باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1292 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: چۆچەكتىكى ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 438
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 324
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە324دانە
ئۆسۈش: 5204 %
مۇنبەر پۇلى: 6387 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-27
ئاخىرقى: 2012-05-05
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-13 10:38

چۆچەكتىكى ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى

مەمتىمىن ئابدۇخالىق


ئەينى چاغلاردا چۆچەك مائارىپىنىڭ ، جۈملىدىن قىسمەن شىنجاڭ مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن، نۇرغۇنلىغان ئىختىساس ئىگىسىنى تەربىيىلەپ جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كۆپ تۆھپىسىنى قوشقان، ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن "مەھمۇد كاشغەرىي ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى" دەپ نام ئالغان، بۈگۈنكى كۈندە خەلقىمىزگە ناتونۇش بولۇۋاتقان بۇ مەرىپەت "بۆشۈكى" نىڭ ئەينى چاغدىكى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئىككى ئەۋلاد ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغان مەن بىر تەرەپتىن، خەلقىمگە بۇ مەكتەپنى قايتىدىن تونۇتۇش؛ يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا )گەرچە ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ھازىر پېنسىيىدە بولسىمۇ( ئانا مەكتىپىنى قايتىدىن ئەسلىتىپ ئۆتۈش مەقسىتىدە بۇ مەكتەپتە ئوقۇغان، ئوقۇتقۇچى، ئىلمىي مۇدىر ۋە مۇدىر بولغان پېشقەدەم مائارىپچى ئۇستازىمىز مەريەم تۇردىبايېۋانى زىيارەت قىلدىم، ئۇ زىيارىتىمنى قوبۇل قىلدى. تۆۋەندە بۇ مەكتەپ ھەققىدە ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇم.


سوئال: ئاڭلىسام سىز "مەھمۇد كاشغەرىي ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى" دە ئوقۇپسىز، ئوقۇتقۇچى، مەكتەپ مۇدىرىمۇ بولۇپسىز، سىز مۇشۇ مەكتەپنىڭ دەسلەپكى ئەھۋاللىرىنى بىر قۇر ئەسلەپ باققان بولسىڭىز. يەنى بۇ مەكتەپ قاچان، قانداق قۇرۇلغان، كىملەر قۇرغان، مەكتەپنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسى قانداق ھەل قىلىنغان؟

جاۋاب: "مەھمۇد قەشقىرى ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى" نىڭ قانداق قۇرۇلغانلىقىنى باشقا زىيالىيلارمۇ بىلىشى مۇمكىن. مەن ئاساسلىقى مۇشۇ مەكتەپتە 1934 - يىلىدىن 1938 - يىلىغىچە ئوقۇپ، 1943 - يىلىدىن 1952 - يىلىغىچە ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىم ئۈچۈن، ئۆزۈمنىڭ بىلگەنلىرىمنى دەپ بېرەي: 1932 - يىلى چۆچەك ھاكىمى مەنسۇر ھاجى، "توران" مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ھىسام باۋىن، "نەشر - مائارىپ جەمئىيىتى" نىڭ رەئىسى نىياز ئىشاقى ۋە مەھمۇتجان ئىلھامجانۇف قاتارلىق رەھبەرلەر، بىر قىسىم زىيالىيلار ۋە بايلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىشى بىلەن "تۇما" كوچىسىدىكى مەخسۇت ھاجىنىڭ قورۇسىدىن ئۈچ ئېغىزلىق ئۆي ھەقسىز ئىجارىگە ئېلىنىپ، ئىككى سىنىپلىق قىزلار مەكتىپى قۇرۇلغان، بۇ مەكتەپ ئەينى ۋاقىتتا مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ خورلۇقىغا ئۇچراپ ساۋاتسىز قېلىۋاتقان قىزلارنى ئوقۇتۇش، ئۇلارنىڭ ئورنىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قۇرۇلغانىدى. شۇ ۋاقىتتا نىياز ئىشاقىنىڭ قىزى ماھىيە ئىشاقى مەكتەپ مۇدىرى بولغان. مەكتەپ خىراجىتىنى دەسلەپ ئەمەت ئاخۇن، ئىگەمبەردى خەلپەت، مەسىمئاخۇن، مەنسۇر ھاجى، مۇقۇمئاخۇن، نىياز شاڭزۇڭ، باي يۈسۈپ قاتارلىق مەرىپەتپەرۋەر بايلار كۆتۈرگەن، كېيىنچە يەنە ئاممىدىن ئىئانە توپلانغان، "نەشر - مائارىپ جەمئىيىتى" ۋە ئاتا - ئانىلار كومىتېتى تەرىپىدىنمۇ خىراجەت بېرىلگەن. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار تېز كۆپەيگەنلىكتىن 1934 - يىلى خەلقتىن توپلانغان ئىئانە بىلەن ئايرىم مەكتەپ سېلىنغان، مەكتەپ قۇرۇلۇشى شۇ يىلى پۈتۈپ ئوقۇش باشلانغان.


سوئال : دەسلەپ بۇ مەكتەپنىڭ نامى "مەھمۇدىيە ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى" دەپ ئاتىلىپتىكەن، بۇ نام مەھمۇد قەشقىرىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغانمۇ؟

جاۋاب: مەكتەپ قۇرۇلغان مەزگىللەردە جىن شۇرىن ھاكىمىيەت بېشىدا ئىدى. قۇرغۇچىلار بۇ مەكتەپكە "مەھمۇد قەشقىرى ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى" دەپ نام قويۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن رۇخسەت قىلىنمىغانلىقتىن "مەھمۇدىيە ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى" دەپ نام قويغان دەپ ئاڭلىغانىدىم، كېيىن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە بىر قىسىم زىيالىيلار، ئېسىمدە قېلىشىچە ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇقادىر زۇنۇن ، ئابلىمىت ھاجىيوف، تاتارلاردىن ھىسام باۋىن، مەخسۇت خالىيدى، ئۆزبېكلەردىن مەخمۇتجان ئىلھامجانوف قاتارلىق زىيالىيلار ۋە شۇ چاغلاردىكى بايلار بىرلىشىپ بۇ مەكتەپنىڭ نامىنى "مەھمۇد قەشقىرى ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى " گە ئۆزگەرتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1946 - يىلى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۆچەك ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بويىچە "مەھمۇدىيە ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى" دېگەن نام "مەھمۇد قەشقىرى ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى " گە ئۆزگەرتىلگەن.


سوئال: بەزى ماتېرىياللاردا بۇ مەكتەپنى "مەھمۇدىيە مەكتىپى"، "چۆچەك ۋىلايەتلىك ئىپتىدادىي قىزلار مەكتىپى"، "مەھمۇد قەشقىرى قىزلار مەكتىپى" دەپ بىر نەچچە خىل ئاتىغانلىقىنى كۆردۈم، ئەينى ۋاقىتتا راست شۇنداق ئاتالغانمۇ؟

جاۋاب: ھەئە، "مەھمۇدىيە" دېگەن نام دەسلەپكى نام، كېيىنچە باشقا باشلانغۇچ مەكتەپلەرمۇ كەينى - كەينىدىن قۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن 1935 - ، 1936 - يىللىرى چۆچەك ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى مەكتەپلەرنى نومۇر تەرتىپى بويىچە ئاتاشنى يولغا قويۇپ "مەھمۇدىيە ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى " نى "چۆچەك ۋىلايەتلىك ئىپتىدائىي قىزلار مەكتىپى" دەپ ئاتىغان، ئوقۇغۇچىلار يىلسېرى كۆپەيگەچكە، 1945 - يىلى 9 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقىتلىق ھۆكۆمىتى چۆچەك ۋىلايەتلىك ۋالىي مەھكىمىسى مەكتەپ ئورنىنى يۆتكەشنى قارار قىلغان، مەكتەپنىڭ كۆلىمى 6720 كۋادرات مېتىر بولۇپ، ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ پۇل بىرلىكى بويىچە ھېسابلىغاندا 1 مىليون 600 مىڭ دوللار بولغان، كېيىن زىيالىيلارنىڭ باش قوشۇشى بىلەن 1946 - يىلى "مەھمۇد قەشقىرى ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى" دېگەن نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.


سوئال: بۇ مەكتەپ ئەينى چاغدا چۆچەك خەلقىنڭ بولۇپمۇ زىيالىيلارنىڭ مەھمۇد قەشقىرىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈشتە قانداق رول ئوينىغان؟

جاۋاب: مەكتىپىمىزنىڭ نامى 1946 - يىلى "مەھمۇد قەشقىرى ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى" گە ئۆزگەرتىلگەندىن، كېيىن بۇ نام چۆچەكتىكى ھەر ساھە زىيالىيلىرىنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى غۇلغۇلا قوزغىغان، چۆچەك خەلقىنىڭ مەھمۇد قەشقىرىگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرغان. ئىلگىرى نۇرغۇن كىشى بۇ بۈيۈك ئالىمىمىزنى بىلسىمۇ، چۈشەنچىسى تازا چوڭقۇر ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ نامى مەكتىپىمىزگە قويۇلۇشى بىلەن چۆچەكتىكى ئۇيغۇر، تاتار، ئۆزبېك خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ زىيالىيلارنىڭ مەھمۇد قەشقىرىگە بولغان چۈشەنچىسى چوڭقۇرلاشقان ھەم مەكتىپىمىزگە بولغان ھۆرمىتىمۇ ھەسسىلەپ ئاشقان، مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىگە ، ئىنتىزامغا بولغان تەلەپمۇ ئاشقان.


سوئال: شۇ چاغدىكى ئوقۇتقۇچىلىرىڭىز كىملەر ئىدى؟

جاۋاب: بىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مۇئەللىملىرىمىز شۇ دەۋرنىڭ داڭلىق زىيالىيلىرىدىن ماھىيە ئىشاقى، تائىبە ئىشاقى ، مەغمۇرە ئىشاقى، مۇھەببەت نازارى، پاتىمە ئىلھامھاجى، مارزىيا ، مۇقەددەس غۇلامقارى قاتارلىقلار ئىدى. 1937 - يىلىدىن باشلاپ مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇ - ئوقۇتۇش ۋە ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەردىكى ئىلگىرىلىشىمۇ ناھايىتى تېز بولدى. ئۇنداق بولۇشى شۇ يىللىرى مەكتىپىمىزگە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى(تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنستىتۇتى)دا ئوقۇپ كەلگەن سەيپىدىنكام(سەيپىدىن ئەزىزى)، مۇھەممەت قارى قاتارلىق زىيالىيلار كەلگەن. 1943 - يىلىغا كەلگەندە ئاساسەن چۆچەك گىمنازىيىسىنى پۈتتۈرگەن ياشلار ئوقۇتقۇچى بولدۇق، بولۇپمۇ سەيپىدىنكامنىڭ "مەھمۇد قەشقىرى ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى" گە بولغان ياردىمى ناھايىتى كۆپ، سەيپىدىنكام كۆپرەك ئوقۇتقۇچىلارغا لېكسىيە سۆزلەپ، ئۇلارنى ھەر تەرەپلىمە تەربىيىلەيتتى، مەن شۇ چاغدا بىزگە دەرس بەرگەن مۇئەللىملەرنى ئالىممىكىن دەيمەن، چۈنكى ئۇلار قالتىس ئوقۇتقۇچىلار ئىدى. سەۋىيىسى ھازىرقى ئالىي مەكتەپلەردىكى پروفېسسورلاردەك دېسەم ئارتۇق كەتمەس.


سوئال: شۇ چاغلاردا "مەھمۇد قەشقىرى ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى" دە ئانا تىلىمىزدىن سىرت، باشقا تىللارمۇ ئۆگىتىلەمتى، قانداق دەرسلەر ئۆتۈلگەن؟

جاۋاب: شۇ چاغدا تىل - ئەدەبىيات، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دەرسلىك پروگراممىسىدىكى دەرسلەردىن تارىخ، جۇغراپىيە، ماتېماتىكا قاتارلىقلار ، ئۇنىڭدىن سىرت، ئاناتومىيە، زوئولوگىيە، ئاسترونومىيە، رېشىلىيە(چېكىشچىلىك) دەرسلىرى ئۆتۈلەتتى. قوللانغان يېزىقىمىز ئۆزىمىزنىڭ كونا يېزىقى ئىدى. خەنزۇتىلى بىلەن رۇس تىلى ئۆتۈلەتتى. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىدە بۇ ئىككى دەرس بىر مەزگىل ئۆتۈلمىدى، 1950 - يىلىدىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.


سوئال: ئەينى چاغدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇشقا بولغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان، ئاتا - ئانىلارنىڭ باللىرىنى ئوقۇتۇشقا بولغان قىزغىنلىقى توغرىسىدا قىسقىچە سۆزلەپ بېرەرسىزمۇ؟

جاۋاب: ئۇ چاغلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەۋىيىسىمۇ، دەرس ئۆتۈشكە بولغان قىزغىنلىقىمۇ ھەقىقەتەن يۇقىرى ئىدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىمۇ ھەم شۇنداق ئىدى. ئەمدى ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئوقۇتۇشىغا كەلسەك، باشلانغۇچ مەكتەپ پۈتتۈرگۈچە ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى ناھايىتى قىزغىن ئوقۇتاتتى. لېكىن تولۇقسىز ۋە تولۇقتا قىسمەن ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى ئوقۇشتىن توختىتىۋالىدىغان ئەھۋاللار بار ئىدى. بىز ئوقۇتقۇچىلار بالىلىرىنى توختىتىۋالغان ئاتا - ئانىلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەيتتۇق، بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي: مېنىڭ پەرىدە شەرىپىۋا دېگەن بىر خۇيزۇ ئوقۇغۇچىم بار ئىدى. ھازىر ئۇ قازاقىستاننىڭ، داڭلىق خەلق ئارتىسى، ئۇنى ئاتا - ئانىسى مەكتەپتىن توختىتىۋالماقچى بولدى. بىز پەرىدەنىڭ ئاتا - ئانىسىغا نەچچە قېتىم خىزمەت ئىشلەپمۇ پەرىدەنى مەكتەپكە ئېلىپ كېلەلمىدۇق، دەل شۇ چاغدا 1950 - يىلى غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە بويىچە شىئەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3 - قېتىملىق ياشلار ۋە ئوقۇغۇچىلار يىغىنىغا تارباغاتاي ۋىلايىتىگە بەش سان بېرىلىپ، ئۇنىڭ ئىككىسى بىزنىڭ "مەھمۇت قەشقىرى ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى" گە بېرىلگەنىدى، شۇ چاغدا مەن مەكتەپ مۇدىرى ئىدىم، بۇ كەلگەن ساننىڭ بىرى ۋىلايەت تەرەپتىن ماڭا بېرىلدى، بىرى ئوقۇغۇچىغا بېرىلگەن سان ئىدى. مەن ئوقۇغۇچىغا بېرىلگەن ساننى پەرىدە شەرىپىۋاغا بەردىم، چۈنكى مەن ئۇنى شىئەنگە ئېلىپ كەتمىسەم ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭ تويىنى قىلىۋېتەتتى، شۇڭا مەن پەرىدەنى ئېلىپ ماڭدىم. دادىسى قوشۇلماي ئۈرۈمچىگىچە كەينىمىزدىن بارغانىدى. بىز شىئەن شەھىرىگە بېرىپ ياشلار قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىللەردە ، چخىسلاۋاكىيىنىڭ پايتەختى پراگا شەھىرىدە ئېچىلماقچى بولغان دۇنيا ياشلار فېستىۋالىغا ۋەكىل تاللاش ئىشىمۇ ئېلىپ بېرىلىپ، پەرىدە غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكىدىكى خۇيزۇ ياشلارغا ۋاكالىتەن بۇ فېستىۋالغا قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن پەرىدە چخىسلوۋاكىيىگە باردى. كېيىن موسكۋانىمۇ زىيارەت قىلدى. پەرىدە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مەكتەپتە بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا لېكسىيە سۆزلىدى.

مەنبە:ساقلانمىلار
دوستلىشىش
شىرمۇھەممەتئەلى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10698
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 86
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە86دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 860 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-07
ئاخىرقى: 2012-03-18

بىلۋېلىشقا  تىگشلك  رەخمەت
دوستلىشىش
13899196193
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10629
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 274
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە274دانە
ئۆسۈش: 1770 %
مۇنبەر پۇلى: 3138 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-02
ئاخىرقى: 2012-05-05
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-13 15:33

مەن يۇرتىمىزدا بۇندا مەكتەپ بارلىقىنى بىلمەيدىكەن مەن، ھازىرمۇ بارمىدۇ ، بار بولسا ھازىرلا بىرىپ كۇرۇپ باققىم بار
ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھىچكىم ئازدۇراممايدۇ،ئاللاھ ئازدۇغان كىشىنى ھىچ كىم ھىدايەت قىلاممەيدۇ.
دوستلىشىش
دانىش
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6374
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 111
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە111دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 1354 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-04
ئاخىرقى: 2012-05-09
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-13 16:07

بۇ ئەسەرنى بىزنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئىنگىلىس تىلى ئوقۇتقۇچىمىز مەمتىمىن ئەۋزى يازغان .ئۆز ۋاختىدا سىنىپتا بىزگە ئوقۇپ بەرگەن ئىدى.(ئەۋزى :تاتارچە ئەپەندىم دىگەن گەپ بولۇپ ،چۆچەكتە  ئادەتتە ئەر ئوقۇتقۇچىلارنى ئەۋزى،ئايال ئوقۇتقۇچىلارنى ئاپپاي دەپ چاقىرىدۇ)
ئالدىم يا بىلەن ئوقنى ياۋنى ئاتارمەندەپ-كەيدىم پ ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1577
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1577دانە
ئۆسۈش: 560 %
مۇنبەر پۇلى: 16443 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-04-29
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-13 16:33

بۇ مەكتەپ ھازىر بارمىدۇ ؟ مەكتەپ نامى ئۆزگەرتىلگەنمىدۇ؟
دۈشمەنلىرىمگە ئۆزۈم تىتىيمەن ،قىرىنداشلىرىمنىڭ سۈيقەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ ئاللاھ.
دوستلىشىش
دانىش
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6374
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 111
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە111دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 1354 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-04
ئاخىرقى: 2012-05-09
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-13 17:38

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى جەڭچى نىڭ 2012-02-13 16:33 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
بۇ مەكتەپ ھازىر بارمىدۇ ؟ مەكتەپ نامى ئۆزگەرتىلگەنمىدۇ؟

ئىسىمدە قېلىشىچە ،كىيىن بۇمەكتەپ شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ ما 7-باشلانغۇچ دەپ ئۆزگەرتىلىپ يوق قىلىنغان.
ئامانشاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1469
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1469دانە
ئۆسۈش: 1760 %
مۇنبەر پۇلى: 16634 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2012-05-10
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-13 17:54

مۇشۇ قىتىم ئەڭ ئاچچىقىم كەلگىنى يۇرتىمىزغا بىرىپ بولغۇچە بىر مازارلىق بارئىدى، قىزىلجى مازاغوجام دەيىتتۇق، يولدىن ئۆتكۈچە دۇئا قىلىپ ماڭاتتۇق، بۇدا قارسام ئستى تەرەپ كۆمتۈرلۈپ چۈشۈپتۇ، گۈمبەز شەكىللىك ئىدى،مەن تىخى بۇ قۇرۇلۇشلارغا ئۇزۇن بولغاچقا شۇڭلاشقا مۇشۇنداق بولغان چىغى دەپ ئويلاپتىمەن ، ئەمما تاغامنىڭ ئىيتىشىچە بايلىق ئىزدىگۈچىلەر مۇشۇنداق چۇۋۇۋىتىپتۇمىش....    بەكلا ئاچچىقىم كەلدى، باشقىلارنىڭ بولغان بولسىدى، ھەرگىز يىقىن كىلەلمەس ئىدى...ھەي...
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10558
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 16
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 170 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-29
ئاخىرقى: 2012-02-16
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-13 18:53

مەكتەپ نامىنى مۇشۇنداق پەخىرلىك ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ نامى بىلەن ئاتاشمۇ ياخشى ئىشكىنا ! ئۇلارغا بولغان ھۆرمەت ، قىزىقىش ، تەتقىقات ئىشلىرىغىمۇ زور ياردىمى بولىدىغاندەكلا ھېس قىلىۋاتىمەن . تېما ئىگىسىگە رەھمەت ، بۇنداق مەكتەپ بارلىقىنى ئەمدى بىلىشىم .
دوستلىشىش
بىناۋا
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7808
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 218
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە218دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 2394 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-10
ئاخىرقى: 2012-05-10
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-19 18:04

تۇركىيىدە بىلىم ئېلىپ قايتىپ كەلگەن مەمتېلى تەۋپىق ئەپەندى ئاتۇشقا يېڭىچە مائارىپ ئوتىنى ياققان ئەشۇ 1933-،1934-يىللاردا چۆچەكتە <<مەھمۇدىيە قىزلار مەكتىپى>> قۇرۇلۇپ بولغان  ئىكەن. چۆچەكتىكى پەننى مەكتەپلەر داۋاملاشقان، راۋاجلانغان.ئاتۇشتىكى مەرىپەتپەرۋەر زاتلارمەمتېلى ئەپەندىنىڭ ھاياتىنىمۇ  ساقلاپ قالالمىغان. ئۇ چاغلاردا ئاۋامنىڭ ئېڭىدىكى پەرق شۇنچە چوڭمىدۇ؟! ياكى دۈشمەن  ئاتۇشتا شۇنچە كۈچلۈكمىدۇ؟!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 438
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 324
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە324دانە
ئۆسۈش: 5204 %
مۇنبەر پۇلى: 6387 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-27
ئاخىرقى: 2012-05-05
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-28 21:17



1940-يىلى تارتىلغان،"مەھمۇد قەشقىرى ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى"نىڭ ئوقۇتقۇچى،ئوقۇتقۇچىلىرى