باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1239 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6682
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 41
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە41دانە
ئۆسۈش: 650 %
مۇنبەر پۇلى: 850 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-23
ئاخىرقى: 2012-06-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-14 17:10

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى 1636-يىلى 10 – ئاينىڭ 28- كۈنى قۇرۇلغان ، ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نامى خارۋارد ئەمەس ئىدى.



1636-يىلى قىشتا ، ئەنگىلىيە كامبرىچ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن بىر كۆچمەن يېڭى قۇرۇقلۇققا كېلىدۇ . شۇ يىلى ئۇ 29 ياشتا ، توي قىلغىنىغىمۇ ئۇزاق بولمىغان ، بالىسىمۇ يوق ئىدى . ئۇنىڭ ئىسمى جون خارۋارد بولۇپ ، لوندوندىن كەلگەن ئىدى . ئۇ چارلىز كوچىسىدا تۇراتتى ، بۇ كوچا يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىنىستىتوت (ئەينى ۋاقىتتا تېخى بۇ مەكتەپنىڭ رەسمىي نامى يوق ئىدى ) جايلاشقان كامبىرىج كوچىسى بىلەن بىر دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇراتتى ، خارۋارد چارلىز كوچىسىدىكى چىركاۋنىڭ ياردەمچى پوپى بولۇپ قىلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى.ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ، ئۇ يېڭى قۇرۇقلۇقتا بىرەر يىلمۇ ياشىيالمىدى . 1638-يىلى 9 – ئايدا، ئۆپكە كېسىلى بىلەن چارلىز كوچىسىدا ئۆلۈپ كەتتى . ئۇ ئۆلۈش ئالدىدا ، ئۆزىنىڭ مال – مۈلكىنىڭ يېرىمى (780 فوند سىتىرلىڭ)ۋە بارلىق كىتابلىرى (تەخمىنەن 400 پارچە)نى قارشى قىرغاقتا يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىنىستىتوتقا ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى ۋەسىيەت قىلدى . بۇ مۇشۇ مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ ئىئانە ئىدى. مەكتەپ ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن مەكتەپ نامى بولمىغان بۇ مەكتەپنىڭ نامىنى خارۋارد ئىنىستىتوتى دەپ ئاتاشنى قارار قىلدى .خارۋارد ئىئانە قىلغان 780 فوند سىتىرلىڭ ئىئانە پۇلى ئەينى ۋاقىتتا مەكتەپنىڭ يىللىق مالىيىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلەتتى . دىمەك ، بۇ ئەينى چاغدا خېلى كۆپ پۇل ھىساپلىناتتى ، ھازىرقى گېپىمىز بويىچە ئېيتقاندا ، مەكتەپ ئەينى ۋاقىتتا بۇ پۇل بىلەن مەكتەپنىڭ نۇرغۇن «قاتتىق ماتىرىيال » ۋە «يۇمشاق ماتىرىيال » لىرىنى تولۇقلىۋالغان ئىدى .
ئەمما خارۋارد ئىئانە قىلغان 400 پارچە كىتابنىڭ تەقدىرى ناھايىتى ئېچىنىشلىق بولۇپ ، بىر قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە كۈيۈپ كەتتى ، پەقەت بىر پارچە كىتابنى ئالدىنقى كۈنى كەچتە بىر ئوقۇغۇچى ئارىيەت ئېلىپ ، قايتۇرمىغان بولغاچقا ، مۇشۇ بىر پارچە كىتابلا بۇ بالايى –قازادىن ساقلىنىپ قالدى.بېراق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى ، 2- كۈنى ھېلىقى ئوقۇغۇچى بۇ بىر پارچە قىممەتلىك كىتابنى قايتۇرۇپ بېرىشكە كەلگەندە ، ئەينى ۋاقىتتىكى خارۋارد ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرى ھىنرى دونىستىر بۇ ئوقوغۇچىنى «ئارىيەت ئالغان كىتابنى كۈتۈپخانىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە بولمايدۇ » دېگەن قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان دەپ قاراپ ، خارۋارد مەكتەپ تارىخى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان بۇ ئوقۇغۇچىنى مەكتەپتىن قوغلاندى قىلدى .
خارۋارد ئەنگىلىيىدە تۇغۇلغان بولۇپ ، دادىسى بىر قاسساپ ئىدى . ئۇنىڭ ئاكا-ئۇكا ، ئاچا-سىڭىللىرى بار ئىدى . 1625-يىلى ۋابا كېسىلى ۋابا كىسىلى تارقالغان ۋاقىتتا ، ئۇنىڭ دادىسى ، ئاكا – ئۇكا ئاچا – سىڭىللىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى . خارۋارد ئۆزىمۇ ياش تۇرۇپلا ئالەمدىن ئۆتكەن بولغاچقا ، بىرەر پەرزەنتىمۇ يوق ئىدى ، پۈتكۈل ئامىرىكا قورۇقلۇقىدا خارۋارد فامىلىلىكلەر ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ ، ئەنگىلىيە زىمىنىدىمۇ بۇ فامىلە ناھايىتى ئاز.
ئېھتىمال ، ئەينى ۋاقىتتا جون.خارۋارد چارلىز كوچىسىدىكى كىچىككىنە ياغاچ ئۆيدە، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنوتلىرىنى ئۆتكۈزىۋاتقان ۋاقىتتا ، ئۆزىنىڭ يېڭى قۇرۇقلۇقتىكى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغانلىقىدىن ئازابلانغان. ئۆزىنىڭ بىر-ئىككى ئەۋلاد قالدۇرالمىغانلىقىدىن چەكسىز قايغۇرغان بولۇشى ، يەنە بەلكىم قارشى قىرغاقتىكى ئەشۇ مەكتەپكە قاراپ ، ئۆزىنىڭ بۇ ئىئانىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا قوشقان بىردىنبىر تۆھپىسى بولۇپ قالىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن .
ئەمما بۈگۈنكى كۈندە خارۋارد شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىگە تەسەللىي تاپالايدۇكى ، چارلىز دەرياسىنىڭ قارشى قىزغىقىدىكى ھېلىقى مەكتەپ ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىپلا قالماستىن ، بەلكى ئۇ پۈتكۈل ئامىرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقى ھەتتا پۈتكۈل دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي بىلىم يۇتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى . تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى شۇكى ، پۈتكۈل دۇنيادىكى ياشلارنىڭ ھەممىسى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ ھەمدە بۇنىڭلىق بىلەن چەكسىز شەرەپ ۋە ئىپتىخارلىق ھېس قىلىدۇ .شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ، جون.خارۋارد خاتىرجەم كۆز يۇمالايدۇ .

مەنبە: شىنجاڭ مائارىپى 2003-يىللىق 11- سان
باتۇر بىر قېتىم ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق كۈندە ئۆلىدۇ.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6689
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 802
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە802دانە
ئۆسۈش: 7210 %
مۇنبەر پۇلى: 13357 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-24
ئاخىرقى: 2012-09-07

تۆۋەندىكى سۈرەتلەر خارۋارت ئۇنۋىرىستىتىنىڭ  سۈرەتلىرى ئىكەن.









ھەقىقى دوستۇ سادىق گەر زەھەر سۇنسا شېكەر دەپ بىل،
مەگەر دۈشمەن ساڭا ئەپلەپ شەكەر سۇنسا زەھەر دەپ بىل.
زىيان يەتكۈزسە دوستۇڭ پايدا دەپ بىل كۆڭلى تۈز بولغاچ،
شۇنىڭدەك دۈشمىنىڭ گەر پايدا يەتكۈزسە زەھەر دەپ بىل.
...
دوستلىشىش
ئاپتاپلىق
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10547
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 53
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە53دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 545 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-28
ئاخىرقى: 2012-05-22
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-15 11:11

ئۇلار 1636- يىللاردا ئىلىم پەننىڭ قەدرىنى چۇڭقۇر تۇنۇپ يېتىپ، ئۇنۋېرستىت قۇرۇپ، ئۇنۋېرستىتقا شەخسى مۈلۈكلىرىنى ھەدىيە قىلىپ يۈرگەندە، بىز بۇ يەردە  مەزھەپلەرگە بۆلۈنۈپ، سۇپىزىمنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ، مەكتەپلەرنى تاقاپ ، مازارلاردا تەركى دۇنيا بولۇپ، ،قاسماق جەندە كۇلاھلارنى كىيىپ، ھورۇنلۇق،مەينەتلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈشنى ساۋاپ ئىش دەپ يۇرەتتىكەنمىز
ئۇيغۇرخان
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 262
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە262دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 2659 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2012-08-19
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-15 19:06

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى ئاپتاپلىق نىڭ 2012-02-15 11:11 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئۇلار 1636- يىللاردا ئىلىم پەننىڭ قەدرىنى چۇڭقۇر تۇنۇپ يېتىپ، ئۇنۋېرستىت قۇرۇپ، ئۇنۋېرستىتقا شەخسى مۈلۈكلىرىنى ھەدىيە قىلىپ يۈرگەندە، بىز بۇ يەردە  مەزھەپلەرگە بۆلۈنۈپ، سۇپىزىمنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ، مەكتەپلەرنى تاقاپ ، مازارلاردا تەركى دۇنيا بولۇپ، ،قاسماق جەندە كۇلاھلارنى كىيىپ، ھورۇنلۇق،مەينەتلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈشنى ساۋاپ ئىش دەپ يۇرەتتىكەنمىز

ھاي ھاي تىلىمىزنى تىيىۋالايلى قېرىندىشىم....سوپىزىمنىڭ بىزگە زىيىنىدىن پايدىسى كۆپ تەگكەن. ھورۇنلۇق،مەينەتلىك،قاسماق جەندە-كۇلاھ بىزگە مىراس ئەمەس.بىز ئۇ چاغدا ئۇنچىۋالا ئەخمەق ۋە نادانمۇ ئەمەس. شۇ زامانلاردا بىزدىمۇ جاھانغا نامى تارىغان داڭلىق مەدرەسسەلەرمۇ بولغان.  داڭلىق ئۆلىما-ئالىملارمۇ بولغان. مەسىلەن شۇ چاغلاردا يالغۇز ياركەنىت شەھرىنىڭ ئۆزىدىلا 60 تەك مەددىرىسە قۇرۇلغان بولۇپ،ھەر بىر مەدىرىستە ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 100 دەك ئوقۇغۇچى ئوقۇيتتى. بۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەرىپەت مەركىزى بولغان قەشقەر شەھرىدە يۇقىرى دەرىجىلىك مەدىررسەدىن(ھازىرقى ئۇنۋېرسىتتەك) 17 سى بار ئىدى.(بەزى كىتاپلاردا 54 دەپ ساناپتۇ).كېيىن  ئاقسۇ موللىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ يۇقۇرلىقى بىلەن داڭق چىقارغان مەدەرەسسەلىرى بىلەن ئىلىم مەزكىزىگە ئايلانغان. چىڭ سۇلالىسىنڭ ھۆكۈمرانلىقى باشلىنىپ ئاخىرلاشقىچە جەنۇبى شىنجاڭدىكى مەدەرىىسلەرنىڭ سانى ئازىيىپ ياركەنىتتە 29 ،قەشقەردە 15 قالغان.كېيىنكى ئىشلار ئاتام ئېيتقان بايىقى دېگەندەك. 
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9713
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 7
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە7دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 80 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-23
ئاخىرقى: 2012-02-16
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-15 22:56

"خارۋارد" ئەپەندى ھاياتكەن ھەم ئۇنى ئەسلەپ تۇرۇپتىمىز، بۇنى كۆرۈپ توردىن ئاختۇرۇپ كۆردىمكى، مەرھۇم "ساجىيە" بوۋىمىزغا ئائىت ئۇچۇر تاپالمىدىم(بەلكىم مەن توردىن پايدىلىنالمىغاندىمەن!).  "كەي ساي تارىخچىلىرى"نىڭ بىلىمى مول، تارىخنى چىنلىق نوقتىسىدىن چۈشىنىدىغان بولغاچقا، پات يىقىندا مۇنبەر يۈزىدە "ساجىيە" بوۋىمىزنىڭ سىماسىنى ماڭا قايتا كۆرسىتىپ قويسىكەن دەيمەن!!!
ئۇنىڭدىن كىيىن "خارۋارد" بىلەن "ساجىيە"نى بىر سىلىشتۇرۇپ باقسام...!
ئۇيغۇرخان
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 262
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە262دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 2659 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2012-08-19
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-15 23:31

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى ئامۇر نىڭ 2012-02-15 22:56 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
"خارۋارد" ئەپەندى ھاياتكەن ھەم ئۇنى ئەسلەپ تۇرۇپتىمىز، بۇنى كۆرۈپ توردىن ئاختۇرۇپ كۆردىمكى، مەرھۇم "ساجىيە" بوۋىمىزغا ئائىت ئۇچۇر تاپالمىدىم(بەلكىم مەن توردىن پايدىلىنالمىغاندىمەن!).  "كەي ساي تارىخچىلىرى"نىڭ بىلىمى مول، تارىخنى چىنلىق نوقتىسىدىن چۈشىنىدىغان بولغاچقا، پات يىقىندا مۇنبەر يۈزىدە "ساجىيە" بوۋىمىزنىڭ سىماسىنى ماڭا قايتا كۆرسىتىپ قويسىكەن دەيمەن!!!
ئۇنىڭدىن كىيىن "خارۋارد" بىلەن "ساجىيە"نى بىر سىلىشتۇرۇپ باقسام...!

يىراقتىكى موللا داموللا ،يېقىندىكىسى جاموللا ھە ..خارۋاد دېگەن ئىسىم سىزگە قالتىس بۈيۈك ئاڭلانسا كېرەك. دېمىسىمۇ ئۇ ھېلىھەم قەد كۆتۈرۈپ ئۆز نوپۇزىنى نامايەن قىلىپ تۇرماقتا.لېكىن شۇنىمۇ سەمىڭىزگە ساپ قوياي...مائارىپنىڭ  تۈپ مەقسىتى ئادەم تەربيىلەش  بولسا  خارۋراد تاغىڭىز مەرھۇم ساجىيە بوۋىڭىزنىڭ بارىڭىغا ئۈزۈممۇ بولالمايدۇ.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9713
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 7
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە7دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 80 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-23
ئاخىرقى: 2012-02-16
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-16 14:49

مەقسىتىمىز بىركەن، لىكىن سۆزلىرىمدىكى «كىنايە»لىرىمنى چۈسەنمىگەندەك قىلىسىز!
خارۋارد ساجىيەنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمايدۇ، بۇ پەقەت بەزىلەرگە ئايان! لىكىن مىنىڭ 'سىلىشتۇرۇپ باقسام...' دېگەن گىپىمنىڭ تېگىدە گەپ بار ئىدى، قىرىندىشىم!؟!
«ساجىيە ئالىي ئوقۇلى» توغرۇلۇق بىرەر ئېسىل تىما چىقسا، چۈشەنچە تىخىمۇ ئايدىڭ بولاتتى!