ئايرۇپىلان قاتمۇ-قات تاغلار ۋە چوققىلاردىن ئۇچۇپ ئۆتەلەيدۇ،لېكىن بىر جاي بار بولۇپ، ئايرۇپىلان ھەر قانداق قىلىپمۇ ئۇ يەردىن ئۇچۇپ ئۆتەلمەيدۇ.مانا بۇ جاي كانىگوۋ تېغىدىن ئىبارەت.كانىگوۋ تېغى فىرانسىيەدىكى پىرىنېئوس تېغىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى بىر ئېگىز چوققا بولۇپ،ھەيۋەتلىك مەرمەر تاش سوغۇق تۈستە چاقناپ تۇرىدۇ،سانسىزلىغان ئايرۇپىلانلار بۇ يەرگە كەلگەندە يۆلىنىشتىن ئادىشىپ قېلىپ،بىردىنلا تاغقا ئۈسۈۋېلىپ،ھەش-پەش دىگۈچىلا پاچاقلىنىپ كېتىدۇ.
1945-يىلىدىن 1957-يىلىغىچە،كانىگوۋ تېغىدا 5ئايرۇپىلان بەخىتسىزلىككە ئۇچرىغان.تولۇق بولمىغان ئىستاتىسكىلارغا ئاساسلانغاندا،ھازىرغىچە ئايرۇپىلان چۈشۈپ كېتىپ بەخىتسىزلىككە ئۇچراپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 229 نەپەرگە يېتىدىكەن.
ئايرۇپىلانلارنىڭ نىمە ئۈچۈن كانىگوۋ تېغىنى شۇ قەدەر ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھېچكىم ئېنىق ئېيتىپ بىرەلمەيدۇ،بۇ يەر ئۇچقۇچىلار ئۇچۇپ ئۆتەلمەيدىغان چەكلەنگەن رايۇن بولۇپ قالغان.
جۇغراپىيەلىك ئورنى فىرانسىيەدە
سىرلىقلىق كۆرسەتكۈچى تۆت يۇلتۇز
مەنزىرىسى گۈزەل پىرىنېئوس تېغىغا بىر ئايرۇپىلان قەۋرىستانلىقى يۇشۇرۇنغان.