ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار ياخشىمۇ سىلەر ؟ ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەرسە نىمە دىسەم :_ ھەممىڭلار بىلىسىلەر ، ئۇ بولسىمۇ ساغلام تەن ۋە ساپ ئەقىل .
كەڭ ساي مۇنبىرىمىزگە بۇندىن بۇرۇن «مۇراجەتنامە » دىگەن بىر تېما يوللانغان.كەڭ ساي مۇنبىرىدىكى ئاقكۆڭۈل ، مېھرىبان ، ساخاۋەتلىك كىشىللىرىمىز ئۆزىنىڭ ئاتىغان پۇللىرىنى بىر قىسىم كىشىللىرىمىز كەڭ ساي ئەپەندىمنىڭ بانكا كارتىسىغا يوللىغان يەنە بىرقىسىم كىشىللىرىمىز ئىلىھامجان ئېلىنىڭ ئاتا _ ئانىسىنىڭ بانكا كارتىسىغا يوللىغان .
كەڭ ساي ئەپەندى ئىلىھامجان ئېلىنىڭ تېزراق ئاغرىق ئازابىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مۇھىم ئىشلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ 2010 _ يىلى 8 _ ئاينىڭ 10 _ كۈنى كەڭ ساي ئەپەندى ئۆزىنىڭ بانكا كارتىسىغا يوللانغان پۇلنى ۋە كەڭ سايدىكى بارلىق تورداشلارنىڭ سەمىمىي كۆڭلۈنى ئېلىپ بىمار داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىغا بېرىپ ، ئىلىھامجان ئېلىنىڭ ئاتا _ ئانىسى بىلەن يۈز _ نۇرانە كۆرۈشۈپ كەڭ سايدىكىلەرنىڭ ئىللىق سالامىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىللە يىغىلغان 2500 يۈەن پۇلنى ۋە ئۆزىنىڭ ئاتىغان كۆڭلىنى ئىزھار قىلدى . ئىلىھامجان ئېلىنىڭ ئاتا _ ئانىسى يىغلاپ تۇرۇپ قاتتىق ھاياجانلانغان ھالدا سىلەرگە كۆپ رەھمەت . سىلەرنىڭ بۇ مېھىرى شەپقىتىڭلارنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمىز . ئېنتىرنىت تورىدىن بۇ ئىشتىن خەۋەر ئاپقان جەمىيتىمىزدىكى ساخاۋەتلىك كىشىللىرىمىزنىڭ ياردىمىدە بالام ئىلىھامجان تا بۈگۈنگىچە ھايات تۇرىۋاتىدۇ . دەپ ئۆزىنىڭ سەمىمىي كۆڭلىنى ئىپادىلىدى . كەڭ ساي ئەپەندى ئىلىھامجاننىڭ ئاتا _ ئانىسىغا تەسەللىي بەردى ۋە بۇندىن كېيىنمۇ قولىمىزدىن كىلىشچە ياردەم قىلىمىز :_ دەپ كەڭ ساي تورىدىكى تورداشلارنىڭ سەمىمىي كۆڭلىنى بىلدۈردى .
كەڭ ساي ئەپەندى قايتاشىدا ئىلىھامجان ئېلىنىڭ ئوكسېگىن تۇڭىنىڭ ئىچىدە بىھۇش ياتقانلىقىنى كۆرۈپ كۆزىگە ئىسسق ياش ئېلىپ ، ئىلىھامجان ئېلىنىڭ ئاتا _ ئانىسى بىلەن خوشلاشتى .
ھۆرمەتلىك تورداشلار ئىلىھامجان ئېلىنىڭ كېسىلى ئۈچۈن ياردەم قىلغىنىڭلارغا كەڭ ساي ئەپەندى ۋە مەن چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز .