاشىرىنى ئاۋۇلار چېپىۋەتسە بولمامدۇ ؟ >> دىدىم ، ئۇ << ۋاي نىمىسىنى دەيسىلەر ، بەسلىشىپ ئۇنىمايدۇ ، بۇ ئايالنىڭ ئېرى ئىككى يىل بۇرۇن تۈگەپ كەتكەن ، بالا - چاقىسىمۇ يوق يالغۇز جان ئىدى ، بۇ ئايالغا ئايدا 200 يۇەندىن توۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى بىرەتتۇق ،قالغانلار پۇلنى بۇ ئايال ئالسۇن ، نىمىشقا ھاشاغا چىقمايدۇ ، دەپ ئۇلارمۇ ھاشاغا چىققىلى ئۇنىماي بۇ ئايالنىمۇئەچىقىدىغان بولدۇق ، لىكىن باشقىلار قىلغان ئىشنىڭ يېرىمىنىلا بۈلۈپ بېرىمىز >> دىدى ، مەن << بۇ پۇلنى يە ئۇلار بەرمىسە >> دىدىم ، ئۇ << يېزىمىزدا يەر ئاز ، دىھقانلارنىڭ كىرىمى تۆۋەن ، شۇڭا تولىسى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنى ئىلتىماس قىلغان ، لىكىن مۇشۇ ئايال قاتارلىق بىر قانچەيلەننىڭلا تەستىقلىنىپ كەپتۇ ،شۇڭا بەسلىشىپ ئاشۇنداق قىلىدۇ >> دىدى ، مەن << ئاۋۇ ئىش قىلىپ بولغانلار كەتسە بولمامدۇ >> دىسەم ،ئۇ << ئىشىنى تۈگىتىپ كەتسە بولىدۇ ، لىكىن ھاشارغا كەلگەنلەرگە چۈشتە بىرىلىدىغان ئىككى تال گىردە بىلەن يېرىم قاچا قېتىق بار ، شۇنىڭغا تارتىشىپ ئولتۇرغانلار بولمامدۇ  ، ئەمىلىيەتتە كۈچەپ چاپسا بىرەر سائەتتە تۈگەيدىغان ئىش ، ماۋۇ سەل قېلىنراقلىرى تاماقنى يەۋېتىپ كىتىمىز دەپ ئۈيىدىكى ئىشتىن قېچىپ ئولتۇرىدۇ ، سەل ھۇرۇنلىرى سۆرىلىپ كەچ قىلىۋىتىدۇ >> دىدى . ھېلىقى ياشىنىپ قالغان بىچارە ئايالغا قارىدىم، كىچىك كەتمەندە ئازىراق توپىنى ئېلىپ قاشقا ئاتسا ئۇنىڭ يېرىمى يەنە سىرىلىپ ئورەككە چۈشەتتى ، قاشتائىشىنى تۈگىتىپ قاتتىق يەردىلا ئوڭدىسىغا يېتىپ خىيالغا كەتكەنلەر خېلى بار ئىدى ، << قېنى ماۋۇ ئادەملەردىكى  مېھرىبانلىق  ، ئادىمىگەرچىلىك ، قېنى ؟؟؟؟ >>  بۈگۈن كۆرگەن بۇ ئىككى ئىشتىن ئىچىم شۇنداق ئاچچىق بۇلۇپ كەتتى ، كىمگە دىگىنىمنى ئۈزەممۇ بىلمەيمەن ، << سەنمۇ ئادەممۇ ؟ >>   (بىر دوستۇمنىڭ ئاغزىدىن )       مەنبە : ئۆز قەلىمىم               
ئاللاھ دىللارغا غىل-پال كەشكەن خىيالنىمۇ بىلىپ ت ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1760
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1147
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1147دانە
ئۆسۈش: 1340 %
مۇنبەر پۇلى: 13274 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 19 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-10
ئاخىرقى: 2012-03-19

قەنى كىشىلەرماختايدىغان دىخانلىرىمىز؟ھېلىقىنى ئۇدۇللا پۇتقولىنى باغلاپ نېرۋا كىسەللەر دوختۇر خانىسىغا ئاپىرىتىپ بىرئۈمۈر شۇيەردە باقسا بولغۇدەك.
  مۇشۇ چىچىەنلەر توغۇرلۇق بىر ۋەقەلىكنى ئاڭلىغان مەن بۇرۇن . ئىسىمدە قالغىنى بۇيىچە بىر يىزىپ باقاي. چىچىەنلەرنىڭ ئالىم كىشىسىدىن بىرى ھەر جۈمئە مەسجىد لەردە ئالمىشىپ تۇرۇپ لىكسىيە سۆزلەيدىكەن. روس چوشقىللىرى پەقەت تۇتالماي يۈرگەنكەن بۇئادەمنى، كىلەر جۈمئە دە بىر مەسجىددە بولماقچى بولغاندا شۇمەسجىدنىڭ ئىمامنىڭ  ئۈيىگە خىلى كۆپ ئالتۇن پەيدا بوپ قاپتۇ،سۈرۈشتۇرسە ئۇ ئالتۇنلارنى ئۆزىنىڭ ئوغلى ئىلىپ كەلگەنكەن. بۇنى نەدىن تىپىپ كەلدىنڭ دەپ سورىسا .  روسلارنىڭ ئۇنىڭدىن ئەگەر داداڭ ئىماملىق قىلىدىغان مەسجىددە شۇ لىكسىيە بوپ قالسا بىزنى خەۋەرلەندۈرگىن دەپ بەرگىىنىنى.لىكىن ئۆزىنىڭ ھەر گىز دىمەيدىغىنىنى ئېيتىپتۇ.دادىسى ئاڭلاپ ھە بوپتۇ.دەپ گەپ قىلماي. جۈمئە كۈنى  خەلىق يىغىلغۇچە مەسجىدنىڭ ئالدىغا قازان ئىسىپ راسا قىززىتىپ تەييار قىلىپ تۇرۇپتۇ.جامائەت يىغىلغاندا بالىسنى باغلاپ ئەكەلدۈرۈپ .ئالتۇنلارنى ئېرىتىپ بالىنىڭ ئېغىزىغا قۇيىۋەتكەنكەن............
[ بۇ يازمىنىsaifulla 2012-02-18 19:08قايتا تەھرىرلىد ]
ئەتە ئۈلۈم!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10629
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 276
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە276دانە
ئۆسۈش: 1800 %
مۇنبەر پۇلى: 3178 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-02
ئاخىرقى: 2012-05-11
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-18 19:04

ئاللا رەخمەت قىلسۇن . پۇل دىگەن نەرسە ھەممىنى بۇزىۋاتىدۇ.مىھرىبانلىق ،كۇيۇمچانلىق، ياخشىچاقلىق نەگە كەتتى .مىللىتىمىزدە ھۇرۇنلۇق قاچانلىققا تۇگە ،بىزنىڭ يۇرتتىمۇ بارتى، باشقىلار ئىش قىلۋاتسا قىرىت ئويناپ ئولتۇردىغان ئىشلار ،ئۇلارغا قاراپ ئىچىم سىيرىلاتتى .ئۇچاغلاردا كىچىككەنمەن،
ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھىچكىم ئازدۇراممايدۇ،ئاللاھ ئازدۇغان كىشىنى ھىچ كىم ھىدايەت قىلاممەيدۇ.
ھەقىقەت ئىككى كىشىگە مۇھتاج،بىرى سۆزلىگۈچى،يەن& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1207
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 250
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە250دانە
ئۆسۈش: 390 %
مۇنبەر پۇلى: 3018 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-26
ئاخىرقى: 2012-05-10
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-18 23:39

بىشىمىزغا كەلگەن كۈنلەرنى ئۆز پەيلىمىزدىن كۆرىمىزدە!
تۇپراقتەك كەمتەر بول ....--
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3034
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1797
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1797دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 9326 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2012-05-04
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-19 00:16

يا  خۇدا  نەنىڭ  ئادەملىرى بۇ   ؟   70 ياشلىق  موماينى ھاشارغا  سالغاندىكىن  چوقۇم  توڭگۇزنىڭ  نەسلىدىن  ئۇ  ھارامدىن بوغانلا  . .  خەلقىنىڭ  قان-تەرى  بەدىلگە  ئۆزىنىڭ  ئەمىلىنىڭ  ئۇلىنى  مۇستەھكەملەيدىغان  ئۇنداق  مۇناپىق باشلىقنڭ  ئىلاھىم  ئۇرقىنى قۇرتىۋەتسۇن  ،  
ئەللەر  ياخشى بىز  يامان ، ئەللەر بۇغداي بىز سامان ...
تۇپراقتەك كەمتەر بول ....--
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3034
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1797
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1797دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 9326 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2012-05-04
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-19 00:18

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى yangen نىڭ 2012-02-18 23:39 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بىشىمىزغا كەلگەن كۈنلەرنى ئۆز پەيلىمىزدىن كۆرىمىزدە!


ما گەپ جايىدا  ،  ئۆتكەندە  مەن  مۇشۇ  مەندە  بىر  گەپ  قىپ  قويسام  تاس  قالغان  بۇ  مۇنبەردىكلە  مېنى  مۇناپىققا  چىقىرۋەتكلى  .
ئەللەر  ياخشى بىز  يامان ، ئەللەر بۇغداي بىز سامان ...
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6889
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 240
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە240دانە
ئۆسۈش: 690 %
مۇنبەر پۇلى: 2924 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-03
ئاخىرقى: 2012-05-08
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-19 15:59

5-قەۋەت (alpacino) نىڭ يازمىسىغا

   كېسەلنى يوشۇرسا ،ئۆلۈم ئاشكارا .  كېسەلنى ھەرقانچە يوشۇرسىمۇ ئىچىدىن ھاداپ چىقىدۇ ، ئەقىللىق ئادەم كېسەلنى توغرا تەكشۈرۈپ  دورىسىنى قىلىدۇ .
دوستلىشىش
مۇرسالات
9495
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10230
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 50
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە50دانە
ئۆسۈش: 50 %
مۇنبەر پۇلى: 520 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-06
ئاخىرقى: 2012-04-25
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-19 16:48

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم  مەن  ھەيران . ئاپتور  :(يازغۇچى)  بۇ ماقالىنى  يىزىپتۇ يۇ..... شۇئىشلارنى بىزگەدەپ  بەرگىچە ئۆزى  شۇ  مومايغا ياردەملەشمەپتۇ  يا؟؟؟؟؟  سەكرىمەيلى  ئالدىراپ  .  تورغا  چىقىپ  ،تورغا  چۇشۇپ  قىلىشتىن   قورقىمەن.....  مۇسۇلماندىكى  ئەخلاق كورگەن  نەرسىنى  كۇچىنىڭ  بارىچە  توساش، ياكى  تۇزۇتۇش  ئىدى...بولدىلا......
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10796
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 77
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە77دانە
ئۆسۈش: 160 %
مۇنبەر پۇلى: 771 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-14
ئاخىرقى: 2012-05-02
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-19 20:20

7-قەۋەت (مۇرسالات) نىڭ يازمىسىغا

قېرىندىشىم ، مەن ئەسلى بۇنىڭ تېمىسىنى ‹‹ سەنلەرمۇ ئادەممۇ ؟ ›› دەپ قويماقچىدىم ، ئېغىر كىتەمدىكى
دەپ قالدىم ، ئاۋۇ بېشىدىكى چېقىمچى 60 نىڭ قارىسىنى ئالغان ، ھال - كۈنىمۇ خېلى ئوبدان ئادەمكەن،
ھاشارغا چىققانلارمۇ نەچچە يۈزچە بار ، ئۇ قېرى ئايالنىڭ چاپماقچى بولغان يىرىنى ئۇلارغا تەقسىم قىلىپ بەرسە ھەربىرىگەبىر  سانتىدىنمۇ تەگمىگىدەك ، ئاشۇنداق نەچچە كۈنلىگى قالغان بىر بىچارە ئايالنى چىشلەپ- تاتىپ ئۈيىدىن ئاچىقىپ ئىشلەتكەن ئادەملەر مەندەك بىر پۈتۈنسۈرۈك ئادەمنىڭ كەتمەننى
ئېلىپ چېپىپ كەتكىنىدىن خىجىل بولمايدۇ ، ئۇ يېزىدا ھاشا ھەپتىدە بىر كۈن دىگۈدەك بار ئىكەن ، بۇ ئىككى كەتمەن چېپىۋېتىش بىلەن تۈگەيدىغان ئىش ئەمەس ، ئەگەر ئاشۇ دىھقانلىرىمىزنىڭ كاللىسى ئېچىلىدىغان ئىش بولسا بىر ئاي ئاشۇ يەردە كەتمەن چېپىشقا رازى بۇلار ئىدىم .........
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10796
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 77
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە77دانە
ئۆسۈش: 160 %
مۇنبەر پۇلى: 771 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-14
ئاخىرقى: 2012-05-02
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-19 20:44

7-قەۋەت (مۇرسالات) نىڭ يازمىسىغا

سىز مىنىڭ كەتمەننى ئېلىپ چاپمىغىنىمنى قانداق بىلدىڭىز ؟ مەن ئۇنى يىزىپ يۈرمىسەممۇ <<ئىچى كۈچلۈك ئادەمكەن ، بەلكىم چېپىۋەتكەندۇ >> دەپ ئويلىيالىسىڭىز بۇلاتتى ، ( مەن ئۇنى بۇيەردە ياخشى ئىشىم قاتارىدا يىزىپ يۈرمىسەممۇ ) ، قارىسام
چېچىلىپ قاپسىز ، سىزمۇ يېزىدا ئىشلەيدىغان يېزا كادىرىمۇ - يە ؟