ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 37قەۋەتتىكى ئەھلىھەدىس نىڭ 2012-02-16 20:37 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
دوپپا كىيىش زىننەت ھېسابلىنىدۇ. جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە ئەئراف سۈرىسى 31-ئايەتتە ئىنسان بالىلىرىنى ھەر ناماز ئوقۇيدىغان چاغدا زىننەتلىنىشكە بۇيرىغان. زىننەتلىنىش ئەۋرەتنى يۆگەشتىن ئارتۇق نەرسە. رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىشمۇ سەللە يۆگەشنى تەقەززا قىلىدۇ. كاپىرلارغا ئوخشاپ قالماسلىقمۇ دوپپا كىيىشنى تەقەززا قىلىدۇ. شۇڭا ھەنەفى مەزھەبتىكى مۇسۇلمانلار ئاشۇ دەلىللەرگە ئاساسەن باشتاق ناماز ئوقۇشنى مەكروھ دەيدۇ.
ھازىرقى مۇھەددىسلەردىن شەيخ ئالبانىمۇ باشتاق ناماز ئوقۇش مەكروھ دەپ قارايدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
1. دوپپا كىيىش زىننەت ھېسابلىنىدۇ. --------------
ماۋۇنى مۇنداق كەسكىن دەۋەتمەي، دوپپا كىيىپ ئادەتلەنگەنلەرگە زىننەت كۆرۈنىدۇ، دېيىش توغرا. سەۋەبى: دوپپىنى ئەرەب قاتارلىق مىللەتلەر كىيمەيدۇ، ئۇلارغا ئارتۇقچە نەرسە.
2. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە ئەئراف سۈرىسى 31-ئايەتتە ئىنسان بالىلىرىنى ھەر ناماز ئوقۇيدىغان چاغدا زىننەتلىنىشكە بۇيرىغان. زىننەتلىنىش ئەۋرەتنى يۆگەشتىن ئارتۇق نەرسە .دوپپىسىغا ئوخشاپ قېلىشقا ئاز قالىدۇ. -------------------
بۇ ئايەت دەسلەپ ئۇيغۇر قاتارلىق دوپپا كىيىدىغان مىللەتلەرگە ئەمەس، ئاۋال رەسۇلۇللاھقا نازىل بولغان. رەسۇلۇللاھنىڭ دوپپىغا ئوخشاش نەرسە كىيگەنلىكىگە ئىشەنچلىك پاكىت يوق.
3. رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىشمۇ سەللە يۆگەشنى تەقەززا قىلىدۇ. ----------------
دوكتور ئابدۇلئەزىز پەتىۋاسىدىمۇ مۇشۇ خاتالىق سادىر بولغان، يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ باش كىيىمگە قارىتا سۈننىتى: سەللە، دەپ.
بۇ، بىرتەرەپلىمىلىك ۋە ئۆزىنىڭ مەزھىبىنى توغرا چىقىرىشقا ئۇرۇنغانلىق. كىتابنى مېنىڭ قارىشىم توغرا چىققاي، دەپ ئوقۇسا بىرخىل، قۇرئان ، ھەدىسنىڭ توغرا چىققاي، دەپ ئوقۇسا يەنە بىرخىل مەزمۇن چىقىدۇ. دېمەكچىمەنكى، رەسۇلۇللاھنىڭ باش كىيىم سۈننىتى يالغۇز سەللە ئەمەس. رومالمۇ بار. رەسۇلۇللاھ بەزىدە رومالمۇ ئارتقان! كىمىكى، سەللىنى سۈننەت، دەپ ئەقىدە قىلىدىكەن، بەزىدە سەللە؛ بەزىدە رومال ئارتىشى يوللۇق. يالغۇز سەللىنىلا يۆگەپ، رومال يۆگىسەم باشقىلار مەسخىرە قىلىدۇ، دەپ سەللىنىلا يۆگەش: ئۈزى سۈننەت، دەپ قارىغان ئەمەلنىڭ بىرقىسمىغا ئىشىنىپ بىرقىسمىنى ئىنكار قىلغانلىق.
4. كاپىرلارغا ئوخشاپ قالماسلىقمۇ دوپپا كىيىشنى تەقەززا قىلىدۇ. --------------
ماۋۇ يەنە بىرخاتالىق. ئەگەر دوپپا نامىنى تىلغا ئالمىغاندا باشقىچە گەپ ئىدى. راستىنلا مۇشۇ بويىچە بولسا ئىدى، بارلىق مۇسۇلمانلار دوپپا كىيىشى زۈرۈر بولاتتى، بۇ ھەقتە ئالدى بىلەن كاپىرلارغا ئوخشاپ قالماسلىقنى بەك تەشەببۇس قىلغان رەسۇلۇللاھنىڭ دوپپا كىيگەنلىك تارىخى بار بولاتتى، باشقىلارنىڭ داۋاملىق ئەگىشىشى ۋاجىب بولاتتى. ئەپسۇس! ئۇيغۇر قاتارلىقلارنىڭ دوپپىنى ياخشى كۆرگەنلىكى نەزەردە تۇتۇلۇپ، ئايرىم شەرىئەت ياسىغىلى بولمايدۇ. تېخى ئۇيغۇر دوپپىسىنىڭ سەل كىچىكى يەھۇدىيلارنىڭ دىنى مۇراسىم دوپپىىغا ئوخشاپ قېلىشقا ئاز قالغان.
5 . شۇڭا ھەنەفى مەزھەبتىكى مۇسۇلمانلار ئاشۇ دەلىللەرگە ئاساسەن باشتاق ناماز ئوقۇشنى مەكروھ دەيدۇ. -----------------
ما گەپنى نەدىن تەردىڭىزكىن؟ ھەنەپىيلەرنىڭ مۇختەسەر، شەرھۇلۋىقايە قاتارلىق پىقھى كىتابلىرىدا سىز دېگەننىڭ دەل ئەكسى يەنى نامازنى ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ ئوقۇغۇچى يالاڭباش ناماز ئوقۇشى مۇستەھەب، دەپ پەتىۋا بېرىلگەن. ئەمما، بۇنىڭ شەرىئەتتە پەقەتلا ئورنى بولمىغاچقا، بۇنى ھەنەپىيلەرنىڭ شەرىئەتكە زىت پەتىۋالىرىدىن بىرى، دەپ رەت قىلىنىدۇ.
6. ھازىرقى مۇھەددىسلەردىن شەيخ ئالبانىمۇ باشتاق ناماز ئوقۇش مەكروھ دەپ قارايدۇ --------------
ئالبانىينىڭ بۇ قارىشىغا ئاساسلانغاندىمۇ يالغۇز دوپپا كۆزدە تۇتۇلماستىن بەلكى، رەسۇلۇللاھ بېشىغا نېمە كىيسە، شۇ كىيگەن نەرسىلەرنىڭ مەخسۇس بىرىنىلا كىيىشكە ئادەتلىنىۋالماي ھەممىسىنى نۆۋەتلىشىپ كىيىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما،يالاڭباش ناماز ئوقۇش مەكروھ ، دېگەن بىرلىككە كېلىنگەن قاراش ئەمەس.
[ بۇ يازمىنىqutluq 2012-02-17 02:53قايتا تەھرىرلىدى ]