ھازىر خرىستىئانلارنىڭ ئىچىدىكى دىنىي زاتلار، پوپلار مۇسۇلمان بولىۋاتىدۇ. چۈنكى، بۇلار تەۋرات، ئىنجىلنى، خرىستىئان دىنىنى پىششىق بىلىدىغان ئادەملەر. ئۇلار ئىسلامنى چۈشەنگەندىن كېيىن، ھەقىقىي توغرا دىن ئىسلام ئىكەن دەپ سەمىمىي قەلب بىلەن ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولىۋاتىدۇ.
ئەمما مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدىكى ئىنتايىن ئاز ساندىكى نادان ئادەملەر، ئىسلامدىن خەۋەرسىز قالغانلار، يەنە بىرسى كىچىكىدە ئاتا-ئانىسىدىن يېتىم قېلىپ، خرىستىئانلار بېقىۋېلىپ چوڭ قىلغان، ئۆزىنىڭ كىملىكىدىن خەۋەرسىز ئۇيغۇرلاردىن خرىستىئان بولۇپ ئېزىپ كەتكەنلەر بار. بۇ ئازغۇنلارغا مۇسۇلمان بولغان پوپلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى كۆرسەتسەك بولىدۇ. بەك گەپ ئاڭلىمىسا يىراق تۇرۇش كېرەك.
بىز ئۇلارنىڭ دىنىغا ھاقارەت قىلمايمىز، ئەمما ئۇلارنىڭ بىزنىڭ ئىسلام دىنىمىزغا ھاقارەت قىلىشىغىمۇ قەتئى يول قويمايمىز!!!
........................................
يۇقىرىدا بىر تورداش دېگەن ھېلىقى تور بەتكە كىرىپ ئۇلارغا «بىچارە ئازغۇنلار، ئۆلۈم كېلىشتىن ئىلگىرى توغرا يولغا كېلىۋېلىڭلار. بۇ ھايات ئىنسانغا پەقەت بىرلا قېتىم نېسىپ بولىدۇ. ئازغۇن پېتى ئۆلۈپ كەتمەڭلار، سىلەرنىڭ پوپلار مۇسۇلمان بولىۋاتسا، سىلەر تېخىچە ئېزىقىپ يۈرەمسىلەر؟...» دەپ بىر پاتمان يازما يېزىپ قويدۇم. قولىمىزدىن چوڭ ئىش كەلمىسىمۇ، مەيدانىمىز ئېنىق بولسا، بىر گەپ بولار...
______________________________________-
تۆۋەندىكى فىلىم بىر خرىستىئان پوپنىڭ مۇسۇلمان بولۇش ھېكايىسى، ئۇيغۇرچە خەتلىك.
ماۋۇ چىرايلىق ئامېرىكىلىق قىزمۇ يېڭى مۇسۇلمان.
ماۋۇ گېرمانىيەلىك نېمىس ئادەممۇ قۇرئان ئوقۇپ مۇسۇلمان بوپتۇ.
مەندە خرىستىئانلاردىن يېڭى مۇسۇلمان بولغانلارغا ئائىت بەك جىق فىلىم بار. ئەمما ئالدىراش بولغاچقا ھەممىنى يالغۇز تەرجىمە قىلىپ بولالمايمەن. خەنزۇچە ياكى ئېنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلىشىپ بېرىدىغانلار ماڭا قىسقا ئۇچۇر يازساڭلار، جۈملىلەرنى ئۆلۈشۈپ بىللە تەرجىمە قىلساق ياخشى بولاتتى.
ئىزدىنشتا بىر فىلىم تەرجىمە قىلىۋاتىمىز. مانا:
http://bbs.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=45273&Page=4بۇ لېكسىيەنى سۆزلىگۈچى كىشىمۇ ئامېرىكا نىيويوركتا تۇغۇلغان بىر خرىستىئان بولۇپ، كېيىن ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغان. بۇ كىشىنىڭ ئەنگلىيە مانچىستېردا، ئامېرىكا نىيويوركتا ئىسلامىي مەكتەپ ۋە شىركەتلىرى بار.....