دۇنيادىكى ئون چوڭ ئەخلەت يېمەكلىك
1. مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر
مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئىسسقلىقى يۇقىرى، تەركىبىدىكى ماي مىقدارى ۋە ئوكسىدلانغان ماددا مىقدارى كۆپ، داۋاملىق ئىستېمال قىلغاندا سەمىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، قاندىكى ماي يۇقىرى بولۇش تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ خەتەرلىك يېمەكلىك. مايدا پىشۇرۇش جەريانىدا، داۋاملىق زور مىقداردا راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ. تەتقىقاتتا ئاللىقاچان، داۋاملىق مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكنى يىگۈچىلەرنىڭ راك كېسىلى قوزغىلىش نىسبىتى مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكنى ئاز يەيدىغان ياكى يىمەيدىغانلاردىن يۇقىرى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.
2.كونسېرۋا تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر
مەيلى مېۋە كونسىرۋاسى بولسۇن ياكى گۆش كونسېرۋالىرى بولسۇن، بۇلارنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ئېلېمنېتلىرى زور دەرىجىدە بۇزۇلغان، بولۇپمۇ ھەر خىل ۋىتامىنلار ئاساسەن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. ئۇنىڭدىن سىرت، كونسېرۋا مەھسۇلاتلىرىدىكى ئاقسىل تەركىبى داۋاملىك ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقتىن، ھەزىم قىلىنىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ، ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ تۆۋەنلەيدۇ. يەنە، نۇرغۇنلىغان مېۋە تۈرلۈك كونسېرۋالار تەركىبىدە بىر قەدەر يۇقىرى بولغان قەنت تەركىبى بار بولۇپ، سۇيۇقلۇق ۋاسىتىلىك ھالدا ئادەم بەدىنىگە سۈمۈرۈلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قەنت تەركىبىنىڭ سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرىلاپ قاندىكى قەنتنىڭ زور دەرىجىدە ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇيقۇلۇقنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئېنېرگىيە بىر قەدەر يۇقىرى بولغانلىقتىن، ئوڭايلا سەمىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. تۇزلۇق سۇغا چىلاپ تەييارلانغان يېمەكلىكلەر
تۇزلۇق سۇغا چىلانغان يېمەكلىكەرنى تەييارلاشتا، كۆپ مىقداردا تۇز سېلىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۇ خىل يېمەكلىكنىڭ تۇز تەركىبى ئارتىپ كېتىپ، داۋاملىق بۇ خىل يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلغۇچىلارنىڭ بۆرەك يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىپ، يۇقىرى قان بېسىمىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى يۇقىرىلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، يېمەكلىك تۇزغا چىلىنىش جەريانىدا زور مىقداردا راك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى نىتروزامىننى ھاسىل قىلىپ، بۇرۇن ياللۇغى راكى قاتارلىق يامان خاراكتېرلىك ئۆسمىلەرنىڭ قوزغىلىش خەتىرىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ. شۇنداقلا، يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى تۇز تەركىبى ئۈچەي يولىدىكى شىللىق پەردىگە زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، شۇڭا داۋاملىق تۇزغا چىلانغان يېمەكلىك ئىستېمال قىلغۇچىلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى ۋە جارائىتى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى.
4. پىششىقلانغان گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر
بۇ تۈردىكى يېمەكلىك تەركىبىدە بەلگىلىك دەرىجىدە نىتروزامىن بار بولۇپ، راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بار. بۇنىڭدىن سىرت، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسى، رەڭنى قېنىقلىتىش دورىسى ۋە رەڭنى ساقلاپ قالغۇچى قاتارلىق دورىلار ئىشلىتىلگەنلىكىتىن، ئىستېمال قىلغۇچىنىڭ جىگىرىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
5. سېمىز گۆش ۋە ھايۋانات ئىچكى ئەزاسى تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر
تەركىبىدە گەرچە بەلگىلىك مىقداردا ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل، ۋىتامىن ۋە مېنىرال ماددىلار بولسىمۇ، ئەمما سېمىز گۆش ۋە ھايۋانات ئىچكى ئەزالىرى تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر تەركىبىدە كۆپ مىقداردا تويۇنغان ماي ۋە خولېسترول بار بولغاچقا، يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئىككى تۈرلۈك ئامىل بار ئىكەنلىكى جەزىملەشتۈرۈلگەن، ئۇزۇن مۇددەت ھايۋانات ئىچكى ئەزالىرىنى ئىستېمال قىلغاندا يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكى ۋە يامان خاراكتېرلىك ئۆسمىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى يۇقىرىلايدۇ.
6. خام قايماق يېمەكلىكلىرى
داۋاملىق خام قايماق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېگەندە بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىدۇ، ھەتتا قاندىكى شېكەر ۋە قاندىكى ماينىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تاماقتىن ئىلگىرى خام قايماقلىق تورت قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلغاندا، ئىشتىھا تۇتۇلۇپ قالىدۇ. ماي تەركىبى ۋە قەنت تەركىبى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەر دائىم ئاشقازان-ئۈچەي قۇرۇقدىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەتتا ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچنىڭ تەتۈر يۆنىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاچ قورساققا خام قايماق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا مەيدە ئېچىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
7. تەييار چۆپ
تەييار چۆپ يۇقىرى تۇز تەركىبى، يۇقىرى مايلىق، تۆۋەن ۋىتامىنلىق، تۆۋەن مېنىرال ماددىلىق يېمەكلىككە تەۋە. بىر تەرەپتىن تۇز مىقدارى بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىپ، قان بېسىمىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، بەلگىلىك مىقداردىكى سۈنئىي ماي تەركىبىنىڭ يۈرەك-قان تومۇرغا نىسبەتەن خېلى زور ئەكىس تەسىرى بار. ئۇنىڭدىن سىرت چىرىشتىن ساقلىنىش دورىسى ۋە خۇشپۇراق دورا قاتارلىقلار جىگەر قاتارلىق ئەزالارغا بولغان يوشۇرۇن تەسىرى خېلى چوڭ بولۇشى مۇمكىن.
8. قاقلاپ پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر
راكنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئۆتكۈر خېمىيىلىك تەركىبكە ئىگە.
9. سوغۇق يېمەكلىكلەر
مۇز قايماق، ماروژنى قاتارلىقلار. بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەردە ئۈچ خىل مەسىلە بار: بىر قەدەر يۇقىرى خام قايمان تەركىبى بار بولۇپ، ئوڭايلا سەمىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ قەنت تەركىبى يۇقىرى بولغانلىقتىن، ئىشتىھانى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ؛ تېمپيۇراتۇرىسى تۆۋەن بولغانلىقتىن ئاشقازان-ئۈچەي يولىنى غىدىقلايدۇ.
10.بالقاق، ئەينۇلا، مىۋە قېقى قاتارلىقلار
بۇ يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى نىتروزامىن، ئادەم بەدىنىدە ئامىن بىلەن بىرلىشىپ، راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يوشۇرۇن نىتروزامىن ئامىننى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن؛ تەركىبىدىكى خۇشپۇراق دورىلار جىگەرنى زىيانغا ئۇچرىتىشى مۇمكىن؛ يۇقىرى تۇز تەركىبى قان بېسىمى ئۆرلەش ۋە بۆرەكنىڭ يۈكى ئارتىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
مەنبە"نۇرتورى
___________________بۇ تېمىنى تەستىقلىغۇچى: گېنېرال[ بۇ يازمىنىgeneral 2012-02-16 19:40قايتا تەھرىرلىدى ]