كۇۋەيت تاماكا چېكىشنى چەكلىگەن تۇنجى ئەرەب دۆلىتى بولدى .
كۇۋەيت ئاممىۋى سورۇنلاردا، رېستورانلاردا، سودا-سېتىق مەركەزلىرىدە، قەھۋەخانا ۋە مېھمانسارايلاردا تاماكا ۋە چىلىم چېكىشنى چەكلىدى.
كۇۋەيتتىكى ئاممىۋى سورۇنلاردا بۇنىڭدىن كېيىن تاماكا چېكىش قەتئىي مەنئىي قىلىندى.
كۇۋەيت سودا-سانائەت مىنىستىرلىكى، تاماكا چەكلەنگەن سورۇنلاردا تاماكىغا خۇمار بولۇپ قالغۇچىلارغا تاماكا چېكىشى ئۈچۈن مەخسۇس ئورۇن تەسىس قىلىشقا يوليۇرۇق بەردى.
پارس قولتۇقى ھەمكارلىق تەشكىلاتى سەھىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، كېڭەشكە ئەزا دۆلەتلەردە تاماكىنىڭ خەلقنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان بېرىدىغان جايلاردا چېكىلىشىنى چەكلەيدىغان چەكلىمىلەرنى قويۇش ۋە تاماكا ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش مەھسۇلاتلاردىكى باج مىقدارىنى مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئاشۇرۇش قارار قىلىنغان ئىدى.
مەنبە:ئىنتېرنېت تورى