باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 977 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا
مەسجىد ئەقسا,ئۇمۇسۇلمانلارنىڭ بىرىنچى قىبلىسى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 481
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1240
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1240دانە
ئۆسۈش: 2750 %
مۇنبەر پۇلى: 14579 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-30
ئاخىرقى: 2012-05-08
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-14 22:23

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا


ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا قوللىدى

  جۇڭگو ئاخبارات تورى 14-فېۋرال خەۋىرى: ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى 12-فېۋرال قاھىرەدىكى باش شتابىدا دېپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كۈنسېرى يامانلىشىۋاتقان سۈرىيە ۋەزىيىتى ھەققىدە 12 تۈرلۈك مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان قارارنامە ماقۇللىغان . 12 تۈرلۈك مەزمۇن ئىچىدە ب د ت ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى بىرلەشمە تىنچلىق ساقلاش قىسمى تەسىس قىلىش ۋە سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىگە سىياسىي ۋە ماددىي ياردەم بېرىش كىشىنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بەلگىلىمىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بىۋاستە ھالدا ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ كېلەر باسقۇچتىكى سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تاكتىكىسى ۋە مەيدانى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
  سۈرىيە كىرزىسى ئوتتۇرىغا چىققان بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، سۈرىيىدىكى ئىككى تەرەپتىن تالاپەتكە ئۇچرىغۇچىلار سانى شىددەت بىلەن كۆپەيگەن، توقۇنۇش دائىرىسىمۇ كۈنسېرى كېڭەيگەن بولۇپ، ھەرىكەت خاراكتېرى ئەسلىدىكى تىنچ نامايىشتىن قۇراللىق توقۇنۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلغان، بۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدىكى مەيدانىمۇ ماس ھالدا ئۆزگىرىشكە باشلىغان بولۇپ، ئاۋۋالقى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نامايىشچى ئاممىنى باستۇرۇشنى توختىتىش ۋە بەشىر ئاسادنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىشتىن، ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنى قوللاش مەيدانىغا ئۆتكەن، ئەسلىدىكى سۈرىيە مەسىلىسىنى ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى كونتىروللىقىدا بىر تەرەپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىشتىن، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن ياردەم تەلەپ قىلىش ۋە ب د ت بىلەن بىرلىشىپ مەسىلە ھەل قىلىش تەرەپدارىغا ئۆتكەن.

  سۈرىيىنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە مىسىردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەھمەدىنىڭ ئېيتىشىچە، سۈرىيە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 12-فېۋرال ئوتتۇرىغا قويغان قارارىغا ئۈزۈل-كېسىل قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، سۈرىيە تەرەپ سۈرىيە بىۋاستە قاتناشمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان قارارنامىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىھۇدە ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ماتېرىيال، دەپ قارىغان. سۈرىيە تەرەپنىڭ باھا بېرىشىچە، سۈرىيە مەسىلىسى ھازىر توغرا يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ سۈرىيە خەلقىنىڭ قىيىنچىلىقلارغا باش ئەگمەي، ئامېرىكا، يەھۇدىيچىلىق ۋە باشقا ئەگەشكۈچىلەرگە ئوڭۇشلۇق تاقابىل تۇرۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
  سۈرىيە مەملىكەتلىك كومىتېتى ئىجرائىيە ئورگىنى خادىمى پىكىر بايان قىلىپ، گەرچە مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەدبىر قوللىنىپ، سۈرىيە خەلقىنىڭ ئەڭ كۆپ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىش ئۈمىدى بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىمقى قارار لايىھىسىنىڭمۇ يامان ئەمەس تۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، دېڭىز قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر كەلگۈسى بىر قانچە كۈن ئىچىدە سۈرىيە مەملىكەتلىك كومىتېتىنى رەسمىي ئېتراپ قىلماقچى بولغان بولۇپ، سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ناھايىتى تېزلا بىر «سىياسىي ئەمەلىي گەۋدە» بولۇپ شەكىللىنىپ چىقىدىكەن. ناۋادا ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىرلەشمە تىنچلىق ساقلاش قىسمى قۇرۇش مەسىلىسى ئىشقا ئېشىپلا قالسا، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىگۇناھ، قۇرالسىز خەلقنى قىرغىن قىلىشىنى ئۈنۈملۈك توسقىلى بولىدىكەن.
  12-فېۋرال نەشىردىن چىققان ئوتتۇرا شەرق گېزىتىدە ئېيتىلىشىچە، سۈرىيىنىڭ مۇستەھكەم ئىتتىپاقدىشى بولغان ئىران يېقىندا سۈرىيىنى بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق ياردەم مەبلىغى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ھەمكارلىقى ۋە مۇناسىۋىتىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەر يۈز بەرگەن. ئىران ئىسلام مۇھاپىزەتچى قىسمىنىڭ ئەزا ئەۋەتىپ سۈرىيە ھاكىمىيىتى قوللاش ئۈچۈن كىشى ئەۋەتكەنلىكى مەسىلىسىگە قارىتا قاتار ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئۆكتىچىلەرنى قوللاش تەرەپدارىدا بولغان، بۇ تۈپەيلى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا سۈرىيە پرىزدېنتى بەشىر ئاسادنى ئۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن. 13-فېۋرال لىۋاندا يەنە ھۆكۈمەت ۋە ئۆكتىچىلەر قوللىغۇچىلىرى ئوتتۇرىسىدا قۇراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەل قائىد تەشكىلاتى رەھبىرى زاۋاھىرى سۈرىيە ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا چاقىرغان. شۇنداق قىلىپ سۈرىيە كىرزىسى يېڭى بىر بۇرۇلۇش باسقۇچىغا قەدەم قويغان.
خالىسە ئەھمەد

مەنبە.ئوكيان تورى
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2473
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2473دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30411 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-11

باشتا قوللىماي، چىۋىن قورىدى... ئەمدى كۈچەيگەندە ئامال يوق قوللايدۇ.
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7564
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 547
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە547دانە
ئۆسۈش: 1150 %
مۇنبەر پۇلى: 6355 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-24
ئاخىرقى: 2012-05-10
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-15 22:07

سۇرىيە ۋەزىيىتى كەسكىنلەشمەكتە،،،،
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 945
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە945دانە
ئۆسۈش: 3310 %
مۇنبەر پۇلى: 11842 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-05-11
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-15 22:09

  ئەرەپ ئەللىرى ئىتتىپاقى = ئامېركىنىڭ يالاقچىلىرى ئىتتىپاقى !!!
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 945
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە945دانە
ئۆسۈش: 3310 %
مۇنبەر پۇلى: 11842 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-05-11
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-15 22:51

http://v.ifeng.com/v/xuliyajlc/index.shtml#166f1654-480e-4034-9da6-6aa0d4f44759

خەنزۇچە بىلىدىغان تورداشلا بۇنى كۆرۈپ بېقىڭلا ، تىمىسى _ <<سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى  ۋەكىللەر ئۆمىكى  جوڭگۇ تەرەپنىڭ مەيدانىنى ئالقىشلىدى .>>
بۇنىڭدىن قارىغاندا ئېلىمىزمۇ ئۆكتىچىلەرنى قوللاپ ، مۇستەبىت زوڭتۇڭغا قارشى تۇرۇشنى باشلاپتۇ .
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 945
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە945دانە
ئۆسۈش: 3310 %
مۇنبەر پۇلى: 11842 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-05-11
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-15 23:20

مەنبە: www.chinadaily.com.cn2012-02-15 11:01
       روسىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستېرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى،زۇڭتۇڭ ، ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى ئالاھىدە ۋەكىلى مىخائىلنىڭ  2-ئاينىڭ 14-كۈنى دېيىشىچە ، روسىيەنىڭ سۈرىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى سۈرىيەدىن نەچچە مىڭ روسىيەلىك پۇقراسىنى چېكىندۈرۈشنى پىلانلىغان.مىخائىل زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى :«بىز نۆۋەتتە ھېچقانداق مۇھاجىر چېكىندۈرۈش ھەرىكىتى قىلمىدۇق.سۈرىيەدە نەچچە مىڭ ئادىمىمىز بار، مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، بۇ كىشىلەر ئەلچىخانا خىزمەتچى خادىملىرى ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي، يەنە روسىيە پاسپورتىغا ئىگە دۆلەت ھالقىغان ئائىلىلەر، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە، پۈتكۈل سۈرىيەدە نۇرغۇن روسىيەلىكلەر بار.» مىخائىلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، موسكىۋا دائىرلىرى بۇ كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلغان، شۇڭا مۇناسىپ تەدبىر قوللانماقچى بولغان.
      مىخائىل مۇنۇلارنى بىلدۈردى :«باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانىلىرىغا ئوخشاش، بىزنىڭمۇ مۇھاجىرلارنى چېكىندۈرۈش پىلانىمىز بار، چۈنكى ھەر خىل ئەھۋاللار يۈز بېرىشى مۇمكىن، چېكىندۈرۈش تەدبىرى قوللىنىش كېرەك. ئەلچىخانا ۋە باش ئەلچىخانا ۋەقەنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىغا تەييارلىق قىلىپ قويىشى مۇمكىن.»شۇنىڭ بىلەن بىللە  ئۇ يەنە سۈرىيىدە تۇرۇشلۇق روسىيە ئەلچىخانىسىنىڭ روسىيە پۇقرالىرىنىڭ سۈرىيەدىكى ئورنىنى ھەر ۋاقىت جەزملەشتۈرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .               مەنبە:جوڭگو تورى


بۇ خەۋەردىن قارىغاندا سۈرىيەدە چوڭ ئۇرۇشنىڭ پارتىلىشىغا ئازلا ۋاقىت قالدى !!!
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 945
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە945دانە
ئۆسۈش: 3310 %
مۇنبەر پۇلى: 11842 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-05-11
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-16 14:51

http://www.nur.cn/html/news/53943.shtml

    سۈرىيەمۇ يەنە  لېۋاندەك بولىدىغان ئوخشايدۇ ...
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10305
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 133
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە133دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 1361 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-13
ئاخىرقى: 2012-05-11
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-16 17:14

ئەرەپ ھاكىمىتىنىڭ ھەممىسى قاۋان توڭغۇزلا
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 945
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە945دانە
ئۆسۈش: 3310 %
مۇنبەر پۇلى: 11842 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-05-11
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-21 12:41

مەنبە:

www.chinanews.com2012-02-20 11:53ئامېرىكا ئارمىيىسى ئەمەلدارىنىڭ 18-فېۋرال ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى  سۈرىيە ھاۋا بوشلۇقىدا نازارەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان ئەۋەتكەن بولۇپ، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان  بىر ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ئاق ساراي ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان كامىراسى ئارقىلىق، قۇراللىق توقۇنۇش كۆرۈنۈشلىرىگە ئېرىشىش، سۈرىيە ئارمىيىسى ئاخباراتىنى قولغا چۈشۈرۈش ۋە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان.
  ئەمما بۇ ئەمەلدارلار ،ئامېرىكىنىڭ سۈرىيىگە ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان ئەۋەتىشى ھەرگىزمۇ سۈرىيىگە ھەربىي ئارىلىشىشقا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلىغان، ئۇلار ئەۋەتىلگەن ئايرۇپىلان سانى ۋە  ئايروپىلان تىپى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بەرمىگەن.
  يېقىندا، ئامېرىكا دۆلەت مىنىستىرلىكى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى سۈرىيىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش ھەققىدە مۇنازىرە ئىلىپ بارغان  بولۇپ، ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ قارىشىچە، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشنىڭ خەۋپى ناھايىتى زور بولۇپ، خادىملارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە بىۋاستە تەھدىت ئېلىپ كېلىشى ، ھەتتا ئەڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئارىلىشىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن دېيىلگەن .
  بۇلتۇر 3-ئايدىن باشلاپ، سۈرىيىدە زور كۆلەملىك نارازىلىق پائالىيەتلىرى يۈز بەرگەندىن بۇيان، سۈرىيە ۋەزىيىتى داۋالغۇش ئىچىدە قالغان، بىر قىسىم شەھەرلەردە ئېتىراز پائالىيەتلىرى ئەۋج ئېلىپ قۇراللىق توقۇنۇش يۈز بىرىش ھالىتىگە يىتىپ بارغان . مەنبە:جوڭگو ئاخبارات تورى
  سۈرىيە ئاساسىي ئاخباراتى بولغان سۈرىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 17-فېۋرال سۈرىيىنىڭ كۆپ قىسىم شەھەر ۋە رايونلىرىدا «قۇراللىق تېرورچى كۈچلەر» نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاز دېگەندىمۇ 12 كىشى قازا قىلغان.
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...