چۈشۈرۈلمىگەن ناماز
بۇ بىر ھەقىقى ۋەقەلىك ، بىر كۈنى بىر دوستىمىزنىڭ ئۈيىگە چاقىرىپتىكەن ، 7-8 چە بالا يىغىلىپتىمىز ،
ئارىمىزدىكى بىر بالا بىر ئىشنى ئېيتىپ بەردى ، ئۇ تىجارەت ئىشى بىلەن خوشنا ناھىيىگە بېرىپ بىر
مەزگىل تۇرۇپ قاپتۇ ، ( بەشناماز بالا ئىدى ) ئۇ بىر كۈنى پىشىن نامىزىنى ئۇقۇش ئۈچۈن ناھىيە
بازىرىدىكى بىر مەسچىدكە كەپتۇ ، ئۇ كۈنى چۈشىرىلىدىغان بىر مىيىت نامىزى بار ئىكەن ، جامائەت
نامازدىن پارىغ بولغاندىن كىيىن مەسچىد ئالدىدا مىيىت نامىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن ئىمامنى ساقلاپ
تۇرۇپتۇ ، ئىمام مەسچىدتىن چىقىپ تاۋۇت ئالدىغا كەپتۇ ، باشقا مەسچىدتىن نامازغا قاتنىشىدىغانلار
بولسا دەپ بىر ئاز ساقلاپتۇ ، كىلىدىغانلار بىر قۇر كىلىپ بولغاندىن كىيىن مەزىننىڭ << سەپرۇس >>
دىگەن ئاۋازىغا ئۇلاپلا بىر بالا ئوتتۇرىغا چىقىپ << مىنىڭ ئىمامدىن سورايدىغان سۇئالىم بار ئىدى>> دەپتۇ ، ئىمام << ئېيتىڭ >> دىگەندىن كىيىن ھېلىقى بالا << مەن مىيىتنىڭ ئىگىسى ،
ئۆلگۈچى مىنىڭ ئاتام بۇلىدۇ ، مىنىڭ بىلىشىمچە ئاتام ھاياتلىغىدا ناماز ئوقۇپ باقمىغان ، جۈمە ھەتتا بىر ھېيىت نامىزىغىمۇ بېرىپ باقمىغان ، مۇشۇنداق ئادەمنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشكە بۇلامدۇ ؟ >>
دەپتۇ ، ئىمام بىر ئاز تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن << بۇ نامازنى چۈشۈرمىسەكمۇ بۇلىدۇ ، ئاپىرىپ
كۈمۈپ قۇيۇڭلار >> دەپتۇ ، ھېلىقى بالا 4-5 تەك دوسىتلىرى بىلەن تاۋۇتنى كۆتىرىپ كېتىپتۇ ، چۈشۈرۈلمىگەن ناماز بولغاچقا توپراق بېشىغىمۇ جامائەتتىن ھىچكىم بارماپتۇ ، بۇ ئىش شۇ ۋاقىتتا
بۇ كىچىك ناھىيەدە خېلى غۇلغۇلا قوزغاپتۇ ، كىيىن ھېلىقى دوستىمىزنىڭ بىلىشىچە ئۆلگۈچى بىرئىدارىدىن پىنسىيىگە چىققان ، ئادەتتە بىكار بولسا بۇلۇڭ - پۇشقاقتا قەرەت ئويناپ ، بەكىرەك
زىرىكىپ قالسا ئاز -تولا كەيىپ قىلىپ يۈرۈيدىغانىراق ئادەم ئىكەنمىش ، بالىسى بەشناماز بالىكەن ، ئۇ كىشىلەرگە ئىبرەت بولسۇن دەپ قىلغان ئىشىكەن ، شۇچاغدا ھەقىقەتەن بۇ ئىش ئاشۇندا ئۈزى
قېرىسمۇ كۆڭلى قېرىمىغان ، كىچىكى ئۇششاق - چۈششەك تاماشىدىن ، چوڭىراقى شىپىڭ دۇكاندىكى
دۇتتارچى خېنىملاردىن مېھرىنى ئۈزەلمەيۋاتقان كىشىلەرگە بىر دەرس بوپتۇ ، مەسچىدلەردە چوڭلار بېلەكچە ئاۋۇپ كېتىپتۇ ، بۇ بەلكىم بەزىبىر كىشىلەرگە ئۇ دۇنيادىكى << نەق -نىسى سۇئال-سوراق >> تىن كۆرە بۇ دۇنيادىكى نامىزى چۈشۈرۈلمەسلىكتەك ئىش ئېغىر تۇيۇلغان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم .
سوراندىكى ئىككىمىز << بىر ھىساپتا بۇمۇ توغرا بوپتۇ >> دىسەك قالغان بالىلار << ھەرقانچە بولسىمۇ ئاشۇنداق قىلامدۇ ؟ ئاشۇ بالىنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا تۇرسا ، گۇناھلىرىنىڭ دەردىنى ئۇ دۇنيادا
تارتىۋالمامتى >> دىيىشتى ، بىز ئىككىمىز << ناماز چۈشۈرۈش شۇنچە مۇھىممۇ ، جەڭلەردە نى - نى
شىھىتلەرنىڭ ئۈلۈكى ئاتلارنىڭ تۇيىغى ئاستىدا توپىغا كۈمىلىپ كېتىدۇغۇ >> دىسەك ، ئۇلار << ئاتا
رازى ، خۇدا رازى دىگەن گەپ بار ، ئۆزىنىڭ ئاتىسىنى جامائەتنىڭ ئالدىدا سەتلەشتۈرۈش ياخشى
ئەمەس ، >> دەپ ئىككى تەرەپ بۇلۇپ قالدۇق ، مەن بۇ ئىش توغرىسىدا بۇ مۇنبەردىمۇ ئىككى
تەرەپ بۇلۇپ كىتىشنى خالىمايمەن ، پەقەت ئىلىمى چوڭقۇر بالىلار دەلىل كۆرسىتىپ بەرسە
قالغانلىرىمىز ئاڭلاپلا قالساق .
تېما تامام .
مەنبە : ئۆز قەلىمىم .
[ بۇ يازمىنىhiyal0097 2012-02-14 14:24قايتا تەھرىرلى ]