ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سۈرىيىلىك غەسسان يۈركىنىڭ مۇسۇلمان بولۇش ۋەقەلىكى
غەسسان يۈركى ئاللاھ قەلىبىنى ئىمان ئۈچۈن ئېچىۋەتكەن ئەرەب ئوغۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ سۈرىيىنىڭ ھەلب شەھىرىدىكى بىر خرىستىئان دىنىنىڭ كاتولىك مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدىغان بىر ئائىلىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان، باشقا سۈرىيىلىك بالىلارغا ئوخشاش ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان. غەسسان ئوقۇش جەريانىدا كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئىسلام دىنىدىن دەرس بېرىدىغان ئۇستازدىن دەرستىن چۈشۈش قوڭغۇرىقى چېلىنغان ۋاقىتتا سىنىپتا قېلىپ قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلاتتى. بۇ يەردە ئۇنى ئىسلام تەرەپكە تارتىۋاتقان يۇشۇرۇن بىر شەيئى بار ئىدى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئاتىسى قەسىدىلىرىنىڭ بىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەدھىيىلىگەن شائىر ئىدى.
غەسسان يۈركى 1984 - يىلى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بىرىدە ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "مېنىڭ مۇسۇلمان بولۇشۇم ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، لېكىن ئەجەبلىنەرلىك بولغىنى ۋاھالەنكى مەن سۈرىيىنىڭ ھەلب شەھىرىدە تۇغۇلغان تۇرۇقلۇق ۋە بۇنىڭدىن ئوتتۇز يىل بۇرۇن قەسىدىسىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مەدھىيىلىگەن بىر خرىستىئان شائىرنىڭ ئوغلى تۇرۇقلۇق شۇنچە ۋاقىتتىن بىرى مېنىڭ مۇسۇلمان بولمىغانلىقىمدۇر".
غەسسان يۈركى مۇنداق دەيدۇ: "ئەپسۇسكى ئاتام مېنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمغا رازى بولمىدى، ئۇ دىنىدا چىڭ تۇرىدىغان بىر خرىستىئان مۇخلىسى ئىدى لېكىن ئۇ ئىسلامنىڭ كەڭچىللىكىنى، ئادالىتىنى، خەلق ئارىسىدىكى قىممىتنى ئىنكار قىلمايتتى، باشقا ساماۋى دىنلارنىڭ ئېتىقادچىلىرى بىلەن چىقىشىپ ياشاشنى ياخشى كۆرەتتى، بىزمۇ شۇنداق قاراش بىلەن ئۈسۈپ يىتىلگەنىدۇق، ئاتامنىڭ ئۆمەر باھا ئەمىرى، ئەبۇ رىيشەگە ئوخشاش نۇرغۇن مۇسۇلمان شائىرلاردىن دوستلىرى بار ئىدى".
غەسسان يۈركى قۇرئان كەرىم تىلاۋەتلىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايتتى، ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزەتتى، قۇرئان كەرىمدىكى "مەريەم سۈرىسى ئۇنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلۋالغانىدى، بۇ ھەقتە ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "خىيالىمغا كەچمىگەن بىر ئىش شۇكى، مەن "مەريەم سۈرىسىنى دىققەت بىلەن ئاڭلىدىم ۋاھالەنكى بۇ سۈرە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى مەرتىۋىسىگە، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى مەريەمنىڭ ئېسىل، پاك ئايال ئىكەنلىكىگە شاھىت بولۇۋاتاتتى. مەن بۇ سۈرىنى كۆپ ئوقۇدۇم ۋە بۇ سۈرىدىكى مەريەمنى يەھۇدى ۋە مۇناپىقلارنىڭ تۆھمەتلىرىدىن ئاقلىغان بۇ ئايەتلەر ئۈستىدە ئۇزۇن توختالدىم: {(ئۇلارغا) قۇرئاندا مەريەم (قىسسىسى) نى بايان قىلغىن، ئەينى زاماندا ئۇ ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ شەرق تەرەپتىكى بىر جايغا باردى. ئۇ پەردە تارتىپ كىشلەردىن يوشۇرۇندى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ روھىمىزنى (يەنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنى) ئەۋەتتۇق، ئۇ مەريەمگە بېجىرىم ئادەم سۈرىتىدە كۆرۈندى. مەريەم ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا سېغىنىپ سېنىڭ چېقىلىشىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، ئەگەر سەن تەقۋادار بولساڭ (ماڭا چېقىلمىغىن)». جىبرىئىل ئېيتتى: «مەن ساڭا بىر پاك ئوغۇل بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىسىمەن». مەريەم ئېيتتى: «ماڭا كىشى يېقىنلاشمىغان تۇرسا، مەن پاھىشە قىلمىغان تۇرسام، قانداقمۇ مېنىڭ ئوغۇل بالام بولسۇن؟». جىبرىئىل ئېيتتى: «ئەمەلىيەت سەن دېگەندەكتۇر، (لېكىن پەرۋەردىگارىڭ ئېيتتى: ئۇ ماڭا ئاساندۇر. ئۇنى كىشلەرگە قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل ۋە بىز تەرەپتىن بولغان مەرھەمەت قىلدۇق، بۇ تەقدىر قىلىنىپ بولغان ئىشتۇر»... }. (مەريەم سۈرىسى 16 - 21).
غەسسان يۈركى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلىشنىڭ كېچىكىپ قالغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
"مەن خرىستىئان ئائىلىسىدە ياشىغان ۋاقىتدا مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى ئېلان قىلىشقا ئىمكانىيەت بولمىدى، كېيىن تىرىكچىلىك ھەلەكىتىدە دۇنيانى كېزىشكە باشلىدىم، سەپەر ئۈستىدىكى سۈزۈك روھانىي سائەتلەردە ئۆزۈمگە مۇراجىئەت قىلدىم، خرىستىئان دىنى بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە، مەن خرىستىئان دىنىدا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن بارلىق ئەخلاق ۋە قىممەت قاراشلىرىمىنى ئىسلام دىنىدا تېخىمۇ ئەۋزەل شەكىلدە تاپتىم".
غەسسان يۈركى ئۆيلەنگەن ۋە بىر قانچە بالىلارغا ئاتا بولغان كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ بارلىق ئائىلە ئەزالىرى ھازىر سۈرىيىدە. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋاقىتتا يېقىنلىرى تەرىپىدىن بەزى مالاللىقلارغا دۇچ كەلگەن، ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنى "ساراڭ بولۇپتۇ" دېيىشكەن. شۇڭا ئۇ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن كاناداغا ھىجرەت قىلىپ، ئۇ يەردە "دەۋەت" ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشنى نىيەت قىلغان.
غەسسان يۈركى ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن مەككە مۇكەررەمەدە زىيارەتتە بولغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئاخىرى مەن كاناداغا ھىجرەت قىلدىم، ئايالىمنى كۆچۈرۈپ كېتىش ئۈچۈن كانادا باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشكىنىمدە ئۇ بۇنىڭغا بىر ئاز ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنىڭ بىلەن ماڭا ئۆمرە قىلىۋېلىش ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدىنى زىيارەت قىلىۋېلىش پۇرسىتى كەلدى".
ئۇ ھەرەم شەرىپكە تۈنجى قېتىم كىرگەن ۋاقتىدىكى تۇيغۇلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "مەن مەككە مۇكەررەمىگە كىرگەن ۋاقتىمدا خۇددى بۇ يەردە مېنى ھەرەم تەرەپكە قاتتىق تارتىۋاتقان بىر شەيئى باردەك، پۈتۈن ھېس تۇيغۇلىرىم ھەرەم تەرەپكە باغلانغانلىقتىن ئەتراپىمدىكى ھېچ نەرسىنى سەزمەپتىمەن، مەن مەسجىدى ھەرەمگە تۈنجى قەدىمىمنى ئالغان ۋاقتىمدا مېنى بىر خىل ھەيۋەت ۋە ئەيمىنىش بېسىپ پۈتۈن ئەزالىرىم تىترەشكە، كۆزلىرىمدىن ئۆزلۈكسىز ياشلار تۆكۈلۈشكە باشلىدى. مەن مەككە مۇكەررەمەدە زىيارىتى جەريانىدا دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى باش كاتىپى دوكتۇر ئابدۇللاھ نېسىپقا تېلېفون قىلدىم، ئىلگىرى مەن ئۇ كىشى بىلەن تونۇمايتتىم، ئۇ مېنىڭ زىيارەت قىلىشىمنى تەلەپ قىلدى، مەن ئۇنىڭ خىزمەت قىلىش ئورنىغا كەلگىنىمدە ئۇ "مەسجىدلەرنىڭ رولى" ھەققىدە ئېچىلغان بىر يىغىندا ئىكەن، ئۇ يىغىننى تاشلاپ چىقىپ مېنى ئىشخانىسىگە باشلىدى ۋە مەن بىلەن ناھايىتى قىزغىن سۆھبەتلەشتى ، ئۇنىڭ سۆزلىرى قەلبىمنىڭ چۇڭقۇر يېرىدىن ئورۇن ئالغانىدى".
ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئەنگلىيىلىك نۇرانىڭ مۇسۇلمان بولۇش ۋەقەلىكى
ئۇ دىندار بىر خرىستىئان ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن بولۇپ، ھەر كۈنى دېگۈدەك چېركاۋغا بېرىپ تۇراتتى، ئۇ كۇۋەيتقا سەپەر قىلغانغا قەدەر ئىسلام دىنى توغرىلىق ھېچنەرسە بىلمەيتتى. ئۇ كۇۋەيتقا كېلىپ غەرب دۇنياسىغا ئوخشىمايدىغان باشقىچە بىر دۇنيانى كۆردى، ۋە بۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن ئائىلە قۇرۇش تەلىپىنى قويغان، ئەخلاقى گۈزەل مىسىرلىق بىر يىگىت بىلەن ئۇچراشتى...
نۇرا مۇنداق دەيدۇ: مەن ياتلىق بولغان ۋاقتىمدا، يولدىشىم دىنىمگە قارشى مۇتەئەسسىپلىك قىلمىدى، مەن ئۇنىڭ ئېسىل ئەخلاقىدىن سۆيۈندۈم، ئۇ داۋاملىق: ھەقىقى مۇسۇلمان مۇشۇنداق بولۇش لازىم، دەيتتى. مەن يولدىشىمغا ئېسىل ئەخلاق ئاتا قىلغان دىننى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ بىلىشنى قەتئىي ئىرادە قىلدىم ۋە ئۆز ئىرادەم بىلەن ئىسلام دىنى توغرىسىدا يېزىلغان كىتابلارنى ئوقۇشقا باشلىدىم، يولدىشىم مېنىڭ ئىسلام دىنىغا قىزىقىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ، ماڭا مۇناسىپ بولغان كىتابلارنى تېپىپ بەردى، مەن ئەقىدىگە ئائىت كىتابلارنى ئوقۇش جەريانىدا، ئىسلام دىنىنىڭ ئىنسان بىلەن رەببىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىۋاستە ئالاقە قىلىشنى ئەقىدىنىڭ تۈپ ئاساسى قىلىدىغان دىن ئىكەنلىكىنى، مەنتىقىغا ئۇيغۇن بولغان تەۋھىد ئەقىدىسى بىلەن مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈسۈپ يېتىلگەن ئۈچ ئىلاھلىق ئەقىدىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرقنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يەتتىم، مەندە نۇرغۇن سۇئال، مۇنازىرىلەر پەيدا بولدى، مەن تېخىمۇ ئىچكىرلىگەنسىرى ئىسلام دىنىنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكى نامايان بولۇشقا باشلىدى، مەن لوندوندىكى ئىسلام مەركىزىگە بىر قانچە قېتىم بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئۇستازلار بىلەن سۆھبەتلەشتىم، ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلىدىم، ئۇلارنىڭ سۆزلىرى مەندىكى شەك – شۈبھىلەرنى ئېلىپ تاشلاپ، ئىسلام دىنىنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىگە مېنى رەسمى قانائەتلەندۈردى.. شۇنىڭ بىلەن شەكلىنىش باسقۇچىدىن، ھەقىقى ئىشىنىش باسقۇچىغا ئۆتتۈم، ئەقىل ۋە ۋىجدانىم ئىمان ئاراملىقىغا مايىل بولدى، ئىسلام سەپىرىنى باشلىغاندىن بىرى تۈنجى قېتىم كۆڭلىم تىنچلىنىشقا، ئارام تېپىشقا باشلىدى، مەن بۇنى قىممەتلىك بىر تۆھپىنى تېپىۋېلىپ، ئۇنىڭ يۇقاپ كېتىشىدىن قورقۇپ، ئۇنى ناھايىتى يۇشۇرۇن ساقلىغان كىشىگە ئوخشاش يولدىشىمدىن يوشۇردۇم.
بۇ ئارىدا مەن يولدىشىمنىڭ ئائىلىدىكىلىرى بىلەن تۇتۇشۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدا قاھىرەگە سەپەر قىلدىم، مەن بۇ جەرياندا مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى ئېلان قىلىش ئىرادەمنى ئۇنىڭغا ھەرگىز دېمىدىم، يولدىشىمنىڭ ئائىلىدىكىلىرى مېنى ناھايىتى قىزغىن قارشى ئالدى، ئۇلارنىڭ يېنىدا بىر مەزگىل تۇرۇپ قالدۇق، بۇ جەرياندا ئۇلاردىن نۇرغۇن ئەخلاق ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆگىنىۋالدىم، ئۇلاردا ھەرگىز مۇتەئەسسىپلىكنىڭ ئالامەتلىرىنى كۆرمىدىم، ئۇلار دىن – دىيانىتىم توغرىلىق مەندىن ھېچنەرسە سورىمىدى.
يولدىشىمنىڭ ئاتىسى ئىنگىلىز تىلىنى راۋان سۆزلىيەلەيدىغان چىش دوختۇرى بولۇپ، ئوقۇمۇشلۇق، نەزەر دائىرىسى كەڭ، مەدەنىيەتلىك كىشى ئىكەن. مەن يولدىشىمنىڭ ئائىلىدىكىلىرىدە ئالىيجانابلىقنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ئۇلارنىڭ دىنىنىڭ ئۇلۇغلىقىغا شاھىت بولغانىدى.
مەن ئىسلام دىنىنى ئەتراپلىق چۈشەنگەندىن كېيىن، مېنىڭ يەنە ئىككلىنىپ يۈرۈشۈمگە ماجال قالمىغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن 1978 – يىلى يەنى مەن مىسىرلىق يىگىت بىلەن تونۇشۇپ بەش يىل ئۆتكەندىن كېيىن مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى ئېلان قىلدىم، ھەقىقەتتە بۇ پەقەت مېنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى رەسمىي ئېلان قىلغان تارىخ ئىدى خالاس. ئەمەلىيەتتە مەن مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى داۋاملىق ئىسلامىي مەنتىقىي بىلەن ئىش قىلاتتىم، بەلكى كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كەسپداشلىرىم ئىسلامغا تىل ئۇزىتىشقا ئۇرۇنغاندا مەن ئىسلام دىنىنى مۇداپىئە قىلىپ، ئۇلار بىلەن مۇنازىرلىشەتتىم، ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنى توغرىسىدىكى خاتا چۈشەنچىلىرىگە رەددىيە بېرەتتىم.
مەن مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى رەسمىي ئېلان قىلغان ۋاقتىمدا، ئاتام نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ بۇرۇنمۇ مېنىڭ مىسىرلىق يىگىتكە ياتلىق بولغانلىقىمغىمۇ نارازى بولغانىدى. ئاتام مىسىر سۇۋەيس قانىلىدا دېڭىز ئارمىيىسى گېنېرالى بولۇپ خىزمەت ئۆتىگەننىڭ ئۈستىگە، دىنىدا مۇستەھكەم ئادەم ئىدى، شۇڭا ئۇ مېنىڭ مۇسۇلمان يىگىتكە ياتلىق بولۇشقۇ ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ھەرقانداق بىر مىسىرلىق بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشۇمغىمۇ قارشى ئىدى. ئانام بولسا، مېنىڭ بەخىتلىك بولغانلىقىم ئۈچۈن بەخىتلىك ئىدى، ئانامنىڭ بىر دىن بىر ئارزۇسى مېنىڭ ياتلىق بولۇشۇمدا مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشىشىم ئىدى.
مېنىڭ كۈندىلىك ھايات ئۇسلۇبىمغا كەلسەك، كۈندىلىك ھايات ئۇسلۇبىم مەن مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى ئېلان قىلغاندىن باشلاپ تامامەن ئۆزگىرىپ كەتكەنىدى. چۈنكى ئىسلام دىنى ئىنسانىيەتنىڭ ھايات نىزاملىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ بىر بىرى بىلەن بولغان ئالاقە ئىشلىرىنى رەتلىك ئورۇنلاشتۇرغان دىن ئىدى. مېنىڭ بىردىن بىر ئارزۇيۇم قىزىمنىڭ ئىسلامىي تەربىيە بىلەن ئۈسۈپ يېتلىشىدۇر. بىز بەش ۋاقىت نامازنى ۋاقىتىدا ئوقۇيمىز، رامىزان ئېيىدا روزا تۇتىمىز، ھاراق ئىچمەيمىز، توڭگۇز گۆشى يېمەيمىز.. مەن ئاتا – ئانامنى زىيارەت قىلىشقا بارغاندا، ئۇلارنىڭ قىزىمغا توڭگۇز گۆشى بېرىپ قويماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ئالاھىدە كۈزىتەتتىم، قىزىمنىڭ ئىسلامىي مۇھىتتا ئۈسۈپ يېتىلىشىنى ئۈمىت قىلىپ، تەتىل مەزگىلىدە ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان مىسىرغا ئەۋەتتىم، شۇنداق قىلغىنىمدا ئۇ ئاتىسىنىڭ ئائىلىدىكىلىرىدىن ئەرەب تىلىنى، ئىسلام ئەخلاقلىرىنى ئۈگۈنۈۋالاتتى، مەنمۇ بىر تەرەپتىن ئەرەب تىلىنى ئۈگۈنۈشكە تىرىشىۋاتىمەن.
ئاتام بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم بولسا، بىز بۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تاپتۇق، مەن ئاتام بىلەن ئۇنىڭ دىنى توغرىلىق مۇنازىرلەشمەيدىغان، ئاتاممۇ مەن بىلەن مېنىڭ دىنىم توغرىلىق مۇنازىرلەشمەيدىغان بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدا جېدەل – ماجرا، مۇتەئەسسىپلىك يوقالدى. ھەمشىرەم بولسا، مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ يېقىنىم بولۇپ، بىلىملىك، ئاڭلىق، مەدەنىيەتلىك بىر ئىنساندۇر، ئۇ يولدىشىنىڭ قارشى تۇرىشىغا قارىماستىن مەن بىلەن ئىسلام دىنى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىدۇ، بەزى كىتابلىرىمنى ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇيدۇ، بۇ ئىشتا مەن ئۇنى مەجبۇرلىمىدىم، قارار مەجبۇرلانماستىن ئۆز ئىچىدىن ئېتىلىپ چىقىشى لازىم، دىندا ھەرگىز مەجبۇرلاش يوق!
ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى.