ئۈچ ئالىمنى تونۇۋىلىڭ
ئىلاۋە: يەھۇدىيلارغا ئاللاھنىڭ لەنەت قىلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرسى- ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ۋە تەقۋا ئالىملارنى ئۆلتۈرگەنلىكى بولۇپ، ئۇلارنىڭ پىتنىخورلىقىمۇ لەنەتگەردى بولۇشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بولغان ئىكەن.
ئۇنداقتا تارىختا ئابدۇقادىر داموللام، مەمەتئىلى ئەپەندىم، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرلارنى سېسىتقان،ھەتتا ئۆلتۈرگەن نادان جاھىللارمۇ ئۆز كىشىلىرىمىز ئىكەن، ئەمىسە بىزمۇ شۇ سەۋەبلىك لەنەتكە دۇچار بولىۋاتىمزىمۇ؟ چۈنكى بىز ئۆلىمالىرىمىزنى قوغداش تۈگەل كىملىكىنى بىلمەي قاغايمىز،ئۆلگەندە ئاندىن مۇنارتىكلەپ قەدرىنى قىلىمىز، تۆۋەندە ئۇيغۇر دىننى مائارىپىغا تەسىر كۆرسەتكەن تىرىك ئۈچ چوڭ ئالىمىمىز بىلەن تونۇشۇۋالايلى.
شەيخ يۈسۈف ئەلقەرداۋى

دۇكتۇر يۇسۇف ئابدۇللاھ ئەلقەرداۋى پىكىر، دەۋەت ۋە فىقھىدا ئوتتۇرا ھال مىتودقا تايانغان دىنى ئالىم بولۇپ، بۈگۈنكى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ جانلىق نامايەندىلىرىدىن بىرى. ئۇ ئۆزى ئېلىپ ماڭغان شۇ ئوتتۇرا ھال مىتودى ئارقىلىق مەزمۇن دائىرىسى كەڭ، قۇرئان،سۈننەتكە بولغان تايىنىشى چوڭقۇر بولغان يەتمىش پارچىدىن ئارتۇق كىتاپ يازغان . بۇ كىتابلاردا بىر دەۋەتچىگە خاس قىزغىنلىق، بىر ئەدىبكە خاس بەدىئىلىك ۋە يىتىشكەن ئالىمغا خاس ئىنچىكىلىك ئەكىس ئىتىپ تۇرىدۇ.
دۇكتۇر يۇسۇف ئابدۇللاھ ئەلقەرداۋى 1926- يىلى مىسىرنىڭ غەربى ۋىلايەتلىرىدىن بىرىدىكى سەفت تۇراب يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن.
ئۇ بەش ياش ۋاقتىدا يېزىسىدىكى بىر قۇرئان يادلاش ئورنىغا كىرىپ ئوقۇغان. ئون ياشقا تولۇشتىن ئىلگىرى قۇرئان كەرىمنى تولۇق يادلاپ بولغان. ئۇ باشلانغۇچ ۋە تولۇق سىنىپلاردىكى توققۇز يىللىق ھاياتىنى ئەزھەرنىڭ تەنتادىكى قىسىمىدا ئۆتكۈزدى.
ئۇنىڭ باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشى ئۇسۇل ئەددىن (دىن مىتىدولوگىيەسى) بولۇپ، 1952-يىلى ئۆزى بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرگەن180 ئوقۇغۇچىنىڭ بىرىنچىسى بولۇپ ئوقۇشىنى تاماملىغان. ئارقىدىنلا ئوخشاش كەسىپ بويىچە لىيسانسلىققا تىزىملىتىپ، ئىككى يىلدىن كېيىن، ئەزھەرنىڭ ئۈچ پاكولتىتىدىن لىيسانسلىققا ئىرىشكەن 500 ئوقۇغۇچىنىڭ ئارىسىدا بىرىنچىلىك بىلەن ئۇنى تاماملىغان.
1957- يىلى، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتىپاقىغا قاراشلىق ئەرەب ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات ئىنستىتوتىدىن ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىياتى بويىچە يوقىرى لىيسانسلىق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن. ئۇ ئوخشاش ۋاقىتتا،ئۇسۇل ئەددىن پاكولتىتىنىڭ ھەدىس – تەپسىر قىسىمىغا ماگىستىرلىققا تىزىملىتىپ، ئۈچ يىلدىن كېيىن، يەنى 1960- يىلى مۇۋەپپىقىيەت بىلەن ئۇنى تاماملىغان.
كېيىن ئۇ ”ئىسلامدا زاكات“تىمىسى بويىچە دوكتۇرلۇق تىزىسى ياقلاپ، ئەسلىدىكى ئىككى يىلدا تاماملاشقا بىكىتىلگەن بۇ تىزىسنى، مىسىرنىڭ سىياسىي ۋەزىيتىدە يۈز بەرگەن بىر قىسىم ۋەقەلەر سەۋەپلىك ئون ئۈچ يىلدىن كېيىن تاماملاپ، 1973-يىلى يازدا، شەرەپ گۇۋانامىسى بىلەن بىرگە دۇكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن.
دۇكتۇر يۇسۇف ئەلقەرداۋىنىڭ خىزمىتى:
1 - تەلىم- تەربىيە ساھەسىدە: ئۇ قاتار ئۇنۋېرسىتىتى شەرىئەت ۋە ئىسلام دىنى دەرسلىرى پاكولتىتىدا ئوقۇتقۇچى. ئۇ بۇ يەردە ئىشلەشتىن ئىلگىرى، ئون ئىككى يىل، قاتار دىنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئىشلىگەن. ئۇ ھازىر يەنە قاتار ئۇنۋېرسىتىتى سىيرەت ۋە سۈننەت ئىزدىنىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى، شەرىئەت پاكولتىتىنىڭ قوشۇمچە مودىرلىق خىزمىتىنى ئۆتەيدۇ.
2- خەلق ئارىسىدا: ئۇ خەلق ئارىسىدا تەبلىغ، ۋەز-نەسىھەت قىلىش، ھازىر ، ئۆمەر ئىبن خەتتاب مەسجىدىدە خۇتبە سۆزلەيدۇ.
3- ئاخبارات ساھەسىدە: رادىئو- تىلۋىزىيىلەردە پروگرامما سۇنۇش، قاتار ۋە پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا بۇ قاناللار ئارقىلىق جاۋاپ بىرىش، يەنە ئىقرائ، ئەلجەزىرە تىلۋىزىيە قاناللىرىدا ھەپتىلىك مەخسۇس پروگراممىلىرى بار.
4 - دۇنيانىڭ ھەر قايىسى جايلىرىدىكى ئۇنۋىرسىتىتلار،ئورگانلار، مەدەنىيەت مۇئەسسەسەلىرىنىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن، لىكسىيە سۆزلەيدۇ. ئۇئافرىقا، ئاسىيا، ياۋرۇپا، ئامىرىكا، كانادا ۋە يىراق شەرق ئەللىرىدىكى بىر قىسىم ئۇنۋېرسىتىتلار، كونفىرىنسلاردا نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇنىڭ لىكسىيەلىرىنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا، بولۇپمۇ ياشلار ئارىسىدا ئىنتايىن كۈچلۈك تەسىرى بار.
5 - دۇكتۇر يۇسۇف ئەلقەرداۋىنىڭ كۆز قاراشلىرى ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرى ئارىسىدا ئالاھىدە ئېتىبارغا ئىگە. ئۇ قاتناشقان خەلقئارالىق قورۇلتايلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان قورۇلتايلار.
6- ئۇ ئۆزىنىڭ ماقالىلىرىنى ئەرەب- ئىسلام ئەللىرىدىكى ئوخشاش بولمىغان گېزىت- ژورناللاردا ئېلان قىلغان. 7- ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرى بويىچە كىتابلارنى يازغان.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا دۇكتۇر يۇسۇف ئەلقەرداۋى ئىسلام دۇنياسىدىكى نۇرغۇن ئىلمىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى ۋە سىياسىي ئورگان ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئەزاسى. ئۇ يەنە نۇرغۇن خەير ساخاۋەت ئورۇنلىرى ۋە مۇسۇلمانلار بىرلىكلىرىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى. ئۇ يېقىندا، ياۋرۇپادا دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنى قوردى.
ئېرىشكەن مۇكاپاتلىرى
ھىجىرىيەنىڭ 1411- يىلى،ئىسلام ئىقتىسادى بويىچە ئىسلام تەرەققىيات بانكىسى مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.
- ئىسلام دىنى تەتقىقاتى بويىچە پادىشاھ فەيسەل خەلقئارالىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
- كۆزگە كۆرۈنگەن ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئۈچۈن مالايسىيا خەلقئارا ئىسلام ئۇنۋېرسىتىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
دۇكتۇر ئەلقەرداۋى مۇنداق دەيدۇ :ئالىم ۋە دەۋەتچى قېرىنداشلىرىمغا شۇلارنى تەۋسىيە قىلىمەن:
1- ئۇلارنىڭ دوستلىقى ﷲ ۋە ئۇنىڭ دىنى ئۈچۈنلا بولۇشى؛مىللەت، ۋەتەن، سىياسىي تۈزۈم، پارتىيە، ۋە شەخىسلەرگە بولغان مۇھەببىتى ئۇلارنىڭدىن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە، دىنغا يىراق- يېقىنلىقىغا قاراپ مۇئامىلە قىلىشى لازىم.
2- ھەرقانداق مەسىلىدەﷲنىڭ كىتابىنى، پەيغەمبەرنىڭ سەھىھ سۈننىتىنى، ئىسلامنىڭ روھىنى جانلىق چۈشەنگەن، ئىسلامدىن ئەسىرلەر بويى بىدئەتلەرنى ۋە نادانلارنىڭ تەئۋىللىرىدىن تازىلىغان بۇ ئۇممەتنىڭ سالىھ بەندىلىرىنىڭ تۇتقان يولىنى ئۆزلىرىنىڭ مىتودى قىلىشىلىرى لازىم.
3- تاغۇتلارنىڭ ئالدىدا ھەق سۆزنى ئاشكارە قىلىش،ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش، ئاﷲنىڭ يولىدا ھېچ نەرسىدىن، ھەتتا زالىمنىڭ زۇلمىدىن قورقماسلىقتەك روھنى يىتىلدۈرۈش، 4- ئۇلارنىڭ ھەمىشە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسىھىتىنى ئېتىبارىغا ئېلىپ تۇرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن "ئاسانلاشتۇرۇڭلار،قېيىنچىلىق تۇغدۇرماڭلار، كىشىلەرگە خۇ بىشارەتلەرنى بىرىڭلار، ئۇلارنىقاچۇرماڭلار" شەخسى تور بېتى: www.qaradawi.net مۇھەممەت سالىھ

ئىجتىھاتلىق تۆھپىكار ئالىم مۇھەممەد سالىھ 1936-يىلى ئاتۇشتىكى فازىل، تونۇلغان ئالىم سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. سالىھ داموللاھاجىم ئەينى زاماندا ئەرەب، پارىس ئەدەبىياتى بويىچە يېتىلگەن ئەدىب، ئىسلام دىنى ئىلمىدا توشقان كاتتا ئۆلىما، مەرىپەتپەرۋەر زات ئىدى. پەننىي مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرگەن مۇھەممەد سالىھ ئاتىسىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدىنلا ئەتراپلىق دىنىي تەلىم ئېلىشقا باشلىدى، 11 يېشىدىلا خەتمىدىن ئۆتۈپ، مۇرەتتەب قارى بولغاندىن كېيىن ئەرەب، پارىس تىللىرىنى ئۆگىنىشكە كىرىشتى، كېيىنكى ئېغىر جاپالىق كۈنلەردىكى قىيىن شارائىت ۋە بېسىم ئۇنىڭ ئىلىمگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى ۋە بۈيۈك غايە ئۈچۈن تىكلىگەن ئىرادىسىنى بويسۇندۇرالمىدى.
ئاتىسىنىڭ تەربىيسىدە ئىسلام دىنىنىڭ ھەر قايسى ئىلىم تۈرلىرىگە پۇختا ئاساس سېلىپ بولغان مۇھەممەد سالىھ كېيىن بېيجىڭغا بېرىپ، جۇڭگو ئىسلام ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇدى. ئەينى چاغلاردا مىسىردىن تەكلىپ قىلىنغان بەھىييۇددىن زەييانى، شەيخ ئابدۇللەتىف ھامىد سۇلايمان قاتارلىق پروفېسسرورلارنىڭ بىۋاسىتە يېتەكچىلىكىدە، تەپسىر، ھەدىس،فىقھى، ئەقىدە، ئىسلام پەلسەپىسى، ئىسلام تارىخى، ئىلمىي بالاغەت، ئىلمىي كالام،ئەرەب ئەدەبىياتى قاتارلىق پەنلەرنى سېستىملىق ئۆگەندى. 1960-يىلى كۈزدە مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شۆبىسىنىڭ مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىغا ئورۇنلاشتى.
مۇھەممەدسالىھ كۆپ يىللىق جاپالىق ئەمگەك قىلىپ، نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي دەستۇرى بولغان «قۇرئان كەرىم» نى ئەرەب تىلىدىن ئۇيغۇرتىلىغا تەلەپكە لايىق رەۋىشتە تەرجىمە قىلىپ چىقتى. قۇرئاننىڭ قىسقىچە تەفسىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ تەرجىمە پۈتۈپ نەشىر قىلىنىش ئالدىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيتىنىڭ تەشكىللىشى بويىچە دىيارىمىزدا مۆتىۋەر ھېسابلانغان15 نەپەر نوپۇزلۇق ئالىمنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشىغا سۇنۇلدى. ئۆلىمالار تەرجىمىنى باشتىن-ئاخىر مۇتالىئە قىلىپ چىقىپ، بىر ئېغىزدىن ماقۇللاپ، ئالاھىدە تەھسىن ئوقۇپ، تەقرىز يېزىپ بەردى. بۇ تەرجىمە 1986-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 200 مىڭ پارچە بېسىپ تارقىتىلدى.
شۇنداقلا«قۇرئان كەرىم» نىڭ بۇ تەرجىمە نۇسخىسى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى فەھدىنىڭ تەستىقلىشى ۋە ئەمرى بىلەن پادىشاھنىڭ قۇرئان بېسىش مەتبەسىدە بىر قانچە يۈزمىڭ پارچە بېسىلىپ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرگە تارقىتىلدى. سەئۇدىدا بېسىلغان بۇ نۇسخا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئارقىلىق ئالدۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدا خېلى نۇرغۇن تارقىتىلدى. «قۇرئان كەرىم» ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ سىلاۋىيان يېزىقىدىكى نۇسخىسى موسكۋادا نەچچە مىڭ نۇسخا بېسىپ تارقىتىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىردەك ئالقىشىغا ئېرىشتى
مۇھەممەدسالىھنىڭ يەنە « 29-ۋە 30-پارىلىرىنىڭ تەپسىرى»« ھەدىسلەردىن تاللانما»،«مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمھالى»، «ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت» قاتارلىقلار نەشىردىن چىقىپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. بولۇپمۇ ئالىمنىڭ 20 يىللىق جاپالىق ئەجرى ۋە يۈرەك قېنىنىڭ مىۋىسى بولغان چوڭ ھەجىمدىكى «ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت»2002-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىقىپ، بۇ ساھەدىكى زوربوشلۇقنى تولدۇردى. يەنە «دۇئانىڭ ئەھمىيتى ۋە خاسىيەتلىك دۇئالار» "ياخشىلار باغچىسى" ناملىق كىتابىمۇ نەشىردىن چىقىپ تارقىتىلدى.
مۇھەممەدسالىھنىڭ تەتقىقاتى دىنىي تېمىلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، يەنە ئۇيغۇركىلاسسىك ئەدەبىياتى، تارىخ، تىل، مائارىپ ساھەلىرىگىمۇ چېتىلىدۇ. مۇھەممەد سالىھ يەنە ئۆزى يالغۇز ۋە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئاساسىدا «جامىئۇتتەۋارىخ».«تەۋارىخ خەمسە»، «غازات دەر مۈلكى چىن»، «ئىھيا ئۇلۇمىددىن»، «مەكتۇبات»، «تەزكىرەئىئەزىزان»، «سىررۇلمۇخلىس»، «زەپەرنامە»، «تەزكىرەئى ئۇۋەيسىييە»، «تەۋارىخ جەدىدە»، «جەھدۇلمۇقىل»، قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ، ئىلمى تەتقىقات ئىشلىرىنى مول ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئەتتى. مۇھەممەد سالىھ 1961-يىلدىن تارتىپ تارىخشۇناس ئۇيغۇر سايرانى ئەپەندى بىلەن بىرلىشى «دىۋان لۇغەتىتتۈرك» كىتابىنى ئەرەبچە فاكسىمىل نۇسخىسى بىلەن باسما نۇسخىغا ئاساسەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىغا تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەنىدى. 4 يىل جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق بۇ ۋەزىپىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملاپ نەشىرگە سۇنۇش ئالدىدا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» باشلىنىپ شۇ «ئىنقىلاب» قالايمىقانچىلىقىدا ئۇ تەرجىمە نۇسخا تالان-تاراج قىلىنىپ زايا بولۇپ كەتتى.
ئۇيەنە «تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ مۇقەددىمىسى ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش»، «ئۇلۇغ ئەدىب تەجەللىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى توغرىسىدا»، «رۇقەئاتى نەۋائىي ھەققىدە»، «ئاپاق خوجا مازىرى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى توغرىسىدا»، «مازارپەرەسلىك ۋە ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى خۇسۇسىيەتلىرى»قۇتادغۇبىلىكتىكى ئۇدغۇرمىش ئوبرازى توغرىسىدا» "تۈركى تىللار دىۋانىنى تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكى ۋە تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى توغرىسىدا" «شىنجاڭنىڭ دىنىي مائارىپى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي ئۆتمۈشى»،«ئىسلام دىنى تارىخىدىكى خاۋارىجلار گۇرۇھى»، «شىئە ئىسمائىلىيە مەزھىپى ۋە ئۇنىڭ تارىخى توغرىسىدا»، «شىنجاڭدىكى مازارلار توغرىسىدا»، « مەخدۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ نەسەبنامىسى»، «ئىسلام دىنى ۋە ئىلىم پەن»، «دۇئانىڭ ئەھمىيىتى ۋە خاسىيەتلىك دۇئالار»، «ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى» "ھەدىس بىزگە نېمە دەيدۇ" "ھەدىس ئىلمى ھەققىدە ئۇمۇمى بايان" قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەرنى يازدى. بۇ ماقالىلەرنىڭ بەزىلىرى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا،مەملىكەتلىك يىغىنلاردا ئوقۇلدى ۋە مەركەز ۋە يەرلىكتە چىقىدىغان «دۇنيا دىنلىرى تەتقىقاتى»، «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى»، « ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ژورنىلى» قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىندى.
مۇھەممەدسالىھ يەنە ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللاندى. «تەجدىد» ناملىق غەزەللەر دىۋانىنى، «تۇتنامە»نى، چوڭ ھەجىملىك داستان«مۇھەببەتنامە»، ھۈسەيىنخان تەجەللىنىڭ ۋە دادىسى سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ بىرقىسىم شېئىرلىرىنى نەشىرگە تەييارلىدى ۋە «بۇلاق» ژورنىلىدا ئېلان قىلدى. مۇھەممەدسالىھ بىر تەرەپتىن جاپالىق ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىرتەرەپتىن 1987-يىلىدىن باشلاپ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئىسلام ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.
دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللا

دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ 1971-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى خوتەن شەھىرىدە بىر مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دوكتورنىڭ ئائىلىسى ئەسلىدە قەشقەر شەھىرى ياغ بازىرىدا بولۇپ، ئەينى يىللاردىكى شەھەر ئاھالىلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشتا خوتەن شەھىرىگە كۆچۈپ بارغان.1976-يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئەسلى يۇرتى قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن ۋە باشلانغۇچ مەكتەپنى قەشقەر شەھەرلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان. 1985-يىلى دادىسى ھەج قىلىش ئۈچۈن دوكتور ۋە ئاكىسىنى ئېلىپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ، ھەج قىلىپ قايتىشىدا ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەننى مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيەتىگە ئېلىپ كېلىپ، ئەزھەرئۇنىۋېرسىتېتى تارمىقىدىكى ئەرەب تىل تەييارلىق مەكتىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ كېتىدۇ. دوكتور ئۇ يەردە بىر يىل ئەرەب تىلى ئۆگەنگەندىن كېيىن 1986-يىلى ئەزھەرئۇنىۋېرسىتېتى تارمىقىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇيدۇ. 1989-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، شۇ يىلى 9-ئايدا ئەزھەرئۇنىۋېرسىتېتى ئەرەب-ئىسلام تەتقىقاتى فاكۇلتىتىغا كىرىپ ئوقۇيدۇ. 1993-يىلى مەزكۇر فاكۇلتېتنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، 1994-يىلى شۇ فاكۇلتېتنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنىدۇ. 1997-يىلى ماگىستىر تەييارلىق ئوقۇشىنى تاماملاپ،ۋەتەنگە قايتىپ تۇرمۇش قۇرۇپ، بىر مەزگىل ۋەتەندە تۇرۇپ قالىدۇ. 2001-يىلى شۇچاغدىكى ماگىستىر يېتەكچىسى دوكتور سەئىد مۇھەممەدنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىمام قۇدۇرىنىڭ «ئەتتەجرىد» ناملىق كىتابىنىڭ ئىسلام جىنايى ئىشلار قانۇنى بابى ھەققىدە تەتقىقات ۋە تەھقىقات ناملىق ئىلمى ماقالىسى بىلەن ماگىستىرلىق ئىلمى ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. ئاندىن ئىمام قۇدۇرى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ ئاشۇ (ئەتتەجرىيد) ناملىق قوليازمافىقھى كىتابىنى تولۇق تەھقىقلەپ ئىشلەپ چىقىش ئۈچۈن قاھىرەدىكى "فىقھى ۋەئىقتىسادى تەتقىقاتلار مەركىزى" تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنىپ باشقا ئون دوكتور ۋە پروفېسسورلار بىلەن بىللە بىر يىل ئەتراپىدا ئىشلەپ ئاخىرى ئۇ كىتابنى 12 توم قىلىپ (ئىسلام سېلىشتۇرما فىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى-ئەتتەجريد) دېگەن نام بىلەن قاھىرە دارۇسسالام نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىدۇ. 2002-يىلى 3-ئايدا دوكتورلۇق ئىلمى ئۇنۋانىنى ئېلىش ئىمتىھانىدىن ئۇتۇپ، ئۇقۇشقا قوبۇل قىلىنغان. شۇ يىلى تۇغقان يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ، ۋەتەندە ئۇچ يىل تۇرۇپ قالغان. بۇ جەرياندا دوكتورنىڭ دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئائىلىنىڭ تىجارەت ئىشلىرىنى ئاكىلىرىغا تاشلاپ قويۇپ 2005-يىلى 10-ئايدا ئەزھەردىكى دوكتورلۇق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن مىسىرغا ئۈچىنچى قېتىم كېلىدۇ. ئۈچ يىل جاپالىق ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات نەتىجىسىدە ئاخىرى دوكتور يېتەكچىسى ئابدۇللاھمۇھەممەد سەئىد ۋە ياردەمچى دوكتور يېتەكچىسى سابىر ئابدۇل ئەزىز ئىمرانلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە «ئىسلام قانۇنشۇناسى ئەبۇ لەيىس سەمەرقەندى ۋە ئۇنىڭ فىقھى كۆزقاراشلىرى» ناملىق دوكتورلۇق رىسالىسىنى يېزىپ -2008يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىسلام شەرىئىتى، سېلىشتۇرما فىقھى كەسپىدە 1-دەرىجىلىك دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. دوكتورنىڭ يۇقىرىقى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن باشقا، دوكتور يۈسۈپ قەرداۋىنىڭ «ئسلامدىكى ھالال ۋە ھارام» دېگەن كىتابىنى تەرجىمە قىلىپ كەڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈپ ،ئۇلارنىڭ قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇشىغا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە بىرقانچە دىنىي زىيالىيلار بىلەن بىرلىكتە "مۇختەسەرىتەفسىرى ئىبنى كەسىر" ناملىق چوڭ ئەسەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىرقىلدۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مىلادىيە 14-ئەسىردە دىيارىمىزدا ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىمى سەدىدۇددىن كاشغەرى [ھىجىرىيە 705-يىلى ۋاپات بولغان] نىڭ ھەنەفى فىھقى كۆز قارىشى بىلەن يېزىپ چىقىلغان«مۇنيەتۇل مۇسەللى») نامازخانلار ئارمىنى)دېگەن كىتابنى قايتا تەھقىقلەش ۋە تەرجىمە قىلىش خىزمىتىنى غەلىبىلىك تاماملاپ تور يۈزىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە سەھىھۇل بۇخارىنى تولۇق تەرجىمە قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇش ئۈچۈن ئاخىرقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتىدۇ. دوكتور ھازىر پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش ۋە بىر قىسىم ئىلمى تەتقىقاتلارنى قىلىش ئۈچۈن قاھىرەدە ياشاۋاتىدۇ. شەخسى تور بېتى: http://www.sajiye.net/