رەسۇل ئەكرەمنى كۆرسە
پاتىگۈل قاسىم تۆرىبەگ
پەرۋانە ئۇرار ئۆزىنى چىراغقا ،
نۇر ئەپشانىدا يار چېھرىنى كۆرسە .
مەجنۇن بولغايمۇ مەجنۇن ،
بىراۋنىڭ كۆزىدە لەيلانى كۆرسە .
ھۇجرىسىدا سۇلاشقايمۇ گۈل ،
قىش باغرىدا باھارنى كۆرسە .
دېڭىز تەكتىدە پىدائىي غەۋۋاس ،
سەدەپ ئىچىدە گۆھەرنى كۆرسە .
سوغا - سالام نە ھاجەت ؟
پېقىر مېھماندا ئىخلاسنى كۆرسە .
ئۆلۈمنى ئويلىماق كېرەك ،
ھەر بەندە بىمېھنەت دۇنيانى كۆرسە .
قانائەت قىلۇر قەلەندەر شاھى ،
بىر بۇردا ناندىن بەرىكەتنى كۆرسە .
كۈنلەرنىڭ بېغىشىدىن تۇتۇۋالىمىز ،
يېتەكلەپ مېڭىشنى راۋا كۆرسە .
تۇتۇپ قالالمايمىز جاننى ،
تەننى بىناۋا كۆرسە .
ئىنئام كاتتا بولغايمۇ مۇندىن ،
كۆكلىگەن روھىم دۇئانى كۆرسە .
باقى ئاستانىسىدىن قايتماس ھېچ كىشى ،
ئەرساتتا رەسۇل ئەكرەمنى كۆرسە .