كەيىپ-ساپادا يۈرسەم ھېچكىم بىر نەرسە دىيىشمىدى ،
ئاللاھ دەپ قۇرئان تۇتسام ھەممە" دىققەت قىل" دىيىشتى .
كىچىلىرى ئۆيگە كىرمەي ئويناپ يۈرسەم نەدە سەن دىيىشمىدى ،
ناماز ئۇقۇسام ھەممە" ھازىر ۋاقتى ئەمەس" دىيىشتى .
پۇلدار يىگىتنى مۇھاببەت تۇتسام ھەممە خۇش بۇلۇشتى،
نامازخاننى،مۇسۇلماننى تاللاي دىسەم ھەممە بىشىنى چايقاشتى.
چاچنى بۇياپ ئۇچۇرۇپ يۇرسەم ھەممە چىرايلىق دىيىشتى ،
ياغلىق ئارتسام زامانغا ماسلاشمىدىڭ تۇمپاي دىيىشتى .
ئەگرى يولدا يۇرگەندە ھېچكىم ئاھ ئۇرۇپ يىغلاشمىدى ،
ھەقنى تۇنۇپ تۇز يۇلدا ماڭاي دىسەم ھەممە ئاھ ئۇرۇپ يىغلاشتى.
مۇھەببەتلىشەي نۇچى يىگىتلەر بىلەن دىسەم ھېچكىم تۇساشمىدى ،
ئاللاھقا كۈڭۈل بىرەي دىسەم ھەممە" بىز قارشى " دىيىشتى .
پۇل تاپاي خىزمەت قىلاي دىسەم ھەممە چاۋاك چىلىشتى ،
ئاخىرەتنى دەپ كىچەي پۇل-دۇنيادىن دىسەم ھەممە خاپا بۇلۇشتى.
تۇتاملاپ-تۇتاملاپ پۇللارنى بەرگەندە ھەممە "سەندىن رازى" دىيىشتى،
ئاللاھ يۇلىدا ماڭاي دىسەم ھەممە" سەندىن رازى ئەمەس" دىيىشتى