
پارىژدىكى 14-چوڭ رايۇنىدا ،ئىسىم فامىلىسى نامەلۇم 7 مىليون جەسەتنىڭ ئاپئاق سۆڭەكلىرى بىلەن تولغان بىر يەر ئاستى قەۋرىستانلىق بار.
يەر ئاستى قەۋرىستانلىق 187 كىلومېتىرچە ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلغان بولۇپ،پۈتكۈل پارىژنى كېسىپ ئۆتكەن.ھازىر ئۇنىڭ ئاز بىر قىسمىلا جامائەتكە ئېچىۋېتىلگەن.بۇ ناھايىتى قىسقا بىر بۆلەكمۇ كەلگەن كىشىلەرنىڭ ھەر بىر تال نېرۋىسىغا جەڭ ئېلان قىلىش ئۈچۈن يىتەرلىكتۇر.ھىچكىممۇ بىر قانچە مىليون ئادەمنىڭ سۆڭىكى ئارىسىدىن خاتىرجەم ئۆتەلمەيدۇ. قەۋرىستانلىقنىڭ تار يولى پۈتۈنلەي ئادەمنىڭ سۆڭەكلىرىنى تىزىپ دۆۋىلەش ئارقىلىق ياسالغان بولۇپ،سۆڭەكلەر بەئەينى سەرەڭگە قاپلىرىنى تىزغاندەك رەتلىك تىزىلغان.يوتا سۆڭەكلىرى تامنىڭ تىرىكى قىلىنغان،باش سۆڭەكلىرى بولسا تامنىڭ نەقىشلىك قىرغىقى قىلىنغان.