باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 741 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: رىئاللىقىمىز ۋە مەجبۇرىيەت
دوستلىشىش
arkaturuk
ئەركەتۈرۈك
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2013
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 555
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە555دانە
ئۆسۈش: 6420 %
مۇنبەر پۇلى: 10973 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-17
ئاخىرقى: 2012-09-06
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-11 16:06

رىئاللىقىمىز ۋە مەجبۇرىيەت

رىئاللىقىمىز ۋە مەجبۇرىيەت

دىننىي ئېتىقاد تەسەۋۋۇرى بىلەن تۇرمۇش ئۇسلۇبىدىكى ئارلىق كۈنسىرى چوڭىيىپ كېتىۋاتقان رىئاللىقىمىزنى ئىنسان تەبىئىيتى تەقەززا بولغان ئىلاھى قانۇنىيەت قوينىغا قايتۇرۇپ كېلش، كولمىناتسىيە نۇقتىسىغا يېتىپ قالغىنىغا قارىماي، چىرىپ كەتكەن يىلتىزلىرى بىلەن قايتا كۆكلەشنى مەقسەت قىلغان، نۆۋەتتىكى باتىل مەدەنىيەتلەرنىڭ روھىيەت دۇنيارىمىزغا داۋاملىق سىڭىپ كېرىشىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش، شۇنداقلا شورلۇق تۇپراققا سۇ قانداق سىڭىپ كەتسە مەنىۋىيىتىمىزگىمۇ شۇنداق سېڭىپ كەتكەن، تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە ئۆزلىشىپ كەتكەن ئەخلاقى چۈشكۈنلۈكتىن قانداق قۇتۇلۇشنىڭ رىتسىپىنى ئىزدەش بولسا بىزنىڭ بۈگۈنكى مەدەنىيەت جېڭىدىكى ھالاكىتىمىزگە خاتىمە بېرىش شۇنداقلا كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىكى كۈچلۈك، مۇستەقىل مەۋجۈتلۇقنى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن قوللىنىشقا تېگىشلىك بولغان ئەڭ غۇبارىسىز ئۇسۇلدۇر .

نىيەتنى قىلىپ ئەمەلدە قىلمىسا بولمىغىنىدەك بۇ جىددى ئەمما زور سەۋرچانلىق تەلەپ قىلىدىغان ئۇلۇغۋار خىزمەتنى باشقا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن بىز تۈركۈم دىيانەتلىك ئىرادىلىك ياشلارغا مۇھتاج. تارىخ بېتىنى ۋاراقلاپ باقىدىغان بولساق بارلىقىنى ھەققانىيەتكە، ۋەتەن - خەلىققە بېغىشلاپ تارىخ بېتىدا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن مەرت - مەردانە يىگىتلىرىمىزنىڭ، ھايا - ئىپپەتلىك قىزلىرىمىزنىڭ شانلىق ئوبرازىنى كۆرەلەيمىز. ئۇلار بىزگە پەقەت ئۆزى بىلەن پەخىرلىنىشنى قالدۇرغان بولماستىن بەلكى ئۇلارنىڭ باسقان دادىل قەدەملىرىدىن ئىز ئېلىشىمىزنى ئۈگىتىپ كەتتى. ھەقىقەتەنمۇ ئەجدادلىرىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنىڭ ئەۋج ئېلىشى ئەتىكى مەۋجۈتلۇق كاپالىتىدىن مەھرۇم بولغانلىقنىڭ بىشارىتى.

ۋاھالەنكى ھازىر ياشلىرىمىز كۆپ، لېكىن، ھېممەتلىك، سۇنماس ئىرادىلىك يىگىت - قىزلىرىمىز ئىنتايىن ئازلاپ كەتتى. ھەممىسى خۇددى دۇنيادىن ، ۋەتەن - مىللەتتىن بىخەۋەردەك كۆرۈنىدۇ. يىگىتلەر بولسا ھەقىقىي ئېتىقاد تەسەۋۋۇرىدىن كۆكلەپ چىققان دۇنيا قاراش بابىنى قۇرۇق قالدۇرۇپ، ئىنسان تەبىئىيتىدە ئۆز زۆرۈرىيىتىدە ئورۇن ئالسا ئالەمۇشۇل نەتىجە بېرىدىغان قىممەتلىك ۋاقتىدا ئويۇن - مەئىشەت ئۈچۈن ،توغرىسىنى ئېيتقاندا ئەسلى جەۋھىرىنى يوقاتقان پۈچەك مۇھەببەت ئۈچۈن يېڭى بىر سەھىپە ئېچىۋاتىدۇ. ئۆز روھىنىڭ ئازاپلىق ئىڭراشلىرىدىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئاخىرەت مەنزىلىدىكى ئازابلىرىدىن غەپلەتتە قېلىۋاتىدۇ. بىر ئەسەردە " يىگىت " دېگەن بۇ سۆز قەدىمىي ئۇيغۇر تىلىدا جەڭچى دېگەن مەنىنى بېرىدۇ دەپ ئوقۇغان ئىدىم. لىكىن يىگىتلىرىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ھالىغا قاراپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىمىزدا بۇ سۆزگە يېڭى بىر تەبىر قوشۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىپ قالدىم. ناۋادا بۇ " تەرەققىيات " تېخىمۇ ئېشىپ كېتىپ قالسا، بۇ كىيىنكى كۈنلەردە يىگىتلىرىمىزنى تېپىشىمىزدىكى بىر مۇھىم بەلگە بولۇپ قالار.
مىللەتنىڭ ئانىسى بولمىش قىزلار توغرىسىدا توختالغىنىمىزدا يۇقىرىدا تىلغان ئېلىپ ئۆتكەن ئاشۇ جەسۇر ئوغلانلارنى، ئالىم - فەيلاسۇفلارنى، ئۆلىمالارنى، شېھىتلارنى تۇغۇپ، ئۆزىنىڭ يارىتىلىش تەبىئىيتىگە ماس ياشاپ، فەرزەنتىلىرى ئۈستىدە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئانىلىق مەجبۇريىتىنى ئۆتىگەن قەيسەر، پاك - دىيانەتلىك، قەھرىمان ئانىلارنى ھۆرمەت بىلەن يادىمىزغا ئېلىش بىلەن بىرگە زامانىمىز قىزلىرىنىڭ ھەممىسىنى "مۇجەسسەم " قىلىپ ئاجايىپ ئېچىلىپ كەتكەن " ئېڭى " غا تەئەججۈپ ۋە چوڭقۇر قايغۇرۇش ئىچىدە نەزەر تاشلايمىز. بۇ بىزدە ئەڭ دەسلەپ ئۇلاردا ئاياللىق تەبىئىي خۇسۇسىيىتىنىڭ كۈنسىرى ئاجىزلاشقانلىقى، ئەرلىك ئاياللارنىڭ ئەرلىرى بىلەن قېلىشماي كوچىلارغا چىقىشى، قىزلارنىڭ بولسا رەڭگارەڭ ماددى بۇيۇملارغا مەستخۇش بولۇشى، شەرىئەت، ھايانى قايرىپ قويۇپ ئاشۇ پۈچەك مۇھەببەتنىڭ قۇربانى بولىشىدا ئىپادىلىنىۋاتىدۇ.

يۇقىرىقى ئىشلار ھازىر جەمىيىتىمىزدە ئومۇمىيۈزلۈك ئىجتئمائى ھادىسە بولۇپ قالدى. ئەلۋەتتە بۇ خىل خاھىشنىڭ بۇنچىلىك "بازارلىشىپ "كېتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى يەنىلا بۇ ئىشلارنى بىز كەڭ « مۇسۇلمانلار » نىڭ " توغرا چۈشۈنۈش " دىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بىزنىڭ ئېتىقادىمىز شۇ قەدەر زەئىپلەشتىكى، ۋۇجۇدىمىزدىن ھەقىقىي مۇسۇلماننىڭ ھىدى كەلمەيدۇ.

ھاياتقا ئۆز خاھىشىمىز بويىچە تەبىر بېرىپ، ئۇنى ئىككىگە بۆلىۋالدۇق. بۇ ھەرگىزمۇ ئاقىلانىلىك ئەمەس. كۆپپىنچە كىشىلەرنىڭ زېھنى، تەدبىرى ئائىلىدىن ئىبارەت بىر چەمبەرگە مەركەزلىشىپ قالغان. ئۇلارنىڭ ئەقىل - تەپەككۈرلىرى پەقەت بۇ دائىرە ئىچىدىلا ئەڭ زىيادىلەشكەن. بىر ئوقۇشلۇقتىن «بېلىق قاچىسىدا بېقىلغان بېلىقنى زېرىكىپ قالىدۇ دەپ ئويلامسىز، ئۇنداق ئەمەس، ئۇ ئون بەش سىكۇنىت ئالدىدا يۈز بەرگەن ئىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ» دېگەن قۇرلارنى ئوقۇغۇنۇم يادىمدا. مەڭگۈلۈك بېكىتىلگەن ياشاش - ھايات قانۇنىدىن ئۆزگىنى ئىزدىگەن كىشىنىڭ ھايات نىزامى ئېرىشكەنلىرى بىلەن قوشۇلۇپ قاچىدىكى ئاشۇ بېلىقنىڭ ھاياتىدىن پەرىقلەنمىسە كېرەك . ئاشۇنداق كىشىلەر تۇرمۇش، ئائىلىدىن ئىبارەت مەنزىلىنىڭ پەقەت بىر قىسىمى بولغان ھايات قاتلىمىغا مەھكۇم بولۇپ، تەمتىلەپ يۇرگىچە، مەڭگۈلۈك ھەقىقەتنىڭ جامال - رۇخسارىغا يېتىشنى ئىستەك قىلىپ ئىگىز - ئىگىز سەكرىگەن بولسىچۇ - كاشكى؟!

تالاي ئەسىرلەرنىڭ كېچىشى قارىماققا ئىنسانىيەت ئالىمىگە نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى . ئەمما بۇ ئۆزگىرىشلەر ئالەملەرنىڭ فەرۋەردىگارى مەڭگۈ ھايات زات ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىيىتى ئاستىدا تاماملاندى . ھەر قايسى مەدەنىيەتلەر بەزىدە جۇغراپىيىلىك ئورۇننى مەركەز قىلىپ ئۆزگەرسە ، بەزىدە ئىنساننىڭ پىسخىكىسىنى مەركەز قىلىپ ئۆزگەردى . بەزى مەدەنىيەتلەر ئىنسان مەنىۋىيىتىگە ھەددىدىن زىيادە ئېتىبار بېرىپ ئەجەللىك مەغلۇبىيەت بىلەن خاتىمىلەنگەن بولسا ، بەزى مەدەنىيەتلەردەل ئەكىسچە ، مەدەنىيەتنىڭ ماددى تەرىپىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ ئىنسانىيەت بەخىت - سائادىتىنىڭ مەنبەسى بولغان روھى مەجۈتلۇقنىڭ تەلىپىگە پەرۋامۇ قىلماي ئۇنى نەلەرگىدۇر چوڭقۇر كۆمۈۋىتىپ ، ئاقىۋەت ئادىمىيلىكىنى يوقاتتى . بۇ ھىلىھەم يەنە داۋاملىشىۋاتىدۇ . بۇ كىرزىسلارنىڭ يۈز بېرىشىدىكى بىردىنبىر سەۋەپ پەقەت ئىشلاردا ئۇتتۇرھال يول تۇتدىغان ئىلاھى ھېكىمەتنى قۇبۇل قىلمىغانلىقتا .

ئەجدادلىرىمىز ياراتقان مەدەنىيەت مەيلى قايسى خىلىغا تەۋە بولسۇن ، بىز ئۇنى توغرا رەۋىشتە تەرەققى قىلدۇرۇش تۈگۈل ، ئۇنى ساقلاپمۇ قالالمىدۇق . بەلكىم بىز« كونىسىنى تاشلاپ ، يېڭىسىنى ئېلىش » پىرىنسىپىنى قىممىتىنى يوقاتقان ھالدا ئىزچىللاشتۇرۋاتقاندۇرمىز . نۆۋەتتىكى ئىككى قۇتۇپلۇق مەدەنىيەت جېڭىدە قايسى تەرەپ غالىپ كەلسە تەبىئىيتىمىزنى ، سالاھىيتىمىزنى قىلچە ئويلاشماي ، قايسىسى ھەق ، قايسىسى باتىل ئايرىماي قوبۇل قىلدۇق . ئېچىرقاپ كەتكەن ھايۋان جېنىدىمۇ ئولجىسىنىڭ يېيېشكە بولىدىغان يەرلىرىنى ئايرىپ يەيدۇ . ياكى بىز بەك سەنئەتخۇمار خەلق بولغاچقىمۇ ئەمەلىي رىئاللىقتىكى ئوينىغان ئۇسۇل يەتمىگەندەك ئۇنى روھىيىتىمىزگىچە تۇتاشتۇرۇپ ھەرخىل چېلىنغان مەدەنىيەت داپلىرىغا ئۇسۇل ئويناشقا باشلىدۇق . مۇستەقىل مەدەنىيەت خاھىشىنى تىكلەشنى ئويلاشمىدۇق . ئوقۇرمەن قېرىندىشىم ، بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقىنىڭىزدا ئازغۇنلۇق يولىغا بېسىلغان قەدەملىرىمىزنىڭ قايسى مەنزىلگە توغۇرلىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىڭىزمۇ ؟ ئىنسانلار ماددى مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ئايغا ۋە باشقا پىلانىتلارغا ئۇچۇۋاتقان ، ئەقلىنى ، قۇۋۋىتىنى " ساقلاپ " قېلىپ زامانىۋىي ماشىنىلىشىشقا يۈزلەنگەن بولسا بىز يىغىنچاق سۆز بىلەن ئىپادىلىگەندە يەنىلا « قۇدۇقتىكى پاقا » دەك جاھاندىن بىخەۋەر يۇردۇق . مەنىۋىي ،ئەقلى - تەپەككۈر جەھەتتە باشقىلار كىچىكىدىن تارتىپ - چوڭىغىچە خۇددى ئىزدەنگۈچى بولۇپ ماددى ئالەمنىڭ سىرلىرىنى ، ھاياتلىق ھەقىقەتلىرىنى ئېچىشقا يۈزلەنگەن بولسا بىز ئەقەللىيسى بالىلىرىمىزنىڭ ئىلىم - مەرىپەت ئىگىلەشتىكى ئاساسلىق يولى بولغان ئوقۇشننىڭ غايىسىنى پەقەت خىزمەتكە چىقىش - چىقالماسلىققا باغلاپ قويدۇق .
بىز يۇقىرقىلارنى ھازىرقى مەۋجۈتلۇق ئەمەلىيىتىمىزنىڭ ھەممىسى شۇ دەپ ئېيتمىساقمۇ ئۇنى بىزنىڭ نۆۋەتتىكى مەۋجۈتلۇقىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم بەلگىسى بولۇپ قالدى دەپ ئېيتالايمىز . ئاللاھنىڭ ھۆكىمى بويىچە كۈنلەر ئايلىنىپ تۇرىدىغان بولغاچقا ئەھۋالىمىز ياخشىلىنىشقا يۈزلىنەر دەپ ئۈمۈد قىلىپ تۇرۇپتىمىز . ئاللاھ ئۆز ھۆكىمى بىلەن غالىبتۇر
.


[ بۇ يازمىنىarkaturuk 2012-02-11 16:20قايتا تەھرىرلى ]
ئەسسالام قېرىنداش يولۇڭ تۈز بولسۇن ،
ياخشى ئىش ئىزلىرىڭ ئىبرەت بوپ قالسۇن .
باشلىغىن دوسلارنى ياخشى يوللارغا ،
بۇنىڭدىن دوسلارمۇ ھەق يولنى تاپسۇن.
دوستلىشىش
خوشامەت
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10341
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 94
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە94دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 960 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-15
ئاخىرقى: 2012-06-24

رەھمەت .ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.
بۇ ھەربىر ئىنسان ئويلىنىشقا تىگىشلىك ئىشلار
MUJAHIT
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9335
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 145
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە145دانە
ئۆسۈش: 590 %
مۇنبەر پۇلى: 1652 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-21
ئاخىرقى: 2012-08-28
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-11 16:53

ياخشى تىما  ئىكەن .................
ھەممىز  ئاللانىڭ  دەرگاھىغا  قايىتقۇچلارمىز ...
ئۆزۇمنىڭ مۇسىلمان بولغانلىغىمدىن پەخىرلىنىمەن!!!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8365
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 184
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە184دانە
ئۆسۈش: 440 %
مۇنبەر پۇلى: 2000 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-29
ئاخىرقى: 2012-03-11
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-12 00:02

دىمىسىمۇ راس ،ئوزىمىزنىڭ ناخشا -ئۇسۇللىرى كىيىنىش،يەپ ئىچىش،قۇتلۇق كۇنلەرنى تەبرىكلەش .......قاتارلىق ئۆزىمىزگە خاس ئەنئەنىلىرىمىز يەتمىگەندەك ، يات مىللەت يات ئېرقتىكى شۇنداقلا يات دىندىكىلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قارىغۇلارچە ئۆزىمىزگە سىڭدۇرۋاتىمىز ...............

بۇ ھەر-بىرىمىز ئويلۇنۇشقا تىگىشلىك مەسىلە ..!!!!!
ئۆز خاتالىغىنى  تۇنىغان  كىشى ،ئەڭ ياخشى كىشىدۇر..!