زۇلمەت خېتى
ئەڭ ئاخىرقى قۇرغا دىققەت قىلىپ قويۇڭ
بۇ ئەسەر مىنى ھەقىقەتەن ئويغا سېلىپ قويدى لېكىن بۇ بىر ھەقىقەت ئىدى. بۇنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا تەرجىمە قىلىشنى ئويلىمىغان ئىدىم ئەڭ ئاخىرقى قۇرنى ئوقۇغاندىن كىيىن شۇ نىيەتكە كەلدىم. بۇ بەك ئاز ئەسەر كىرگەندىكىن چوقۇم ئوقۇپ قويۇڭ. بۇ قىزلارغىلا ئەمەس ئوغۇللارغىمۇ يېزىلغان خەت.
شەيتاننىڭ سىزگە يازغان خېتىنى ئوقۇڭ
مەن سېنى تۈنۈگۈن كۆرگەن ئىدىم، ئۇ ۋاقىتتا سەن تېخى ئۇيقىدا ئىدىڭ. سەن سېنى ياراتقۇچىغا قۇلچىلىق قىلىشتىن باش تارتقان ھالەتتە ئويغاندىڭ ئەمىلىيەتتە سەن شۈكۈر قىلمىغانتىڭ، سەن بەك ناشۈكۈر ئىكەنسەن لېكىن مەن سېنىڭ مۇشۇنداق بولىشىڭنى ئۇمىد قىلىمەن.
مەن سېنىڭ مۇشۇ تۇزكورلىققا توشۇپ كەتكەن ھاياتىڭنى ئۆزگەرتمىگەنلىكىڭگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن تىلىمنىڭ ئاجىز كەلگەنلىكىنى ئېتراپ قىلىمەن،.
ئەخمەق، سەن ئاللىبۇرۇن مىنىڭ بولۇپ بولدۇڭ-ئۇنتۇپ قالما ئىككىمىز نەچچە يىلدىن بېرى بىر سەپتە مېڭۋاتىمىز لېكىن مەن سېنى ياخشى كۆرمەيمەن چۈنكى ئاللاھ سېنى تېخى تاشلىۋەتمىدى.
ئاللاھ مىنى جەننەتتىن قوغلىۋەتتى شۇڭا مەن سېنى ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش ۋاستىسى قىلىش ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە سېنى نابۇت قىلدىم ھەم قىلىۋاتىمەن، ھە راست رەھمەت ساڭا ، سەنمۇ ماڭا ياخشى ماسلىشىپ بېرىۋاتىسەن. ھاھاھا..... سەن ماڭا ياخشى باش ئىگىۋاتىسەن ماڭا ئەگىشىپ ماڭغىن بولمىسا دوزاختا يالغۇز قالىمەن.
مەن ئاللاھقا سېنىڭ باشلىقىڭنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ قويىۋاتىمەن. ئويلاپ قالدىم ئىككىمىز قايسى گۇناھلارنى بىللە قىلغاندىمىز ساناپ باقايلى ھە ؟
بىز بىرلىكتە:
مەينەت كىنو كۆرەپتىمىز
ئىنسانلارغا ئازار بېرىپتىمىز
ئوغۇرلۇق قىلىپتىمىز
مۇناپىقلىق قىلىپتىمىز
زىنا قىلىپتىمىز
بېخىللىق قىلىپتىمىز
غەيۋەت قىلىپتىمىز
جازانە بىلەن شۇغۇللاندۇق
چوڭلارغا ھۆرمەت، كىچىكلەرگە ئىززەت قىلماپتىمىز
مەسجىدلەرگە ھاقارەت قىلدۇق
ناچار خۇلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدۇق
مەينەت چاقچاقلارنى قىلىشتۇق
ئەمىلىيەتتە بۇلاردىن ئۆزۈڭ ۋاز كەچمەي قىلدىڭ دوزاخقا ماڭغاندا ماڭا ئېسىلىۋالما جۇمۇ !
ھەي ئەخمەق ھازىر ئىككىمىزگە دەھشەتلىك بىر جاي تەييار بولۇپ بولدى دىمىسەممۇ بىلىپ بولدۇڭ شۇنداققۇ؟ بۇ مەندىن ساڭا رەھمەت خېتى چۈنكى سەن مېنى دوزاختا يالغۇز قويمايدىغان بولدۇڭ.ھاھاھا.....
ساڭا يەنە بىر قېتىم رەھمەت، سەن ئاللاھقا سېنىڭ ھەقىقى خوجايىنىڭنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ قويۇشىمغا ياخشى بىر پۇرسەت بەردىڭ.
نىما دىسەم بولار، چۈنكى مىنى خوش قىلىپ ساراڭ قىلىپ قوياي دىدىڭ مەن مۇرادىمغا يېتىپ بولاي دىدىم، سەنمۇ مەن بىلەن بىللە ئاخىرەتتە تەڭ زىيان تارتقۇچى بولدۇڭ،گۇناھلىرىڭ ئۆزۇڭنى نابۇت قىلىۋەتتى ئەمەسمۇ؟
قارىسام 20 ياش ئەتراپىدا ئىكەنسەن، سېنى تەربىيلەپ بولدۇم،سەن ئۇستازمۇ بولۇپ بولدۇڭ. ئەمدى ساڭا بۇيرۇق ، سەن بېرىپ بالىلىرىڭنى مۇشۇ يولغا ئەكەل ئۇلارغا ھاراق ئىچىش،تاماكاچىكىش، زىنا قىلىش، شەخسىيەتچىلىك،قىمار ئويناش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆگەتكىن ئۇلارمۇ بۇ يولغا چۆكۈپ كەتسۇن بولمىسا دوزاختا ئىككىمىز زېرىكىپ قالىمىز .بالىلىق ئۆي بازار ئەمەسمۇ؟
ھەي ئەخمەق، مەن سەن ئويغانغاندا قايتىپ كېلىمەن. ئەگەر ئەقلىڭ بولسا ئۆزۈڭنى ۋە باللىرىڭنى تېزدىن ئارقىچىپ كەت بولمىسا مەن كېلىپ سېنى ھەم باللىرىڭنى دوزاخقا ئوتۇن قىلىمەن.
ئەسلى راست گەپ قىلسام، سېنى ئاگاھلاندۇرۇش مىنىڭ تەبىئىتم ئەمەس ئىدى لېكىن سېنىڭ بۇ يېشىڭدا ماڭا ئۇستاز بولۇپ كېتىشىڭ مىنى خاتىرجەم قىلدى. شۇڭا ئەنسىرىمەي ساڭا دەپ بېرىشىم لېكىن بۇنى بىلىۋىلىپلا ھەرگىز يېنىۋالما جۇمۇ. مەن كەتتىم ھېلى كېلىمەن.
ھە راست ئازراق گىپىم قاپتۇ:
ئەگەر ھەرقايسىڭلار مىنىڭ ياخشى كۆرسەڭلار بۇ گىپىمنى ھېچكىمگە دىمەڭلار شۇنداقلا تارقاتماڭلار.
تەرجىمە قىلغان ئىدىم خاتالىق بولسا تىللاپ كەتمەڭلار.
[ بۇ يازمىنىsamanyoli 2012-02-15 09:34قايتا تەھرىرلى ]