باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 21162 قېتىم كۆرۈلدى
«2345678»Pages: 5/8     Go
تېما: 18ياشتىن تۆۋەنلەكۆرمەڭ(ئۇيغۇرۇم)
ahu
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4923
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 14
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە14دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 80 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-16
ئاخىرقى: 2010-12-27
40-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-17 22:43

بۇ شېئىر باشقا  مۇنبەرلەردىمۇ ئېلان قىلىنسا بولغۇدەك ، بۇ مۇنبەردە ئۇنداق قىزلار ئانچە كۆپ ئەمەسقۇ دەيمەن. ئاللاھ قىزلىمىزنى شەرمى ھايالىق قىلسۇن.(ئامىن)  .تىما ئىگىسىگە رەخمەت.
سەھرانى سۆيىمەن!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5001
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1018
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1018دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 7298 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-03-28
41-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-20 15:02

18ياشتىن تۆۋەنلەر كۆرسە نىمە بولىدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟«18ياشتىن تۆۋەنلەر كۆرمەڭ»دېگەن بۇ ئاتالمىش شۇئار  تېمىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېزىلغانغۇ  دەيمەن؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور
2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن
ئاللاھ  بىر   ئۇيغۇر   بىز !!!!!!!!!!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2840
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 48
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە48دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 250 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2011-11-05
42-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-28 18:44

رەسىم:
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلغان شىئركەن جۇما بۇ............................
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4116
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 142
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە142دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 775 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-30
ئاخىرقى: 2011-12-16
43-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-31 17:58

شۇنداق، 18ياشتىن تۆۋەنلەكۆرمەڭ دېسە كىشلەر تېخىمۇ قىزىقىپ كۆردۇ دە، بولۇپمۇ 18ياشتىن تۆۋەنلەر تېخىمۇ كۆردۇ
تاۋار باللار تاۋار باللار، تاۋاردىن ئەتىۋار بال& ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5274
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 39
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە39دانە
ئۆسۈش: 100 %
مۇنبەر پۇلى: 445 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-28
ئاخىرقى: 2012-03-29
44-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-31 18:52

بۇ تىما 2006-يىلى يازدا يېزىلغان بولۇپ ئۇىڭدىن بۇيان بلوگ ئىككى قېتىم ئوخشىمىغان سىستىمىلار ئارىسىدا كۆچكەن بولغاچقا چۈشكەن ئىنكاسلار كۆچۈرۈپ كىلىنمىگەن( ئەسلى سانداندا بار)، ئۇندىن باشقا ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى ئەسلى تىمىمۇ ھازىر ئېچىلمايدۇ. (2010-09-25)
بۇ يازما مەزمۇن جەھەتتىن ”“نوبىل مۇكاپاتى“" دىگەن يازمىنىڭ ئاخىرى ھىساپلىندۇ. بۇ يازمىدا تىلغا ئېلىنغان شەخىسلەر ۋە ۋەقەلەر ئىچكى جەھەتتىن ياكى ئارقا كۈرۈنىشى جەھەتتىن مەن دىگەندەك بولماي قالغان بولسا بىلىدىغانلارنىڭ توغرا مەلۇمات بىرىشىنى قارشى ئالىمەن. بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس تىرىشماسلىق ئەيىپ. ھەر بىر مەزمۇننىڭ ئاخىرىدىكى باھالار قىززىق بۇلۇشى ئۈچۈن يېزىپ قويۇلدى. تورداشلار نەزىرىيەگە كۈتىرىپ كەتمىگەي. (2010-06-08)
باشلانما
90-يىللارنىڭ بېشىدىن تارتىپ 2000-يىللارنىڭ بېشىغىچە بەلكىم مەن بىلەن تەڭ دىمەتلىكلەرنىڭ ئىدىيە جەھەتتىن ئۈسۈپ يىتىلىشى ھىساپلىنىدۇ.شەخسەن ئۈزەم بۇ جەرياندا ھەممە نىمىنى ئوقۇپ، ھەممە نىمىگە ئەگىشىپ ئىدىيە جەميەت قاياققا باشلىسا شۇ ياققا يۈگرەپ يۈرگەن بەندىمەن. بۇرۇن ئېيتىپ ئۈتكىنىمدەك، جەميەتتە مۇشلاش مودا بۇلغاندا چوڭ مۇشلاشچى بۇلۇشنى ئارزۇ قىلغان، ناخشا-مۇزىكا مودا بۇلغاندا ناخشىچى بۇلۇشنى ئارزۇ قىلغان..ئىشقىلىپ قلمىغان ئارزۇ خىيال قىلمىغان، ئەگەشمىگەن ”“ئىزىم“" قالمىغان. جەميەت ھاياجانلانسا تەڭ ھاياجانلانغان، يىغلىسا تەڭ يىغلىغان. كىيىن ئانچە مۇنچە مۇستەقىل تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈپ بۇرۇنقى كۈنلەرگە نەزەر سالغىنىمدا بىر تەرەپتىن ئۈزەمنىڭ قۇرۇق ھاياجانلىنىپ يۈرگىنىمگە كۈلگۈم كەلسە يەنە بىر تەرەپتىن بىز ياش-ئۈسمۇرلەرنى شۇنداق ھاياجانغا باشلىغان ”“باشلامچى“" لارغا ئېچىنىپ قالىمەن. گەرچە ياخشى تىلەك يېرىم دۈلەت، ئۇلارنىڭ ياخشى نىيتىگە بارىكاللا ئىيتقان بۇلساممۇ لېكىن كەلتۈرگەن ئاقىۋىتىنى، قوللانغان ئوسۇلىنى، بولۇپمۇ بەزى مەسىلىلەردە بىر پۈتۈن ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ”“ئوتنى كۈرۈپ تۇرۇپمۇ ئۈچۈرمىگەن“"لىگىنى ئۈزەمچە تەنقىد قىلماي تۇرالمايمەن. چۇنكى ئۈتكەنكى يازمىدا تىلغا ئېلىنغان گەپ سۈزلەر كوچا پاراڭلىرى بۇلغان بولسا بۇ قېتىم دىمەكچى بۇلغانلىرىم ھەممىسى ئادەتتىكى كوچا گەپلىرى ئەمەس رەسمى مەتبۇئاتتا ماقالە، ئوبزۇر،ئوچىرىكلار ئىلان قىلىنىپ شۇلارنىڭ تەسىرى بىلەن جەميەتتە تەسىر پەيدا قىلغان. بۇلار يالغۇز بىر ئادەمنىڭ مەسئۇلىيتى بولۇپ قالماستىن بەلكى نۇرغۇنلىغان ئادەمنىڭ مەسئۇلىيتى.
بىر قىسمىنى ئۈتكەندە دەپ بۇلغان. قالغىنىغا تۈۋەندە ھەممىمىز بىرلىكتە مىنىڭ ئىسىمدە قالغان بىر نەچچە ”“ۋەقە“"لەرگە نەزەر سېلىپ ئۈتەيلى. يەنە بۇلسا باشقىلار تولۇقلىغاي.
ۋەقە 1. شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىدىكىلەر بىر نۇبىل مۇكاپاتىغا زىيان سالدى
شۇ ۋاقىتلاردىكى ئېقىپ يۈرگەن كوچا گەپلىرىنىڭ بىرىدە مەلۇم بىر ئەدىبىياتچى شائىر بىر نەزىرىيەنى ئوتتۇرغا قويغان( ھازىر ئۇ نەزىرىيە ۋە شائىرنىڭ ئىسمىنى ئىسىمدىن چىقىرىپ قويۇپتىمەن. ئۇ ئاكىمىزنىڭ ئىسمى قاسىم سىدىقمۇ شۇنداقراق بىر ئىسىم ئىدى. بىلدىغانلار قىستۇرۇپ قويغايسىزلەر) بولۇپ بۇ نەزىرىيە بەك كۈچلۈك نەزىرىيە ئىكەن. ئۇ ئالىم شىىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىدىكىلەرگە بېرىپ بۇ ماقالىنى كۈرسەتكەندىن كىيىن ئۇلارمۇ ياخشى باھا بىرىپتۇدەك. بۇگەپلەر دەسلەپتە كوچا گەپلىرى سۈپىتىدە ناھايتى تىزلا تارقالغان. كىيىن بۇ كوچا گىپىدىن رەسىمى ئۈزگىرىپ مەتبۇئاتتا ئوچېرىك سۈپىتىدە يېزىلىپ ژورنالدا تارقىتىلدى.
ئۇ ئ.وچىرىكنى مەن ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خوش بۇلۇپ تۇرۇپ ئۇقۇغان. ئەمما ئاچچىغىمدا ھۇرپىيىپ تۇرۇپ، ئۈزەم تۇنۇمايدىغان ئاللىكىملەرنى تىللاپ تۇرۇپ ئاخىرلاشتۇردۇم. چۇنكى ئوچىرىك شۇنداق يىزىلغان ئىكەن. ئېسىمدە قېلىشىچە، ئۇ ئوچىرىكتا ئوتتۇرغا قويۇلغان نەزىرىيە توغرىلىق قىسقىچە چۈشەنچە بىرىلگەن، تەپسىلىسى يوق، بەلكىم تەپسىلىسىنى يازساقمۇ خەق چۈشەنمەيدۇ دىگەنمۇ ياكى يازغۇچى سەۋىيسى يەتمىگەنمۇ ئوخمىدىم. شائىرنىڭ پەزىلىتى، ئىقتىدارى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. بولغان ئىشلار بىرەر قۇر يېزىلغان. لېكىن ئاخرىدا كىلىپ بۇ يازغۇچىمىز مىڭ بىر جاپادا بىر نەزىرىيەنى ئوتتۇرغا چىقارسا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى فىزىكا فاكولتىدىكىلەر ئۇنىڭغا ئىككى ئېغىز چىرايلىق گەپ قويۇپ باشقا ياردەمدە بۇلمىدى، بەزىلەر سۇغۇق گەپ قىلدى دىگەندەك تەنە گەپلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان. ماقالىنىڭ بىرنەچچە يىرىدە ئوچۇق ھالدا بۇ نەزىرىيە قوللاشقا ئىرىشىپ قالسا بىر ئۇيغۈرنىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشىش مۇمكىنچىلىگى بارلىغىنى سۈزلەپ ئۈتكەن. مەقسەتلىك ھالدا ئوچۇق ياكى يۇشۇرۇن ھالەتتە بۇ ئىشقا ئارلىشىپ قالغان فىزىكىچىلارنىڭ بۇ نەزىرىيەنى خەلقاراغا تۇنۇشتۇرۇشقا ياردەمدە بۇلمىغانلىغىغا ئاچچىغى بارلىغىنى بىلدۈرگەن. شۇنداق قىلىپ جەميەتتە بۇ گەپلەر بىر ھازا مودا بولۇپ توختاپ قالدى. ”“پوقنى ئۇخمايدىغان فىزىكىچىلار“" دەپ تازا تىللىدۇق. ”“گۈھەر ياتىدۇ سايدا، تۇنۇمىساڭ نىمە پايدا“" دەپ ئۈزىمىزنىڭ ئادەملىرى ئۈزىمىزگە ياردەم بەرمىسە كىم ياردەم قىلىدۇ دەپ قاخشىدۇق. بەلكىم بۇ ئىشلارنى چوڭلار مەندىن ياخشى بىلىدۇ. كىيىن چوڭ بۇلغاندىن كىيىن ئويلاپ باقسام مەن ”“نوبىل مۇكاپاتى“" دىگەن تىمىدا سۈزلەپ ئۈتكەن گەپلەر بىلەن ئوخشاش ئىشلاركەن خالاس. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشقا بۇلغان كۈز قارىشىمنى ئۈزگەرتتىم.
ۋەقەنىڭ ئىرىشكەن نۇمۇرى:
ۋەقەنىڭ خىيالىلىق دەرىجىسى : 6
تەسىر كۈرسەتكۇچى: 5
زىيان كۈرسەتكۇچى: 3
Jeck ئىندىكسى: 0.33
ۋەقە 2: ئۇيغۇردىن ئەۋلىيا چىقتى
بۇمۇ 90-يىللاردا ئۇيغۇر جەميىتىدە تازا داۋراڭ بۇلغان ”“قىززىق نوقتا“" مەسىلىلىرىنىڭ بىرى. ھازىر سەل بېسىقىپ قالدى. شۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر جەميىتىدە قۇربانجان دەپ بىرسى تۇيۇقسىز ”“ پەيدا بولۇپ“" ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ”“كارامەت“" لەرنى كۈرسىتىپ ھەممەيلەننىڭ ئېغىزىنىڭ ئېچىلىش- يىمىرلىش بۇلۇڭىنى 60 گىرادوستىن ئاشۇرۋەتتى. ھە، بۇ شۇنداق ئىشلارنى قىلالايدىغان ئانچە مۇنچە سىھىرگەرلىك، سىرىكچىلىك ئىشلىرىنى بىلىدىغان ئادەم ئوخشايدۇ دەپ ئويلايلى دەپ بۇلغۇچە ئۇنىڭ كارامەتلىرى مەتبۇئاتلىرىمىزنى بىر ئېلىپ ئۇ تۈز سىزىق بۇيىچە ئۇيغۇر يۇقىرى قاتلام جەمىيتىگە سىڭىپ كىرىپ تىڭجاڭ، جۇجاڭ، ۋالىلىرىمىزنىڭ سورۇنىدىن ئورۇن ئالدى. گىزىت ژورناللار بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى باستى. ئەڭ كۈلكىلىك يىرى شۇكى، مىللەتنىڭ ئوتىدا كۈيۈپ كۈل بىلىدىغان يازغۇچى شائىرلىرىمىزنىڭ بىرسى خىجىل بۇلماي بىر نىمە ئەۋلىيا دەپ مەخسۇس كىتاپ يېزىپ تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى شىمالىنىڭ ھەممە يىرىدە تارقىتىلدى. ”“ ئۇ كىچىك ۋاختىدا جاڭگالدا ئېزىپ قېلىپ ئۇخلاپ قالغان، ئۇيغانسا ئۇ ئۈزىدە شۇنداق ئالاھىدە ماھارەتنىڭ بارلىقىنى بايقىغان“" دىگەندەك گەپلەر بىلەن ئۇنى سىرلىقلاشتۇرۇپ ئۇنىڭغا ”“ئەۋلىيا“" لىق ئۇنۋانىنى بەردى. ئۇنىڭ يەنە كىسەل داۋالايدىغان ھۈنىرى بارلىقىنى تازا تەشۋىق قىلىپ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق دوختۇرخانىلارنىڭ كىرىمىگە زىيان سالدى….بۇ گەپلەرنى سۈزلەپ كەلسەك جىق. مەن تۇنۇيدىغان بىرسى شۇنىڭغا خوتۇنىنىڭ كىسىلىنى كۈرسىتىمەن دەپ ئۈرۈمچىدە نەچچە كۈن ساقلاپ، ئاران كۈرۈشۇش پۈرسىتىگە ئىرىشكەن، كىيىن ئۇ ئەۋلىيا ئۇنىڭغا بىر دۇرۇتلەرنى ئوقۇپ ”“سۈھ“" دەپ قويغان. ئەمما ئۇ تازا ”“سۈھ“" لىمىگەن چېغى ، ئۇنىڭ خوتۇنى قايتىپ كىلىپ ئۇزۇن ئۈتمەي ئۈلۈپ كەتتى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇ مەلۇم كىسەللەرنى داۋالىغانمىش، شۇنداقلا ئۇنىڭغا كىسەل كۈرستىشنى ئارزۇ قىلىپ يۈرگەن ئادەملەرمۇ خىلى جىقمىش. شۇلارنىڭ ئىچىدە زىيالىلارمۇ ياكى شۇلارنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىمۇ خېلى جىق.
Jeck تەھلىلى: . دۇنيادا بەزىبىر ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئانچە مۇنچە ئالاھىدىراق ئىكەنلىگىنى ئىنكار قىلغىلى بۇلمايدۇ. جىنىس رىكورتلىرىنى ئوقۇسىڭىز بۇنداق گەپلەرنى جىق كۈرىسىز، يەنە دۇنيادا نۇرغۇنلىغان سىرىكچىلەر بار. سىھرىگەرلەر بار. بىر سىھرىگەر بېيجىڭدا سەددىچىن سېپىلىنىخەقنىڭ كۈزىدىن يۇقىتىۋەتتى. ئامرىكىلىق، ياپۇنلۇق بەزىبىر سىھرىگەرلەرنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى كۈرسىڭىز ئەقلىڭىز لال بۇلىدۇ. لېكىن باشقا خەلىقلەر بۇنداق نەرسىلەرنى كۈرسە ”“ھە، شۇ مۇشۇنداق بىر سىھرىگەركەن خالاس“" دەپ قويۇپ ئۈزىنىڭ ئىشىنى قىلسا بىزنىڭ خەقلىرىمىز بۇنىڭغا ئىشىنىپ يۈردى. قانداقلا بۇلسۇن بۇ يەردە قۇربانجاننىڭ قانداق ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە بۇلغانلىغى مۇھىم ئەمەس. بۇ يەردىكى قىززىق مەسىلە شۇ ۋاقىتتا بۇ گەپ جەميەتتە بىر بۇلدى. زىيالى دىگەن شۇنداق بۇلامدا؟ ”“خەلىقنىڭ ئوتىدا كۈيۈپ كۈل بۇلىدىغان“" يازغۇچىلىرىمىز ئاشۇنداق ئۈزى بىلىپ تۇرۇپ خەلىقنى ئەگرى يولغا باشلاپ خاتا تەشۋىقات ئېلىپ بارامدا؟ توۋا دەيمەن، ئاشۇ ئەۋلىيا دەپ كىتاپ چىقارغاندا مۇھەررىرلەر، يەنە بىر كىملەر، نەشىرىيات باشلىقلىرى ئازراق ئويلىنىپ باقمىغاندىمۇ. گىزىت، ژورناللاردىكى ”“مەسئۇلىيەتچان“" مۇھەررىرلىرىمىز قېنى. ”“بىر سىھرىگە كىسەل داۋالىسا بىزنىڭ بىچارە ئۇغۇل قىزلىرىمىز تىببى داشۇدە 7 يىل ساراڭمۇ ”“ دەپ ئويلىمىغاندىمۇ. دۇنيادىكى شۇنچە مىليۇنلىغان دوختۇرلار بېشى قىززىپ قالغاندىمۇ، ئۇلار ئاۋارە بولۇپ يۈرگىچە بېرىپ ئالاھىدە ئىقتىدار ئۈگەنسە بۇلمىدىمۇ. قىسقىسى بۇ ئىشتا ئاشۇ كىتاپ، ماقالىلەرنى يېزىشقا ياردەملەشكەن يازغۇچى، مۇھەرىر. تەھرىر ، نەشىرىيات باشلىقلىرى ئېغىر دەرىجىدە مەسئۇلىياتسىزلىك قىلىپ بىۋاستە بولمىسىمۇ ۋاستىلىق ھالدا جەميەتتە خاتا داۋالغۇش پەيدا قىلدى. بىر مۇنچە ئادەملەرنى بىھۇدە ئاۋارىچىلىققا ئۇچراتتى. يەنە بۇ ئىش قاملاشمىدى دەپ ئويلىغان بىرەر يازارمەنمۇ مەتبۇئاتتا بىرەر نەرسە يېزىپ ”“بۇ بۇلمىدى دىمىدى. پۈتۈن جەميەت دىھقانلىرىمىزنىڭ قان تەر بەدىلىگە كەلگەن پۇلىنى سىھرىگەرگە بىرىشىگە يانتاياق بولدى. خالايىق، كاللىمىزنى سىلكىۋىتىپ ئويلىنىپ باقايلى“" دىمىدى. خاتا ئىشنى كۈرگەندە ”“بۇلمىدى“" دىيىش ئىقتىدارى بولۇپ تۇرۇقلۇقمۇ سۈكۈت قىلىپ تۇرۇش شۇنى قوللىغانلىق بىلەن باراۋەر. شۇ ۋاقتلاردىمۇ تېخى بىزدە ”“ ئۈزىنى مىللەتكە ئاتىغان“" يازغۇچىلىرىمىز نۇرغۇن ئىدىغۇ. زىيالىلىرىمىز نۇرغۇن ئىدىغۇ؟
ۋەقەنىڭ ئىرىشكەن نۇمۇرى:
خيالىلىق كۈرسەتكۈچى: 8
تەسىر كۈرسەتكۇچى: 7
زىيان كۈرسەتكۇچى:7
Jeck ئىندىكسى: 0.54
ۋەقە 3. 21-ئەسىردە ئۇيغۈر تىلى دۇنيا تىلى بۇلىدۇ.
96-يىللىرى بۇلسا كىرەك. ئۇ ۋاقىتتا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتدا ئۇقۇۋاتاتتىم. ئالدى بىلەن جەميەتتە كىيىن مەتبۇئاتتا خەۋەر، ئۇبزۇرلار بىرىلىپ پىچاندىنمۇ بىر يەردىن بىر دىھقان تىلشۇناسنىڭ چىققانلىغى، ئۇنىڭ ئتىزلىقتا دوم يېتىپ يۈرۈپ ، توپىلاڭدا تۇپىغا مىلىنىپ يۈرۈپ ھازىرغىچە 5 خىل تىلنى پىششىق ئىگىلىگەنلىگى تونۇشتۇرۇلدى.ئەگەر راستىنلا شۇنداق بۇلسا ھەقىقەتەن قابىلىيەتلىككەن دەپ ئويلىدىم. لېكىن شۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر قاتار خەۋەرلەر بىرىلدى. دىيىلىشىچە، ئۇ بۇ تىللارنى ئۈزلۈگىدىن ئۈگىنىش جەريانىدا تىللارنى ئۈز ئارا سېلىشتۇرۇپ ئۈگەنگەن. سېلىشتۇرۇش جەريانىدا يەنە ئۇيغۇر تىلىنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكى، ھەرقانداق تاۋۇشنى قىينالمايلا چىقىرالايدىغانلىغىنى بايقىغان. ۋە بۇ تۈغرىلىق ئىلمى تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ سىستىمىلاشتۇرۇپ ماقالە يېزىپ خەلقارا يىغىنغا تاپشۇرۇپ ئۇلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشكەن. ۋە ئىككى قېتىم شىۋىتسىيەدىمۇ بىر يەردە ماقالىسنى ئوقۇپ شۇ يەردىكى تىلشۇناس ئالىملارغا ئۈزىىنىڭ كۈز قارىشىنى بايان قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇ تىلشۇناس ئالىمىمىز ھازىر مۇشۇ نىشانى ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. ئۇ يەنە بۇ يىغىنغا بىر قېتىم قاتنىشىپ تىلشۇناسلارنىڭ ماقۇللىغىدىن ئۈتكۇزسىلا ئۇيغۈر تىلى 21-ئەسىردە دۇنيا تىلى بۇلىدۇ. شۇ چاغدا مۇشۇنداق گەپلەر جەميەتنى بىر ئالدى. ئۇ ئالىمىمىزنىڭ قانداق قىينىلىپ بەش خىل تىل ئۈگەنگەنلىگى، يىغىندا قانداق سۈزلىگەنلىگى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەر قاندا تاۋۇشنى چىقىرالايدىغان، نىمە ئوقۇسا شۇنى يازالايدىغان بۇلغانلىغى ئۈچۈن خەلقارا تىل بۇلۇش ئۈلچىمگە ئۇيغۇن كىلىدىغانلىغى دىگەندەك گەپلەر ھەممەيلەننى ھاياجانغا سالدى. ئۇنى مەھمۇت قەشقىرىدىن كىيىن چىققان ئىككى تىلشۇناس دەپ ئاتىدى. ژورنال، كىتاپلاردا نىمە يازسا شۇنىڭغا پۈتۈنلەي ئىشىنىدىغان بىزلەر بۇ گەپكە شەكسىز ئشەندۇق، كىيىن قاراپ باقسام بىزلەر ئەمەس كۈپ سانلىق ئۇيغۇر جامائىتى بۇ گەپكە ئىشىنىپتۇ. ھاياجانلىنىپ ھەر يەردە سۈزلەپ يۈردۇق. دىمىسىمۇ بىزنىڭ تىلىمىز 21-ئەسىردە دۇنيا تىلى بولسا نىمە دىگەن پەخىرلىنەرلىك ئىش. بىز يەنە چەتئەل تىلى ئۈگىنىمىز دەپ ئاۋارە بولۇپ يۈرمەيمىز. ئۇ ۋاقىتلاردا مىنىڭ ئىنگىلىز تىلىدىن ئەمدى A, B, C لەرنى ئۈگىنىشكە باشلىغان، يىڭى ئوقۇم ئىنگىلىز تىلى كىتاۋىنىڭ بىرىنچى قىسمىدىكى دىيالوگلارنى يادلاپ بۇلالماي يۈرگەن ۋاقتىم ئىدى. ئادەم ئۈزى ياخشى قىلالمىغان ئىشنى باشقىلارنىڭ ياخشى قىلغىنىنى كۈرسە ئۇ ئادەمگە ناھايتى قايىللىقى ئاشىدۇ. شۇڭا مەنمۇ ئۇ ئادەمگە ناھايتى قايىل بولدۇم. مەن بىر تىلنى ئۈگىنەلمەي يۈرۈيمەن، ئۇ بەش خىل تىلنى ئۈگىنىپتۇ ،دەپ ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىغا قايىل بۇلدۇم. دۇنيانى چۈشەنمىگەچكە ئۇيغۇر تىلى دۇنيا تىلى بۇلسا نىمە دىگەن ياخشى دەپ ياتاقتا كىچىچە ئۇخلىماي چۈش كۈرۈپ چىقتۇق. ئۇ چاغ ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسىنىڭ تەشۋىقات تارمىقىدا ئىشلەۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى. شۇ ئادەمنى تېپىپ لىكسىيە سۈزلىتىمىز دەپ يۈردۇم. شىنجاڭ مائارىپ شۇيۇۋەنىدىن بىرسى كىلىپ ئۇلارنىڭ ئۇ ئادەمنى تەكلىپ قىلىپ سۈزلەتكەنلىگىنى، ئۇ ئادەمنىڭ ھازىر 3-قېتىم يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىغىنى، ئەمما پۇلى بۇلمىغاچقا چىقالماسلىق خەۋپى بارلىغىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ جەميەتتە ئىئانە توپلاۋاتقانلىغىنى دىگەندە قىلچە ئىككىلەنمەي يانچۇقۇمدا بار پۇلۇمنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا ئاتىدىم. يەنە كىيىن بىر سۈزمەن ئاغىنمىزگە ئەگىشىپ ئۇ ئاكاشنىڭ دۇۈڭكۈرۈكتە تۇرۇۋاتقان كىچىك كاتەكتەك ئۈيىگە بېرىپ پاراڭلىشىپ كەلدۇق. ساتارنى ياخشى چالىدىكەن. ساتارنىڭ مۇڭىغا ئەگىشىپ خىيالىمىز 10 ئەسىر بۇرۇنقى مەھمۇد قەشقىرى دەۋرىگە كەتتى….
Jeck تەھلىلى: كىيىن مەنمۇ تىل ئۈگەندىم، بىر تىلنى پوننى بىلىدۇ دىگەن گەپنىڭ قانچىلىك ۋەزنى بارلىغىنى بىلدىم. مەن ھازىرمۇ تېخى ئىنگىلىس تىلىنى پوننى بىلىدۇ ئەمەس ياخشى بىلىدۇ دەپ ئاتاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايمەن. ھاجىتىمدىن چىقالايمەن دەپ قارايمەن خالاس. مىنىڭچە ئۇ ئاكاشنى 5 خىل تىلنى پوننى بىلىدۇ دەپ تەشۋىق قىلىش پۈتۈنلەي مۇبالىغىلەشتۇرغانلىق ئىكەن. مەن ھازىر ئۇ ئاكاشنىڭ 5 خىل تىل ئەمەس شۇنىڭ ئىچىدىكى خالىغان بىر تىلىنى پوننى بىلىدىغانلىغىدىن گۇمانلىنىمەن. شۇ تىلنى ئىشلىتىدىغان دۈلەتتە بىرەر يىل تۇرۇپ مەخسۇس شۇ تىلنى ئۈگىنىپ باقماي ئېتىزلىقلاردا يۈرۈپ بىر تىلنى پوننى ئىگەللەش مۇمكىنچىلىگى ئاز. يەنە ئۇيلاپ باقسام ئەمىلىيەتتە ئۇ ئاكاشنىڭ دىگەنلىرى ئىنگىلىس تىلى ئۈگىنىۋاتقان ھەممەيلەننىڭ بېشىغا مۇنداقلا كىلىپ قالىدىغان خىيالكەن خالاس. بىزمۇ دەسلەپ ئۈگەنگەندە ئىنگىلىس تىلىنى ئوقۇشتا بىر خىل ئوقۇپ يېزىشتا بىر خىل يازغىلى تۇرسا نىمانداق قالايمىقان دەپ ئويلىغان. كىيىن ئاستا ئاستا كۈنۈپ كەتكەن. لېكىن دىگەن گەپلەر راس بولسا ئۇ مۇشۇلارنى سەل نەزىرىيەلەشتۈرۈپ چىققانىكەن. بۇلارغۇ توغرا چۈشىنىشلىك. قىززىق يىرى لېكىن ئۇ ئۇيغۇر تىلى دۇنيا تىلى بۇلىدۇ دەپ بەرسە جەميەتتىكى ھەممەيلەننىڭ شۇنىڭغا داپ چالغىنى. بىلمەيدىغانلارغۇ مەيلى ئىشنىپ شۇنى قوللاپ كىتىۋەردۇق. شۇ ۋاقىتلاردىمۇ چەتئەلگە چىققانلار، ئىچكىرنى كۈرگەنلەر جىقتى. شۇلارنىڭ بىرسىمۇ قوپۇپ ئوچۇق ھالدا ”“ ھەي ئادەملەر، قۇرۇق ھاياجانلانماڭلار، ئۇيغۈر تىلى دۇنيا تىلى ئەمەس شىنجاڭنىڭ تىلى بىر بولسۇن ئاۋال“" دىگەن گەپنى قىلمىدى. خۇلاسە كالام، ئۇزاق ئۈتمەيلا مەن ئىچكىرگە كىتىپ بۇ ئىشلارنىمۇئۇنتۇپ قالدىم. 4 يىلدىن كىيىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كىلىپ خىزمەتكە چۈشسەم ئاللىقاچان ئۇنۋېرسىتىتا ئۇيغۇر تىلىدا دەرىس سۈزلەش ئەمەلدىن قالدۇرلۇپتۇ، بۇ دەل 21-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يىلى ئىدى. 21-ئەسىردە دۇنيا تىلى بۇلىدىغان تىل ئۈز خەلقى ياشاۋاتقان جايدا رولىنى يوقاتقىلى تۇرۇپتۇ. ئىككى ئۈچ يىلدىن كىيىن مانا ھازىر ئوتتۇرا -باشلانغۇچتىمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسى تىل بولۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغىلى تۇردى. شۇ ۋاقىتتا ئاشۇ خەۋەرلەرنى . ئوبزۇرلارنى يېزىپ بىزنى قۇرۇق ھاياجانلاندۇرغان ئاشۇ يازغۇچىلار نەگە كەتكەندۇ؟ ئەجەپ مۈكۈۋاپ غىڭ قىلمايدا ھازىر؟
ۋەقەنىڭ ئىرىشكەن نۇمۇرى:
خيالىلىق كۈرسەتكۈچى: 10
تەسىر كۈرسەتكۇچى: 8
زىيان كۈرسەتكۇچى:3
Jeck ئىندىكسى: 0.78
ۋەقە 4. ئۇيغۇر تىلى كومپىيۇتېرغا ماس كەلمەيدۇ، شۇڭا يېزىق ئۈزگەرتىش كىرەك.
90-يىللارنىڭ كىينكى يېرىمىدا كومپۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرچە ئوچۇرلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئىھتىياجىنىڭ ئېشىپ بېرىشغا ئەگىشىپ يېزىق مەسىلىسى ئەڭ قىززىق نوقتىغا ئايلاندى. لېكىن بۇ قىززىق نوقتىنىڭ ئەق قىززىق يىرى ”“ يېزىقىمىزنى قانداق قىلىپ كومپۇتېردا ئىپادىلەيمىز“" دىگەن مۇنازىرە بۇلماستىن بەلكى ”“يېزىقىمىز كومپۇتېردا ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدۇ، شۇڭا يېزىق ئۈزگەرتىش كىرەك“" دىگەن گەپ بۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇرۇندىن تارتىپ يىڭى يزىققا مايىللار، يېڭى يېزىق دەۋرىدە مەكتەپ ئوقۇغانلار، مىنكوخەن، چەتئەلدە ئوقۇغانلار بۇ مۇنازىرىگە قاتنىشىپ يەنە بۇنڭغا ھەرخىل سەۋەپلەرنى قاتتى. گەرچە كىيىن قېتىلغان سەۋەپلەرنىڭ خېلى قايىل قىلارلىق يىرى بۇلسىمۇ ئەمما شۇ ۋاقىتتا يېزىق ئۈزگەرتىش تەرەپدارلىرىنىڭ ئىلمى ئاساسىنىڭ مۇھىملىرىدىن بىرسى ”“ئۇيغۇر يېزىقى كومپۇتېرغا ماس كەلمەيدۇ، چۇنكى ئۇ ئۇڭدىن سولغا يېزىلىدۇ، شۇڭا تىل ئۈزگەرتسەك بۇ قىيىنچىلىق ئۈزگىرىدۇ“" دىگەندىن ئىبارەت. يەنە كىلىپ بۇ گەپ يۇقىرى قاتلام زىيالىلىرىمىزنىڭ ، ھەتتا كومپىيۇتېر ئۇستازلىرىنىڭ ئاغزىدىن چىقتى.
Jeck تەھلىلى: بۇ يېزىق تالاش تارتىشىشى چوڭ جەھەتتىن توختاپ قالغان بۇلسىمۇ ئەمما كىچىك جەھەتتىن ئانچە مۇنچە داۋاملىشىۋاتىدۇ. مەيلى قايسى تەرەپ بۇلمىسۇن ھەممەيلەن مىللىتىمىزگە ياخشى بۇلسۇن دەيدۇ. لېكىن قويغان ئاساس ئادەمنى قايىل قىلارلىق بولغىنى ياخشى . شۇ ۋاقىتتا يۇقىرى قاتلام زىيالىلىمىز خەنزۇچە، ئەرەپچە دىگەندەك يېزىقلارنىڭ بىر تەرەپ بۇلغىنىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ يەنە خىجىل بولماي بىزنىڭ يېزىقىمىز كومپۇتېرغا ماس كەلمەيدۇ دەپ داۋراڭ سالدى.كومپۇتېر دىگەن ئۇيغۇرچە، ئىنگىلىسچە دەپ بىر نىمىنى تۇنۇمايدىغانلىغىنى، پەقەت 2 لىك سىستىمىدىكى سانلارنى تۇنۇيدىغانلىغىنى، ھەر قانداق ئوچۇر ئاشۇ ئوچۇرلارغا ئايلاندۇرۇلسا كومپۇتېرنىڭ ئۇن بىر تەرەپ قىلالايدىغانغىلىنى ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە سېلىۋالدى. تىلىمىزنىڭ تىل قۇرۇلمىسى ئاددى، خەنزۇچىگە قارىغاندا مىڭ ھەسسە ئاسان دەپ ئويلايمەن، چەتئەلگە چىقىپ قارىسام ئۇستىدىن ئاستىغا يازىغان مىللەتنىڭ يېزىقىنىمۇ كومپۇتېر بىر تەرەپ قىپتۇ. شۇ ۋاقىتتتا بۇنداق قۇرۇق تالىشىپ يۈرگىچە ، ھۈكۈمەتكە لاھىيە سۇنۇپ يېزىق ئۈزگەرتىلى دەپ يۈرگىچە، بىرەر يۈز ئادەمنى يىغىپ ھۈكۈمەتكە ”“ ئۇيغۇر يېزىقىنى جىددى بىر تەرەپ قىلمىساق بۇلمايدۇ ”“ دەپ دوكلات يېزىپ بىرەر يىلغىچە تولۇق بىر تەرەپ قىلىپ، تولۇق ئۈلچەم چىقىرىپ، ئۈلچەملىك كىرگۇزگۇچنى ئومۇملاشتۇرۋەتكەن بۇلسا شۇنىڭدىن كىيىن چىققان كود تونۇماسلىق قالايمىقانچىلىقلىرىمۇ چىقمايتتى، بۇ قالايمىقانچىلىق تاكى ھازىرغىچە سۇزۇلىۋاتىدۇ. كىيىن ئادەتتىكى ھەۋەسكارلارمۇ قېتىقىنىپ يۈرۈپ بۇنىڭغا جىق كۈچ سىڭدۇردى، مانا ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقانداق يىرىدە ھىچنىمە قاچىلىماي ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەرنى كۈرۈۋىرىمەن. ئاشۇ ئىشلارنى ئويلىسام خەنزۇ رىۋايەتلىرىدىكى ”“يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۈتكىشى“" دىگەن مەسەل ئىسىمگە كىلىدۇ. ئاشۇلارنىڭ پىرىنسىپى بويىچە كىيىم ماڭا قىسقا كەل قالسا مەن پۇتۇمنى كىسىۋېتىشىم كىرەك. شەپكەم چېچىمنى ياپالمىسا چېچېمنى كىسىۋېتىشىم كىرەك. 95-يىلى ھەتتا بىل گېيتىس ئۇرۇمچىگە زىيارەتكە بارغاندىمۇ مەيلى ھۈكۈمەت تەرەپ ياكى كىيىن ULY تۈزىمىز دەپ ھەپىلىشىپ يۈرگەن تىلشۇناس، كومپۇتېرشۇناسلىرىمىز بولسۇن سىستىمىدا ئۇيغۇرچە بىر تەرەپ قىلىش توغرىلىق رەسمى تەلەپ قىلمىغان. مانا كىيىن بولغان قالايمىقانچىلىقلار ھەممەيلەنگە تەسىر قىلدى. كومپۇتېردا ئۇيغۇرچە ئەمدى تېخى ئانچە مۇنچە ئومۇملىشىۋاتىدۇ.يەنە بەزىلەر 8 مىليۇن خەلقىمىز ئشىلىتىۋاتقان يېزىقنى كىرگۇزۇشكە ئىككى سائەت ۋاقىت چىقىرىپ ئۈگىنىپ قويۇش خوشياقماي ھەر خىل بانا سەۋەپلەرنى تېپىپ ئۇنى ئىشلەتمەيۋاتىدۇ. ئەسلى كومپۇتېر دىگەن نەرسە چىققان شۇ ۋاقىتتىلا ئۇيغۇرچىنى بىر تەرەپ قىلىپ ئومۇملاشتۇرۋەتكەن بۇلساق كىيىن ھىچكىم ھىچقانداق قىيىنچىلىق ھىس قىلمايتتى. بۇ ئىشلارنىڭ زىيىنى قانچىلىك داۋاملىشىدۇ خۇدا ئۈزى بىلىدۇ.
يەنە بىر قىستۇرۇپ قويىدىغان يەر، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتدا تىل ئىسلاھاتى بۇلغاندا ئالدى بىلەن تىل فاكولتىتىدىكى بىر قىسىم پىروفىسسورلار، مىنكۇخەنلەر، ياكى خەنزۇ تىلىغا مايىللار مەخسۇس ”“تەتقىقات“" ئېلىپ بېرىپ، بۇ ئىشلارنى نەزىرىيە ساھەسىگە كۈتىرىپ، ئىلمى ماقالە، دوكلات يېزىپ ”“ مانچىلىك ئوقۇغىچىغا دەرىس ئۈتتۈم، ئۇيغۈرچە دەرىس ئۈتسەم ئىمتاندا مانچە نۇمۇر ئالدى، خەنزۇچە دەرىس ئۈتسەم مانچە نۇمۇر ئالدى“" دىگەندەك ئاساسلارنى تەييارلاپ بۇ ئىشلارنى جان دىلى بىلەن قوللىدى. ئۇلارنىڭ دوكلاتلىرى كىيىن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتى ئىلمى ژورنىلى دىگەندەك بىر قىسىم ژورناللاردىمۇ ئىلان قىلىندى. ئىزدىسەڭلەر تاپالايسىلەر. قاراپ باقسام پاكىت دەپ ئوتتۇرغا قويغان گەپلىرىنى پاكىت دىگىلىمۇ بۇلمايدۇ. خەنزۇچە ئۈگىنىدىغان بالىلارنى سىناق قىلسا دەرىسنى ئەلۋەتتە خەنزۇچە سۈزلىسە ياخشى بۇلىدۇ-دە. يەنە بىر قىسىم داڭگال پۇتى پاكىتلىرى بار. بۇ ئىشلار شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىدىلا توختاپ قالغان بۇلسا يەنە مەيلىتى، 3-4 يىل ئۈتە ئۈتمەيلا مانا تاس قالدى يەسلىگىچە كىڭەيگىلى. ئاشۇ مىللەت سۈيەر پروفىسسورلار بىرگە بىرنى قوشسا ئىككى بۇلىدىغانلىغىنى، بىر قېتىم قوشسا ئىككىنچى ، ئۈچىنچى قېتىم يەنە قاتقىلى بۇلىدىغانلىغىنى، كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈننىڭ ئاخىر مۇزاينىڭ بېشغىمۇ كىلىدىغانلىغىن بىلمەمدا؟ ئاشۇنداق ئىلمى ماقالىلارنى يېزىپ بۇ ئىشقا نەزەرىيۋى ئاساس يارىتىپ بەرگەنلەر تا ھازىرغىچە يەنە سورۇنلاردا بۇ ئسلاھاتنى بىز باشلىغان دەپ پو ئېتىپ ئۈزىنى مەغرۇر ساناپ يۈرۈيدۇ. بۇ دۇنيا كۈزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك جاھان. بىرەر دەملىك ”“يۈز ئابروي“" ئۈچۈن، جۇڭگۇدىكى ئەڭ تۈۋەن دەرىجىلىك بىر ئەمەل ئۈچۈن، بىرەر ئىلمى ماقالە ئۈچۈن ئۈزىنىڭ مىللىتىنىڭ تىلىنى ئۈزگەرتىشكە جان دىلى بىلەن نەزىرىيۋي ئاساس يارىتىپ زور تۈھپە قاتقانلارنىڭ جازاسىنى خۇدايىم ئۈزى بىرەر.
ۋەقەنىڭ ئىرىشكەن نۇمۇرى:
خيالىلىق كۈرسەتكۈچى: 6
تەسىر كۈرسەتكۇچى: 9
زىيان كۈرسەتكۇچى:10
Jeck ئىندىكسى: 0.88
ۋەقە 5. غەرىپ بىزگە دۈشمەن، تەرەققىيات بىزگە ماس كەلمەيدۇ.
90-يىللاردىن بۇيان ئامرىكا باشچىلىقىدىكى غەرىپ دۈلىتىنىڭ ئ.وتتۇرا شەرىق بىلەن بولغان توقۇنۇشى كۈچىيىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ شەرىق، غەرىپ مەدىيىتى توقۇنۇشىدۇ، ئىسلام بىلەن غەرىپ چوڭ كۈلەمدە ئورۇشىدۇ دىگەن كۈز قاراش ھەر يەردە ئېقىپ يۈردى. دۇنيادىكى بەزى نۇپۇزلۇق مۇتەخەسىسلەر بۇنى ھەرخىل مۇددىئا بىلەن نەزىرىيە سەۋىيسىگە كۈتۈرۈپ چىقتى. ھەر خىل كىتاپلار چىقتى. مەدىنىيەتلەر توقۇنۇشى نەزىريىسى ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر. بۇ توغرىلىق مەن بۇرۇن ناھايتى تەپسىلى تۈختىلىپ ئۈتكەن بۇلغاچقا بۇ يەردە تەكرارلىمايمەن. قىززىققانلار مىنىڭ ئىلخاتىرەمگە كىرىپ“" ئا. جالالىدىنغا: مەدىنىيەتمۇ، مەنپەئەتمۇ“" دىگەن يازمامنى تولۇق ئۇقۇپ باققاي. ھازىر قىستۇرۇپ ئۈتىدىغىنىم شۇكى يىقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىرىدا غەرەزلىك ياكى غەرەزسىز ھالدا ”“تەرەققى قىلمىغاندا ئۇرۇق تۇققانلار كۈندە يوقلىشىپ تۇراتتۇق، ھازىر يىراقلىشىپ كەتتۇق، دىيەنشى بىزنى بۇزىۋەتتى، بۇزۇقچىلىققا تولغان ئۈرۈمچى، ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاقنانچى، قىزلىرى پاھىشە“" دىگەندەك سۈزلەر ھەر ئايدا ئۇچراپ تۇرىدىغان بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇرمەنلەردە سىتىخىيلىك ھالدا تەرەققىيات دىسە ئۈچ كۈرىدىغان، غەرىپ دىسە غەزەپلىنىپ تىترەيدىغان ھال شەكىللىنىپ قالدى. بۇرۇنقى سۇغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە ئىدىئولوگىيە ساھەسىنى قوغداش ئۈچۈن پەيدا بۇلغان :چىرىپ كەتكەن غەرىپ، چىرىپ كەتكەن غەرىپ ئىدىيسي“" دىگەندەك گەپلەر تۇرۇپ يەنە مودا بۇلۇشقا باشلىدى. بۇ گەپلەرغۇ ئۈز ۋاختىدە سىياسى مۇددىئا بىلەن چىققان. ھازىر جۇڭگۇمۇ مۇشۇ چىرىپ كەتكەن غەرىپتىن ئۈگىنىپ تىز تەرەققى قىلىۋاتىدۇ، يەنە مۇشۇ چىرىپ كەتكەن غەرىپ بىلەن بىر ئارازلىشىپ قالمايلى دەپ 7 ئۈلچەپ بىر كىسىدۇ. چىرىپ كەتكەن دۈلەتنىڭ تەرەققى قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، دۇنيا بۇيىچە ئەڭ كۈچلۇق بۇلالىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. بىزنىڭ كاللىمىزغا غەرىپ دىسە ئەخلاق بىرىنچى بۇلۇپ كىلىۋالىدۇ، يالىڭاچ قىزلار، كۈندە ئەيشى ئىشرەتلا كۈز ئالدىمىزغا كىلىدۇ. ئادەم نىمىنى جىق ئويلىسا شۇ ئالدى بىلەن خىيالىغا كىرگەنگە ئوخشاش. مىنىڭچە يازارمەن يازغۇچىلىرىمىز يازغاندا يەنە مەدىنىيەت ئىنقىلاۋى دەۋرىدىكىدەك خەقنى تىللاۋەرمەي تىللايدىغاننى تىللاپ ماختايدىغاننى ماختاش كىرەك. سەت كۈرۈنگەن نەرسىگىلا ئېسلىۋەرمەي ئىسىل نەرسىلىرىغىمۇ ئېسىلىش كىرەك. ئىسل نەرسىلىرى كۈپ، ئەسكى يەرلىرى ئاز بولسا بۇنداق يەردىن ئۈگىنىشكە دەۋەت قىلىش كىرەك. بىزنىڭ پىروفىسسورلىرىمىز 8 سائەت ئىشلىسە بۇلارنىڭ 12 سائەت ئىشلەيدىغانلىغىنى، بىزنىڭ بالىلىرىمىز كۈندە ناخشا ئۇسۇل كۈرسە بۇلارنىڭ بالىلىرى ”“discovery“", ”“ History“" ”“family“" دىگەندەك قاناللارنى كۈرىدىغانلىغىنى بىلدۈرۈپ قويىشىمىز كىرەك. غەرىپنىڭ بىز ئۈگىنىدىغان يەرلىرى تېخى ئىنتايىن كۈپ. بىز قىزلىرىنڭ قىسقا يوپكا كەيگىنىگە، بىر ئىشلاردا خىجىل بولۇپ كەتمەيدىغىنىغا قاراپلا غەرىپنى ئەسكى، ئۇنداقچى، مۇنداقچى دەپ تىللاپ ئاۋام خەلىققە يوق بىر دۈشمەن پەيدا قىلىپ بەرگەننىڭ پايدىسى يوق. ئىنسانلار مەدىنىيتى تەرەققى قىلىپ مۇشۇ يەرگە كەلدى. ۋە ياكى ئىنسانلار مۇشۇ ھازىرقى تەرەققىيات يولىنى تاللىدى. تەرەققىياتنى تىللاپ يۈرۈشنىڭمۇ ھىچقانداق ئورنى يوق. تىللاشقا توغرا كەلسە تەرەققىيات بىلەن ئۈزىمىزنى ماسلاشتۇرالمىغان ئىشىمىزنى تىللاش كىرەك.
ۋەقەنىڭ ئىرىشكەن نۇمۇرى:
خيالىلىق كۈرسەتكۈچى: 5
تەسىر كۈرسەتكۇچى: 6
زىيان كۈرسەتكۇچى:4
Jeck ئىندىكسى: 0.21
ۋەقە 6. دولقۇن ياسىن نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشتى.
بۇ ئىش تېخى ئۈتكەن يىلى يۈز بەردى. تۇيۇقسىزلا ئالدى بىلەن ۋەتەن سىرتىدا ، ئۇندىن كىيىن ۋەتەن ئىچىدە ”“قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچى دولقۇن ياسىن نوبىل مۇكاپاتى كومىتىتى نوبىل تۇغۇلغانلىغىنىڭ 100 يىللىغىنى خاتىرلەش يۈزىسدىن تەسىس قىلغان نوبىل ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئىرىشتى ‘ كومىتىتتىكىلەر قازاقىستانغا كىلىپ شائىرغا بۇ مىدالنى تەقدىم قىلدى، تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈتكۈزۇلگەن مۇراسىمدا ئۇنىڭغا بىرىلدى“" دىگەندەك خەۋەرلەر بىردەمدە پۇر كەتتى. نوبىل مۇكاپاتىنى تېخى يىقىندا تارقىتىپ بۇلغان تۇرسا نىمىش بۇلغاندا دەپ قاراپ قالدىم. شۇنداقلا بۇ قېتىم بۇ خەۋەرنى بىر ئوقۇپلا بۇنىڭ ئەپقاچتى خەۋەر ئىكەنلىگىنى پەرەز قىلدىم. ۋە توردىن، باشقا يەرلەردىن خېلى ئىزدەپ باقتىم. بۇ خەۋەردە دىيىلگەن گەپلەرنىڭ بىرىنىڭ ئاساسى يوق. نوبىل مۇكاپاتى ئورگان تور بېتىگە كىرسىڭىز نوبىلنىڭ 100 يىللىقى بىلەن نوبىل ئالتۇن مۇكاپاتى تەسىسى قىلىندى ماۋۇ ماۋۇ ئادەملەرگە بىرىلدى دەپ ھىچقانداق يىرىدە يوق. خۇددى بۇ مۇكاپات يالغۇز بىر ئادەم ئۈچۈن قۇرۇلغاندەكلا. توردىن بۇ مۇكاپاتنى بۇ ئادەمدىن باشقا يەنە كىم ئالغاندۇ دەپ ئىزدەپ باقسىڭىز يەنە تۇتامغا چىققۇدەك بىرەر ئۇچۇر يوق. ئانچە مۇنچە قازاق قىرغىزنىڭ بېتىدە بەزى خەۋەرلەر چىقىپ قالىدۇ. خۇددى بۇ مۇكاپات قازاق، قىرغىزلار ئۈچۈن تەسىس قىلىنغاندەك. يەنە سۈزلەپ كەلسەك نوبىل كومىتىت ئەزەلدىن بىرسىگە مۇكاپات بەرسە ئۇ مۇكاپاتنى چوڭ سورۇن تۈزەپ، مۇراسىم ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئۈزىنىڭ سارىيىدا بىرىدۇ، مۇكاپات ئالىدىغان يەرگە ئاپىرىپ بەرمەيدۇ.
Jeck تەھلىلى:دولقۇن ياسىننىڭ شۇنداق ئاتىلىدىغان بىر مىدالنى ئالغىنى راس. لېكىن بۇ مۇكاپاتنى نوبىل مۇكاپاتى كومىتىتى تارقاتمىغان. نوبىل ئالتۇن مىدالى دىگەن گەپ ھەرگىزمۇ نوبىل مۇكاپاتى دىگەن ئەمەس، ئىككىسى پۈتۈنلەي ئىككى نەرسە. دولقۇن ياسىن ئالغان مىدال ھەرگىزمۇ نوبىل مۇكاپاتىغا تەڭداش بۇلالمايدۇ، يېرىمىغىمۇ تەڭداش بۇلالمايدۇ. يىقىندا بۇ ئىشلارنىڭ ئارقا كۈرنۇشىنى بىلىدىغان بىر يىقىنىم بۇ قارىشىمنىڭ توغرا ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىدى.
بۇ يەردە مىنىڭ بۇ تىمىدا توختالماقچى بۇلغىنىم بۇ ئش ئەمەس بەلكى مۇشۇ خەۋەرنىڭ كىلىپ چىقىشى. كىيىن بىلىشىمچە، بۇ خەۋەر چەتئەلدىكى يۈزلۈك، داڭلىق بىر يازغۇچى زىيالىمىزنىڭ قولىدىن چىققان. خەۋەر بىرىشى ياخشى ئىش بۇلسىمۇ لېكىن بۇ ئاكىمىز بۇ خەۋەرنى يازغاندا ئۈزى بىلمىدىمۇ ياكى قەستەن گەپ ئويناتتىمۇ خەۋەردە نۇبىل ئالتۇن مىدالى دەپ، بۇ توغرىلىق ئوقۇرمەنلەرگە تەپسىلى چۈشەندۇرمەي، قەستەن ئوقۇرمەنلەردە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلغان. دىگەندەك، ناھايتى تىزلا بۇ يەردىكى ”“مىدال“" دىگەن ”“مۇكاپات“" دىگەن گەپكە ئايلانغان، ۋە يەنە تىزلا ئىچىدىكى ”“ئالتۇن“" دىگەن گەپ چۇشۇپ قېلىپ ۋەتەننىڭ بولۇڭ پىشقاقلىرىغا بارغاندا ”“بىر ئۇيغۈر نوبىل مۇكاپاتى ئالدى“" دەپ يېتىپ بارغان. مەن دىمەكچى بۇ يەردە بۇ ئاكىمىز ئېغىر دەرىجىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ بىكاردىن بىكار يەنە بىر قېتىم خەلىقتە قۇرۇق ھاياجانلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ۋەقەنىڭ ئىرىشكەن نۇمۇرى:
خيالىلىق كۈرسەتكۈچى: 7
تەسىر كۈرسەتكۇچى: 8
زىيان كۈرسەتكۇچى:3
Jeck ئىندىكسى: 0.11
خۇلاسە
شۇنداقى قىلىپ بۇ مەزمۇنلاردىكى يازمىلىرىم پۈتۈنلەي تۈگىدى. بۇلار ئارقىلىق مەن شۇلارنى دىمەكچىمەنكى، بىزنىڭ جەميىتىمىز يىقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى ھەر خىل يىتىم قالدۇرۇش، ساۋاتسىز قالدۇرۇش، قۇدۇقنىڭ ئىچىدە قالدۇرۇش دىگەندەك سىياسەتلەرنىڭ تەسىرى بىلەن ئىدىيە جەھەتتە كۈپ كەينىدە قالدۇق. بۇ ھەممە ئىشىمىزغا تەسىر كۈرسەتتى. ئۇيغۇر دۇنيا بۇيىچە بىرىنچى مىللەت دەپ ئۈزىمىزنى خوش قىلىپ يۈرۈۋەرسەكمۇ يەنە بىز ئىشەك ھارۋىسىدا يۈرۈرىمىز، خەقلەر ماشىنىسدا يۈرۈۋىرىدۇ. جەميەتنىڭ ساغلام بۇلۇشىدا ھەر بىر كىشىنىڭ مەسئۇليتى بار. بولۇپمۇ بۇ يەردە زىيالىلىرمىزنىڭ مەسئۇلىيتى ئېغىر. مىنىڭ كۈزىتىشىمچە بىزنىڭ زىيالى قاتلىمىمىز تېخى پىشىپ يىتىلگەن ئەمەس. ئاستا ئاستا تەرەققى قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا ئازراق بىر ئىشلار بۇلسىلا ئالدى كەينىنى سۈرۈشتۈرمەي جەميەت بۇيىچە قارىغۇلارچە ئىشىنىش يۈز بىرىۋاتىدۇ. بۇنداق ئىشلارنى كۈرۈپ تۇرغان ھەم بىلىپ تۇرغان ئاز ساندىكىلەرمۇ ئۈزىنىڭ ”“بۇ بولمىدى“" دەپ دىيىش شارائىتى بولۇپ تۇرۇغلۇق سۈكۈت قىلىۋىلىۋاتىدۇ. بۇ ساغلام جەميەتنى بەلگىسى ئەمەس. بۇ تىما ئارقىلىق دىمەكچى بۇلغىنىم، زىيالىلىرىمىز ئېغىر بېسىق بۇلسا، يىراقنى كۈرسە، ئوقۇرمەنلەرمۇ ئوقۇغان ھەممە نەرسىگە ئىشنىپ كەتمەي گۇمانى نەزەردە تۇرۇپ ئۈزى ئىزدەپ تەتقىق قىلىپ بېقىپ ئاندىن بىر نىمە دىسە. ئىچكى ئەھۋالنى بىلىدىغانلار يۈشۇرۇپ تۇرۋالماي ئوچۇغىنى دىسە. ئۇقۇغان ھەممە نەرسىگە ئىشىنىپ قارىغۇلارچە ئەگىشىش 90-يىللاردىكى Jeck بىلەن تۈگەپ كەتسۇ
ئىزدىنىشتىكى ئەسلى تىمابۇ يەردە. ئەسلى تىمىدا 10 بەتتىن ئارتۇق مۇنازىرە بۇلۇپ ئۈتكەچكە ئىنكاسلارنى بۇ يەرگە كۈچۈرمىدىم. كۈرگۇچىلەر ئىنكاس بىلەن قۇشۇپ كۈرگەيسىلەر.
مەنبە: جىك تۇراسى







يېڭى ئىنكاسلارتېخى كىرمىدىڭىز شەكىل نەزەرىيىسى تەتقىقات مۇنبىرى ( 苏ICP备10117140号 )

GMT+8, 2010-12-31 18:50, Processed in 0.108760 second(s), 9 queries.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5439
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-03
ئاخىرقى: 2011-01-03
45-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-03 17:49

ئوبدان يىزىلغان شىئىركەن   جاپاتارتىپ كوچۈرۈپسىز رەھمەت .....
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5440
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 3
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-03
ئاخىرقى: 2011-01-03
46-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-03 20:33

ئاللا رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم تېخىمۇ تىرىشىڭ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4000
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 10
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە10دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 50 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2011-11-14
47-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-10 19:16

ياخشى يېزىلىپتۇ .
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5932
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 16
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 170 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-27
ئاخىرقى: 2011-02-10
48-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-28 17:32

ھەي! ئەرلە ئاشۇ ئايالارنىڭ مۇشۇنداق بۇلۇپ كىتىشىدەسىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىڭلار يوقمۇ ؟ ئۇلار بەلكىم ھەر قايسىڭلانىڭ ئاچا-سىڭىللرى،ۋەياكى حۇتۇن قىزلىرىڭلار بۇلىشىمۇ ۋەياكى ئۇرۇق تۇققىنىڭلار مۇبۇلىشى مۇمكىن  
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1346
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 39
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە39دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 410 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-30
ئاخىرقى: 2012-02-22
49-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-28 18:39

ئىشلىتىش
引用第3楼kaxkarkizi于2010-08-11 11:15发表的 :
ھەي قايسىلا مۇنبەرگە كىرسىلا قىزلارنى سۆكىدىغان تىماكۆپ دىسە .           

يازغان ئنكاسڭز باش سۇرتڭزگە ماس كەلمەپتۇ........