ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام،رەھمەت سىزگە، گەپلىرىڭىز ئورۇنلۇق.ئىلمى ،ئەستايىدىل تەنقىدلەر گۇھەردىنمۇ قىممەتلىك.
لىكىن، تۇھمەت چاپلاش،يالغان گەپ تارقىتىشنىڭ زىيانكەشلىگى بەك چوڭ بولىدىكەن.مەن ئاخىرى شۇنى تونۇپ يەتتىمكى ؛ئىغىۋاگەرچىلىكلەرگە ھەرگىز سۆكۆت قىلماسلىق كىرەك ئىكەن.ئىلگىرى نۇرغۇن ئىشلاردا سۆكۆت قىپتىكەنمەن ،نەتىجىسى بىر غەزىلىمنىڭ تۇۋەندىكى ئىككى مىسراسىدەك بولدى:
بۇرادەر پۆۋلىسەڭ پەينى،ئۇچار ئاسمانغا ئەلۋەتتە،
لەئىننىڭ مەيلىگە قويساڭ ئۇرار لاپ زىكرىيالىقتىن.
«نامسىز»ئەپەندىدەك ئادەملەر نىڭ جۇرئىتى بولسا «كەڭساي»غا قەدەم تەشرىپ قىلىپ توقۇغان يالغان-ياۋىداقلىرىنىڭ ئىسپاتلىرىنى كۇرسەتسۇن.مۇشۇ تېما ئاستىدا مۇنازىرىلىشىپ باقايلى.شەكىل نەزەريىسى مىنىڭ خۇسۇسى مۆلكۆم ئەمەس.شەخسىيىتىمىگە قىلىنغان ئىغىۋاگەرچىلىكلەرگە سۆكۆت قىلساممۇ،شەكىل نەزەريىسىگە قىلىنغان ئىغىۋاگەرچىلىكلەرگە ئەمدى ھەرگىز سۆكۆت قىلمايمەن.ئۇلار خىلمۇ -خىل ۋاستىلەرنى ئىشقا سىلىپ شەكىل نەزەريىسى تەتقىقاتىنى ئوجۇقتۇرىۋەتمەكچى بولىشىۋاتىدۇ.نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى تىپىپ بىرىۋاتىدۇ.بۇ نەزەرىيە ۋە مەندە ھەقىقەتەن ئۇلار ئىتقاندەك بىر مۇنچە «جىنايەت»،يامان غەرەز،«ئالدامچىلىق»لار بولسا دەلىللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويسۇن.دەلىلى يوق،دەلىلىنى تاپماي تۇرۇپلا توقۇغان يالغانلىرى ئۆچۆن«ۋاي،پوق يەپتىمىز» دەپ ئۇزىنىڭ ئاغزىغا كاچاتلىسۇن!.
مەرھەمەت ئاللىقانداقتۇر«جىك»،«نامسىز»،«قۇناخۇن»لار!.
«كەڭساي»باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ قۇلايلىق يارىتىپ بىرىشىگە ئىشىنىمەن ۋە ئۇمىت قىلىمەن.
ــــــــــــــ قاسىم سىدىق
2102.2.16
[ بۇ يازمىنىق.سىدىق 2012-02-17 01:00قايتا تەھرىرلىدى ]