تىتودىن تارىخى ئېتىراپلار

ئۆمرىنىڭ 50 يىلىنى كومۇنىزىم ئىدولوگىيىسى يۇلىدا سەرپ قىلغان، بۇ باتىللىق دەۋاسىدا نامى دۆۋلەت سىرتىغىچە ئاڭلانغان سالى گۆككايا ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئىسلام دىنى بىلەن شەرەپلىنىپ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا قايتتى.
گۆككايا كومۇنىزىم بوران- چاپقۇنلىرىنىڭ دۇنيانى لەرزىگە سالغان كۈنلىرىنىڭ بىرىدە «تۈركىيە كومۇنىست ياشلىرى تەشكىلاتى باشلىقى» سۈپىتى بىلەن يۇگۇسلاۋىيە دۆۋلەت باشلىغى مارشال
Josip Broz Tito جوسىپ بروز تىتونىڭ (1892- 1980) شەرەپلىك مىھمىنى بولۇپ بېلگىراتقا تەكلىپ قىلىندى.
ئۆمرۈنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنى ياشاۋاتقان تىتونى كۆرگەن ۋاقتىدا ھاياتىنى كومۇنىزىمگە ئاتىغان بۇ قېرى رەھبەرنىڭ پۇشايمانلىق ئىچىدە ئېغىزىدىن چىققان شۇ سۆزلەرنىڭ تارىختا باشقىچە بىر قىممىتى بار.
تىتو گۆككاياغا، يولداش ئەمدى مەن ئۆلۈپ كېتىۋاتىمەن. ئۆلۈمنىڭ قانچىلىك قورقۇنچلۇق بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى مەن سىزگە ئېيتىپ بۇلالمايمەن. ئېيتساممۇ سىلەردەك كۈچ- قۇۋۋىتىڭلار ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلار بۇ يېشىڭلاردا سۆزۈمنى چۈشۈنەلمەيسىلەر. ئويلاڭ: ئۆلمەك، يوق بولۇش... توپراققا كۆمۈلۈپ مەڭگۈ قايتىپ كەلمەسكە كىتىش دېمەك. مېنى مانا بۇ چۈشەنچە ۋەيران قىلىۋەتتى. دوسلىرىمىزدىن، يېقىنلىرىمىزدىن، ئۇنۋان ۋە ئورنىمىزدىن ئايرىلىش، دۇنيانىڭ گۈزەللىكلىرىنى مەڭگۈ كۈرەلمەسلىك... نىمە دىگەن قورقۇنچلۇق چۈشۈنۈۋاتامسىلەر؟
يولداشلىرىم، مەن سىلەرگە تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن بىر ئېتىراپتا بولۇشنى ئۈمۈت قىلىمەن.
مەن ئۆلگەندىن كېيىن تۇپراققا ئايلانسام، تىرىلىش، مۇكاپات ۋەياكى جازا بولمىسام مېنىڭ قىلغان كۈرەشلىرىمنىڭ نىمە قىممىتى بار؟ ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ ھە، يولداشلىرىمنىڭ قەلبىگە كۆمۈلەمىشمەن ۋەياكى ئۇنتۇلماسمىشىم ياكى بولمىسا تەبرىكلىنىمەنمىشىم نەگىچىلىك؟
مەن گۇمران بولغاندىن كېيىن مېنى تەبرىكلىگەنلەرنىڭ قۇلاقنى يېرىۋېتكۈدەك ئاۋازلىرى، قەۋرەمدە ۋۇجۇدۇمنى پارچىلىغان يىلان- جايانلارنى ئىنساپقا كەلتۈرەلەمدۇ؟ ئېيتىڭلارچۇ، بۇ سەپەر نەگىچە؟ بۇنىڭغا ماركىس، ئېنگىلىس، لېلىنلەر ئىزاھات بىرەلمەيدۇ.
ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرمەن.
ئەمدى مەن ئاللاھ غا، پەيغەمبەرگە ۋە ئاخىرەتكە ئىشىنىمەن. دىنسىزلىك بىر چارە ئەمەس. ئويلاڭلار، بۇ كائىناتنىڭ بىر ياراتقۇچىسى، ... شۇ تەڭداشسىز سېستىمىغا بىر قانۇن قويغۇچىسى بولۇشى كېرەك... مەنچە ئۆلۈم ئاخىرلىشىش بولماسلىقى كېرەك... گۇناسىز ئۆلگەنلەر بىلەن زالىمچە ئۆلگەنلەرنىڭ بىر ھېساپلاشما يېرى بولۇشى كېرەك. ھەققىنى ئالماي تۇرۇپ، جازاسىنى تارتماي تۇرۇپ كىتىشىدۇ. بۇنداق قاملاشمىغان ئەھۋال بولماسلىقى كېرەك. مەن بۇلارنى ۋىجدانىم بىلەن ھىس قىلىۋاتىمەن. مىليونلارچە گۇناھسىز ئىنسانلارغا سالغان جاپا- مۇشەققەت، قىلغان زۇلۇملار ھازىر بوغۇزۇمغا تىقىلىپ قالغان ۋەزىيەتتە تۇرىۋاتىمەن...
ئۇلارنىڭ ئاھۇ زارىنى ئاڭلايدىغان بىر كۈچ بولۇشى كېرەك... بولمىسا ئىنسان تەسەللىنى نەدىن تاپىدۇ؟ بۇلارنىڭ بىر چۈشەندۈرۈلىشى بولۇشى كېرەك. ماركىس بۇ ماۋزۇدا بىزنى بىر نەرسە قىلىۋېتىپتۇ، مىڭىمىزنى مەس قىلىۋېتىپتۇ...
بىز نېمىشقا ئۆلۈم ئىشىگىمىزگە كېلىشتىن بۇرۇن بۇنىڭغا ئەقلىمىزنى ئىشلەتمەيمىز. بەلكىم بۇنداق قىلىشىمىزغا كۆزىمىزنى قاماشتۇرىۋىتىدىغان ئەمەل- مەنسەپلەر بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. « مەن بۇ ئېتىقاتقا ئىشىنىمەن يولداشلىرىم سىزلەر نىمە دىسىڭىزلەر دەڭلار!».
http://mehmetkonca.com/ana_bagla ... arika_hikayeler.htm[ بۇ يازمىنىsirik 2012-02-12 10:28قايتا تەھرىرلىدى ]