دېڭىز يۈزىدىن مىڭ مېتىردىن ئېگىز كارپادوسىيە ئېگىزلىكى قاقاسھەم غەلىتە،يوغان ماقما جىنىسلار يۇنۇپ ئۇچلىنىپ پىرامىداغا ئوخشاش نەچچە يۈز دانە ئۇچلۇق تاشقا ئايلانغان،ئەمما بۇ يەردە يۈزلىگەن-مىڭلىغان قەدىمىي ئۆڭكۈر ئىبادەتخانىلار ۋە سان-ساناقسىز ئۆڭكۈر ئۆيلەر يەر ئاستىغا يۇشۇرۇنغان.
1963 -يىلى،بۇ يەردە يەر ئاستى شەھىرى بارلىقى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە پەقەت بىر جايدىلا ئەمەسلىكى بايقالغان .10يىل ئىچىدە،جەمىي 63جايدىكى يەر ئاستى شەھەر بازىرى قېزىلغان،ئېيتىشلارغا قارىغاندا يەنە تېخىمۇ كۆپ بايقالمىغان نامەلۇم يەر ئاستى شەھىرى ۈار ئىكەن.نۆۋەتتە بايقالغان ئەڭ چوڭ يەر ئاستى شەھىرىدە جەمئىي 1200 ئېغىز تاش ئۆي بار بولۇپ،ئۇنىڭدا 15 مىڭ ئادەم تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىكەن. قۇدۇققا ئوخشاش بىر كىرىش ئېغىزى ئارقىلىق يەر ئاستى شەھىرىگە كىرگىلى بولىدۇ،كارىدورى ئەگرى-بۈگرى بولۇپ،ئېڭىشىپ مېڭىشقلا بولىدۇ.
بارلىق يەر ئاستى شەھەرلىرىنىڭ لەخمە ئارقىلىق بىر-بىرىگە تۇتىشىدۇ،ئەڭ ئۇزۇن لەخمىنىڭ ئۇزۇنلىقى 9000 مېتىر،
سىرلىق ئوردىغا ئوخشاش كەڭ يەر ئاستى شەھەر توپىنى كىم،قاچان بەرپا قىلغان؟يەنە نىمە ئۈچۈن تاشلىۋىتىلگەن؟نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق چوڭ يەر ئاستى شەھىرىنى قۇرغان؟مانا بۇ سوئاللارغا تۈرلۈك جاۋاپلار بار بولۇپ،ھازىرچە تېخى مۇكەممەل بىرلىككە كەلگەن جاۋاپ يوق.ھ ئارخىلوگلار يەر ئاستى شەھىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىنىغا تەخمىنەن 4000 يىل بولغان دەپ ھۆكۈم چىقارغان.
تۈركىيەدىكى يەر ئاستى شەھىرى بىزگە بەك كۆپ چۈشىنىكسىز سىرلارنى قالدۇرغان.
[ بۇ يازمىنىzamzam 2012-02-12 19:18قايتا تەھرىرلىدى ]