ئەجرىڭىزگە رەھمەت، ئەمما بۇ شىئىرنى مىراس ژورنىلى ئۆزى يازمىغاندۇ؟ ھەقىچان بۇ شىئىرنىمۇ نەچچە كىچە مۈكچۈيۈپ ئولتۇرۇپ بىر«پاينەكباش»يازغاندۇ؟ئۇنداق قىلمايلى قېرىنداشلار،بىراۋنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلىپ ئۇنىڭ ئىسمىنى يوغانراق يېزىپ قويۇشتىن ھەرگىز ئىرىنمەيلى! نەدىكى بىر تايىنى يوق ماقالىلارنى تورغا يوللىغانلارمۇ ئۆزىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا تورغا كۆچۈرگەنلەرنى ئەيىپلەپ جىدەللىشىپ كىتىدىكەن. پىچاقنى ئۆزەڭگە سال،ئاغرىمىسا ئۆزگىگە سال دەپتىكەن. قارىسام بۇنداق ئىشلار خېلى ئۇچراپ تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇ گىزىتتىن ئېلىندى،بۇ ژورنالدىن ئېلىندى دەپ قويغانغىلا بولمايدۇ. باشقۇرغۇچىلارمۇ دىققەت قىلغايسىلەر.