باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1379 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: دۇنياغا نەزەر
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1746
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1746دانە
ئۆسۈش: 8090 %
مۇنبەر پۇلى: 23692 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-05-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-12 21:51

دۇنياغا نەزەر



  سۈرىيەدە ھۆكۈمەت قىسىملىرى توختىماي ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا.
ھۆكۈمەت قىسىملىرى، بىر ھەپتىدىن بېرى قورشاۋغا ئالغان زەبادانىغا ئاخىرى بېسىپ كىردى.
ئۆكتىچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 100گە يېقىن ئادەم ئۆلگەن لىۋان چېگرىسىغا جايلاشقان زەبادانى شەھىرىدە تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئوق چىقىرىشنى توختىتىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان.
ئۆكتىچىلەرنىڭ قورال تاپشۇرۇشىنى، سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۆكتىچىلەرنى جازالاندۇرماسلىقىنى تەشەببۇس قىلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن كېيىن سۈرىيە ئارمىيەسى شەھەرگە بېسىپ كىردى.
شەھەرنىڭ قانداق ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكىنى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.
سۈرىيە ئارمىيەسى ھۇمۇس ۋە دەرئا شەھەرلىرىدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، 23 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
بۇ ئارىلىقتا سۈرىيە تۇنىس ۋە لىۋىيەدىن پايتەخت دەمەشقتە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىنى تاقىۋېتىشنى تەلەپ قىلىپ، تۇنىس ۋە لىۋىيە دېپلوماتلىرىغا دەمەشقتىن چىقىش كېتىشى ئۈچۈن 3 كۈن مۆھلەت بەردى.
ھەر ئىككى دۆلەت ئۆتكەن قېتىم دەمەشقتىن سۈرىيەنىڭ دۆلىتىدىكى  تۇرۇشلۇق  ئەلچىخانىلىرىنى تاقىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.




  ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىلىق بىر سىياسىي مەھبۇس، سوتقا چىقماسلىق ۋە قاتتىق قىيىن قىستاققا ئۇچرىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن 58 كۈندىن بېرى ئاچلىق نامايىشى قىلماقتا.
27كىلو ئورۇقلاپ كەتكەن، ناھايىتى تەسلىكتە ماڭىدىغان بۇ سىياسىي مەھبۇسنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
ئىسلامىي جىھات تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى بىلەن ئەيىبلىنىپ  ئۆتكەن ئاي قولغا ئېلىنغان ۋە ئىئوردان دەرياسىدىكى ئىسرائىلىيە ھەربىي تۇرمىسىغا قامالغان  پەلەستىنلىك قادىر ئادنان، سوتلانماسلىق ۋە قاتتىق قىيىن قىستاققا ئۇچرىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۆتكەن ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ھازىرغىچە پەقەت سۇلۇق يېمەكلىكلەر بىلەنلا ئوزۇقلىنىپ كەلمەكتە.
تەخمىنەن 2 ئايدا 27 كىلو ئورۇقلاپ 63 كىلوغا چۈشۈپ قالغان، چاچلىرى تۆكۈلۈپ ئارانلا ماڭىدىغان ئادنان، پەقەت پەلەستىنلىك دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرۈشىنىلا قوبۇل قىلماقتا، لېكىن ھەر تۈرلۈك داۋالىنىشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.
دوختۇرخانا مەسئۇللىرى، ئادناننىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، بەدىنىدىكى جاراھەتنىڭ ئوڭشالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
پەلەستىنلىكلەر، قادىر ئادناننىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ھەر كۈنى دېگۈدەك تۇرما ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن توقۇنۇشماقتا.




  لىۋىيە ھۆكۈمىتى نېگىردىن ئاغدۇرۇۋېتىلگەن پىرېزېدېنت مۇھەممەر قەززافىنىڭ ئوغلى سەئىد قەززافىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. لېكىن نېگىر سەئىد قەززافىنى قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
نېگىر ھۆكۈمىتى باياناتچىسى، سەئىد قەززافىنى لىۋىيەدە مۇستەقىل ۋە بىتەرەپ سوت مەھكىمىسى قۇرۇلغان ۋاقتىدا ئاندىن قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
باياناتچى، سەئىد قەززافىنى لىۋىيەگە قايتۇرۇپ بەرگەن تەقدىردە، سەئىدنىڭ ئادىللىق بىلەن سوتلانماي، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
كىيىنكى مەزگىللەردە سەئىد قەززافىنىڭ بەرگەن باياناتلىرىنىڭ نېگىردە پاناھلىنىش شەرتلىرىگە تامامەن خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان باياناتچى، بۇنىڭدىن كېيىن سەئىد قەززافىينىڭ سىياسىي باياناتلارنى بەرمەسلىكىنى ئۈچۈن تىگىشلىك تەدبىر ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سەئىد قەززافى تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىدىغانلىقىقەيت قىلىندى.
تىرابلۇستا 30غا يېقىن نامايىشچى لىۋىيەدە تۇرۇشلۇق نېگىر ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتتىن بۇ دۆلەت بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.
سەئىد قەززافى فىرانسىيەدىكى بىر فىرانسۇز تېلېۋزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، لىۋىيە ھۆكۈمىتىدىن رازى بولمىغانلار، ئارمىيە ۋە يېڭى ھۆكۈمەتتىكى بەزى شەخسىلەر ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن ھېلىھەم ئالاقە ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھامان بىر كۈنى لىۋىيەگە قايتىدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ ، لىۋىيەلىكلەرنى ھۆكۈمەتكە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشكە چاقىرغان ئىدى.





  تۈركىيە ئارمىيەسى، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئائىت ئىككى نۇقتىنى بومباردىمان قىلدى.
ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ تەپسىلاتىغا دائىر ئۇچۇرلار باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئىنتېرنت سەھىپىسىدە ئېلان قىلىندى.
باياناتقا ئاساسلانغاندا، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پاناگاھ ۋە ئۆڭكۈرلىرى، 11- فېۋرال كۈنى كېچىسى ئېلىپ بېرىلغان كۈچلۈك ھاۋا ھەرىكىتى ئارقىلىق بومباردىمان قىلىپ تاشلانغان.
بومباردىمان قىلىنغان جايلارنىڭ زاپ ۋە ھاكۇرى رايونىدا ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
باش قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئائىت جايلارنىڭ بايقاش خاراكتېرلىك ئۇچۇشلار نەتىجىسىدە بېكىتىلگەنلىكى تەكىتلەندى ۋە ۋەزىپىسىنى ئۇتۇقلۇق ھالدا ئاخىرلاشتۇرغان ئايروپىلانلارنىڭ بىخەتەر ھالدا بازىلىرىغا قايتىپ كەلگەنلىكى قەيت قىلىندى.



ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 7-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ يادرو ئۈسكۈنىلىرىگە ھۇجۇم قىلسا، دۇنيا ئىقتىسادىغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدىكەن، ئامېرىكا بۇ ھۇجۇمنى قوللاش قوللىماسلىقىدىن قەتئىي نەزەر، ئامېرىكىنى رايون ئۇرۇشىغا سۆرەپ ئەكىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئاقىۋىتىنى پەرەز قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى، ئەگەر ئىسرائىلىيە ئىرانغا ھۇجۇم قىلسا، ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىنى ئىشلەپ چىقىرىشىغا نىسبەتەن ھېچقانداق گۇمان مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن.
ئىسرائىلىيە قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ ئىران يادرو مەسىلىسىنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىش پۇرسىتىنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوققا چىقىۋاتىدۇ، غەرب ئەللىرى جىددىيلىك بىلەن بۇ پەرەزلەرنى قايتا قىياس قىلىۋاتىدۇ.
غەرب مۇتەخەسسىسلىرى، ئىسرائىلىيەنى ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشتىن بۇرۇن ئۇزۇن ئىسرائىلىيەنىڭ مۇددەتلىك ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلماقتا. كۆپلىگەن كىشىلەر ھۇجۇم تېخىمۇ كەڭ توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ ئەنسىرىمەكتە.
ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش سۆھبىتىنىڭ باش ۋەكىلى بوت مىيۇنخېن بىخەتەرلىك سۆھبىتى جەريانىدا مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئىرانغا ئوچۇق جەڭ ئېلان قىلغانلىق، بۇنىڭدا كۆپلىگەن مۇقىمسىزلىق ئامىللار بار، ئاساسىي جەھەتتىن پۈتۈنلەي يامان خاراكتېرلىك تەسىر پەيدا قىلىدۇ، بۇ ئامېرىكا ئىشتات باشلىقلىرى بىرلەشمە كېڭىشى ئىزچىل ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى قوللىماسلىقىنىڭ بىر سەۋەبى».
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىراننىڭ يادرو تۈرىگە قورال ئىشلىتىش مەسىلىسىدە ئىسرائىلىيە بىلەن غەرب ئەللىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ بارغانسېرى كەسكىنلەشتى، نىيۇيورك «گۇۋاھلىق گېزىتى»نىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرى ئاخبارات نەتىجىسى ۋە ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا ناۋادا ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلسا، رايون توقۇنۇشى، قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇم قىلىشى شۇنداقلا ماي باھاسىنىڭ قاتتىق ئۆرلەپ كېتىشى قاتارلىق ئاپەتلەر يۈز بەرمەيدۇ، دەپ ھېسابلىدى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: ئەگەر ئىران ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى مۇتەخەسسىسلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشى مۇمكىن، ھەمدە يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك ئەھدى نامىسىدىن چېكىنىپ، ئىران يادرو مەسىلىسىنى سۆھبەت بىلەن ھەل قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى يوققا چىقىرىدۇ.
بروكىڭڭىس ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ساربېنىس ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى راك مۇنداق دېدى: ئۇ ۋاقتىدا ھېچقانداق بىر دۆلەت ئىراننى ئەيىبلىمەي ئەكسىچە ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلەيدۇ. ئەگەر ئىران يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك ئەھدى نامىسىدىن چېكىنسە، جازالاشمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ.
مۇتەخسسىسلەر، ھۇجۇم-ئىراننىڭ ياكور تۈرىنى گۇمران قىلماي پەقەت تەرەققىي قىلدۇرۇش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدۇ. ئەگەر ئىران ھۇجۇمدىن كېيىن ئەسلىگە كەلسە، يادرو قوراللىرىنى ئىشلەپ چىقىرىش ئۈستىدە ئىزدىنىشى مۇمكىن. ئامېرىكا خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى ئوتتۇرا شەرق تۈرىنىڭ باشلىقى ئالتمان مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىران تەھدىت قوراللىرىنى ئىشلەپ چىقىرىش ئۈستىدە تېخىمۇ تىرىشىپ، بۇ خىلدىكى ھۇجۇملارنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
بۇندىن باشقا، مۇلاھىزىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىران ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئىران دۇنيادىكى مۇھىم نېفىت تىرانسپورت يولى بولغان ھورمۇز دېڭىز بوغۇزىنى قامال قىلىدۇ، ياكى سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىتلىكىگە ھۇجۇم قىلىپ، نېفىت باھاسىنى تېز سۈرئەتتە ئۆستۈرۈۋېتىش ئارقىلىق، ئامېرىكا ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوبامانىڭ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىشىگە تەھدىت سالىدۇ.
لېكىن نېفىت سودىگەرلىرى، ئىران ھورمۇز دېڭىز بوغۇزىدىكى بىرايدا، ئىران-ئىراق ئۇرۇشى مەزگىلىدىكىدەك ئۆتكەن-كەچكەن پاراخوتلارغا ھۇجۇم قىلىشى ۋە بۇ سۇ رايونىدا ئۆتكەن پاراخوتلارنى قانۇنسىز دەپ تۇرۇۋېلىشىدىن ئەڭ ئەندىشە قىلىدۇ.
ئەگەر ئىران ئىسرائىلىيەگە غەلبىلىك ھالدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا تاشلىيالىسا، ئوبامانىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىسرائىلىيەنى قوللاش ھەرىكىتى بېسىمىگە ئۇچرايدۇ، ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ قوغدىنىشىغا ياردەم قىلماي بولمايدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر ئىسرائىلىيەنىڭ مۇستەقىل ھالدا ئىران يادرو ئۈسكۈنىلىرىنى ۋەيران قىلىش كۈچى يوق بولغاچقا ئامېرىكىنىڭ ياردىمىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ دەپ ھېسابلىدى.









دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4797
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 977
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە977دانە
ئۆسۈش: 950 %
مۇنبەر پۇلى: 6176 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-14
ئاخىرقى: 2012-05-11

سۈرىيىگە ئامال يوقكەندە،ب د ت دىگەن شاپاققا چىۋىن ئولاشقاندەكلا بىر يەمۇ نىمە؟
خىيالپەرەس ئادەم
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4670
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 124
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە124دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 817 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-11
ئاخىرقى: 2012-05-07
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-12 22:28

ساماندەك  كوپ خەۋەرلەر ئىكەنغۇ بۇ..                     . ..              تەشەككۈر
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 743
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 193
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە193دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1973 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-28
ئاخىرقى: 2012-03-30
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-12 22:33

تۇركىيە ھۇجۇم قىلغان تەشكىلات ،كورت ئىشچىلار پارتىيسى شۇمدۇ
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7564
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 547
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە547دانە
ئۆسۈش: 1150 %
مۇنبەر پۇلى: 6355 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-24
ئاخىرقى: 2012-05-10
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-12 23:02

ئىنسانلار مەۋجۇتلا بۇلوپ تۇرىدىكەن ئۇرۇش-تۇقۇنۇش تۇگىمەيدۇ،،،
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1746
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1746دانە
ئۆسۈش: 8090 %
مۇنبەر پۇلى: 23692 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-05-10
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-12 23:02

[quote]بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى oychan نىڭ 2012-02-12 22:28 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
ساماندەك  كوپ خەۋەرلەر ئىكەنغۇ بۇ..                     . ..              تەشەككۈر

ئەسلى تېخىمۇ جىقتى،،سامانيولىدىن كەلگىچە نەچچىسى چۈشۈپ قاپتۇ بۇ خەۋەرلەرنىڭ،،،،،،
ئاللاھنىڭ قۇلى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1442
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 474
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە474دانە
ئۆسۈش: 640 %
مۇنبەر پۇلى: 5373 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-02
ئاخىرقى: 2012-05-04
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-12 23:33

بۈگۈن ئىرانغا دائىر خەۋەر يوقما؟
ئالدىم يا بىلەن ئوقنى ياۋنى ئاتارمەندەپ-كەيدىم پ ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1577
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1577دانە
ئۆسۈش: 560 %
مۇنبەر پۇلى: 16443 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-04-29
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-12 23:47

ئۇففففففففففففففففففف   ئەمدە ئوقۇپ بولدۇم      ،،، سۈريەگە ھىچ ئامال يوقكەندە ،،،ئىران بۇ  قىتىم راسلا تۈگشەمدۇ قانداق.     
دۈشمەنلىرىمگە ئۆزۈم تىتىيمەن ،قىرىنداشلىرىمنىڭ سۈيقەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ ئاللاھ.
دوستلىشىش
13899196193
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10629
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 278
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە278دانە
ئۆسۈش: 1860 %
مۇنبەر پۇلى: 3238 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-02
ئاخىرقى: 2012-05-11
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-13 15:48

مەن جاھاندىكى ئىشلارغا بەكلا قىزقىمەن ، سۇرىيە ئىشىغا كەلسەك زۇڭتۇڭ بەشىر ئاسات دىننى ئىتىقاتى بارمۇ يۇق بىلمەيمەن. خەۋەرلەردە يوق دەيدىكەن. (لىۋىيە رەھبىرى كازافىنىمۇ مۇتىھەم دىگەن لىكىن ئولىدىغان چاغدا قۇرئان ئوقۇپلا ئولتۇرۇپتىكەن . ئۇرۇشقا قۇمەندانلىق قىلماپتىكەن. پۇقرالارنى ئولتۇرۇشنى ئويلىماپتىكەن، ئولتۇرۇشنى خالىغان بولسا زەھەرلىك دورىلارنى ، ھەربى جابدۇقلارنى، كۇپلەپ ئىشقا سالاتتى، ئىشقا سالمەي كۇپ نەرسىلىرى قالدىغۇ) لىكىن قوللايدىغانلارمۇ كۇپكەن، قوللىمايدىغانلارمۇ ئازئەمەسكەن ،لىكىن نامايىش قىلغانلارنى ئولتۇرمىسە بولاتتى، ئۇرۇش پارتىلاپ قالسا كىيىنكى ھۇكۇمەت ئامرىكا پەرەس ھۇكۇمەت بوپ قالامۇ.          
ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھىچكىم ئازدۇراممايدۇ،ئاللاھ ئازدۇغان كىشىنى ھىچ كىم ھىدايەت قىلاممەيدۇ.
مەسجىد ئەقسا,ئۇمۇسۇلمانلارنىڭ بىرىنچى قىبلىسى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 481
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1240
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1240دانە
ئۆسۈش: 2750 %
مۇنبەر پۇلى: 14579 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-30
ئاخىرقى: 2012-05-08
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-13 16:47

مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى.ئىراننىڭ ئەسكەر كىركۈزۈپ سۈرىيەدىكى  نامايىشچىلارنى باشتۇرغانلىقىغا ئىرانغا نازارزىلىق بىلدۈرمەكتە.